بىر كۈنى ئىزمىردە بىر سۆھبەتكە داھىل بۇلۇپ قالدىم ، مۇئەللىم بىزگە يىگىرمە تۆت سائەت مۇسۇلمان بۇلالىدۇقمۇ دىگەن تىمىدىكى بىر ھىكايىنى ئاڭلاتقاچ سۆھبەتنى باشلىغان ئىدى. ماڭاشۇنداق تەسىر قىلدى ، سۆھبەتتىن كىيىن مەن دەرھال مۇئەللىمدىن ئۇ ھىكايىنى ئاڭلاتقان ژۇرنالنى ئارىيەت بېرىشىن ئۈتۈندۈم ،ئاللا رازى بولسۇن ،مۇئەللىم خۇشاللىق بىلەن بەردى ، بۇ مەزمۇنلارنى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن سۇنماقتىمەن :
تىخى يىڭى مۇسۇلمان بۇلغان كىلاۋۇس دەيدۇ :« سىز ماڭا ،بىر مۇسۇلمان 24 سائەتنى قانداق ياشايدۇ، ئۆرنەك كۆرسىتىپ بەرسىڭىز. بولمىسا بىر سائەتتە ئىمانلىق باشقا بىر سائەتتە ئىمانسىز ياشايدىغان سەمىمىيەتسىزلىك ، خوشياقماسلىقنى قىلماڭ، سىڭدۈرەلمەيمەن! بۇ ماڭا ياراشمايدۇ ، بۇنداق قىلىش ،ساختىپەزلىك ، ئىككى يۈزلىكتۈر.»
گىرمانىيە بېرلىن ئونۋىرستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان كىلاۋۇس تىخى يىڭى مۇسۇلمان بولغانكەن ، شۇنداق بولغىنىغا قارىماي ئۇ ئىنتايىن قىزغىن ۋە ھاياجانغا تولغان ئىكەن. بىر كۈن مەسچىتتىكى مۇسۇلمانلاردىن شۇنداق بىر نەرسە تەلەپ قىپتۇ :« مىنىڭ 24 سائەت مۇسۇلمان بولغۇم بار ، قانداق قىلسام بۇلىدۇ ، ماڭا يول كۆرسەتسەڭلار » . جامائەت دەسلەپتە بىر ئاز چۈچۈپتۇ ، كىيىن ئۇنىڭدىن تەپسىلى ئاڭلىتىشىنى سوراپتىكەن كىلاۋۇس :« مەن مۇكەممەلىيەتچى بىر ئىنسان .ئەگەر بىر نەرسىگە ئىشەنسەم ، ئۇنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتىنى بىلىشنى ۋە شۇ بۇيىچە قىلىشنى ئويلايمەن .ئىسلامغا ئاشىق بولدۇم، چۈشەنگىنىمگە قارىغاندا ئىسلام ھاياتنىڭ ھەر قەدىمى ئۈچۈن شۇنداق گۈزەل يول كۆرسىتىپتۇ ،مەن بۇلانى ھامان ئۈگىنىشنى ۋە شۇ شەكىلدە ياشاشنى ئويلايمەن ،ھاياتىمنى ، ۋاقتىمنى، 24 سائەتىمنى كەيپىمچە ۋە مودىچىلانىڭ دىگىنى بۇيىچە ئەمەس ،دىننىڭ ئەمىر پەرمانى بۇيىچە ئۈتكۈزۈشنى ئويلايمەن. شۇڭا سىز ماڭا بىر مۇسۇلمان 24 سائەتىنى قانداق ئۈتكۈزىدۇ ،قىممەتكە ئىگە قىلدۇ ، ئۆرنەك بېرىپ كۆرسەتسىڭىز .مەنمۇ شۇنىڭغا قاراپ ئۈگەنسەم ،بولمىسا بىر سائەتتە ئىمانلىق، باشقا بىر سائەتتە ئىمانسىز ياشايدىغان سەمىمىيەتسىزلىك ، خوشياقماسلىقنى قىلماڭ، سىڭدۈرەلمەيمەن! بۇ ماڭا ياراشمايدۇ ، بۇنداق قىلىش ،ساختىپەزلىك ، ئىككى يۈزلۈكتۇر » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
جامائەتتىن بەزىلىرى كىتاپ بېرەيلى ئۇقۇپ ئۈگەن دەپ بىقىپتۇ ، ئەمما كىلاۋۇس:« مەن بەك ئالدىراقسان ئادەم ،ھامان، ھازىر يول كۆرسىتىشىڭىزنى سورايمەن ، ئىسلامچە ياشاشنى باشلىشىم كېرەك ،دەرھال 24 سائەت مۇسۇلمان بۇلۇشقا قاراپ قەدەم ئىلىشىم كېرەك . كىتاپتىن ئۈگىنىشكە ۋاقىت كىتىدۇ ، مەن بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈيىدە تۇرۇپ ئۈگىنىشنى خالايمەن، بىر ئاي ياكى بىر ھەپتە قالساممۇ مەيلى، مىھمان بۇلۇپ قالغان ئۆي ئىگىسىگە ھەققىنى بېرىمەن ، پەقەت مۇسۇلماننىڭ ئۈيىدە 24 سائەتنىڭ قانداق ئۈتكۈزدىغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئۈگەنمەكچىمەن» دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋاپتۇ .
بۇ تەلەپ قارىماققا ئاسان ، لىكىن ھۆددىدىن چىقماق ئىنتايىن تەس تەلەپكەن ،مەسچىتتىكى ھەممە ئادەم كىلاۋۇستۇن كۆزلىرىنى ئەپ قىچىپتۇ ، كىممۇ 24 سائەت ھەقىقى مۇسۇلمانلىقىنى ياشتالىدىم دىيشكە جۈرئەت قىلالىسۇن ؟
جامائەت ئىچىدە خىلى ھۆرمىتى بار ئادەمدىن جامائەت ئىلتىجا قىپتۇ :«سىزنىڭ ئۆيىڭىز ھەم كەڭرى ھەم ئىلىملىك كىشىسىز، بۇ يىگىتنى سىز ئەپ قالسىڭىز بەكرەك ئۇيغۇنمىكىن .» ئادەم ھامان رەت قىپتۇ .دەپتۇكى :«بىر ئاي ،ئىككى ئاي قالدىغانغا ئۆيىم پىدا بولسۇن . ئەمما 24 سائەت مۇسۇلمانلىق قانداق بۇلىدۇ ؟قانداق ئۈگىتىمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بالىلارنى بىلىسىلەر ، بىر ھەپتىدىن كىيىن بۇ يىگىتنىمۇ يولدىن چىقىرۋىتىدۇ ...» بۇ ئاچچىق ھەقىقەت مەسچىتتىكى ھەممە ئادەم قورققان ئىشكەن.بۇ ئېغىر يۈكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىدىن قورقىدىكەن. دىمىسۇ ھەقلىقكەن ، چۈنكى شۇ ۋاقىتقىچە ھىچكىم 24 سائەت مۇسۇلمانلىق قانداق بۇلىدۇ دەپ ئويلاپمۇ ، چۈشەپمۇ باقماپتىكەن . تاماق يىيىشنىڭمۇ ، خالاغا بېرىشنىڭمۇ ، ئۇخلاشنىڭمۇ مۇسۇلمالغىنى بارمۇ ؟ ئەلۋەتتە بار ، بۇنۇ قىلالىدۇقمۇ ؟...ئاخىردا ھىچكىم ئۇنى ئۈيىدە ئىلىپ قالالماپتۇ .كىيىن جامائەت كىلاۋۇسنى ئۇدۇل جامائەتنىڭ ئوقۇغۇچىلا ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپتۇ . ۋە ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا :« دىققەت قىلىڭلا ، بىر ھەپتە ئۆزۈڭلارنى بىلىپ يۈرۈڭلار، نامازنى ۋاقتىدا قىلىڭلار ، ئەدەپ ئەخلاقلىق بۇلۇڭلار ، يۈزۈمۈزنى قارا قىلماڭلار » دەپ تەنبىھ بېرىپ قايتىپتۇ .
* («جامائەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈيى » دىگەنلىك تۈركىيەدە دىنى كىشىلار ھەرخىل نامدىكى تەشكىلاتلارنى قۇرىدۇ ۋە باي كىشىلەردىن خالىسانە پۇل توپلاپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتاق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆي ئىجارە ئىلىپ بېرىدۇ ، بايلارغا نىسبەتەن بۇ زاكات بېرىش بۇلىدۇ، ئاللا رازىلىقى ئۈچۈن قىلغان خەيىر ئىكسان ھىساپلىندۇ . ئوقۇغۇچىلار توك سۇ پۇلى، يىمەك-ئىچمەك دىگەندەكلەرنى تۆلەپ بۇ ئۆيلەردە قالىدۇ، بەزىدە بۇ تەشلىلات ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ . ھەممە جامائەت ئۆيلىرىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق قائىدىلىرى بۇلىدۇ . ئۆيگە ۋەقتىدا قايتىش ، نوۋەت بىلەن تازىلىق قىلىش، تاماق قىلىش، ھاراق ئىچمەسلىك ،ھارام نەرسىلەرگە يىقىنلاشماسلىق،ناماز ئۇقۇش ، ئۆيگە يات جىنىسلىقلارنى ئەكىرمەسلىك ...دىگەندەك.ھەر ئۆيدە بىردىن ئوقۇغۇچىلاردىن تاللانغان باشقۇرغۇچى بۇلىدۇ، بۇ قائىدىلەرگە بوي سۇندىمۇ سۇنمىدىمۇ كۆزىتىپ تۇرىدۇ ، بوي سۇنمىغانلار ئۆيدىن چىقىرۋىتىلدۇ .)
ئىسلام بىر ھايات تارزىدۇر. ئىچىمىز ، تىشىمىز ۋە رەنگىمىزنى بۇيار .باشقا رەڭگە ئىھتىياچ تۇيماس .ھەر دەقىقىمىز ئۈچۈن يول كۆستەر .يىگەن ،ئىچكەن،كۈلگەن ، پاراڭلاشقان ،ئۇخلىغان ، ئۇيغانغان،تەرەت قىلغان ،ئىشلىگەن،ئېرىشكەن، يۇقاتقان،توي قىلغان ،ئۇرۇشقان ،ئۇگەنگەن ۋە ئۆلگەن ۋاقىتتىمۇ ھەم...
ھىكايە ھەممىمىزنى ئويغا سالىدۇ.بىز 24 سائەتىمىزنى مۇسۇلماندەك ئۈتكۈزەلىدۇقمۇ؟ ئەسلىدە شۇنداق ئۈتكۈزىشىمىز كېرەكتى ئەمما ھىچقايسىمىز قىلالمىدۇق. ئىسلامنىڭ پەرزلەرى :1. كەلمى شاھادەت كەلتۈرمەك.2. ناماز قىلماق ،3. روزا تۇتماق 4. زاكات بەرمەك 5. قۇربىتى يەتكەنلەر ھاياتىدا بىر قىتىم ھەج قىلماق . پەقەت مۇشۇلارنى قىلالىساقلا مۇسۇلمان بولغان بولىمىزمۇ؟ قۇرئانى كەرىمدە دىيىلگىنى بۇيىچە ، پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۈننىتى بۇيىچە ياشىساق ئاندىن ھەق دادىغا يەتكۈزەلەيمىز ، ئىسلامنى پۈتۈن ياشىغان بۇلىمىز. بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەدىسلەر كەڭ تارالمىدى ياكى بەزىلەرى خاتا تارقىتىلدى ، شۇڭلاشقا ئىسلامغا بولغان چۈشەنچىمىزمۇ يۈزەكى قالدى ،سۈننەت ۋە پەرىزلەر ئىنىق ئايرىلمىدى.نەتىجىدە ھازىر بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئوتتۇرلۇقتا تىڭىرقاپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بەزى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلدىغان بۆلۈنمە كەيپىياتى كۆرۈندى. بۇلۇپمۇ خانىم قىزلاردا ناھايىتى روشەن ئىپادىلەندى . ياغلىق ئارتىپ ئورۇنۇپ يۈرگەنلەر ۋە ئورۇنمايدىغانلار ئىككى دۇنيا بۇلۇپ بۈلۈنۇپ كەتتى ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش شەكىللىنىشكە باشلىدى.(ئەگەر سىز بار يەردە بۇنداق ئىشلار بولسمىسا تىخى ياخشى ، بۇنداق ئىش يوق دەپ سەكرەپ چۈشۈپ قايناپ كەتمەڭ ، قۇبۇل قىلىشنى خالىمىساقمۇ بۇ ئاچچىق ھەقىقەت بەزى يەرلەردە بار.) ئورۇنۇپ يۈرگەنلەر ئورۇنۇپ يۈرگەنلەر بىلەن دوست بۇلدىغان، ئۇچۇق كىيىندىغانلار ئۇچۇقلار بىلەن باردى كەلدى قىلدىغان بۇلدى .
سىڭلىم شاڭخەي خۇۋادۇڭ پىداگوگىكا ئونۋىرستىتىدا ئوقۇيتتى، بىر كۈنى ماڭا مەكتىپىدىكى ئورۇنۇپ يۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىللىلا يۈرىدىغانلىقىنى ، باشقا ئۇچۇق كىيىندىغان قىزلار بىلان ھىچ ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ھەتتا يولدا ساللاممۇ قىلمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، يۈرۈگۈم ئاچچىق ئىچىشىپ كەتتى .سالام بېرىش بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماندىكى ھەققى،ئۇ دۇنيادا باشقا گۇناھلار كەچۈرۈلسىمۇ ،ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلگەن گۇناھ ۋە قۇل ھەققى ھىچ كۈچۈرۈلمەيدىكەن . بىر بەندىنىڭ يەنە بىر بەندىدە ھەققى بولسا تاكى شۇ ھەقنى قايتۇرمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيدىكەن ، شۇڭا ئۈلۈش ئالدىدا ھەممە ئادەم بىر بىرىدىن رازىلىق ئىلىشىدۇ ، يىڭنە بولسىمۇ كىشنىنىڭ ھەققى قالمىسۇن دەپ ھەتتا قوشنىلاغا يىڭنە تارقىتىلدۇ .شۇڭا قارشى تەرەپ سالام قايتۇرمىسىمۇ سالام بېرىش كېرەك ئىسلامدا.باشقىلارغا كۈلۈمسىرەش ،خۇشچىراي بۇلۇش ، ئىللىق مۇئامىلىدە بۇلۇش،سەمىمى بۇلۇش ،كەمتەر بۇلۇش سۈننەت ...ياغلىقنى ئارتىۋالغان بىلەنلا مۇسۇلمان بولغان بولمايدۇ قېرىنداشلار .ياغلىقنى ئارتىۋىلىپ ناماز قىلمايدىغان، روزا تۇتمايدىغان ،ناچاز گەپ سۆزلەرنى قىلدىغانلار بار ،ياكى پەقەت باشقىلارغا «چىرايلىق» كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا ، كۆز بۇياپ ئورۇنۋالغان « شەنجەيبەن» مۇسۇلمانلار بار ، ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنۋالغان ، قۇتراتقۇ خىرىستىيانلار بار ...ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى ھەر يەردە بار ، شۇڭا شەكلىگە قاراپلا ئەمەس ، ئەمىلى ئىش ھەرىكىتى ،گەپ سۆزىگە قاراپ مۇسۇلمانلىققا ئۆرنەك قىلىش كېرەك .ھە توغرا،بۇ ئارىلىقتا سىڭلىمنىڭ يەنە بىر گىپى ئىسىمگە كەلدى ، ئەرەپلەرمۇ يەيدىكەن دەپ ، نەدىكى بىر ئاشخانىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن تاماق يىگىنىنى دىگەندە ئاچچىغىمدا يېرىلىپ كىتەيلا دىگەنتىم، ئەرەپ دىگەنلىك مۇسۇلمان دىگەنلىك ئەمەس .قانداق بۇلۇپ بۇ ئىككى ئۇقۇم تەڭ بۇلۇپ قالدى ؟ خۇددى مۇسۇلمان دىسە غەيرى مۇسۇلمانلار تېرورىست دەپ بىلگەنگە ئوخشاش ئىشتە . ئۆزىمىزنىڭ كاللىمىز بىلەن ئويلىشىمىز كېرەك ،خەق قىپتۇ دەپ قىماسلىق ،ئەمەس نەرسە يىسە ئەگىشىپ يىمەسلىك كېرەك .كونىلار «مۇللامنىڭ دىگىنىنى قىل ، قىلغىنىنى قىلما » دەپ توغرا ئېيتقان . توغرا دەپ بىلگەن ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك . ھەممە نەرسىگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىشىمىز كېرەك .تەپەككۈرى بار ئادەم بىز ،شامال چىققان يۈنىلىشكە قاراپ لىڭشىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك.ھەقىقى ئىسلام بۇيىچە ياشىغانلار قېرىنداشلىرىغا چىڭ يىپىشىشى ، ئىسلامدىكى قېرىداشلىقنىڭ ،مىھىر مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى بىربىرىگە يەتكۈزىشى ،ھەقىقى ياردەمدە بۇلىشى كېرەك ،ئازغۇنغا يول كۆرسىتىشى، ئۆز قاتارىغا ئىلىشى كېرەك ،ياكى تىخمۇ ناچار يولغا كېرىپ ،گۇنالارغا پىتىپ قىلىشىنى تۇسۇشى كېرەك.بۇلار بىر مۇسۇلماننىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى ، ساۋاپلىق ئىشلار . بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتىدا ئوقۇۋاتقاندا بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ئورۇنۇپ يۈرىدىغان قىزلار بار ئىدى . مەن ئۇرۇنمايمەن ئەمما ئۇ قىزلار بىلەنمۇ ئالاقەم شۇنداق ياخشى ئىدى، ھازىرغىچە ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز ، گەپ سۆزلىرى ،پىكىرلىرى شۇنداق ئۇچۇق ،ئىلمى ھەم دىنى، نىمە دىگەن گۈزەل ! ھەقىقى مۇسۇلمانلىق قەۋمنى بىر ئارىغا ئەكىلدۇ ، ھەرگىز ئايرىمايدۇ . بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىر ئۇيۇشقان قەۋم بۇلۇشقا جىددى ئىھتىياجى بار .بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مىللى قېرىداشلىرىمىزنى باغرىمىزغا تارتىشىمىز كېرەك ،قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچاق ئىچىشىمىز ، چىڭ يىپىشىشىمىزكېرەك ، شەكلى بولمىسا ،ئىدىيەسى بولسىمۇ مۇسۇلمان بۇلىشى كېرەك . ئىدىيە ئاستا ئاستا ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ئەمەسمۇ !ھەتتا كاپىر بولسىمۇ ئۇيغۇرلا بولسا ئۇنى ئۆزىمىزگە تارتىشىمىز كېرەك ، ئەگەر ئۇ قېرىندىشىمىزنىمۇ مۇسۇلمانلىق يۇلىغا يىتەكلىيەلىسەك ساۋاپ ئەمەسمۇ ! ۋابادىن قاچقاندەك ،ئۇچۇق ئىتىق دەپ بىر بىرىمىزدىن يىراقلىشىش ۋە مۇسۇلمانلىققا باھا بېرىش ھەقىقى مۇسۇلمانلارغا مۇناسىپ ئەمەس. نىيەتلەرنى بىلگۈچى بىر قادىر ئاللاھ ،پەقەت ئاللاھلا بىزگە باھا بېرىدۇ ،بەندىنىڭ بەندىنى باھالاشقا ھەققى يوق. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ :« دۇنيادا پەقەت بىر ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ دىسە ئۇ مەنمۇ دەپ خۇشال بۇلىمەن ، دۇنيادا پەقەت بىر ئادەم جەھەننەمگە كىردۇ دىسە ئۇ مەنمۇ ئەجەبا دەپ قورقىمەن.» دەپتكەن ھەدىسلەردە. بىر ئۈمۈر ئىبادەت قىلىپمۇ جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلار بارمىش. ئاللا دۇئالىرىمىزنى ئىبادەتلىرىمىنى قۇبۇل بولغۇچىلاردىن قىلسۇن ئىنشائاللاھ. كۆڭلىمىزدە نىمە ئويلىغىنىمىزنى بەندىدىن يۇشۇرغان بىلەن ئاللاھتىن يۇشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ھەممىگە قادىر ئاللاھ قىلغان ھەر بىرى ئەمىلىمىزنى بىلىپ ، كۆرۈپ تۇرىدۇ . ھەر ئىشنىڭ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھدۇر.
توردا بەزىدە بەزى جەمىئەت ھادىسىلىرىگە ،بەزى ئەسەرلەرگە بولغان ئننكاسلارنى كۆرۈپ قالىمەن ، ئىچىمنى ئاچچىق ئىچىشتۈردىغىنى ، ناچار ياكى ئىسلامغا يات دەپ بىلگەن ھادىسىلەرنى،كىشىلەرنى «ئاللاھ بۇ قېىرىداشلىرىمىزغا ھىدايەت بەرسۇن ،توغرا يول كۆرسەتسۇن » دەپ دۇئا قىلىشنىڭ ئورنىغا ،ئاغزىغا كەلگەن ئەپسانە تىللار بىلەن تىللاپ كەتكەن قېرىنداشلار،ھاي-ھاي ئۆپكىمىزنى بىسۋالايلى !دەۋالدىم ، قىۋالدىم دىگەن بىلەن سورىقى بار جاھان بۇ !شۇ ئەۋرەز قۇدۇقىدىن چىققان پاقىدەك مەينەت، ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن باشقىلارنى ھاقارەتلىگەن قېرىداشلار، شۇ ئىشلارنى قىلغانلار بىلەن بىر پەرقىمىز قالدىمۇ ؟ بۇنداق تىل ھاقارەتلەرنى ئىشلىتىشن سۈننەتكە يات ، شۇنداقكەن ئىنكاس ئارقىلىق باشقىلارنى ھاقارەتلەپ كۈڭلىنى ئاغرىتىش گۇناھ ئەمەسمۇ؟! پەيغەمبەرىمىز باشقىلارنىڭ ئىسلام نىمە دىگەن سۇئالىغا «ئىسلام گۈزەل ئەخلاقتۇر» دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن. ئىسلامنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ باشقىلارنى تىللاش ، ھاقارەتلەش ئەخلاقسىزلىق،دىندىن چەتنىگەنلىك!
بىر ھەقىقى مۇسۇلمان سەبىرلىك بۇلۇش كېرەك ، بىر ئىشنى كۆرۈپلا ، بىر گەپنى ئاڭلاپلا چۈچۈتۈلگەن ياغقا تاشلانغان پىيازدەك پىژىلداپ كەتسەك قالماشمايدۇ .بولمىسا ئەكسىچە ئۆزىمىز كۈيۈپ ،قارىداپ كىتىدىغان گەپ! ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلگەن ئادەم 24 سائەت مۇسۇلماندەك ياشاشقا تىرىشىش كېرەك . ھەر ۋاقىت ھەر يەردە ئۆزىنى يوقاتماسلىقى كېرەك .بولمىسا « سەللىسى چوڭ ئىمانى يوق ، داستىخىنى چوڭ بىر نان يوق» دىگەندەك ئۆزىمىز كۈلكىگە قالىدىغان گەپ ،رەسۋا بۇلدىغان گەپ .
بىلدىغىنىمىز بىر ھەقىقەت ، ئىسلام بىر ھايات تارزىدۇر. ئىچىمىز ، تىشىمىز ۋە رەنگىمىزنى بۇيار .باشقا رەڭگە ئىھتىياچ تۇيماس .ھەر دەقىقىمىز ئۈچۈن يول كۆستەر .يىگەن ،ئىچكەن،كۈلگەن،پاراڭلاشقان ،ئۇخلىغان، ئۇيغانغان،تەرەت قىلغان ،ئىشلىگەن،ئېرىشكەن، يۇقاتقان،توي قىلغان ،ئۇرۇشقان ،ئۇگەنگەن ۋە ئۆلگەن ۋاقىتتىمۇ ھەم... ...
ھەر تىمىدا ئىسلامنىڭ دىگۈدەك گىپى ،كۆرسەتكۈدەك يۇلى بار. بىر ھىكايە ئىسىمگە كىلىپ قالدى : بىر كىشى بىر دىندار ئۆلىمانىڭ يىنىغا كىلىپ سوراپتۇ « قۇرئاندا ھەممە نەرسىگە جاۋاپ تىپىلدۇ دەيسەن ، ئۇنداقتا سائەتىم بۇزۇلۇپ قالدى، قۇرئاندا نىمە قىلىش ھەققىدە بىر كۆرسەتمە بارمۇ ؟» ئۆلىما ھامان قۇرئاننى ۋاراقلارپ قاراپتۇدە ، شۇ جاۋاپنى بېرىپتۇ .« ھە ئە ، جاۋابى باركەن، (ھەرئىشنى ئەھلى قىلسۇن ) دەپتۇ، شۇڭا سەن سائىتىڭنى رىمۇنتچىنىڭ يىنىغا ئاپارغىن.»
ئىسلام تامامەن ھاياتىمىىزنىڭ ئىچىندەدۇر.تىرىلدۈردىغان نەپەسلىرى بىلەن ھاياتنىڭ ھاياتىدۇر. ھەتتا ھاياتنىڭ ئۆزىدۇر.ئەبەدى سولماس ، قىممىتى چۈشمەس ،مودىسى يوقىماس،ئورنىغا باشقا ھىچ بىر نەرسە توغرا كەلمەس ، كىلەلمەس .
مۇسۇلمان پۈتۈن ئۈمرىنى بىر كۈن دەپ بىلۇر. ئۇ كۈن ئەتىگەن ساباھ تۇغۇلۇش ئەزانى بىلەن باشلار؛كەچتە جىنازا ئەزانى بىلەن ئاخىرلىشار.بۇ جەرياندىكى ھەممە نەرسە ئىبادەتتۇر. شەخسى ، ئىجتىمائى، بەدەنى،روھى،بولغان ھەر نەرسە ئاللاھقا قۇللۇق مەنىسىندە كىلۇر. مۇشۇنداق بولغاندا مۇسۇلماننىڭ ئىلىپ چىقارغان ھەر نەپىسى قۇللۇق يولىدىكى بىر قەدەمدۇر.
مۇشۇ شەكىلدە ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئىگىمىز بىلەن ئىنسان ئارىسىدا مۇستەھكەم ۋە ئىللىق بىر ئالاقە قۇرۇلۇر ،ئىنساننى ئىنسان قىلار،ئىنسانلار ئارا باغ قۇرۇلۇر، ئىنسان ئارىسىدىكى بۇ باغ بۇزۇلسا ،ئىنسان پۇشمانلىق تۇيۇر ، تۆۋبە قىلۇر؛ بۇنى چۈشەنگەن مۇسۇلمان ئاللاھنى ئەسلەشتىن خىجىل بۇلۇر ، چۈنكى ھەر ئەسلىمەك بىر ئۇنۇتۇشتىن كىيىن بۇلىدىغىنىنى بىلۇر.
مۇسۇلماننىڭ كىچىسىمۇ يورۇقتۇر،ئەتىگەن باشلار ئەتىگەن تۈگىتەر؛ۋۇجۇدۇغا ئەڭ ئۇيغۇن زاماندا ئارام ئالۇر،بەدەنىنىڭ پائالىيەتكە ھازىرلانغان ۋاقتىدا جانلىق تۇرۇر؛ تەھەججۇد كىچىنىڭ نۇرىدۇر؛قۇرئان بولسا ھۇزۇرى...
مۇسۇلمان« كىچىسى ياتماس، ئەتىگىنى قوپماس» بولماس؛ چۈشلۈك يېرىم سائەتلىك ئۇيقۇ بىلەن كىچىنىڭ ئىككى سائەتلىك ئۇيقۇسىنى تولدۇرۇر. (پەيغەمبەرىمىز ھەركۈنى ئەتىگەن سائەت 3 ،3يېرىم ئەتراپىدا تۇرۇپ تەھەججۇت نامىزى قىلدىكەن، چۈشتە يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاپ ئارام ئالىدىكەن . شۇڭا بۇمۇ مۇسۇلمانلارغا بىر سۇننەتكەن، ھەقىقەتەنمۇ چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئارام ئىلىپ ئاندىن ئىشنى باشلىغاندا ، ئادەم شۇنداق جانلىق ، روھلۇق ھىس قىلدىكەن ، ئىشەنمىسڭىز سىناپ بېقىڭ !) ئارام ئىلىشىمۇ دىندۇر...مۇسۇلماننىڭ دىن تىشىدا ھىچ بىر مىنۇتى يوقتۇر، چۈنكى ھەر گۈزەللىك دىندىندۇر.
مۇسۇلماننىڭ كىچىسىمۇ يورۇقتۇر.تەھەججۇت بىلەن بىر كۈننى باشلار.پۈتۈنلەي ئۆزىگە خاس ،ئايرىم بىر ۋاقىت شەكلىدا كىچىنىنى جانلاندۇرۇر، قارانغۇلۇقتىن قۇتقۇزۇر. « ناماز ئۇيقۇدىن خەيىرلىكتۇر» ، ھەقىقەت شۇ زاماندا ئەمەلگە ئاشار. ئويغانغان كىشى ،ئۇيقۇدىكى يولدىشىغا ، بالىلىرىغا مەرھەمەت قىلۇر، ئۇيغۇتۇر،شۇ سائەتتە كۈڭۈللەرنىڭ بىر بۇلىشى بىر باشقا ھوزوردۇر.شۇنداق قىلىپ كىچىنىڭ غەپلىتىدىن قۇتۇلۇر.
شۇڭا ، ئىسلام ھاكىم بولغان ئالەمدە 24سائەت مۇسۇلمان بۇلۇش يىگانە يولدۇر ، بىلىق سۇغا ئىھتىياجلىق بولغىنىدەك ، مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ ئاتمۇسفىرا ئوخشاش مەنا بېرەر. مۇسۇلمان بولمىغانلارمۇ بۇ ھوزۇر ۋە خاتىرجەملىكتىن پايدىلىنۇر،خۇشاللىققا ئېرىشەر.
* ئەسەرنىڭ بىشى ۋە ئاخىردىكى ئىسلامغا ئائىت مەزمۇنلار ،تۇركىيەدىكى «گۈلىستان» ژۇرنىلىنىڭ 144 سانىدىكى « يىگىرمە تۆت سائەت مۇسۇلمان بۇلالدىڭىزمۇ» دىگەن ئەسەردىن ئىلىندى ،ئاپتورى ۋەھپى ۋاككائوغلۇ. قېرىداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا يىقىن بۇلۇشى ، تىخىمۇ تەسىر قىلىشى ئۈچۈن بەزى مەزمۇنلارنى ،ۋەقەلىكلەرنى پېقىر قەلەم ئىگىسى قۇشتى ، پۈتۈن تەرجىمە ياكى پۈتۈن ئىجادى ئەسەر ئەمەس، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kiroran1019 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 03:18 AM