|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستلار! ئارىمىزدا ئەقلى ئېقتىدارلىق تېلېفون ئىشلىتىدىغانلار خېلى كۆپقۇ دەيمە، بولۇپمۇ باھاسى ئەرزان،سەپلىمىسى يۇقىرى خۇاۋې ماركىلىق تېلېفوننى ئىشلىتىدىغانلارمۇ خېلى جىقكەن. مەنمۇ خۇاۋې c8825dدىگەن تېلېفوننى سېتىۋالغاندىن بۇيان ھەرخىل ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى قاچىلاپ ئەقلى ئېقتىدارلىق تېلېفوننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان بىرقانچە ئاندروئد ھەۋەسكارلىرىنىڭ تىرىشچانىلىقى ئاستىدا بۇتېلېفوننىڭ ئانا تىلىمىزدىكى ئۇيغۇرچە سېستىمىسى ئېلان قىلىنىپتىكەن ،تېلېفونۇمغا قاچىلاپ سىناپ باقسام بەك ياخشى تەرجىمە قىلىنىپتۇ،بىر ئاي ئىلگىرى ۋىندوۋېس 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندە بىر ھاياجانلىنىپتىم ئەمدى تېلېفونۇمغىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلاپ بەك خوش بولدۇم. شۇڭا بۇخىل تېلېفونى بار دوستلارنىڭ تېلېفونىغا ساپ ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلاپ ئانا تىلىمىزنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ بېقىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. بۇ تېلېفوندىن باشقا يەنە خۇاۋې c8812 ھەمدە خۇاۋې c8812e دىگەن تېلېفونلارنىڭمۇ ئۇيغۇرچە سېستىمىسى چىقىپ بوپتۇ.
تېلېفونۇمدىن بىرقانچە بارچە رەسىم يوللاپ قويدۇم سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار ھە!
بۇ سېستىمىنىڭ تەپسىلاتىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ ۋە چۈشۈرۈڭ.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-29 04:15 PM):
بۇ رومنى ئىشلىتىشنى خالايدىغان دوستلار چ چ452622061 ياكى 624602030بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
|
|
|
|
|
|