يەر ناملىرىمىزنى ئىنكار قىلىش ئۇچىغا چىققان مەسئۇلىيەتسىزلىك
ئاپتۇرى : سۇلتان مامۇت ئىبىراھىم
(يەكەن ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنىرى )
قەشقەر ئۇيغۇر نەشىياتى تەرپىدىن 2010- يىلى 4- ئايدا نەشىر قىلىنغان << قەشقەر يەر ناملىرى >> دىگەن كىتابنى تۇزگۈچى ئادىل مۇھەممەت تۇران ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ 180-380- بەتلىردە تارىخى مەلۇماتلارغا قارغۇلارچە كۆز يۇمغان ھالدا ئەجداتلىرىمىز قوللىنىپ كەلگەن << يەكەن دەرياسى >> دىگەن تەۋەرۈك نامنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ << بۇ دەريانىڭ يەكەنگە كىرگۈچە بولغان ئارلىقتىكى قىسمى يەرلىك كىشىلەر تەرپىدىن << زەرەپشان دەرياسى >> دىيىلسە ، مەكىت، مارالبىشى قاتارلىق دولانلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن ئۆتكەن قىسمى << دولان دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ >> دەپ ئىزاھلىغان . ھەتتا بۇ خىيالى قاراشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاتالمىش << زەرەپشان دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت>> نى توقۇپ چىققان . بۇ دەريانىڭ (يەكەن دەرياسىنىڭ ) بىشىدىن ئايىغىغىچە قەدىمدىن تارتىپ ئەجداتلىرىمىز قوللىنىپ كەلگەن ، شۇ سەۋەپتىن ھۆججەت خارەكتىرلىك تارىخى كىتابلار ۋە خەرىتىلەردە خاتىرلەنگەن ھەقىقى نامغا شۇنداقلا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىردا تۈزۈلگەن << قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى >> دىكى مەلۇماتلارغا پۈتۈنلەي زىت كىلىدىغان يۇقارقىدەك خاتا ئىزاھلاشلار بىزنى يەنە بىر قىتى ھەيران قالدۇردى ۋە قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى .
بىز ئالدى بىلەن يۇقارقىدەك غەلتە ئىزاھلاشلارغا ئوخشىمايدىغان ھەقىقى پاكىتلارنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى:
ئەجداتلىرىمىز بۇ دەريانىڭ بىشىدىن ئايغىغىچە بىردەك << ياركەند دەرياسى >> دەپ قوللىنىپ كەلگەن بولغاچقا ،16- ئەسىرنىڭ 40- يىللىردا يەنى بۇنىڭدىن 500 يىل ئىلگىرى يىزىلغان << تارىخى رەشىد >> دىمۇ باشتىن - ئاياغ << ياركەند دەرياسى >> دەپ خاتىرلەنگەن (2- قىسىم 636- بەت بىلەن 933- بەتكە قاراڭ ) . شۇنداقلا << تارىخى رەشىد >> دىن بىر ئەسىر كىيىن يەنى 17- ئەسىردە يىزىلغان << سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ تارىخغا دائىر ماتىرياللار (تارىخى رەشىد زەيلى ) دە بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرلەردە يىزىلغان << چىڭگىز نامە >> (تەۋارىخى كاشغەر )، << تەۋارىخى مۇسقىيۇن >>، << تارىخى ھەمىدى >>قاتارلىق ئەسەرلەردە بولسۇن ، ئۇلارنىڭ ھىچقايسىدا ئانا يۇرتىمىزدىكى بىرەر جاي بىرەر دەريا ياكى بىرەر تارماق ئىقىننىڭ << زەرەپشان >> نامى بىلەن ئاتالغانلىقىغا دائىر ھىچقانداق مەلۇمات يوق . بەلكى يۇقاقى ئەسەرنىڭ ھەممىسىدە بىردەك ئۇيغۇرچە << ياركەند >> دىگەن يەر (شەھەر) نامى خاتىرلەنگەن . پەقەت كىيىنكى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئەسلىدىكى << ياركەند >> دىگەن يەر نامىنى << يەكەن >> دەپ تەللەپپۇز قىلىشقا باشلىغان بولغاچقا ، دۆلتىمىزدە نەشىر قىلىنىۋاتقان خەرىتىلەردىمۇ بۇ دەريانىڭ نامى باشتىن - ئاياغ (يەكەن دەرياسى ) دەپ ئىلىنىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە . مەسلەن : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كارتوگرافىيە ئىدارىسى تۈزگەن ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەرىتە نەشىرياتى تەرپىدىن 1985- يىلى 9- ئايدا نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان << شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ خەرىتىسى >> دە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى چوڭ دەريالاردىن تارماق ئىقىنلارغىچە ،شەھەر ۋە ناھىيە مەركەزلىرىدىن ، يىزا- بازار مەركەزلىرىگىچە تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، بۇ خەرىتىدىمۇ ئوخشاشلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر قانداق بىر دەريا ياكى تارماق ئىقىننىڭ << زەرەپشان >> نامى بىلەن ئاتالغانلىقى پەقەت كۆرسىتىلمىگەن بەلكى بۇ دەريانىڭ قارا قۇرۇم تىغىدىكى باشلىنىش نوقتىسىدىن تارتىپ ، ئاۋات ناھىيسىنىڭ شورچاقتى دىگەن يىرىدە تارىم دەرياسىغا قوشۇلدىغان قىسمىغىچە بىردەك << يەكەن دەرياسى >> دەپ ئىلىنغان ، << زەرەپشان >> خۇمارلىرى چوڭايتقۇچى ئەينەك (لوپا) بىلەن ئاختۇرۇپمۇ ئۆزلىرىگە يىقىپ قالغان << زەرەپشان >> دىگەن غەيرى نامنى بۇ تەپسىلى خەرىتىدىن ھەگىز تاپالمايدۇ ، شۇنداقلا 1985- يىلى 12- ئايدا نەشىر قىلىنغان << قەشقەر يىلنامىسى >> بىلەن 1988- يىلى 7- ئايدا نەشىر قىلىنغان << قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەرناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى >> دىمۇ باشتىن - ئاياغ << يەكەن دەرياسى >> دەپ ئىلىنغان بولۇپ ، ئەكسىچە بىرەر ئىقىن ياكى بىرەر جاينىڭ << زەرەپشان >> نامى بىلەن ئاتالغانلىقى پەقەت كۆرسىتىلمىگەن .بەلكى بۇ تەزكىرنىڭ 531- بىتىدە ئىنىق قىلىپ << يەكەن دەرياسى راسكوم ، ئاقتىكەن دەريالىرنىڭ قارا قۇرۇم تاغ ئىغىزىدىكى قارا بۇلۇڭ كۆلىدە قوشىلىشىدىن شەكىللىنىدۇ ، ئومومى ئۇزۇنلىقى 996 كىلومىتىر بولۇپ ۋىلايىتىمىزدىكى تاشقۇرغان ، قاغىلىق ، پوسكام ، يەكەن ، مەكىت ، مارالبىشى قاتارلىق ئالتە ناھىيە ۋە يىزا ئىگىلىك 3- دىۋىزىيەسىدىن ، ئون پولك - مەيداندىن كىسىپ ئۆتىدۇ.... يەكەن دەرياسىنىڭ تارماق ئىقىنلىرى كۆپ بولۇپ ئەڭ چوڭ تارماق ئىقىنىدىن ئولچىن دەرياسى بار >> دەپ كۆرسىتىلگەن .
يەكەن دەرياسىنىڭ نامى توغۇرسىدىكى تارىخى مەلۇماتلار ۋە كىيىنكى ھۆججەت - ماتىرياللار گەرچە يۇقارقىدەك بولسىمۇ ، ئەمما بەزى كىشىلەر نىمە ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بۇ تەۋەررۈك نامنى تاشلىۋىتىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا << زەرەپشان دەرياسى >> دىگەن پارىسچە نامنى قوللىنىشقا مەھلىيا بولۇپ كىتىدۇ ؟ گەپنىڭ راستىنى ئىيتقاندا بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى ، ئۇ بولسىمۇ بەزى كىشىلەر يەر ناملىرىمىزنىڭ ھۆججەت خارەكتىرلىك ئەھمىيتىگە قارىتا توغرا تونۇشقا ئىگە ئەمەس .
<< يەكەن دەرياسى >> دىگەن تەۋەررۇك نامنىڭ ئورنىغا << زەرەپشان دەرياسى >> دىگەن نامنى قوللىنىشنى ئەسلىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىردا نەشىر قىلىنغان << قىزىلتاغ باتۇرلىرى >> دىگەن روماننىڭ ئاپتۇررى ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز قەييۇم تۇردى ئۆز كىتابى ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ تەرغىپ قىلغان ئىدى . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ غەيرى نامنى يەنە بەزى شائىر ، ئەدىپلەرمۇ زوق - شوخ بىلەن قەلەمگە ئىلىشتى . ناتىقلار نۇتۇقلىردا تەكرالاشتى ، بەزى ناتىقلارمۇ ئۇنى قوللىنىشقا باشلىدى . ھەتتا 1964- يىلى يەكەن دەرياسىغا سىلىنغان كۆۋرۈكنىڭ نام تىشىغا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتنىڭ نامىدا يىزىلغان << يەكەن دەريا كۆۋرۈكى >> دىگەن خەتنىڭ يىنىغا 90- يىللارغا كەلگەندە << زەرەپشان دەريا كۆۋرۈكى دىگەن قوشۇمچە ۋىۋىسكا ئىسىلدى . ھەمدە << يەكەن دەريا باشقارمىسى >> دىگەن ئىدارىمۇ نامىنى << زەرەپشان دەريا ئىقىن باشقۇرۇش ئىدارىسى >> دەپ ئۆزگەرتتى ، شۇنداقلا 1995- يىلى 11- ئايدا نەشىر قىلىنغان << يەكەن ناھىيسنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى >> دىمۇ ، تارىخى پاكىتلارغا ۋە يۇقاردا كۆرسىتىپ ئۆتكەن << قەشقەر ۋىلايتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى >> دىكى مەلۇماتلارغا جۈملىدىن ئۇنىڭ << كىرىش سۆز >> قىسمىدىكى << بۇ پەرمان خارەكترلىك قۇرال كىتاب بولۇپ ، ھەر قايسى تارماقلار بىردەك مۇشۇنى ئاساس قىلىشى ، ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتمەسلىكى لازىم >> دىگەن بەلگۈلىمىگە خىلاپلىق قىلىنىپ << بۇ دەريانىڭ يەكەنگىچە بولغان قىسمى (زەرەپشان دەرياسى ) ئۇنىڭدىن كىيىنكى قىسمى (يەكەن دەرياسى ) دەپ ئاتالدى . دىگەن بىر خىل خىيالى قارا ئوتتۇرغا قويۇلدى ، نەتىجىدە بىزنىڭ بەزى فروفېسولىرمىزمۇ بۇنداق خاتا مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا ئۇنى ئۆز ئەسىرگە ئەشۇ خاتا پىتى كىرگۈزۈپ قويدى . مەسلەن : 2002- يىلى 3- ئايدا نەشىر قىلىنغان ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئاپتۇرلىغىدىكى << قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا >> دىگەن كىتابنىڭ 256- بىتىدە يۇقارقى خاتا قاراش ئەينەن تەكرارلاندى .
بۇنىڭدىن قارغاندا خۇددى << قىزىلتاغ باتۇرلىرى >> روماننىڭ ئاپتۇرى قەييۇم تۇردىغا ئوخشاش بىلىملىك ياكى ئەدىب ھىساپلانغان بەزى كىشىلەرنىڭ خاتا قاراشلىرىنىڭ باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇش جەھەتتىكى رولىنىڭ خىلى زور بولدىغانلىقىنى ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر تارقاتقان خاتا ئۇقۇملارنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئۇنىڭ سەپسەتىلىك ماھىيتى پەرق ئىتىلمەي ، بەلكى ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ قالدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولدۇ .
يۇقىردا كۆرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك ئاتالمىش<< زەرەپشان دەرياسى >> دىگەن نامنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن مىراس قالغان << يەكەن دەرياسى >> دىگەن تەۋەررۈك نامنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ كىلىۋاتقانلىقى بىر قىسىم سەزگۈر كىشىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ ، سورۇنلاردا بۇ توغۇرسىدا غۇلغۇلا قىلىشىدىغان بولدى . نەتىجىدە تۇنجى قىتىم << قەشقەر گىزىتى >> نىڭ 2000- يىللىق 1- مارت ساندا << زەرەپشان دەرياسى دىگەن نام توغۇرسىدا >> دىگەن ماقالە ئېلان قىلىنىدى . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ خىلدىكى ماقاللەر << ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىنىڭ >> نىڭ 2000- يىل 12- ئۆكتەبىر ساندا << شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى >> ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 6- ساندا << شىنجاڭ گىزىتى>> نىڭ 2003- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈندىكى سانى بىلەن 2008- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈندىكى سانلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ ، قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن تاشقىرى يەنە گوۋۇيۈەننىڭ 1986- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلىنغان << يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش بىزامى >> نىڭ 3- ماددىسىدىكى << يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا چوقۇم مەملىكىتىمىز يەر ناملىرىنىڭ تارىختىكىسى بىلەن ھازىرقىسىنى ئاساس قىلىپ ، ئۇلارنىڭ نىسپى تۇراقلىقىنى ساقلاش كىرەك >> دىگەن بەلگۈلىمىسى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1989- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئېلان قىلىنغان << شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش چارىسى >> نىڭ 4- ماددىسىدىكى :<< ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ جايلارغا ئۆز ئالدىغا تەستىقسىز نام بىرىشىگە ۋە يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ >> 6- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى << ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا قويۇلغان يەر ناملىرىنى خالىغانچە قىسقارتىشقا ، شۇ جايدىكى ئامما قوللۇنۇپ ئادەتلەنگەن يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ >> 10- ماددىسىدىكى : << ھۆججەت، ئالاقە ، خەرىتە ، ئوقۇش ماتىريالى ، گىزىت - ژورنال ، رادىئو ، كىنو -تىياتىرلاردا ئىشلىتىلگەن يەر ناملىرى توغرا ھەم قىلىپلاشقان بولىشى لازىم >> دىگەندەك بەلگۈلىمىلەر جامائەتچىلىككە يەنە بىر قىتىم تەشۋىق قىلىندى . شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئابدىقادىر ئىممەت ، سەمەت دۇگايلى ، توختى مۇھەممەت ئارىش ، ئۆمەر موللا ، تاشقىن جاپپار ، ئابدۇقادىر جالالىدىن ..... قاتارلىق زىيالىلىرمىزمۇ << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ>> 2002- يىلى 19- ئۆكتەبىر ساندا ، << ئۈن -سىن گۈلزارى>> ژورنىلىنىڭ 2004- يىلى 4- ساندا ، << ئاسىيا كىندىكى >> گېزىتىنىڭ 2007- يىلى 15- مايدىكى ساندا << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ>> 2007- يىلى 26- مايدىكى ساندا ، <<قەشقەر >> ژورنىلىنىڭ 2007- يىلى 6- ساندا << قورغاق رايۇن جۇغراپىيسى >> ژورنىلىنىڭ 2009 -يىللىق 2- ساندا ، <<شىنجاڭ مەدەنىيتى >> ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 3- ساندا ماقالە ئېلان قىلىش ياكى سۆھبەت بايان قىلىش ئارقىلىق ئاتالمىش<< زەرەپشان دەرياسى >> دىگەن نام تەنقىد قىلىنغان قايىل قىلارلىق قاراشلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرغا قويۇشۇپ ، بۇ جەھەتتە توغرا جامائەت پىكىرى تەييارلاشقا تىگىشلىك ھەسسە قوشتى . نەتىجىدە تاراتقۇلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن 2009- يىلى 7- ئايدا جۇڭگۇ خەرىتە نەشىرياتى تەرىپىدىن تار قىتىلغان ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل - يىزىق خىزمىتى كومتىتى تەرپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى خەرىتىسى >> دىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا باشتىن - ئاياغ << يەكەن دەرياسى >> دەپ ئىلىندى . 2010- يىلى 10- ئايدا << زەرەپشان دەريا باشقارمىسى >> دىگەن ۋىۋىسكا ئىلىۋىتىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا << تارىم دەريا ۋادىسى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسى >> دىگەن ۋىۋىسكا ئىسىلدى. 2011- يىلى 5- ئايدا يەكەن دەرياسىغا سىلىنغان يىڭى كۆۋرۈك پۈتكەندىن كىيىن << زەرەپشان دەرياسى كۆۋرىكى >> دىگەن ۋىۋىسكا پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ ئۇنىڭ ئورنىغا 1964- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتى تەرپىدىن بىكىتىلگەن << يەكەن دەرياسى كۆۋرۈكى >> دىگەن ۋىۋىسكا قايتىدىن ئەسىگە كەلتۈرۈلدى . شۇنداق قىلىپ ئاتالمىش << زەرەپشان دەرياسى >> دىگەن نامغا ئاخىرقى ھىساپتا خاتىمە بىرىلدى . ئەمما ، بۇ كۆۋرۈكتىن بىر قانچە كىلومىتىر يىراق بولغان يەنە بىر كۆۋرۈكنىڭ يىندىكى << ئىگەرچى زەرەپشان دەريا كۆۋرۈكى >> دىگەن غەلىتە ۋىۋىسكا ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرماقتا .
خوش زەرەپشان خۇمارلىرى ، يۇقارقىدەك پاكىتلارغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىغا يەنە نىمە دەيدىكىن ؟
2012- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى ( يەكەن )