مۇتەپەككۇر ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى
-ھايات ۋە ئىجادىيەت
مۇتەپەككۇر، مول ھوسۇللۇق ئالىم، ئىجادىيەتشۇناس، تالانتشۇناس، ۋە تونۇلغان نەشرىياتچى ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ تەكلىبى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە لېكسىيە سۆزلىمەكچى.لېكسىيە تېمىسى: ھايات ۋە ئىجادىيەت
ۋاقتى: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى (شەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 دە
ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (قىران بۈركۈت بىناسى 4-قەۋەت، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارىنىڭ قارشى تەرپىدە
ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇنلار: ئۈرۈمچى ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 13999980408، 2872007-0997
تور بېكەت ئادرېسى:www.bilkuch.com
مۇتەپەككۇر ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى
مۇتەپەككۇر، ئىجادىيەتشۇناس، تالانتشۇناس، ۋە تونۇلغان نەشرىياتچى ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى1946-يىلى قەشقەر بەشكېرەمدە بىر ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ، يەكەن ۋە قەشقەردە ئىلمىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەردە بولغان. 1987-يىلى قەشقەر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1980-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا مۇئاۋىن باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1989-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ «ئەقىل ۋە پەزىلەت»، «ئادەم ۋە ئىقتىدار»، «كىرىزىس ۋە بەرپاچىلىق»، «تالانتشۇناسلىق»، «ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا»، «تالانت بوسۇغىسى»، «ياشاش سەنئىتى»، «بىلىش ۋە ھەقىقەت» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى؛ «يىلتىز»، «باھار» قاتارلىق رومانلىرى؛ «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى»، «دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىلى» قاتارلىق تارىخى ئەسەرلىرى؛ «پەن-تېخنىكا تالانتشۇناسلىقى»، «ئىختىراشۇناسلىق بوسۇغىسى» قاتارلىق تالانت ۋە ئىجادىيەتكە ئائىت تەرجىمە ئەسەرلىرى ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان. « ئۆگلۈكنامە» ناملىق سەككىز توملۇق ئەسىرى شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىلەر!