باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشەنمەيسەن
بىر دوختۇر جىددى ئوپراتسىيە توغرىسىدىكى تېلفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلىكتە دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىپ ، تېزلىكتە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئوپراتسىيەخانىغا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ، بىمارنىڭ ئاتىسى ئۆزىنى كونتىرول قىلالمىغان ھالدا ئۇنىڭغا ۋارقىراپتۇ :
___ سەن نېمانچە كېچىكىپ كېلىسەن ؟ سەن ئوغلۇمنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن ؟ ئەجەبا سەندە ئازراقمۇ مەسئولىيەتچانلىق يوقمۇ ؟
دوختۇر پەرۋاسىز ھالدا كۈلۈپ :
___ كەچۈرۈڭ ، مەن دوختۇرخانىدا ئەمەستىم . بىراق تېلفوننى ئېلىپلا تېزلىكتە يېتىپ كەلدىم . ھازىر مەن سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ماسلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، _ دەپتۇ .
___ ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ ؟! ئەگەر ئوپراتسىيەخانىدا ياتقان سېنىڭ ئوغلۇڭ بولسا ، سەن ئۆزۈڭنى تۇتۇۋالالامسەن ؟! مۇبادا ھازىر سېنىڭ ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كەتسە قانداق قىلاتتىڭ ؟ _ دەپتۇ بىمارنىڭ ئاتىسى ئاچچىقلانغان ھالدا .
دوختۇر پەرۋاسىز ھالدا كۈلۈپ :
___ ئىنجىلدا<< بىز تۇپراقتىن يارالغان ، يەنە تۇپراققا قايتىمىز . بىراۋغا بەخت تىلىمەكچى بولساڭ ، تەڭرىنىڭ نامى بىلەن تىلىگىن >> دېيىلگەن . شۇڭا ئوغلىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ ، _ دەپتۇ .
___ بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ھايات-ماماتى بىلەن كارى بولمىغاندا مۇشۇنداق قاملاشمىغان تەكلىپنى بېرىدۇ ، _ دەپتۇ بىمارنىڭ ئاتىسى .
بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ ، دوختۇر ناھايىتى خۇشال ھالدا ئوپراتسىيەخانىدىن چىقىپ ، بىمارنىڭ ئاتىسىغا :
___ تەڭرىگە رەھمەت ، ئوغلىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قالدۇق ، _ دەپتۇ . لېكىن بىمارنىڭ ئاتسىنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا :
___ ئەگەر ئىش بولسا سېستىرادىن سورىسىڭىز بولىدۇ ، _ دەپ ئالدىراپ كېتىپ قاپتۇ .
___ ئۇ نېمانداق ھاكاۋۇر !؟ ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالىنى سورىۋالغىچىلىكمۇ تەخىر قىلالمامدۇ ؟! _ دەپتۇ بىمارنىڭ ئاتىسى سېستىراغا .
شۇندىلا سېستىرا كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان ھالدا :
___ ئۇنىڭ ئوغلى تۈنۈگۈن بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە ئۆلۈپ كەتتى . بىز ئۇنىڭغا تېلفون ئۇرغاندا ، ئۇ ئوغلىنىڭ دەپنە ئىش ئۈچۈن دەپنە ئىدارىسىغا كېتىۋاتقانىكەن . ھازىر ئوغلىڭىزنىڭ ئوپراتسىيىسىنى تۈگەتتى . ئەمدى دەرھال قايتىپ ئوغلىنىڭ دەپنە مۇراسىمنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك ، _ دەپتۇ .
باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ ، ئۇلار قانداق ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاپلارغا ئۇچراۋاتىدۇ ، بۇلارنى ئۆزىڭنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارىساڭ ئەلۋەتتە بىلەلمەيسەن . سېنىڭ كۆرگىنىڭ پەقەت تەسەۋۋۇرىڭدىن ئىبارەت خالاس .
مەنبە : خەنزۇچە << ئوقۇرمەن>> ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-30 12:30 AM