" چاچى بامۇ ؟ "
" ھەي ياڭگاڭزا ، مەنيىدىيەر...
سەندى ئۆيدە چاچى بامۇ ؟...."
دىدى بىرسى كەينىمدىن ،
ھاسىراپ دەم خىرقىراپ ،
بۇ سۇئالنىڭ ۋەزنىدىن قۇلاق ئەمەس گۇياكى
ئەسەبلىرىم قوزغىلىپ ،
نېرۋىلىرىم چىڭقىلىپ ،
ھۈجەيرىچە جانلىرىم كەتتى ئاچچىق چىرقىراپ .
"يەنە نىمە ئالماقچى ؟!
يىمەكلىرىڭ كاممىدى ؟
خېلى خېلى نەرسىلەر سېتىلدىغۇ سەنلەرگە ،
پولۇ مايدا مايلانغان ،
يىلىملاردا پاتلانغان ،
ئۈرۈم-ئۈرۈم قاتلانغان ،
داستانلاردا ئاتلانغان (داڭلانغان ) ،
سۇمبۇل چاچلار كېسىلىپ ،
ئىككى پۇلغا ئىگىلىپ ،
"چولپانلار"نىڭ بېشىغا ،
"كوسا" لارنىڭ يۈزىگە ،
چاپلانغاندا ،
بىز كۈرۈپ ئىكرانلاردا ،
ھاڭۋېقىپ
ئۆتتى شۇنداق تەڭ ئەسىر ..
بىزدە بارى سەندە يوق ،
سەندە بارى بىزدە يوق ،
تەڭشەك بولغاچ بۇ جاھان ،
ئايان بولدى كۆپ بەشىر .
بولدى ئەمدى سورىما "چاچى بامۇ " نى قايتا ،
رايىم يوق ھىچ ئەسلىمدىن سەۋدالارچە سودىغا ،
ھەي بىلسەڭچۇ ، (بىلمىگەچ)
سوراپ سالدىڭ قاشاڭچە ،
ساتىۋەرسە بولىدۇ ھەرنەرسىنى ئۆزەڭچە ....
نىمە بولسا قازاندا شۇ چىقىدۇ چۈمۈچكە ،
زۇۋانىڭدىن بىر نەرسە ئايان بولدى ھەرھالدا ،
"ھەرقانداقلا نەرسىنى ئالغىلى بۇلار پۇلغا "
چۈشەكەپسەن خام كاللا ، گەپ بولسا شۇنچە بۇلار .....
ئەمدى سەن مەندىن ئاڭلا :
تىلىڭنى ئشتىپ ئاستا ، كىتىۋال يوللىرىڭغا ،
چاچ سېتىش ئەزەلدىنلا بىز خەققە سودا ئەمەس ،
نەگىلا بارسا يەنە سەنلەرچە ياشاش -كۈلۈش ،
بىزگىمۇ مودا ئەمەس ، بىل شۇنى ،
كىيىنمۇ ھەم
بىز ھەرگىز مۇردا ئەمەس !
بوۋىلىرىم - پەخىرلىرىم !
يىگىرمە مىڭ يىللار ئاۋال قاققان قوزۇق ،
تاشقا ئايلاندى ھەتتا بۇغدايلاردىن پۈتكەن،
ئەكمەك -ئۇزۇق ،
يۈرەكلەر سەدپارە-كى ،
بولسىمۇ دىللار سۇنۇق ،
بىل شۇنى ئىسىڭدە تۇت ! قېنىمىز ئەمەس بۇزۇق ،
روھىمىز ئەمەس ئۈزۈك ،
كۆڭلىمىز ئاندىن تۈزۈك ،
كۆزىمىز تېخى سۈزۈك .........
ئويلايسەن خام-خۇتىلا :
"بۇ خەققە پۇللا بولسا ،
ساتىدۇ ھەتتا ئانىسىنى ،
قوشنىغا ئۆتنە بەرمەس ،
ئۇن باستۇرۇپ قۇيۇپ ،
ئارغامچا يا تانىسىنى ...
شۇڭا پۇلغا سورايمەن بارچىسىنى ،
پۇلى بىرەي چاشى بامۇ ؟
قازىنىڭدا ئاش بامۇ ؟
تاغارىڭدا ماش بامۇ ؟
دەريايىڭدا تاش بامۇ ؟
(ماڭا كاللا كېرەكتى )،
ئىشلەيدىغان باش بامۇ ؟..... "
بولدى ئەمدى شۇنچىلىك ،
سورىغانلىرىڭ پۈتەر ،
"سېتىۋالغانلىرىڭ " يەنە ،
يېتىپ يىسەڭمۇ يىتەر ....
تەرەت قاچاڭ ئالتۇندىن پۈتۈپ كەتسە ناگىھان ،
(يوقتۇر مەندە ھىچ گۇمان )،
ياشىساڭمۇ شۇ خىيال بىرلە يەنە ئۈچيۈزيىل ،
خۈنۈك گاداي سەن ئۈزۈڭ ،
پۇلغا تويماس شۇم كۈزۈڭ ،
خار توپىغا بولغۇنار ،
قىبلە كۆرمىگەن يۈزۈڭ ....
سەندە شۇنداق " ئەنئەنە " ،
بىزدە مۇنداق مەنتىقە ،
پۇل قادىر ئەمەس مەڭگۈ،
ۋاقتى پۈتسە كۇللىيات ،
گۈم بۇلۇر دەقىقىدە .....
"ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ ؟
پىيالەڭدە چاي بارمۇ ؟
سېغىنغاندا لىۋەن يار ،
قۇچاغىڭدا جاي بارمۇ ؟"
بىز سورايمىز ئايلاردىن ،
ناۋات سالغان چايلاردىن ،
كۈڭۈل بىزگە پادىشاھ ،
دەپ تۇرار :
"ئادەمدەك ياشا "
چۆلدە بولسىمۇ بىرەرتى يېرىم ،
كۆزلىرى مۇڭلۇق ، لەۋلىرى كۈلگەك ،
باغرى يۇمشاق شۇ قېرىندىشىم ،
قاياشلىرىغا ياسايدۇ گۈلزار !
شورلۇق ، تاشلىق ، تىكەنلىك ، قۇملۇق ،
گۈل ئۈندۈرۈپ گىيا ئۈنمەس جايلاردىن !
ئۇنىڭ ئىككى قۇلى قۇپقۇرۇق
قوينى - ۋۇجۇدى لىق تولغان جاۋاھىراتقا ، شۇڭا
تىگىشمەيمىز چېچىمىزنى
پۇل ئەمەس ھەتتا كائىناتقا .......
شۇڭا دىگەن ئاق ساقاللىرىمىز :
(مەنسىتمەستىن پۇلنى )
"ئۇشۇق دۆلەت باشنى يارار ،
ھەركىمسە ھەققە قۇرۇق قول بارار"
........................................
دىمەكچىدىم يەنە تالاي ،
خەپشۈك ،
ئەمدى شۇ يەردە قالاي ......
مەنبە : گۈلجاھان تىلىدىن
2013- يىل 28-يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-29 01:32 AM