بەھرام گور پادىشاھلىقى5
شاھ بەھرام لەشكەرلىرىنى ۋە ئات-ئۇلاغلىرىنىئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن مەرۋەدە جاي تۇتۇپ بىرنەچچە كۈن ياتتى.گەرچە جەڭدە غالىب كېلىپ تىنىچلىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ داۋاملىق جەڭ قىلغۇسى كېلىپ بۇ ھەۋەس كۈنسىرى ئارتماقتا ئېدى.كۆڭلىنى بۇخارا زەۋقى تارتاتتى.بۇ يەر بىلەن ئامۇنىڭ ئارىلىقى بىرنەچچە كۈنلۈكلا يول بولۇپ ئۇ يەرگە بارسا ئاىشىمى بەزمە قىلىپ،كۈندۈزلىرى ئوۋغاچىقىپ قۇلان-كىيىكلەرنى ئوۋلاپ كۆڭۈللۈك ئۆتكەن بولار ئېدى.
ئارامئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شاھ بەھرام قوشۇنلىرىنى باشلاپ فاراب چۆلىگە قاراپ ئات سالدى.ئۇلار بۇ ئۇزاق مەنزىلدە قۇملۇق چۆلنى كىسىپ ئۆتتى.قۇياش غەربى ئۇپۇققا باش قويۇپ كۆك ئاسماننى ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزگەندە يەرۇ-زىمىن بەئەينى ياقۇت تون كىيگەندەك بولدى. لەشكەرلەر مىنگەن ئاتلار چۆلدە ئاسمان پەلەك چاڭ توزۇتۇپ قاناتلىرىنى يايغان قۇزغۇننى ئەسلەتتى.
شاھ بەھرامنىڭ لەشكەرلىرى تۈرك زىمىنى مايۇ مەرغگە قەدەم قويغاندا پۈتۈن يۇرت تېزلا ئۇنىڭ قولىغا ئۆتتى.ئۇلار جەڭدە يېڭىلگەن تۈرك لەشكەرلىرىنى يەكسان قىلىپ قوللىرىدىكى ئىران زىمىنىدىن تارتىۋالغان مال-مۈلۈكلىرىنى پۈتۈنلەي ياندۇرۇۋالدى.باشقامال-مۈلۈكلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى.
ئەتىسى تاڭ ئېتىپ يۇلتۇزلار ئۇيقىغا مەشغۇل بولغاندا كېچىلىك قىرغىندا ئامان قالغان ئاتا-ھەم ئوغۇل بىر-بىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى.تۈركتىكى جىمكى سەركەردە-سەردارلار،قېرى-ياشلار ۋە يەرلىك نامدارلار باشلىرى چۈشكەن، زار-زار يىغلاشقان ھالدا شاھ بەھرامنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ ئامانلىقتىلەشتى:
-ئەي ئۇلۇغشاھ،تەڭداشسىز شىر يۈرەك ئەزىمەت،بىز بىلىمىز سىلى پەھلىۋانلىق بابىدا يۈكسەك تەلەي ئېگىسى.گەرچە چىن خانى ئالدىلىرىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ مۇقەددەس زىمىنلىرىغا دەخلى-تەرۈز قىلغان،سىلىدەك بۈيۈك جاھاندارغا پۇت ئېتىشقا جۈرئەتقىلىپ سەۋدايىلارچە قىلىق قىلغان بولسىمۇ ئۇ بەرىبىر قىلمىشىغا لايىق جازاسىنى تارتىپتۇ.ئەمدى بىز ئالەم پاناھتىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمىزكى، گۇناھسىز پۇقرالارنىڭ قېنىنى تۆكمىگەيلا! بۇنداق قىلىش سىلىدەك ئۇلۇغ نامدارلارغا ماس كەلمەيدۇ.بىز ئەمدى سىلىگە تەۋە بولدۇق.تەۋەبولدۇق دېمەك پۇقرالىرىغا ئايلاندۇق دېگەن گەپ.شۇڭا بىزنىمۇ مېھىر-شەپقەتلىرىدىن مۇستەسنا قويمىغايلا.ئەگەر خالىسىلا سىلىگە ساداقىتىمىزنى بىلدۈرۈپ ھەر يىلى باج-سېلىق تاپشۇرايلى،ھۆكۈملىرىنى مۇقەددەس بىلىپ سىزغان سىزىقلىرىدىن چىقماسلىققا ئەھدە بېرەيلى. بارچە ئەر-ئاياللار سىلىگە بەندە بولۇپ خىزمەتلىرىدە بولايلى.شەپقەتلىرى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ھەققىلىرىدە دۇئا قىلىپ تەڭرىدىن ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلەيلى.شۇنداق تۇرۇپ بىزنىڭ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ قېنىنى تۆكمەك نېمە ئېھتىياج؟!
شاھ بەھرامنىڭ قەلبى شەپقەت سۈيىدە نەم بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھالىغا رەھىم قىلدى.قان تۆكۈشتىن قولىنى تارتىپ تەڭرىشۇناسلىقنىڭ شەپقەت يولىنى تۇتتى.شاھنىڭ كۆڭلى مېھىرگە پەيۋەند بولغان بولغاچقا ئاراملىق ۋە ئەندىشە ئۇنى بەند قىلىۋالدى.بۇ ئۆلكىنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇش ھېسابىغا ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ پۇقرالاردىن يىغىلغان زور بىرتۈركۈم دىرھەملەرنى قوبۇل قىلىپ ئالدى.
كېيىنشاھ چېھرىدە تەبەسسۈم،لېۋىدە كۈلكە ئوينىغان ھالدا فاراب شەھىرىگە قايتىپ كەتتى.بۇ يەرنى مەنزىلگاھ قىلىپ بىر ھەپتە ئارام ئالدى.ھەپتىدىن كېيىن چىننىڭ ئۇلۇغلىرىنى دەۋەت قىلىپ ۋە ناھايىتى كۆپ بايلىق سەرىپ ئېتىپ چىن بىلەن ئېراننىڭ چېگرىلىنىدىغان يېرىگە تاش بىلەن ئىگىز ۋە ئۇزۇن بىر سېپىل سالدۇردى.شۇندىن كېيىن تۇراندىن ياكى خەلەجدىن كىم بۇ يەرگە كەلسە شاھتىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ ئىران تۇپرىقىغا قەدەم قويالماس بولدى.بۇ سېپىل ئەبىدىل-ئەبەد جەيھۇندەك ھەيۋەت بىلەن تۇرۇپ ئىراننىڭ تىنىچلىقى ۋە ئەمىنلىكىگە زور تۆھپە قوشتى.
تۇران لەشكەرلىرى ئىچىدە شەمر ئاتلىق بىر نامدار پالۋان بار ئېدى.شاھ بەھرامنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ تۇرانلىقلارغا شاھ بولۇپ كۈمۈش تەختكە ئولتۇردى.قۇياش بىلەن ئاي ئۇنىڭ تەختى بىلەن تاجىنى بېزەپ سەلتەنەت نۇرلىرىغا بەخت نۇرلىرىنى قوشتى.تۇران خەلقى قوللىرىنى ئېچىپ ئۇنىڭ ھەققىدە تەشەككۈر ۋە بەخت دۇئالىرىنى قىلىشىپ بېشىغا تىللادىن تاج كىيدۈردى.ئۇ ئادىللىق بىلەن يۇرت سورىغاچقا بارچە ئەل ئۇندىن رازى ۋەشاد بولدى.
داۋامى ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 12:25 AM