( )
مەن سېنى سۆيدۈم گۈلۈم بىل سۆزۈم يالغان ئەمەس،
سەندىن بۆلەك قىز ئۈچۈن كۆزۈمگە ياش ئالغان ئەمەس.
مەن سېنى كۈتتۈم ئۇزاق يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ،
يولۇڭدىن تالدى پۇتۇم لېكىن كۆزۈم تالغان ئەمەس.
مەن سېنى سۆيۈپ گۈلۈم ئاشىق ئوت بوپ ئاتالدىم،
ئىلگىرى ھېچبىر جانان بۇنداق ئوتنى سالغان ئەمەس.
غېرىپ پەرھاتلار بىلەن ئاشىق يولىدا بىرگە مەن،
بەيگىدىن چىقتىم ئۈزۈپ ئارقىدا قالغان ئەمەس.
مەن سېنى سۆيدۈم گۈلۈم سېغىنىش ئوتىدا مەن،
مەيلى كۆيسەم يار ئۈچۈن ئوتۇڭدىن ھېچ تانغان ئەمەس.
بۇ ئاشىقلىق يولىدا دەردۇ بالا كۆپ ئىكەن،
يەكمۇيەك چۈشتۈم بەلاغا ھېچ ۋاقىت يانغان ئەمەس.
مەن سېنى سۆيدۈم گۈلۈم سۆرىتىڭگە قارايمەن،
كۆزۈم قاندىيۇ لېكىن كۆڭلۈم ھېچ قانغان ئەمەس.
ئاشىقلار كوچىسىدا قەدەم ئىزىم كۆپەيدى،
ئاشىق بولۇپ مەن ھېچبىر ئاشىقتىن چانغان ئەمەس.
مەن سېنى سۆيدۈم گۈلۈم سۆيگۈمنى ھېس قىلىپ سۆي،
تاشنى تاياققا ھېچقاچان مەجبۇرى تاڭغان ئەمەس.
ھالسىرىسام ئاشىقلىق يولىدا ئىمىلەكلەپ ماڭارىمەن،
ھېچبىر ئاشىق بۇ يولدا مەن كەبى ماڭغان ئەمەس.
....................................................................
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
ئۇشبۇ شېئىر 3يىللىق (ۋاپاسىز)ئاشىقىم ئۈچۈن مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىندى.
مەن شۇنچە ئويلۇنۇپ ماس كەلگۈدەك ماۋزۇ قويالمىدىم ,سىلەر قويۇپ بېقىڭلارچۇ؟
شېئىردا ماسلاشمىغان جايلار بولسىا تەلىم بېرىڭلا.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ㄒαη┞┦á تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 02:03 AM