مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7224|ئىنكاس: 88

لەنەت ساڭا ئۈندىدار.   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90425
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2013-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 10:59:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن مەن ئۈندىدارنى ئوينىغىنىمغا ئون نەچچە كۈن بولدى، بىراق مەن ئۈندىدارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ھېس قىلغىچە، ئۇ مېنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئازاپ دېڭىزىغا چۆرۈپ تاشلىدى.
مەن ئۈندىدارنى ئويناشتىن بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئۈندىدارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلەپ "ۋۇي ئاداش ئۈندىدارنى ئوينىساڭچۇ بەك ياخشى، شۇنداق كۆڭۈللۈك دېگىنە خۇددى باشقىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ سۆزلىشىۋاتقاندەكلا بولىسەن، يەنە بىر تەرەپتىن تېلىفۇن بۇلۇڭ تىجىلىپ قالىدۇ. يەنە تېخى ھەرخىل رەسىملەرنى ئەۋەتكىلى بولىدۇ. ھازىرقى دەۋىرنىڭ مودىسى ئۈندىدار بولۇپ قالدى، ئۇنى ئوينىمايدىغان ئادەم يوق. چوڭدىن- كىچىككىچە ھەممىسى ئوينايدۇ، پەقەت سەنلا زاماننىڭ كەينىدە قاپسەن جۇمۇ ئاداش" دەپ مېنى مازاق قىلغاندەك مەسخىرىلىك ھالەتتە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلايىتتى.
ھەي! بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق ئوينىغۇم كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ مېنى مەسخىرە قىلغاندەك قاراپ تۇرۇشى مېنىڭ سەل ئاچچىقىمنى كەلتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئارىدىكى مەن بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان دوستۇم ماڭا :" ئاداش بولدى قىلە شۇ نېمىنى، ھازىر شۇ نېمىنىڭ كاساپىتىغا كەتكەن ئائىلىلەر ئازمۇ، شۇنىڭ تۇپەيلى نۇرغۇن بەخىتلىك ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. بىر جۈپ تاتلىق ئامراق ئەر - ئاياللار ئاجراشسا، بىچارە بالىلار ئۇلارنىڭ كاساپىتىدا يېتىملىك كوچىسىدا سەرسان - سەرگەردان بولىۋاتىدۇ، بىز خەققۇ بىر نەرسىنىڭ شاكىلىنى سويىۋېتىپ مېغىزىنى قۇبۇل قىلماي، ئۇنىڭ يامان تەرىپىنى ئاسان قۇبۇل قىلىۋالىمىز ، ئۇنىڭدىن پايدىلنىشنى ئويلىماي ئۇنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىۋالىمىز." دېدى.
مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ئىچىمدە: ھەي ئېزىتقۇ شەيتان تاس قالدىڭدە مېنى شېرىن - شىكەر گەپلەر بىلەن ئېزىتقۇ كوچىسىغا تاشلىغىلى ......
ئاخىرى ئېسىمگە كېلىپ بۇ ئېزىتقۇدىن يىراق تۇرۇشنى بەخىتلىك ئائىلەم ئۈچۈن يولدىشىم ۋە ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى قارار قىلدىم.
بۇ چاغلاردا يولدىشىم ئۈندىدارنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيىتتى. باشقىلاردىن ئاڭلىغان بولسىمۇ ئالدىراشلىقتىن ئۇنىڭغا چولىسى تەگمەيىتتى.
" ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى، مەڭگۈ ئۇنى بىلىشكە ، ئويناشقا ۋاقتىنى چىقىرالماي مۇشۇ بەخىتلىك ئائىلىمىزنىڭ بەخىت قۇچىقىدا ئەللەيلەنگەيسەن جېنىم. چۈنكى مەن سېنى ئائىلەمنى ئاشۇ ئۇماق قىزىمنى ياخشى كۆرىمەن، سىلەردىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن.....
مەن كۈتمىگەن ئاشۇ كۈنلەر ئاخىرى بىزگە يېقىنلاپ كەلگەن ئىدى. مانا بۇگۈن مەن يولدىشىم بىلەن تېلىفۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈن تېلىفۇن بازىرىغا باردۇق. بۇنداق دېسەم : " سېلەر بۇرۇن تېلىفۇن ئىشلەتمەيىتتىڭلارما ؟" دەپ سوراپ قالماڭلار، يولدىشىمنىڭ تېلىفۇن خۇمارى بار، بازاردا شۇنداق بىر تېلىفۇن مودا بولغان بىلەن تېلىفۇننى ئالماشتۇرماي قالمايىتتى. بۈگۈنمۇ ئالغىلى بىر ئاي بولمىغان تېلىفۇنىنى  يېڭى چىققان كورىيەنىڭ تېلىفۇنىنى كۆرۈپ، كونىسىنى تاشلاپ يېڭىسىنى يەنى مودىسىنى ئالماقچى بولدى.
كېيىم - كېچەكتە مودىسىنى قوغلاشمىسىمۇ تېلىفۇنغا كەلگەندە ھەرگىز قالمايىتتى.
مەن ئۇنىڭ بۇ ئادىتىنى بىلگەچكە زىيادە گەپ قىلمايىتتىم. تېلىفۇنلارنى ئارلاپ بۈرۈپ تېلىفۇن ئۇنىڭغا ياقمىدىمۇ قانداق  ئۆيگە كومپىيوتېر ئالماقچى بولدى، بىر دۇكانغا كىرىپ كومپىيوتېرلارنى كۆرۈپ تۇرساق ياش بىر ئۇيغۇر بالا بىزگە قانداق كومپيوتېر ئالىدىغىنىمىزنى سوراپ بولغاندىن كېيىن بىزگە بىر مۇ بىر تونۇشتۇردى.
يولدىشىم : ئەسلىدە تېلىفۇن ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم لېكىن تېلىفۇنلارغا ئىشەنچ قىلالمىدىم." دېدى.
ھېلىقى بالا يولدىشىمغا:" قولىڭىزدىكى نوجىيا تېلىفۇن ئەڭ ئىشەنچىلىك ئاكا، ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز يەنىلا مۇشۇنىڭغا يەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ پەرقى پەقەتلا بىرسىدە ئۈندىدارنى ئوينىغىلى بولىدۇ، يەنە بىرسىدە ئوينىغىلى بولمايدۇ. ئاساسلىق پەرقى شۇ ئاكا. " دېدى.
ئاپلا، ئۈندىدار دىگەننى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم قاسلا قىلىپ قالدى، يولدىشىم : " نېمە ئۇ ئۈندىدار دېگەن؟" دەپ سورىدى. مەن دەرھال مال ساتقۇچى بالىغا قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ قويۇپ يولدىشىمغا: " ئۈندىدار دېگەن قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا ئوخشاشلا،  ئۇنىڭ باشقا پەرقى يوق پەرىقلىنىدىغىنى ئۇنىڭدا ھەرخىل رەسىملەرنى ئەۋەتكىلى بولىدۇ." دېدىم.
مال ساتقۇچى بالىمۇ ماڭا قاراپ قويۇپ " ھە شۇنداق ئاكا ئاچامنىڭ دېگىنى توغرا " دېدى ۋە ماڭا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى، يۈرىكىم ئىزىغا چۈشكەن بولسىمۇ بىراق كۆڭلىم شۇنداق يېرىم ئىدى. چۈنكى مەن قەدىرلىك يولدىشىمنى ئالداپ قويغان ئىدىم، بىز توي قىلىپ تاكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە مەن بىرەر قېتىم يولدىشىمنى ئالداپ باقمىغان ئىدىم ھەم ئالدامچىلىقنى ياقتۇرمايىتتىم.  
ھېلىغىچە يادىمدا مېنىڭ قېيىن ئاپام ماڭا : " قىزىم، سىز مېنىڭ ئۆز قىزىمدەكلا توي قىلىپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئىككىمىز سېنىڭ مېنىڭ دېيىشىپ باقمىدۇق ھەم مېنىڭ كۆڭلىمگە ئازار بەرگەن يەرلىرىڭىزمۇق ئوغلۇم ئىككىڭلارمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتۈپ كېتىپ بارىسىلەر بۇنىڭدىن ھەممىمىز خوشال بىراق قىزىم يامان بولسىمۇ شۇنى دېگىم كېلىۋاتىدۇ. ئايال كىشى  ئەردىن يۇشۇرۇنچە ئازاراق بولسىمۇ پۇلنى يىغىپ قويىشى كېرەك، ئادەمنىڭ ئۆمرىدە پۇللۇق ۋاقتىمۇ بولىدۇ، پۇلسىز قالىدىغان ۋاقتىمۇ بولىدۇ ئاشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا ئاشۇ يىغىپ قويغان پۇلىڭىز ئەسقاتىدۇ." دېدى.
بىراق مەن قېيىن ئاپامنىڭ ئەكسىچە ئىدىم. يولدىشىمدىن بىر موچەن پۇلنىمۇ يۇشۇرغۇم كەلمەيىتتى. چۈنكى ئەر ئايالدىن - ئايال ئەردىن يۇشۇرۇن ساقلىغان پۇلنىڭ قانداقمۇ بەركىتى بولسۇن؟ ئەر - ئايال ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى ئالداشسا ئائىلىنىڭ  بەركىتى شۇنداقلا ئىشەنچ دېگەن نەرسىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ، ئارىدا ئىشەنچ قالمىسا ئۇ ئائىلىنى قانداقمۇ كۆكلەتكىلى بولسۇن؟؟؟  شۇڭا مەن ئۇنى ئالدىغانلىق ئۆزەمنى ئالدىغانلىق دەپ ئويلايىتتىم.
شۇڭىمۇ بايا ئۇنى ئالداپ قويغىنىمغا ئۆكىنەتتىم. ئۇنىڭغا ئىچىمدە :" قەدىرلىكىم مېنى كەچۈرۈڭ مەن سىزنى ئالداپ قويدۇم بىراق مەن قەستەن قىلمىدىم پەقەت شۇ ئائىلەم ئۈچۈن ...."
شۇنداق قىلىپ كومپىيوتېر ئالدۇق ۋە شۇ كۈنىلا ئۇنى ئورناتتۇق. يولدىشىم ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەن ھامان كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋالسا مېنىڭ بار - يوقلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا كومپىيوتېر ئالغانغا پۇشايمانمۇ قىلاتتىم. بىراق يولدىشىمنىڭ ئارلاپ - ئارلاپ ئىچىپ - چېكىپ قويغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ باشقا زىيادە ئىشىمۇ يوق ئىدى، بۇرۇن ئۇنى كۈندە تورخانىدىن تاپاتتىم بىراق ھازىر ئۆيگە كومپىيوتېر چۈشەرگەندىن باشلاپ كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ، بەزى ۋاقىتلىرى مەندىن بۇرۇن ئۆيگە كەپ بۇلىدۇ تېخى ...  باشقىلارنىڭ ئەرلىرىدەك ئىچىپ - چېكىپ ئۆيگە كېلىپ ئايالىنى ئۇرىدىغان، كېچىچە كىرمەي ئاشنا ئوينايدىغان يامان ئادىتى بولمىغاندىكىن كومپىيوتېر ئوينىسا ئوينىمامدۇ.
ئۆزەمگە شۇنداق تەسەللىلەرنى بېرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ تۇيۇقسىز ماڭا:" سىز نېمە دەپ مېنى ئالدايسىز؟ ئۈندىدار دېگەن ...... " دەپ ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلىگىلى تۇردى. مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ يامان تەرەپلىرىنى ۋە ئۇنىڭ كاساپىتىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى مېنىڭ پەقەت مۇشۇ ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. ئۇمۇ مېنى توغرا چۈشەنگەن بولدى، بىراق ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا : مەن سېنى ، قىزىمنى ھەم بۇ ئائىلىنى ياخشى كۆرىمەن ، بۇ ئائىلىنىڭ ۋايران بولىشىنى خالىمايمەن ، ئائىلىمىز بۇزۇلمىسۇن دېسەڭ ئەڭ ياخشىسى ئوينىما " دېدىم.
شۇنچە يېلىنىشىمغا قۇلاق سالمىغان يولدىشىم ئاخىرى ئوينايدىغان بولدى ، مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق قارشىلىق بىلدۈرمىدىم پەقەت ئۇنىڭغا بۇ ئائىلىنى ساقلاپ قالغۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ بەك ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتمەسلىكىنى ئېيتتىم.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۈندىدار كوچىسىغا دەسلەپكى تۇنجى قەدەمنى ئالدى، ئۇ پەقەت ئەل - ئاغىنىلىرى بىلەن چەكلەنگەن ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم ، ئاستا - ئاستا مەنمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم ۋە مېنىڭمۇ ئوينايدىغانلىقىمنى ئېيتىم ، ئۇ باشتا قوشۇلمىغان بولسىمۇ ئاخىرىدا ئوغۇل بالىلىق سالاھىتى بىلەن ئوينىشىمنى ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق بىرىنى قوشماسلىقنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى، مەنمۇ مەيلىلا يولدىشىم بىلەنلا ئالاقە قىلسام بولدى دەپ ئويلاپ ماقۇل بولدىم.
مانا شۇنداق قىلىپ ئېزىتقۇ كۆچىسىغا ئەر - ئايال ئىككىمىز بىللە قەدەم قويدۇق، لېكىن ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، بىزنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيىتتىم. شۇنداقتىمۇ ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بولمايدىغانلىقىغا شەرتسىز ئىشىنەتتىم.
ۋەدەم بويىچە يولدىشىمدىن باشقا ئادەم بىلەن ئالاقە قىلمىدىم . بىر كۈنى يولدىشىم ماڭا: بىز ئۈندىدار ئوينىغاندىن بويان مەن سىزگە ، سىز ماڭا بىر كۈندە قانچە قېتىم تېلىفۇن قىلىشتۇق " دەپ سورىدى .
توغرا ئۇنى ئويناشتىن بۇرۇن يولدىشىم ماڭا كۈنىگە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم، بىكار بولۇپ قالغان كۈنلىرى بولسا سائىتىگە ئۈچ - تۆت قېتىم تېلىفۇن قىلىپ مەن بىلەن مۇڭدىشاتتى. كۆپ قىلغان كۈنلىرى ئۇ ماڭا : " سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق بۇنداق قىلسام سىزنى ئېشىۋالمىسۇن دەيمەن " دەپ كۈلۈپ كېتەتتى. مەن ئۇنىڭغا : " ياق ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ مۇشۇ تېلىفۇندا بىر ئۆمۈر سىزنىڭلا ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشقا رازىمەن" دەيىتتىم.
ئۇ خۇشاللىقىدا مېنى باغرىغا بېسىپ : " سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى بىردەم ئاڭلىمىسام چىدىمايمەن شۇڭا سىزگە بىكار بولساملا تېلىفۇن قىلغۇن كېلىدۇ . ئاللا ئىككىمىزگە كۆز تەگمىسۇن " دەيىتتى.
ئەمدىچۇ ئۈندىدارنى ئوينىغاندىن باشلاپ ماڭا كۈنىگە ئاران بىر قېتىم يا قىلىدۇ، يا قىلمايدۇ ،  ئاخىرى چىدىماي مەن قىلاتتىم.  نېمە ئۈندىداردا سۆزلەشلەڭلار بولمامدۇ دەمسىز ؟ ھەي مەن ئۇنىڭغا ئۈندىداردا سۆزلەپ ھېرىپ قالدىم، مەن بەش - ئالتىنى يوللىسام ئۇ ئاران بىرنى يوللاپ يوقاپ كېتىدۇ. ساقلا - ساقلا ئاخىرى تېلىفۇن قىلىمەن، تېلىغۇننىمۇ بەك تەستە ئالىدۇ ۋە نېمە ئىشتى تېز ئېيتىڭ مەن ھازىر ئالدىراشتىم دەپ تېلىفۇننى قويىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتەتتىم . ئەجەبا ئىششىم بولمىسا تېلىفۇن قىلسام بولمامدا ؟  ئۈندىدارنى ئوينىسا شۇنداق قولايلىق تېلىفۇن پۇلۇڭمۇ تىجىلىپ قالىدۇ يەنە تىخى يېنىڭدىلا تۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتقاندەك... ئاراڭلا تېخىمۇ يىقىنلىشىدۇ  دېيىشلىرىچۇ ئۇلارنىڭ  ھەممىسى جۆيلىپتۇ ، قۇرۇق گەپ .... مەن ھازىر ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنىڭ يىقىنلاشماي تېخىمۇ يىراقلاپ كېتىپ بارغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
ئارىدىن بىر - ئىككى ھەپتە ئۆتتىغۇ دەيمەن بىر كۈنى كەچ يولدىشىمنىڭ تېلىفۇنىنى ئويناپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىر نەچچە قىز بىلەن ئالاقە قىلغىنى بايقاپ قالدىم، كۆڭلىم شۇنداق يېرىم بولدى بىراق چاندۇرمىدىم. ئەتىسى ئىش ئورنىمدا ئولتۇرۇپ زېرىكىش ئىچىدە يەنە ئۈندىدارنى ئېچىپ يولدىشىم بىلەن بىردەم مۇڭداشتىم. بىر ئازدىن كېيىن ئىسمىنى غەيرىلا بىر نىمە دەپ قويغان باش سۆرىتىدە بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇلنىڭ سۆرىتى بار بىر سى مېنىڭ ئۇنى قوشۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ. مەن ئۇنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدىم ئاندىن كېيىن ئۇنى قوشۇشتۇم . بىز ئالدى بىلەن خەت يېزىش ئارقىلىق ئەھۋال سوراشتۇق ئاندىن ئۇ ماڭا سۆز قىلغاندىلا مەن ئۇنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم، ئۇ مەندىن  نەدىن ئىكەنلىكىمنى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى ، ئۆزىنىڭ بولسا ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى دەپ تۇرۇشىغا يولدىشىم ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالدى . مەن بولسام خۇددى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان ئادەمدەك نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. يولدىشىم بىردەم تەكشۈرۈشتىن كېيىن چىرايىمغا شۇنداق بىر قاراپلا تېلىفۇننى غەزەپ بىلەن يەرگە ئاتتى ۋە ماڭا : " مانا تېلىفۇن ، مانا ئۇيۇن ئەمدى ئوينا مانا" دەپلا چىقىپ كەتتى.
ئاھ! خۇدا مەن نېمە قىلىپ قويدۇم، خۇددى ئاشنا ئويناپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك پۈتۇن بەدىنىم غال - غال تېتىرەيىتتى، شۇنچىلىك ئازاپ ئىچىدە ئۆز - ئۆزەمگە : مەن زا دى نېمە بولدۇم؟ نېمىگە بۇنچە يىغلايمەن؟ نېمىگە شۇنچە ئازاپلىنىمەن ئەجەبا تېلىفۇندىن ئايرىلىپ قالغانغىمۇ ياكى يولدىشىمنىڭ  مېنى سوغۇق سىلكىشلىشىدىنمۇ ؟ ياق ھېچقايسىسى  ئەمەس گەرچە يولدىشىم ماڭا ئەزەلدىن بۇنداق قوپاللىق قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ ماڭا ئېغىر كەلمىدى چۈنكى مەن ئۆزەمگە - ئۆزەم قىلغان تۇرسام ، ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ كۈتەرمەي ئىلاجىم يوق .
مېنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىپ مەيلى ئۇ نەچچە مىڭ ، نەچچە تۈمەن ياكى نەچچە مىلىيون بولىسۇن بۇ مېنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈمگە كىرمەيدۇ، بىراق مېنىڭ ئايرىلىپ قالغىنىم ئاشۇ نەچچە مىلىيونغا تىگەشكۈسىز ئىشەنچ ، ئىشەنچ ، ئىشەنچ ..... مەن يولدىشىمنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىم.
ۋاي ئىسىت بالا تەككۈر ئۈندىدار ، ئۇ ئۈندىدار ئەمەس ئۇ بىر ئېزىتقۇ ئالۋاستى  نۇرغۇن ئائىلىنى بۇزغان بۇزغۇنچى، بىگۇناھ بىچارە بالىلارنى سەر - سان سەرگەردان كوچىسىغا تاشلىغان، گۇناھسىز ئانا - بالىنى ، ئامراق ئەر - ئاياللارنى بىردەمنىڭ ئىچىدە ياتلاشتۇرغان ، زار - زار يىغلاتقان ، ئاشۇ ياشلىرىمىزنىڭ ياشلىق باھارىنى ۋاقىتسىز توزۇتقان ئاق ئالۋاستىنىڭ ئۆزى ئىدى.
ئاق تاماكا بولسا قانۇنسىز يوللار بىلەن ھەر خىل ۋاستىلار ئارقىلىق ياشلارنى زەھەرلەپ ئانىنى - بالىدىن، ئەرنى - ئايالدىن ، ئاشىقنى - مەشۇقتىن ئايرىپ بۇ دۇنيانىڭ دوزاق ئازابىدا كۆيدۈرسە،  ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ ئېزىتقۇ قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق تۇيدۇرماستىن ياشلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇ ئارقىلىق قىزلار ئەر، يىگىتلەر خوتۇن،  خوتۇن ئەرلىرى بارلار ئۆزىگە خوشاللىق ئىزدەپ  بىلىپ بىلمەيلا ياشلىرىمىزنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئازغۇن يوللارغا مېڭىشقا دەۋەت قىلماقتا.
توۋۋا دەيمەن مەن يولدىشىمدىن ئەنسىرگەن ئىدىمغۇ؟ ئەندىچۇ .....؟؟؟؟
كاللام ھازىر قۇپ - قۇرۇق بىر نوقتىغا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپتىمەن، قوسۇقۇم ئاچقانلىقىنى ئىسپاتلاپ كولدۇرلاپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق مەن بۇنى ھېس قىلالمايىتتىم ، شۇنچىلىك ماغدۇرسىز ، قەلەم تۇتقان قولۇممۇ سۇز تىتىرەيىتتى. " كەچۈرۈڭ ، مېنى كەچۈرۈڭ قەدىرلىكىم مەن خاتا قىلدىم  ياق بىز خاتالاشتۇق ، ئۇنىڭ بىر ئېزىتقۇ ئالۋاستى ئىكەنلىكىنى بىلەپتۇرۇپ ئوينىغان گۇناھ ئۆزىمىزدە...." ئىشتىن چۈشۈپ ھارغىن قەدەملىرىم بىلەن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ......لەنەت ساڭا ئۈندىدار.........  



ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16737
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 03:21:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  ھىس  قىلغانتىم مۇشۇ  كۈنلەردە  تىلفۇنغا كومپىيوتىرغا ماشىنغا  كۆڭۈل بۆلگەنچىلىك ئاتا ئانا  بالىرمىزغا كۆڭۈل  بۆلگەن بولساقچۇ كاشكى

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86881
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 647 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 03:35:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ ئۇ نەرسىنى ئويناپ باقمىدىم.
سىزغۇ ھېچ ئىش قىلماپسىز. ئەمما يولدىشىڭىزنىڭ باشقا قىزلار بىلەن پاراڭلاشقىنى سىزگە ئاشكارلىنىپ قاپتۇ. بۇ ئىش ياخشى بولماپتۇ. يولدىشىڭىزمۇ ئۆزىنىڭ خاتلىقىنى تونۇغان بولسا ياخشى ئىدى. ئەمما سىز ئۇنىڭ يۈزىگە سالماپسىز. بۇمۇ ياخشى ئىش. ئەگەر يۈزىگە سالغان بولسىڭىز ‹‹نېمە قىلاتتىڭ تېلىفۇنۇمنى ئاختۇرۇپ›› دەپ تېخىمۇ چوڭ جىدەل چىقىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بەزى ئىشلارنى يۈزىگە سالمايمۇ بولمايدۇ. چوقۇم يۈزىگە سالمىسا بولمايدىغان ئىشلارنى سېلىش كېرەك. سوقۇشۇپ ئەمەس، چىرايلىقچە. ھەر ئىشنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سېلىش كېرەك. سالمىسىمۇ بولىدىغان ئىشنى ئۆتكۈزىۋەتسە بولىدۇ. ئەمما دائىم سالماي كېتىلىۋەرسە قارشى تەرەپ بىلگىنىنى قىلىلىۋېرىدۇ. يەنە بىرگە، قارشى تەرەپنىڭ تېلىفۇنىنى ئاختۇرۇش ياخشى ئىش ئەمەس. بەك، بەك، بەك، بەك گۇمانلانغاندا، چۈشلىرىڭىزدىمۇ شۇنداق گۇمانلىق چۈشلەرنى كۆرۈپ ‹‹پەقەت چىدىمىدىم، ئاختۇرمىسام چىدىيالمايمەن›› دېگەندە بىرەر قېتىم ئاختۇرۇپ قويۇڭ مەيلى. ئەمما دائىم ئاختۇرۇش ياخشى ئىش ئەمەس.
يولدىشىڭىزمۇ بىرەر ئىشلارنى سىز ئويلىغاندەك ئويلىغان بولسا ياخشى ئىدى. كېيىن ئويلاپ قالار. ئەر كىشى دېگەن شۇ ئەمدى.
ئاخىرىدا تېنىڭىزغا سالامەت، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن. بەخت سىلەرگە يار بولسۇن.
بارلىق دوستلارغا دەيدىغىنىم، ‹‹ئۈندىدار›› نى ئوينىسىڭىز ئويناڭ، توغرا يولدا ئويناڭ. ھەرگىز قايمايمەن دېگەن ئادەممۇ بەزىدە بىلىپ-بىلمەي قىيىپ قالىدۇ. ئادەم دېگەن مۇرەككەپ نەرسە. دۇنيادا 100 پىرسەنتلىك مۇكەممەل ئادەم يوق.

دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3734
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 06:37:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەزەلدىن بۇ ۋاقىت ئوغرىسىنى ئويناپ باقمىدىم ھەم پەقەتلا قىزىقمايمەن.....

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 08:36:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇزۇن بولدىببۇ نەرسىنى ئىشلەتمىگىلى.ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمىگەن تۈزۈك.مېنىڭ كۆز قارىشىم.

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 08:41:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىلگىرى 10نەچچە كۇندەك ئويناپ قارىسام ۋاقتىمنىڭ زىيادە ئسراپ بولغانلىقىنى ئويلاپ چىقىرۋەتكەنىدىم
بۇنى ئىشلەتكەن دوستلارنىڭ توغرا يولدا ئشلىتىشىنى ئۇمۈد قىلىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastana888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-28 08:41 AM  


قۇرۇق خىيال ھەقسىز كىنو

ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 10:00:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  بۇرۇن  ئىشلەتكەن  ھازىر  ئىشلەتمەيمەن.بولمايدىغان   نەرسىكەن  جۇما

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئەسلەش شېرىن ، ئۇنتۇش قېيىن .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 156
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 10:15:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقۇلما ھېكايىدەك قىلامدۇ ......
بەزى سۆزلەر بەك چاكىنا بىلىندى ماڭا ..

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90425
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2013-1-22
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 10:20:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسىلەن قايسى سۆزلەر سىزگە چاكىنا بىلىندى . بۇ ھەقىقى ۋەقە چۈنكى مەن يالغان ئېيتىشنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6107
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 591 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 10:23:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەيلى ئىشلىتىڭ ئىشلەتمەڭ ئەڭ مۇھىمى : ئۆزلۈكنى تۇنۇش ، ھەمىسى ئۆزلۈكنى ھەقىقىي تۇنىغاندىلا بۇنداق ياكى ئانداق ئىشلارنىڭ چىقىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ . جەمئىيەت تەرەققى قىلماستىمۇ ، بۇرۇنمۇ بارغۇ بۇنداق ئىشلار...... ئۇلارنى نېمىدىن كۆرىمىز ؟ ئادەم بۇلۇپ يارىلىپ قالغانلىقتىنمۇ ؟ يەنىلا شۇ گەپ ئۆزىمىزنى تۇنىمىغانلىقتىن ......

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش