مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4809|ئىنكاس: 31

شېنجېندىكى جۇڭگو ئەنگىلىيە كوچىسىدىن مال ئېلىپ باققانمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83757
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 07:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  !  بۈگۈن ئازراق ۋاقتىم بولغاچ مۇنبەر كۆرۈپ بۇ تىمىنى يىزىشنى لايىق تاپتىم .
يىللاردىن بىرى شېنجېنغا كىلىپ كىتىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىرگە شېنجېن ئىقتىسادىغا غايەت زور ئىقتىسادى كىرىم يارىتىپ بەرمەكتە .

شېنجېن جۇڭگودىكى تولىمۇ گۈزەل ۋە پاكىزە شەھەر ، شىياڭگاڭ بىلەن خوشنا بولۇپ  30 مىنۇتتا شىياڭگاڭغا كىرەلەيسىز . شېنجېن شاتۇجاۋ دىگەن ئورۇندىكى شىياڭگاڭغا كىرىدىغان ئىغىزدا بىر كوچا بولۇپ
خەنزۇچە  中英街  يەنى جۇڭگو ئەنگلىيە كوچىسى دەپ ئاتىلىدۇ  .
بۇ كوچا جۇڭگو بىلەن شىياڭگاڭ ئوتتۇردىكى ئەڭ يېقىن ئورۇن بولۇپ كوچىنىڭ بىر تەرىپى شېنجېنغا تەۋە
يەنە بىر تەرىپى شىياڭگاڭغا تەۋە .  

ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك .  بۇ كوچىدا ئاساسلىق يايما شەكلىدىكى بىر قەۋەتلىك كىچىك دۇكانلار كۆپ بولۇپ بۇ دۇكانلار شىياڭگاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى دىگەن نامدىن پايدىلىنىپ خىلمۇخىل ساختا ئوخشىتىلغان تاۋارلارنى شىياڭگاڭدىن باج كەچۈرۈم قىلىنىپ كىرگەن مەھسۇلات ، ئەتكەس قىلغان مەھسۇلات شۇڭا باھاسى ئەرزان دىگەن ئوخشىتىشلار ئارقىلىق سەۋەپ سىزگە تولىمۇ ئەرزان باھادا بەرگەندەك قىلىپ يانچۇقىڭىزدىكى پۇللارنى سۇغۇرىدۇ .
ئۆتكەن يىلى گۇاڭجۇدىكى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتسام بىر كورلىلىق ئاكىمىز ئۇدۇلدىكى جوزىدا ئولتۇرۇپ بىز شىياڭگاڭغا باردۇق ، ماللار بەك ئەرزان ئىكەن . ئالما 4 - ئەۋلادنى 1800 دىن ئالدىم دەپ تېلفۇندا شۇنداق پەخىرلىك ھىسلىرى بىلەن سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ .   ئۇ ۋاقىتتا ئالما 4 - ئەۋلاد  4000 مىڭ يۈەن ئەتراپتا ئىدى

مەن بۇ پاراڭلارنى ئاڭلاۋىرىپ ئاخىرى چىداپ بولالماي ئۇ ئاكىمىز تېلفۇننى قويغاندا ئاستا سۆز ئاچتىم .
سىز شىياڭگاڭغا باردىڭىزمۇ . ئالما تېلفۇن راسلا شۇنداق ئەرزانمىكەن دەپ سورىدىم .
شۇنداق بىر خەنزۇغا دىسەك ئاپاردى . بۇ شىياڭگاڭغا تەۋە ئورۇن ماللار بەك ئەرزان دەپ شۇڭا 3 نى سېتىۋالدىم ئالما تېلفۇندىن دىگەچ سومكىسىدىن 1800 يۈەنلىك ئالما تېلفۇننى چىقاردى
قارىسام مەزكۇر ئالما تېلفۇننىڭ كەينى تەرىپىدە ئەجدەرھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ھەم ئاستىدا خەنزۇچە خەت بار ئېدى .  مەن قايتۇرۇپ سورىدىم .  ئالما تېلفۇننىڭ كەينىدە ئالما شىركىتى بەلگىسى بار ئىدى  ، لىكىن سىزنىڭ بۇ تېلفۇن كەينىدە خەنزۇچە خەت بار ئىكەنغۇ دەپ .  ئۇ ئاكىمىز جاۋابەن مۇنداق دىدى  < بۇ ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگوغا ئىشلەپ بەرگەن تېلفۇنى ئىكەن  ، ماڭا ساتقان خەنزۇ شۇنداق دىدى بۇ مال پەقەت شىياڭگاڭدىلا بار .  باج كەچۈرۈم بولغاچقا باھاسى شۇنداق ئەرزان >  

مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم .  شىياڭگاڭدا ئالما تېلفۇن راسلا ئەرزان ، لىكىن جۇڭگو بىلەن 400 يۈەن ئەتراپتا پەرىق قىلىدۇ چوڭ بولغاندا ،  راسلا شۇنداق ئەرزان بولسا ھەممە خەنزۇلار شۇ يەردىن ئەكىلىپ ساتمامدۇ . ئۇلار قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بارغاندەك  شېنجېندىن شىياڭگاڭغا سومكىسىنى ئېلىپلا كىرىپ چىقالايدىغان تۇرسا . نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بولىدۇ  .
مەن جاۋابەن ئۇ ئاكىمىزغا چۈشەنچە بەردىم . سىز بارغىنى شىياڭگاڭ ئەمەس ، ئەمدى بارسىڭىز مال ئالماڭ

بۈگۈن بۇ تىمىنى يوللاشتىن 4 سائەت بۇرۇن شىنجاڭدىن كەلگەن بىر يۇرىتداش تېلفۇن ئۇرۇپتۇ .  
بىز ھازىر شېنجېندىكى جۇڭگو ئەنگىلىيە كوچىسىدا ، مەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر مال ئېلىۋاتىدۇ ، قايتىپ بىرىپ كۆرۈشەيلى دەپ ،  بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۆزلەشكە ئاران ئۈلگۈردم ، مال ئالماي كۆرۈپلا قايتىپ كىلىڭ ، كۆرۈشكەندە چۈشەندۈرەي دەپ .  شۇنداق دىيىشىمگە ماقۇل دەپ قويىۋەتتى .   بىرەر سائەتكىچە خەۋەر بولمىغاچ ئۆزۈم تېلفۇن ئۇردۇم .

سىز قەيەردە دەپ سورىدىم .   ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمدى ئۇ كوچىدىن چىققانلىقىنى ئالما 5 - ئەۋلادنى 1600 يۈەندىن ھەر بىرى بىردىن ئالغانلىقىنى دىدى .  

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئارتۇق سۆزلەشتىن رايىم ياندى . چۈنكى ئۇلار ئالغىنى ساختا ئوخشىتىلغان تېلفۇن ئىدى .
ئالدىنقى قىتىم كورلىلىق ئاكىمىز ئالغىنىمۇ شۇنداق ساختا ئوخشىتىلغان تېلفۇن  ، ئۇ تېلفۇنلارنى شېنجېندىكى مىڭتۇڭ يانفۇن بازىرىدىن 280 يۈەندىن 600 يۈەن ئەتراپىدا ئالغىلى بولىدۇ ، ئۇنى يىبىيى ئالما دەپ ئاتايدۇ
يەنى ھەقىقىي نۇسخىغا ئەڭ يىقىن دەرىجىدە ئوخشىتىلغان نۇسخىسى دىمەكچى .  

شۇڭا شېنجېنغا ساياھەت ياكى سودا ئىشلىرى بىلەن شۇ كوچىغا بىرىپ قالسىڭىز پەقەت كۆرۈپلا قويۇڭ ، نىمىلا بولسۇن بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ ، كوچىغا 10 مىتىر كىلىدىغان ئىغىزدىن چىقسىلا شىياڭگاڭ زىمىنى .  

شىياڭگاڭدا مەھسۇلاتلار راسلا ئەرزان ، چۈنكى باج كەچۈرۈم بولغانلىقى ئۈچۈن دۇبەي بىلەن شىياڭگاڭدا مەھسۇلاتلار ھەممىدىن ئەرزان بولىدۇ .  ماركىلىق مەھسۇلاتلار جۇڭگوغا قارىغاندا خىلىلا پەرىقلىنىدۇ   .
لىكىن ھەسسىلەپ ئەرزان بولىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس ،  ئالما يانفۇنىنى مىسالغا ئالساق 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە پەرىق بار جۇڭگو بىلەن ،  شۇڭا قارىغۇلارچە باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88476
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 08:51:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي....... ئالدىنقى يىلى بارغان ھەمرالىرىم ھېلىقى تىلىفۇندىن بىردىن ئالغان...........ئەلۋەتتە ساختا چىقتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3938
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8879
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1455 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 08:54:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1001
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 08:57:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بۇندىن كىيىن شىنجىنغا بارغانلا دىققەت قىلسا بولغۇدەك؟

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1254 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 09:02:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىياڭگاڭغا كىرىشكە ھېچقانداق ئىجازەتنامە كەتمەمدا ؟. . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   
Hétián بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 09:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 09:22:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hétián يوللىغان ۋاقتى  2013-1-27 09:16 PM
شىياڭگاڭغا كىرىشكە ھېچقانداق ئىجازەتنامە كەتمەمدا ؟ ...

كىملىك بولسىلا بولامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ شياڭگاڭ ئاۋمېنغا بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش ئۈچۈن مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىر ئايچە قاترىدى.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77978
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4849
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 09:26:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئۇنداق ساختا مەھسۇلاتقا پەقەت ئەخمەقلارلا ئالدىنىپ كىتىدۇ؟ بولمىسا ئەخمەق بولامدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 09:34:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kixan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-27 09:02 PM
شىياڭگاڭغا كىرىشكە ھېچقانداق ئىجازەتنامە كەتمەمدا ؟. . ...

كىتڭدۇ.مۇشۇ يەرلىكلارغا.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83757
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3255
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 09:35:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kixan يوللىغان ۋاقتى  2013-1-27 09:02 PM
شىياڭگاڭغا كىرىشكە ھېچقانداق ئىجازەتنامە كەتمەمدا ؟. . ...

شىياڭگاڭغا كىرىش ئۈچۈن شىياڭگاڭ ئاۋمىنغا كىرىش گۇۋاھنامىسى يەنى 通行证 كىتىدۇ .
بۇ تەرەپتىكىلەر ئۈچۈن پاسپورت ۋە يۇقاردا دىيىلگەن گۇۋاھنامىنى ئىلىش ئالدىن ئايرۇپىلان بىلىتى زاكاس قىلغاندەكلا ئاددى ئىش .  شۇڭا كىرىمەن دىگەنلەر خالىغان ۋاقتىدا كىرىپ چىقالايدۇ .  

شېنجېندىن شىياڭگاڭغا كىرىش ئۈچۈن 40 يۈەن ماشىنا بىلىتى ئېلىنىدۇ . ياكى مىترودا بارسىڭىزمۇ بولىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش