تور خەۋەرلىرى تەرجىمچىلگى ئىنتىرنىت تورى تەرەققىياتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى . تور -ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇش بىلەن بىرگە ،تارقىلىش سۈرئىتى تىز ،تارقىلىش دائىرسى كەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .
تور بەتلەردىكى ئاخبارات خەۋەرلىرى بىر تەرەپتىن كەڭ تور ئابونىتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋەزىپىلەردىن خەۋەردار قىلسا يەنە بىر تەرپتىن شۇ تور بەت ئابونىتلىرىنى مەزكۇر تور بەتكە جەلىپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ .
ئەگەر تور بەتلەردىكى مۇھىم خەۋەرلەر،مۇھىم تىمىلار ۋاقتىدا ،ئەستايىدىل تەرجىمە قىلىنمىسا بۇ شۇ تور بەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي ،تور ئابونىتلىرىدا خاتا چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈپ قويشى مۇمكىن.
كۆپ سانلىق تور بەتلىرىمىزدىكى خەۋەرلەر توغرا، ياخشى ،ھەقىقى ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ دىلىمىزنى سۆيۈندۈرسە يەنە بىر قىسىم تور بەتلىرىمىزدىكى بەزى ئەھۋاللار ۋاقتىدا تۈزۈتۈلمىسە بولمايدىكەن دىگەن تونۇشقا كلىپ قالدىم.
1.بەزى تور بەتلەردىكى خەۋەر تەرجىمىللىرىنىڭ خىتى زىيادە بەك كىچىك:
بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن ،شۇڭا بۇئەھۋاللارنىڭ ۋاقتىدا تۈزۈتىلشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2.تور بەت خەۋەرلىرىدىكى خەت ئارلىقىغا سەل قارالغان ،خەتلەر چىچىلىپ كەتكەن:
بۇ خىل ئەھۋال تور خەۋەرلىرىدىن توغرا ،ئىنىق،خەۋەردار بولشىمىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ،شۇڭا تور بەت خەۋەر تەھرىرلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ئەھۋالغا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
3.تەرجىمىدىكى ئۇدۇللا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋاللىرى:
بەزى دۆلەت ۋە رايۇنلار ،بەزى مۇھىم شەخىسلەر ئىسملىرى ئۇدۇللا خەنزۇچە تەرجىمە قىلىپ قالدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۈت.
مەسىلەن:missi -مىششى ، 主席-جۇشى دىگەندەك مەسىللەر خىلى كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ.مىنىڭچە بۇلار ۋاقتىدا تۈزۈتىلشى كىرەك.
بەزى شەخىسلەرنىڭ ئىسىملىرى ئالمىشىپ قالدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز-تولا سادىر بولۋاتىدۇ .بۇ تورنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تىز بولۇشتەك ئالاھىدىلگىگە نىسبەتەن دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان ھەم يول قويسا بولمايدىغان ئەھۋال.
مەسىلەن: