|
|
|
|
ئۇزۇندىن بۇيان، جۇڭگودا ئاپتوموبىللىرىنىڭ گاز قويۇپ بىرىشتىن پەيدا بولغان بۇلغانمىنىڭ ئۆلچىمى ياۋروپا ئۆلچىمىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەلمەكتە، يېقىلغۇ مايدىكى گۇڭگۇرت مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن بىرگە سۈپەت دەرىجىسىنىڭ ئارقىدا قېلىشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدىن چىقىدىغان كېرەكسىز گازنىڭ بۇلغىنىش پەيدا قىلىشىنى ئېزچىل ئۆرلەتمەكتە، مانا بۇ PM2.5(ئىزاھات: ئاتموسفېرادىكى دىئامىتېرى 2.5 مىكرو مېتىردىن كىچىك دانچىلار بولۇپ، نەپەسلىنىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، سالامەتلىككە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ) بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان باش مەنبە ھېسابلىنىدۇ. 2004-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ياۋروپاⅡ ئۆلچىمىدىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغانما گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق چەكلىمىسىنى يولغا قويدى. 2007-يىلى 1-ئىيۇلدا ياۋروپاIII ئۆلچىمى يولغا قويۇلدى. ھالبۇكى 2011-يىلى 1-ئىيۇلغا قەدەر، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىن باشقا رايۇنلاردا بۇ ئۆلچەملىك يېقىلغۇ ماي بىلەن تەمىنلەنمىدى. 2012-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ياۋروپاⅣ ئۆلچىمىگە يەتمىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى تىزىمغا ئالماسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئەمما بۇ ئۆلچەم 2013-يىلى 1-ئىيۇلغا كېچىكتۈرۈلدى.
نۆۋەتتە جۇڭگودىكى بېنزېن بىلەن سالياركىنىڭ ئۆلچەم-سۈپىتى دۆلەتنىڭ تەلىپىدىن خېلىلا يىراقتا بولۇپ، ياۋروپا-ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەر بىلەن زور پەرقلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. ياۋروپاⅣ ئۆلچىمىدە، گۇڭگۇرت مىقدارى %0.005دىن چوڭ بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قىسىم رايۇنلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان بېنزېن ۋە سالياركا بۇ ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان بولۇپ، بېنزىننىڭ گۇڭگۇرت مىقدارى 150ppm دىن ئاشمايدۇ، سالياركىنىڭ گۇڭگۇرت مىقدارى 350ppm دىن ئاشمايدۇ. ئەمما ياۋروپا ۋە ياپونىيە ئۆلچەمنى بولسا 10ppm، ئامېرىكا 30ppm گە يەتكۈزدى. بۇ جۇڭگو يېقىلغۇ بېنزىن گۇڭگۇرت مىقدارىنىڭ ئۆلچىمى ياۋروپا ۋە ياپونىيەنىڭ 15 ھەسسىسى، ئامېرىكىنىڭ بەش ھەسسىگە باراۋەر كېلىدۇ، سالياركا ئۆلچىمى بولسا ياۋروپا ۋە ياپونىيەنىڭ 30 ھەسسىگە باراۋەر كېلىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. مەنبەسى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-29 07:46 PM
|
|
|
|
|
|