ھازىرقى بەخت
پويىزدا بىر ئىقتىسادسۇناش بىلەن چىرايلىرى تۈرۈلگەن ، غەمكىن ، 30 ياشلاردىكى بىر ئەر ئۇدۇل ئولتۇراتتى .
ئۇلار بىر پەس ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، ھېلقى ئەر كۆڭلىدىكىنى سۆزلەشكە باشلىدى .
__ مەن توي قىلغىلى يەتتە يىل بولدى . قىزىم بەش ياشقا كىردى . ئايالىم ئايالىم ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ، ئۇ مۇلايىم ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ، كۆيۈمچان . مەنمۇ ھازىر كەسىپتەمۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولدۇم .بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئىزچىل ناھايىتى بەختلىك . بىراق بىر يىلنىڭ ئالدىدا بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم .مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈم ئىلگىرى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .
___ سەن ھازىر قانداق قىلماقچى ؟ _ دەپ سوراپتۇ ئىقتىسادسۇناش .
___ مەن ئاجراشماقچى . بىراق ھازىر يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتىمەن . مەن ناھايىتى ئازاپلىنىۋاتىمەن ، _ دەپتۇ ھېلقى ئەر .
___ ئادەم تۇرمۇشتا تاللاشقا دۇچ كەلگەندە كۆڭلىدە كەسكىن كۆرەش بولىدۇ . بىراق ئىقتىساد ئىلمى نۇقتىسىدىن جاۋاب ئىزدىسەڭ ، بەلكىم جاۋابىنى تېپىش مۈمكىن . مۇبادا سەن خوجايىنىڭغا بىر تۈر خىزمەتنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ بەردىڭ .خوجايىنىڭ ئىش ھەققىڭنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا بەرمەكچى . بىرىنچى خىل ئۇسۇل : ساڭا 200 مىڭ يۈەن نەق پۇل بەرمەكچى . ئىككىنچى خىل ئۇسۇل : ساڭا ئون يىلغا بۆلۈپ ، 300 مىڭ يۈەن پۇل بەرمەكچى . سەن قايسى خىلىنى تاللايسەن ؟ _ سوراپتۇ ئىقتىسادسۇناش .
___ ئەلۋەتتە بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى تاللايمەن ، _ دەپتۇ ھېلقى ئەر تېزلا .
___ نېمىشقا بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى تاللايسەن ؟ _ دەپ قايتۇرۇپ سوراپتۇ ئىقتىسادسۇناش .
___ چۈنكى كەلگۈسىدىكى ئىشلارغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ . بىر نەچچە يىلدىن كېيىن خوجايىن قېچىپ كەتسە ، بۇ پۇللارنى ئالغىلى بولارمۇ ؟ يەنە ئۇ چاغقا بارغاندا بۇ پۇلنىڭ قانچىلىك قىممىتى بولىدۇ ، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلقى ئەر .
___ ناھايىتى توغرا ئېيتتىڭ ، كەلگۈسىدىكى پۇلغا قارىغاندا ھازىرقى پۇلنىڭ قىممىتى يوقىرى بولىدۇ . مۇشۇ قائىدە بويىچە بولغاندا ھازىرقى بەخت كەلگۈسىدىكى بەختكە قارىغاندا ئەلۋەتتە قىممەتلىك . چۈنكى كەلگۈسىگە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ . كەلگۈسىدە ئۇ قىز ئۆزگىرىپ كەتسە ، بەختلىك بولغىلى بولارمۇ ؟ ھازىرقى بەختىڭنى 200 مىڭ يۈەن دېگەن تەقدىردىمۇ ، كەلگۈسىدىكى 300 مىڭ يۈەنگە قارىغاندا قىممىتى ساڭا ناھايىتى ئېنىق .چۈنكى ھازىرقى بەختىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ سېنىڭ قولۇڭدا ، _ دەپتۇ ئىقتىسادسۇناش .
پويىز ئوتتۇرا بېكەتكە كەلگەندە ھېلقى ئەر پويىزدىن چۈشۈپ قاپتۇ . ئەسلىدە ئۇ ھېلقى قىزنى ئىزدىمەكچى ئىكەن ، بىراق ھازىر ھەممىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە ئۆيىگە قايتىپ كېتپتۇ .
ھەممەيلەنگە ئوخشاش ، قولىڭىزدىكى بەختنى قەدىرلەڭ !!!!
مەنبە : خەنزۇچە << ئوقۇرمەن >> ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى .