مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 4

باي نامى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90365
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 04:01:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باينامى ھەققىدە

                دوناي


قىسقىچەمەزمۇنى:باي ناھيىسى يىپەك يولىغا جايلاشقان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمى جاي بولۇپ، ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغىنىغا  (2011-يىلىغىچە) 129يىل بولغان بولسىمۇ،بايدىگەن بۇ يەر نامىنىڭ قاچان قانداق پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئىلمى ئاساسقا ئىگە، قايىلقىلارلىق،بىرلىككە كەلگەن بىر چۈشەنچە ھازىرغىچە ئوتتۇرغا قويۇلمايۋاتىدۇ.بۇماكاندا ياشىغۇچىلارنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخىنى بىلىشى زۆرۈر ھەم ھەقلىق.

  بۇماقالىدە باي ناھىيىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، مول   يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقى ،بۇ جاينىڭئەينى زاماندا قايسى بەگلىككە تەۋە  زىمىنئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ،باي دىگەن نامنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ پەيدا بولغانلىقى،كىم تەرىپىدىن شۇنداقئاتالغانلىقى،باي دىگەن سۆزنىڭقانداق مەنالەرگە ئىگە ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

  يىپەك يولىنىڭ ئاساسىلىنىيىسىگە، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان باي ناھيىسى    شىنجاڭ ئويغۇرئاپتونۇم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ،ئومۇمى يەر مەيدانى19100 كۋادرات كىلومېتىر.ئۇ شىمالدا  تەڭرى تېغى ئارقىلىق توققۇزتارا،تېكەس ناھيىلىرىگە،،جەنۇپتاچۆلتاغ ئارقىلىق توقسۇ  ناھيىسىگە تۇتىشىدۇ،غەرىپتە ئونسۇ ناھيىسى بىلەن ،شەرقتەكۇچا ناھيىسى بىلەن خوشنا.باي ناھيىسى ئىسمى- جىسمىغالايىق،تاغ-دەريالىرى گۈزەل،تۇپرىقى مۇنبەت، يېزا ئىگىلىكى تەرەققى قىلغان، قېزىلمابايلىقلىرى  كۆپ ،گۈزەل ، باي بىر ماكان.بۇ جاينى كىشىلەر ئەزەلدىن باي يۇرت دەپتەرىپلىشىدۇ . گىولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ناھىيە تەۋەسىدىن ھازىرغىچە   يەر ئاستى بايلىقىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس،نېفىت،سۈرمە،تۇز،  قۇرۇنتاش، گېپىس،تەببىگاز  قاتارلىق 63 خىل قېزىلما بايلىقبايقالدى (1).مۇزات،قاپسىلاڭ،تەلۋىچۈك،قاراسۇ،قىزىل قاتارلىق 5 دەريا پۈتۈنناھيىنى مول سۇ بايلىقى بىلەن تەمىن ئېتىپلا قالماستىن قىزىل سۇ ئامبىرىغاقۇيۇلۇپ،كۇچا توقسۇ ناھيىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.باي ناھيىسىنىڭ داۋانچىيېزىسىدىنلا  24نېفىت قۇدۇقى قېزىلىپ،يىلىغا500مىڭ توننا نېفىت ئېلىنماقتا.قىزىل يېزىسىدىكى 《قارا 2-گازلىق》ى غەرىپنىڭ گازىنىشەرىققە يەتكۈزۈشتىكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر(2).

ئۇنداقتا بۇيەردە ياشايدىغان  مىللەتلەر ئەينى ۋاقىتتابۇ جاينى قانداق نام بىلەن ئاتىغان؟《باي》دىگەن نامقاچاندىن باشلاپ قوللۇنۇلغان؟《باي》دىگەن سۆزقانداق مەنالەرگە ئىگە؟

باي خەلقچۆچەكلىرىدە رىۋايەت قىلىنىشقچە،زامانى ئەۋۋەلدە باي سۇلىرى مول، ياپ-يېشىلئوت-چۆپ يەلپۈنۈپ تۇرغان،يايلاقلىرى مال-چارۋىلارغا تولغان. پۇقرالىرى ئىناق-ئىجىل ئىشچان،تۇرمۇشى باياشات  بىر ماكانبۇلۇپ،يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يۇرتتا قەھەتچىلىك يۈز بىرىپ،پۇقرالار تىرىكچىلىكئىزدەپ يۇرتنى تاشلاپ سىرىتلارغا چىقىپ كېتىپتۇ.بۇ يۇرتتىن چىقىپ كىتىپ،كۇچاداتىرىكچىلىك قىلىۋاتقان  پالتاخۇن ئىسىملىكبىر بوۋاي ئوغلى تۇرسۇنغا بىر ئامال قىلىپ، ئۆز يۇرتىڭنى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسەقوشقىن دەپ ۋەسىيەت قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ.    پالتاخۇننىڭ ئوغلى تۇرسۇن تاش قاچىلانغان120تاغارنى 40خېچىرغا يۈكلەپ،يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ:«كىمدە-كىم ئۆز يۇرتىغا قايتىپتېرىقچىلىق قىلىپ  3يىل قاتتىق ئىشلىسە بىرخېچىرلىق ئالتۇن-كۈمۈش ئىنئام قىلىنىدۇ »دەپ جاكارلاپتۇ،بۇنى ئاڭلىغان كىشىلەريۇرتىغا قايتىپ پۈتۇن ۋۇجۇدى بىلەن قاتتىق ئىشلەپ تاغارلىرى ئاشلىققا،باغلىرىمىۋە-چىۋىگە،يايلاقلىرى پادىغا تولۇپتۇ.تۇرسۇناخۇن يۇرت ئاقساقاللىرىنىيىغىپ:«جامائەت تەر تۆكۈپ تاپقان ھوسۇل ئالتۇن-كۈمۈش دىگەن شۇ،مېنىڭ سىلەرگەبەرگۈدەك ئالتۇنلىرىم يوق »دەپ ئۆزىنىڭ يۇرتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جامائەتنىئالدىغانلىقىنى ئىقرار قىپتۇ.جامائەت ئالدانغىنغا غەزەپلەنگەن بولسىمۇ ھالالئەمگىكى بىلەن يۇرتنى باي قىلغانلىقىغا رازى بولۇشۇپتۇ،ئۇزاق زامان نامرات ئۆتكەنبۇ يۇرت شۇنىڭ بىلەن 《باي》دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپقاپتۇ.  يۇقارقى رىۋايەتتىكى  تۇرسۇناخۇننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ يۇرت بايبولۇپ،كېيىن باي دەپ ئاتىلىپ قالغانلىق- بىر رىۋايەتتىن ئىبارەت،بۇنى پەقەت بۇيۇرتنىڭ باي-باياشاتلىقىدىن خەلق ئېغىزىدا بارلىققا كەلگەن رىۋايەت دەپچۈشىنىشكىلا بولىدۇ.

  ئۇنداقتا بۇنام كىمتەرىپىدىن قويۇلغان؟     

《باي》دىگەن نامتۇركچە  باي-باياشات،ئاۋات دىگەن مەنىلەرگەئىگەبولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ شۇەنزوڭ زامانىسىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى( قاغانى) سۈيىنگىل بۇجاينى ئىگەللىگەندە بۇ يەرنىڭ ھەر خىل بايلىقى مول،ئادىمى زىچ ماكان ئىكەنلىكىنىكۆرۈپ ئۇنىڭغا《باي》 دەپ نام بەرگەن (3).تاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا،باي ئىككى شەھەرگە ئايرىلغان بولۇپ، غەرپتىكىسى- ئارىيان (باي)شەھرى،شەرقتىكىسى سايرام شەھرى دەپئاتالغان ۋە ھەر ئىككىلىسى قۇم ئايمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.كېيىنرەك كۈسەنگەقوشۇۋېتىلگەن.سوڭ سۇلالىسى دەۋ –رىدە لىياۋغا(كىدانلارغا) قارىغان،يۈەن،مىڭسۇلالىرى دەۋرىدە بەشبالىق(جىمىسار) غا قارىغان،چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ تۆتىنچىيىلى (1872-يىلى)ئىككىلا شەھەردە خەيرىيەت ئىشلىرى ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان.گۇاڭشۈينىڭ سەككىزىنچى يىلى(1882-يىلى)7-ئايدا ئىككى شەھەر قوشۇۋېتىلىپ بايناھيىسى تەسىس قىلىنغان(4).

يۇقۇرىداتىلغا ئېلىنغان سۈيىنگىل قاغان- ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى)كۆلبېلگەبولۇپ،كۆلبېلگە ئۆزىنى  قۇتلۇق بېلگە قاغان دەپئاتىغان،سۈيىنگىل دىگەن نامنى تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ دىيانەتلىك ئىكەنلىكىگە ئاساسەنتارتۇق قىلغان (5) .

  كۆلبېلگە (骨力裴罗) غەربى رايوندىكى داڭلىق سىياسىيون، ھەربى ئالىم ،ئۇ  دەسلەپتە بىر كىچىك قەبىلىنىڭ ئاقساقىلىئىدى.كېيىن نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ،ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىبىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئۆز كۈچىنى تەدرىجى زورايتقان. كۆلبېلگە باسمىل قاتارلىققەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى تۈرك خانلىقىنى تارمار قىلىپ، تىيەنباۋنىڭ3-يىلى (مىلادى744-يىلى)ئۇيغۇر دۆلىتىنى رەسمى قۇرۇپ، ئۆزىنى قاغان دەپئاتاپ،ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىكى ئۆتۈكەن تېغى ئەتراپىنى پايتەختقىلغان. كۆلبېلگە مىلادى744-يىلىدىن 747-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.ئۇ تاڭسۇلالىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن بولۇپ،تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا« سۈيىنگىل»(يەنى دىيانەتلىك قاغان)دەپ نام بەرگەن(6).

ئۇيغۇر  ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى) كۆلبېلگەباينى ئىگەللەشتىن ئىلگىرى بۇ جايدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ بۇ يەرنى قانداق نامبىلەن ئاتىغانلىقى ھەققىدە تارىخى ماتىرياللاردا خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.ئارىيانشەھرى دىگەن نامنىڭ

باي دىگەن ئىسىم بىلەن تەڭ قوللۇنۇلغانلىقى ياكىئۇنىڭدىن ئىلگىرى قوللۇنۇلغانلىقى

ھەققىدىمۇ خاتىرە قالدۇرۇلمىغان.لېكىن كۆلبېلگەباينى ئىگەللىگەندىن كېيىن يەنى مىلادى744-يىلىدىن 747-يىلىغىچە بولغان 3يىلئىچىدە بۇ جايغا «باي»دەپ نام بەرگەن .شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن پۇقرالار بۇجاينى خان  قويۇپ بەرگەن ئىسىم بىلەنئاتاپ كەلگەن.تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخى يازمىلىرىدىمۇ شۇ نام بىلەنخاتىرلەنگەن.  

دىمەك،ئۇيغۇر  ئورخۇن خانلىقىنىڭ تۇنجى خانى(قاغانى) كۆلبېلگەيەنى قۇتلۇق بېلگە قاغان تەخىتتە ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى يىلى يەنى مىلادى 747-يىلىبايغا «باي»دەپ نام بەرگەن دەپ ھىساپلىغاندا،2010-يىلىغىچە «باي»دىگەن يەر نامىنىڭپەيدا بولغىنىغا 1263يىل بولغان بولىدۇ.  

     拜 –باي دىگەن يەر نامىنىڭئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،ئاخىرسىغا شەھەر(城)  دىگەن خەت قوشۇلۇپ،拜城دەپئاتىلىپ،بۇ جاينىڭ خەنزۇچە نامى قىلىپ قوللۇنۇلغان.  

يۇقۇرىدىكىلەردىنباشقا يەنە《باي》ناھيىسىنىڭ بايخانشەھرى دىگەن نامىمۇ بار،لىكىن  ئارىيانشەھرى،بايخان شەھرى دىگەن ناملار ھەققىدە تارىخچى ئۇستاز ۋە كەسىپداشلارنىڭداۋاملىق ئىزدىنىشىنى سورايمەن.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئىزاھ:

①باي ناھيىلىكپارتىكوم تەزكىرە ئىشخانىسى تۈزۈپ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان《باي ناھىيە تەزكىرىسى》(拜城县志)5-بەت .

②1986-يىللىق《شىنجاڭ يىلنامىسى》(新疆年鉴)گە قاراڭ.

③《باي ناھيىسىنىڭيەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى》 (拜城县地名图志)خەنزۇچە 1-بەت.

④1986-يىللىق《شىنجاڭ يىلنامىسى》(新疆年鉴) .

⑤ 《شىنجاڭئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى》(新疆社会科学研究 )ئۇيغۇرچە نەشرى 1998- يىل 3-سان29-بەت .

⑥باي ناھيىلىك پارتىكوم تەزكىرە ئىشخانىسىتۈزۈپ،جۇڭگو مەدەنىيەت نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 《拜城人物传》 خەنزۇچە 1- قىسىم168-بەت .



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90365
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 04:05:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان ماقالىلىرىمنىڭ ئىملاسى توغرا ئىدى.نىمىشقىدىنىدۇر تەستىقلىنىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىملاخاتالىقى ۋە تەھرىرىلەش خاتالىقى پەيدا بولۇپ قالدى .نىمە ئىشلىقىنى بىلمىدىم.باشقۇرغۇچىلار ياردەم قىلساڭلار.

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 05:20:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ...‹باي› نامى  ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە خېلى ئىزدىنىپسىز...ئەجىرىڭىزنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ-ئەلۋەتتە.مۇمكىن بولسا،سىز يوقۇردا سىتات ئالغان ۋە پايدىلانغان تەزكىرە  ..ماتىريالللىرىدىن باشقا  يەنە كەڭرەك دائىردە ماتىريال ۋە راۋايەت توپلاپ،تېخىمۇ چوڭقۇر ھەم تولۇق بولۇشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقسىڭىز......

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41260
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5284
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 4776 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-27 08:01:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىم ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخنى بىلىشى زۆرۈر

ئوغرى گۇمانخور، يالغانچى قەسەمچى كىلىدۇ.

تەن ساقلىق،زور ب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20458
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6966
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 1488 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 04:44:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇماقالىنى ئۇقۇپ بالىلىق دەۋىرلىرىمدە يازلىق تەتىل ۋاقتىدا بايغا بىرىپ تەلۋىچۇك دەرياسىغا سۇغا چۈشكىلى بارغان چاغلىرىم ئسىمگە كەپقالدى،دادام ئاكام ئككىمىزنى سۇغا چۇشكىلى ئاپىراتتى.

مىللەت قورالدا ئەمەس سۈكۈتتە قىرىلىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش