|
|
|
|
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى ئۇنۋېرسال سەنئەت قانىلىنىڭ ‹‹ئېكران››پىروگراممىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتىكى 18 –سانى بۇرۇنقى سانلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە ئىشلەنگەن ماتېريالچانلىقى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچى زور بولغان بىر سان بولدى.ئۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ ئالاھىدە ساندا جۇڭگۇنىڭ چامباشچىلىق مەزمۇن قىلىنغان ھەركەتلىك فىلىملىرىدە باش روللارنى ئېلىپ شۆھرەت قازانغان داڭلىق چولپانلاردىن لى شاۋلۇڭ(李小龙)،چېڭ لۇڭ(成龙)،لى لىيەنجىيې(李连杰)،جېن زىدەن(甄子丹)قاتارلىق تۆت گىگانىت چولپاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى، كىنوچىلىق ھاياتى،قازانغان مۇۋەپىقىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلۇپلا قالماي ئۇلار رول ئالغان داڭلىق فىلىملەردىن بىر ئىككىسىدىكى نادىر مۇشلاش كۆرنۈشلىرىدىن ئارىيەلەر كۆرسۈتۈلگەن。 مەيلى بۇ چولپانلارنىڭ ھاياتىغا قىزىقىدىغانلار بولسۇن،مەيلى ئۇلارنىڭ كىنولىرىغا قىزىقىدىغانلار بولسۇن،مەيلى داڭلىق كىنولاردىن ھوزۇرلىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن قىممەتلىك ئۇنۋېرسال ماتېرياللىق قىممىتى بار ئىكەن.شۇڭا قىممەتلىك مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.تېمىدا ئېنىق بار،مەن بۇنى توردىكى ماتېريال بولۇپ قالسۇن، ۋاقتىدا كۆرەلمەي قالغانلار كۆرۈۋالسۇن،تلىۋىزۇردىكىدەك بىر ئىككى قېتىملا قويۇلۇپ يوقاپ كەتمەي مۇنبەرداشلار داۋاملىق خالىغان چېغىدا كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ئالايىتەن تېلىۋىزۇردىن كۆچۈرۈۋېلىپ تورغا يوللۇدۇم.شۇڭا كۆرۈپ بولۇپ جىممىدە چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ.قانداقتۇ ئاخشام كۆرۈپ بولغان،تېلىۋىزۇر بىلەن خوشۇم يوق،دېگەندەك ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك ئىنكاسلارنى يازمىساڭلار،مېنىڭ خالىسانە ئەجرىمگە سوغاق سۇ سەپمىسەڭلار دېمەكچىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-25 11:40 PM
|
|
|
|
|
|