مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 884|ئىنكاس: 9

ھەقىقى ئەخلاقلىق بالىلارنى تەربىيلەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32639
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4740 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 03:02:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار
مەن بۈگۈن تور ئارلاپ تور بەت چەكلەيدىغان دىتالدىن بىرنى تاپقان بۇ دىتال باللىرىمىزنىڭ تور ئەخلاقىغا پايدىلىق دىتالكەن مۇنبەرداشلارنىڭ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .دىتالنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن چۈشۈرۈڭ
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=168952&uk=1060414706
دىتالنى قاچىلاپ بولۇپ مەخپى نۇمۇر سىلىپ قويىسىز .
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ھاۋاسى ناچار تورخانىلارغا كۆپ بېرىپ، توردا ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپ بىلەن ئەپسانە سۆزلەشسە، مېڭىسىگە شۇنداق تۇيغۇ ۋە ئۇچۇرلار كۆپ ئورناپ كېتىدىكەن – دە، ئۇ بارا – بارا بالىلارنى يامان يولغا باشلايدىكەن، ئەكسىچە بۇنداق تۇيغۇ ۋە بۇنداق ئۇچۇرنى بالىلارنىڭ مېڭىسىدىن يۇيۇپ چىقىرىشقىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، ئۇزاق ۋاقىت تورغا چىقىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، رېئال دۇنيادىن چەتنىتىۋېتىدىكەن ھەم ئۇلارنىڭ مىجەزىنى غەيرىلەشتۈرۈپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىكەن. شۇڭا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ساغلام مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا، ئۇلارغا ئىلغار نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، مەيلى ئائىلە، مەكتەپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن، تور ئەخلاقىغا ئائىت تەشۋىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىشىمىز زۆرۈر.

ئىنتېرنېتنى كەشىپ قىلغۇچىلار: ئىنتېرنېت ئەركىن ھەم باراۋەر دۇنيا، ئۇ ھەر قانداق كەمسىتىشتىن خالىي خىيالىي جەننەت، دېگەنىدى. ھالبۇكى، رەڭگارەڭ ئىنتېرنېت دۇنياسى ھازىر دۇنيا قارىشى تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا، شۇنداقلا مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيە قۇرۇلۇشىغا خىرىس قىلماقتا ۋە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلمەكتە. تەجرىبىسىز، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەن، دۇنيا قارىشى تېخى يېتىلمىگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ھەر خىل ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش بىلەن بىللە، ئىنتېرنېت تورىنىڭ كەسكىن سىنىقىغا، شۇنداقلا پاسسىپ تەسىرىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا چىقىشىنى، تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلەش ئاقىلانە ئىش ئەمەس. ئاچقۇچ ئۇلارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىش، يەنى ئۇلارنى ئىلمىي تورغا چىقىشقا يېتەكلەشتە. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنى ھەق – ناھەقنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە، سىياسىي ساپاسىنى، ۋەتەننى سۆيۈش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، توغرا دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلاردا غەربنىڭ ناتوغرا قىممەت قارىشىغا، چىرىك تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ۋە شەھۋانىي ئۇچۇرلىرىغا ئاڭلىق قارشى تۇرالايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. ئىنتېرنېت تورىنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، بالىلارغا ئۇنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلارغا قانداق قىلغاندا ئىنتېرنېت تورىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ، پايدىلىق تەرىپىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم.

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تور ئەخلاقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، بۇ ئىشقا ھەممىمىز بىردەك ئەھمىيەت بېرەيلى.


مەنبە:دىتال، تور دۇنياسى.يوللىغۇچى مەن

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 04:36:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يازمىڭىزدىكىلەرمۇ ئەخلاقلىق بالا تەربىيلەشنىڭ بىر تەرىپى ھەقىقەتەن توغرا . ھەربىر ئاتا _ ئانا بولغۇچى ھۇشيار بۇلىشى كېرەككى :تەربىيىدە بالاااااااااا ئەمەس ، بالا تەربىيلەشنى بىلىشى زۆرۆردۇر . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kar0923 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-28 04:37 PM  


بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24162
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3813 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 05:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دىتال ھەقسىزمۇ ؟ مەخپى نۇمۇر سالساق قانداق ئۈنۈمى بار ؟

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 05:31:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32639
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 63
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4740 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 06:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دىتال ھەقسىز،، مەخپى نۇمۇر سىلىپ ئىشلەتسڭىز قالايمىقان توربەتلەر ئىچىلمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OMAR0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-28 06:04 PM  


ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1154
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 07:22:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى   گەپكەن

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90372
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 535
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 09:55:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تېمىڭىزغا

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3529
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32394
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3743 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 10:55:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ  بىر ياخشى ئىشكەن ، مەنمۇ بىر سىناپ باقسام بولغۇدەك ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 12:38:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساخلىۋالاي.رەھمەت

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86445
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 12:12:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تېمىڭىزغا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش