سېغىنىش كۈيلىرى
(hamid)
دۈشەنبە،سەيشەنبە ئۆتىدۇ ھەپتە،
ئۆتمەكتەكۈنلىرىم شۇنداق بىھۇدە.
يۈرسەكمۇ بىزگەرچە يىراق-يىراقتا،
قەلبىمگە يەنىلا ئۆزۈڭسەن جۈرە.
سېغىنىش ئۆزى بەك تاتلىق بىر ئازاپ،
لىكىن مەن چىدالماي كۆتۈردۈم چۇقان.
شۇ سەۋەپ مەنىلىك ئۆتمەكتە ھايات،
شۇ گۈزەل ھاياتقا ھىجران بىر تۇمان.
گۈللەرنىڭ بەرگىدە شەبنەم تامچىسى،
كۆرسەڭچۇ، بەك گۈزەل بەخىتكە مىسال.
نە چارە، ئاھ يەنە كېلىدۇ ھىجران،،،
كەتكۈزەر شەبنەمنى قۇرۇتۇپ شامال...
سېنىڭمۇ مېنىڭدەك كەلدىمۇ كۆرگۈڭ،
مەن سەندىن، سەن مەندىن كەتكەندە يىراق.
نە قىلاي، مەن ئەمدى پۇشايمان قىلىپ،
يار قەدرىڭ ئۆتۈلدى كەلگندە پىراق...
سەۋداچە كۈتۈشلەر كەلتۈردى ئازاپ،
دەردىمنى بىلمەيسەن لىكىن سەن بىراق.
ۋە بەلكىم سەنمۇ ھەم سېغىنغاندۇرسەن،
يۈرەكنى ئۆرتىسە سېغىنىش پىراق...
مەنبە؛ئاددىي قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hamid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 02:27 PM