ئاۋاز ۋە ئۈنۈم
مەن ئاددى بىر كۆرۈرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرقايسى جايلاردىكى تېلۋىزىيە ئىستانسسى ئاۋاز بىرىش بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان خادىملارغا چوڭقۇر سالىمىمنى يوللايمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق ،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!
ھەرقايسى تېلۋىزىيە تەرجىمە بۆلۈملىرىدە، ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان نادىر كىنو،تېلۋىزىيە-تىياتىرلىرى ئىكرانغا مۇۋاپىققيەتلىك چىقتى.ئۇ كىنو ، تېلۋىزىيە-تىياتىرلىرى ھەم ئاۋازنىڭ جانلىق بولۇشى ، پىرسوناژلارغا ماس كىلىشى بىلەن ھەمدە يەنە ئىدىيە-مەزمۇننىڭ ياخشىلىقى بىلەن كەڭ كۆرۈرمەنلەردە
چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەسىلەن :
شانلىق يىللار ؛ ئۆتكۈر قىلىچ ؛ يەنە بىر كۆرسەم ؛ ھەكىمە چاڭجىن ؛ قەسىردىكى ئاياللار ؛ غەرىبكە ساياھەت ؛
قىشتىكى مۇھەببەت ناخشىسى ؛ ۋاڭ چوقۇرنىڭ تەرجىمھالى ؛ كىچىك ھەيدى ؛ تەدبىركار جىشاۋلەن ؛ نىكاھ ۋە سۈيقەست ؛شەھىرستاندا
بەربات بولغان چۈش ؛ شەمشەر1937 ؛ پورىل-خاربور ؛ جىگوڭ ؛ تۆھمەت ؛ مىراسخور ؛ گاچا كېلىن ؛ ئاپلىسىن پىشتى ؛ كۈلپەتلىك يىللار ؛ ئۆتكەن يىللار ؛ تاغلىق يىزىدىكى ھىكايە........
دەرۋەقە يۇقارقى كىنو ، تېلۋىزىيە-تىياتىرلىرى كۆپ جەھەتتىن تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا ئاۋاز بىرىش سەنئىتىدۇر.
شىنجاڭ كىنو-تېلۋىزىيە تەرجىمە بۆلۈمى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن رايۇنىمىزدىكى باشقا ئاۋاز بېرىش بۆلۈملىرىگە قارىغاندا نەتىجىسى بىرقەدەر كۆپ ،تەجىربىسى مول ،قوشۇنى سەرخىل . شۇڭا بۇ ئورۇن ئاۋازبەرگەن كىنو،تېلۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ سانى كۆپ ، سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى.ئەلۋەتتە ،باشقا ۋىلايەت ،شەھەر،ناھىيەلەردىكى ئاۋاز بىرىش بۆلۈملىرىنىڭمۇ ئۆزئالدىغا بەلگىلىك ئالاھىدىلىكى بار.
ئەمما مېنىڭ نۆۋەتتە سۆزلەيدېغىنىم تەرجىمە بۆلۈملىرىدىكى قىسمەن يىتەرسىزلىكلەر:
تەرجىمىدىكى يىتەرسىزلىك : قىسمەن تېلۋىزىيە فىلىملىرىدە سۆزنىڭ مەنىسىنى خەت مەنىسىگە قاراپلا تەرجىمە قىىلپ قويۇدىغان ئىشلار مەۋجۈت ،سۆز ئاھاڭىغا ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار . مەسىلەن:小二 نى شىياۋ ئېر ؛ 家常菜 نى جىيا چاڭ سەي دەپ تەرجىمە قىلغان . بۇنداق خاتالىقلار كىنو - تېلۋىزىيەنىڭ سۈپىتىگە ، چىنلىقىغا ، بەدئىيلىكىگە تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
ئاۋاز بېرىش ماھارىتىدىكى يىتەرسىزلىك : ئاۋاز بېرىش ماھارىتى ئاۋاز ئارتېسىنىڭ كۆپ جەھەتتىن يېتىشكەن ھەمدە ئاز-تولا ئالاھىدلىككە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.قىسمەن ئاۋاز ئارتېسلىرى تەڭلا كۆپ روللارغا ئاۋاز بىرىدۇ ، ئەمما كۆرۈرمەنلەر بۇنى ئاسانلىقچە سېزىۋالالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تەبئىي ئاۋاز بىرىشمۇ بەك مۇھىم.ئاۋاز بەرگەندە بەكلا كىتابى تىلغا ئېسلىۋالماي ئەكىسچە جانلىق تىلنى كۆپرەك قوللنىشنى ئۆگىنىۋىلىش لازىم، بولمايدىكەن كۆرۈرمەنلەر بىئاراملىق ھىس قىلىشى مۇمكىن.ئۇنىڭدىن سىرت ،ھېسىياتنى ئۆزى دەۋاتقان دىئالوگقا سىڭدۈرۈش كېرەك.
قاتتىق دىتال جەھەتتىكى يىتەرسىزلىك: ئاۋاز بېرىش ئۆيى ، ئۈن ئىلىش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.ئاۋازنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتمەسلىك لازىم . قىسمەن تېلۋىزىيە ئىستانسسىلىرى ئاۋاز بەرگەن فىلىملەر ياكى ئاۋازى بەك يۇقىرى ، ياكى ئاۋازى بەك جانسىز ،ئاۋاز بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ پات-پات ئۇچراپ قالىدۇ.
ئاخىرىدا ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭ ئاۋازغىمۇ ، سۈپەتكىمۇ ،ئۈنۈمگىمۇ تەڭ ئىتىبار بىرىشىنى سەمىمىي ئەسكەرتىمەن.