|
|
|
|
مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە
زامانىمىزدىكى قىيامەت
نىجات رۇزىمەممەت ( نۇرلان )
قالمىسا زىمىندا ئەگەر ئادالەت ،
ئۇيۇلسا تارىخقا ساختا ھەقىقەت ،
بولمىسا قەلىبتە ھېچبىر ھىدايەت ،
يۇقالسا زىمىندىن مىھرى-مۇھاببەت ،
رەزىللىك ئۈستىگە ياغسۇن قىيامەت .
مەلئۇنلار خارلىسا بۇ ئەزىز تەننى ،
نادانلىق قاپلىسا بۇ بۈيۈك ئەلنى ،
بالاڭمۇ خار قىلسا ئۆز ئانا تىلنى ،
ئايالدەك قىلىپ قويسا نەۋقىران ئەرنى،
شۇملۇقلار شەررىگە كەلسۇن قىيامەت .
ئەخلاقنىڭ ھۆرمىتى نۆلگە تەڭ بولسا ،
ئىمان ھەم ھايامۇ دىلدىن يۇقالسا ،
مەنپەئەت ئۇرۇشى قاتتىق يامىرىسا ،
كىشلەردە قىلچىلىك ھۆرمەت قالمىسا ،
ئىنسانلار قەلبىگە بەرسۇن قىيامەت .
نادانلىق زىمىندا سەل بولۇپ ئاقسا ،
ھورۇنلۇق ھەممىگە ياغ كەبى ياقسا ،
غەيۋەتلەر ھەممىنى توختىماي چاقسا ،
باتۇرلۇق بارچىدىن مەڭگۈلۈك تانسا ،
غەپلەتلەر يۈزىگە چاقسۇن قىيامەت .
كۆزلەردە ئۈمۈدلەر يوقالغان چاغدا ،
قورقۇنۇش قەلىبنى چىرمىغان چاغدا ،
ۋىجداننى ئالتۇنغا سېتىشقان چاغدا ،
باشقىغا ئورەكلەر قېزىشقان چاغدا ،
جاھالەت كۆزلەرنى كۆمسۇن قىيامەت .
ئىشرەتلەر بەزمىسى يەتسە پەلەككە ،
شەيتانلار ئارزۇسى ئاشسا تىلەككە ،
ئۆستەڭلەر ھەممىسى ئاقسا سەلەپكە ،
دوستۇڭنىڭ ئوقياسى تەگسە يۈرەككە ،
زۇلۇملار قوينىغا ئالسۇن قىيامەت .
‹‹ياشلىق›› دەپ شەيتاننىڭ يولىغا باقسا ،
‹‹قاشلىق›› دەپ پوقنىمۇ قېشىغا باسسا ،
‹‹شاشلىق››دەپ جېنىنى ھوشۇققا قاتسا ،
‹‹باشلىق›› دەپ يۈزىگە پۇتىنى ياقسا ،
ۋىجداننى قامچىغا باسسۇن قىيامەت .
ھەق سۆزلەر بىزلەردىن بولسا خىجالەت ،
قۇرقۇنۇش ئەل ئىچى تاپسا ئىناۋەت ،
ئىمانغا قەلىبلەر قىلسا خىيانەت ،
ئىنسانلار ئارسىغا ئۈنسە ئاداۋەت ،
ئىنساننى دوۋزاققا سۈرسۇن قىيامەت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mator تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 04:11 PM
|
|
|
|
|
|