مائۇستا ياسايمەن شېئىرغا بۇرۇت
چەكسىزلىك ئوقىنىڭ ئايلانمىسىدا ،
بوشاپ قاپتۇ سەمىيمىلىكىم .
پىرىسلاشتىن يىراقمەن تېخى،
قۇۋۋىتىدىن قاپتۇ يىلىكىم.
ياتلاشقان ئەنئەنەمنىڭ رەڭسىز سىرتىدا،
بىپەرۋا تىرناقلىرىم قويىدۇ ساقال .
بەرگەچكە نەۋرەمگە ئەجدىرىھا ئەپسۇن ،
ئەنئەنەم مېغىزى بولماقتا شاكال.
بوۋامنىڭ مۈڭگۈزى موزىيخانىدا،
سېتىلدى كىم ئارتۇق باھادا بۈگۈن.
قىزغىنىپ رىزقىمنى تالاشتى يەنە
كۆڭلۈمنى رەنجىتىپ بىزەڭ تۆنۈگۈن.
ۋاقتىمنىڭ ئىلغۇچى كەتكەچ داتلىشىپ ،
تېرەمنىڭ كۆزىدىن چىقتى ئىت - مۈشۈك .
تەقدىرىم يۈزۈمگە قويدى شاپىلاق
بولغاچقا ھەر دائىم نىيەتلەر تۆشۈك.
ئى، تۇرمۇش كوتولداپ ، ئالىيىپ تۇرۇپ،
نىمە دەپ ماڭلىلا چاچىسەن شۆلگەي ؟
رىزقىڭنى مەن بەرگەن بىلەمسەن شۇنى،
كۆزۈڭنى يوغان ئاچ ، كىم ساڭا ئۆگەي؟
سايەمنى تۈرمىگە تاشلىدى نوقوپ،
ۋاقىتنىڭ بالىلىرى ۋىچىرلاپ تۇرۇپ،
چىرمىغاچ روھىمنى خالتا كوچىلار
ئېتىقاد جان بەردى تىپىرلاپ تۇرۇپ.
قورساقنىڭ غېمىدە قالغان ئالامان ،
يالايدۇ تاملارنىڭ شورىلىرىنى .
ماي بوياق رەسىم دەپ ئالدۇق رامكىغا،
ئۆتمۈشنىڭ بىتەلەي مورىلىرىنى.
ئوتۇنچى بۇۋاينىڭ يۈتتى پالتىسى،
جاڭگالنى يىمەكتە ئۆچكە ئاۋازى.
قۇرىغان تومۇرغا باشلايلى ئۆستەڭ،
ئىنچىكلەپ كەلمەكتە رىشتىمىز تارى.
خىياللار ئۇخلايلى ، پەپىلەپ قوياي،
چۈنكى مەن ھامىنى ئەتىگە كېرەك .
كېسىلدىم ئەۋلادىم مۇقامى ئۈچۈن ،
ئەنئەنەم يىقىلسا بولىمەن تىرەك.
پاينەكباش ئايدىڭنڭ چېچىدىن يۇلۇپ،
كېچىلەر قوينىدىن تېرىيمەن قۇرۇت.
ئەرلەرنىڭ يوقاتقان ئىپپىتى ئۈچۈن،
مائۇستا ياسايمەن شېئىرغا بۇرۇت.
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن شېئىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-27 12:03 PM