مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3433|ئىنكاس: 27

ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىگە ئوچۇق خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:15:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھەر دەرىجىلىك ۋەكىللەر:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسىي كىڭەش 11-نۆۋەتلىك يىغىنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق سارىيدا رەسمىي باشلاندى.
مەنمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن تىرتورىيسىدە ياشاۋاتقان بىر پۇقرا بولۇش سالاھىيتىم بىلەن يىغىن مەزمۇنىغا ۋە ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە يىقىندىن دىققەت قىلدىم .
مۇخبىرىمىز ۋەكىللەرنى زىيارەت قىلغاندا بىزنىڭ بىر قىسىم خەلق ۋەكىللىرىمىز يىللاردىن بۇيان تەكىتلەپ كىلۋاتقان يەرلىكتە بەزى مالىيە مەسلىسى تۈپەيلى يولغا قويلىشى ئاستا بولۋاتقان بىر قىسىم كونا تەكلىپ پىكىرلەرنى ئىلىپ كەلگەنلىگىنى زوق شوغ بىلەن سۆزلەپ كەتتى.(قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش،قوش تىل ئوقۇتقۇچىللىرى يىتىشمەسلىك دىگەندەك پىكىرلەر)
بىر قىسىم ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە دىققەت قىلساق .ئۇلار ئالدىراشلىقتا تەپسىلى چۈشەندۈرۈشكە ئۈلگۈرمىدىمۇ ؟ياكى مىنىڭ نەزىريىۋى ئىڭىم تۆۋەنمۇ؟بىرىلگەن تەكلىپ پىكىرلەر يۈزەكى ھىس قىلدىم.
پارتىيە مەركىزى كومتىتى 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىينىڭ روھىنى ئۈگۈنۈش ،ئەمىللەشتۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى،ھەممىمىز دىگۈدەك بۇ قىتىمقى نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە روھى ماھىيتىنى ئازدۇر كۆپتۇر ھىس قىلدۇق.
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى «قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش،ئەمەلىي ئىشلەش ،چىرىكلىششكە ،كۆز بويامچىلىققا قارشى تۇرۇش،خەلقنى ھەقىقى رازى قىلىش،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنىڭ سىجىل ئىششىغا كاپالەتلىك قىلىش» .
2020-يىلغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى كۆرەش نىشانىمىز .
دىمەك ،دۆلىتىمىزنى ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا 7يىل ۋاقىت قالدى دىگەن گەپ .بۇ قىسقىغىنە 7يىلدا بىز بۇ نىشانغا يىتەلەمدۇق يوق؟قانداق يىتىمىز ؟بۇ مۇھىم مەسىلە .
ھەمىمىز دىگۈدەك ئاخبارات ۋاستىللىرى ئارقىلىق 18-دىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يولغا قويۇۋاتقان يىڭى سىياسەت ،يىڭى قانۇن نىزاملىرىغا دىققەت قىلىپ كىلۋاتىمىز ،ھەتتا دىھقانلىرىمىزنىڭمۇ بۇ جەھەتتىكى كۆز قارشىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ.خەلق بۇندىن كىيىنكى كىلدىغان گۈزەل كەلگۈسىگە، تەرەققىيات ئۆزگىرىشلەرگە تەقەززا.
ئەلۋەتتە ،خەلق ۋەكىللىرىمىزمۇ جەمىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان تۈرلۈك ئۆزگۈرۈشلەردىن خەۋەردار.شۇنداق بولغانئىكەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىك ھوقوقىنى توغرا يۈرگۈزۈشى ،ھەقىقى خەلقنىڭ ۋەكىلىگە خاس ئىش بىجىرشى ،خەلق ئىچىدىكى مەسىللەرنى ۋاقتىدا بايقاش،ۋاقتىدا ھەل قىلىش لاھىيلىرىنى تۈزۈپ چىقىش ،تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلىرى لازىم.
بىر قىسىم مەسىللەرنى يەرلىك ھەر دەرجىلىك خەلق لىرى(ۋىلايەت،ناھىيە دەرىجىلىك)ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت مەسىللەرگە قارىتا تەدبىر تۈزۈپ ۋاقتىدا ھەل قىلسا بولدۇ ،بۇ ئۇلارنىڭ ھوقوقى .ئەمما ئۆزجايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرسە بولدۇ دىگەنلىك يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ئۆزلىرى خالىغانچە نىمە ئىش قىلسا بولىۋىرىدۇ دىگەنلىكمۇ ئەمەس.
بازار ئىگىلىكىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلىششى ،خەلقنىڭ ئىشىپ بىرۋاتقان ماددىي-مەنىۋىي ئىھتىياجىنىڭ ئىشىپ بىرىشى ۋە كۆپ خىللىشى تەسىرىدە ،خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرمۇ كۆپ خىللىشىپ بارماقتا.
بۇ قىتىمقى ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەت ئىڭىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ
پىكىر قىلىشتا دادىل بولشى،ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ ،يىڭىلىق يارتىشقا جۈرئەتلىك بولشى كىرەك .
ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن كونا نەزىريىۋى كۆز قاراشلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ مەسىللەرنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇشى ،خەلقنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى ،خەلقنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرشى كىرەك.
بىلشىمىز كىرەككى جەمىيەت تەققى قىلۋاتقان ئىكەن ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تۈزۈلگەن سىياسەت قانۇنلارمۇ،نەزىريىۋى كۆز-قاراشلارمۇ ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ ھەم شۇنداق بولشى كىرەك.
دائىم ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ھەم بىر قىسمى ھەل قىلىنىپ كىلۋاتقان مەسىللەرنى تەكىتلەۋىرىش ئەمەلىيەتتە يەرلىك ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيسى جەھەتتە مەسىلە بار دىگەنلىكنى چۈشەندۈرىدۇ.
ۋىلايەت ناھىيە دەرىجىلىك ئورگانلار تەدبىر بەلگىلەپ ھەل قىلالايدىغان بىر قىسىم مەسىللەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلدىغان مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرئەتلىك بولشى كىرەك .ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ۋەكىللىرىمىز خەلققە زىيانكەشلىك قىلغان بولۇپلا قالماي پارتىيە ۋە دۆلەتكە يۈكنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋىتىدۇ .
مەسىلەن :نۆۋەتتىكى ھەممە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مەسلىسى .ئەگەر مال باھاسىغا قارىتا تەڭشەش باشقۇرۇش ۋاقتىدا چىڭ تۇتۇلغان بولسا بۇ قىتىمقىدەك ھۆكۈمەت زاپاس گۆش زاپاس ئوتياشلارنى بازارغا سىلىپ باھانىڭ تىز ئىشىپ كىتىشىنى تەڭشەشكە كۈچەپ كەتمىگەن بولاتتى.
تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن بۇ مەسىللەر يەنىلا تىخى تەلتۆكۈس ھەل بولغىنى يوق .ئولتۇراق ئۆي،ئىجتىمائىي كاپالەت،ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىللەر يەنىلا مەمۇرىي جەھەتتىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈتمەكتە.
يىڭىدىن قىززىق نوقتا بولۋاتقان مەسىلە خەلق ئاممىسنىڭ دىمگۇراتىك ھوقوقى مەسلىسى ،بۇ قارىماققا ئاددىي مەسلە بولغاندەك تۇرغان بىلەن ئەمما خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە دەل مۇشۇ مەسىلە بولۇپ قالماقتا.جەمىيەتتىكى كۆپ قىسىم مەسىللەر خەلقنىڭ دىمگۇراتىيە ھوقوقىنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىلا قىلىپ ھەقىقى ئەمىللەشمەسلىگى.
ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىدىن بەھرىمان بولۇشتا كۆز بويامچىلىق يەنىلا بىر قەدەر ئىغىر بولماقتا ،ھەتتا بەزى رايۇنلارنىڭ كادىرلىرىدىمۇ تولۇق بەھرىمان بولالمايۋاتقان ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۈت.بۇ خەلق ئاممىسى بىلەن مەمۇرىي كادىرلارنىڭ ،مەمۇرىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر :خەلق ئاممىسنىڭ ئۈمىدى سىلەردە ،سىلەرنىڭ تەكلىپ پىكىرىڭلارنىڭ قانداق بولشى ،كەلگۈسى خەلق تۇرمۇشنىڭ قانداق بولشىنى ،جەمىيەتتىكى تۈرلۈك مەسىللەرنىڭ قانداق بولشى ۋە قانداق ھەل قىلنىشنى بەلگۈلەيدۇ.
سىلەرنىڭ خەلقنىڭ ھەقىقى قەلىب نىداسىنى چۈشۈنۈپ ،ھەقىقى مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويۇشۇڭلارنى، كۆز بويامچىلىققا ،مەسئۇلىيەتسىزلىككە خاتىمە بىرىپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ سىجىل تەرەققى قىلشىدا ۋە خەلق تۇرمۇشنىڭ تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىدا ھەقىقى كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز بۇ ۋەزىپىنىڭ ، خەلق يۈكلىگەن بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ.
ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويغىنىمنى كەچۈرگەيسىلەر.
ئاخىردا بۇ قىتىمقى ئىككى يىغىننىڭ غەلبىلىك ئىچىلشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرمەن.



ھۆرمەت بىلەن:تۈمەن0998



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
owqi555 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

فورمات بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 12:49:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 01:19:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 01:31:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق يىغىنغا قانداق ئادەم بارىدۇ.كىم ۋەكىل سايلايدۇ.مەن بىلمەيدىكەنمەن،جوڭخۋا خەلق جۇمھۇريتىنڭ پۇخراسى تۇرۇپ مۇشۇ يېشىمغا كەلگىچە باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە سىنپ باشلىقى سايلاپ باققاندىن باشقا خىزمەتكە چىققاندىن بىرى بىرەر بۆلۈم باشلىقىنمۇ سايلاشقا قاتنىشىپ باقماپتىمەن.شۇڭا ھەرقېتىم مۇشۇنداق يىغىنلار ئېچىىلسا قانداق ئادەم بارغاندۇ دەپ ھەيران قالىمەن.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33849
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5313
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 4283 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 02:09:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awyamatka يوللىغان ۋاقتى  2013-1-26 01:31 AM
مۇشۇنداق يىغىنغا قانداق ئادەم بارىدۇ.كىم ۋەكىل سايلاي ...

ئوخشاش ئىكەنمىز .....جۇڭگۇچىلىقتا ئاجايىپ ئىشلار جىق ھە

جۇمەنىڭ نامىزىغا كەلگەن جامائەت بامدات نامىزىغا كەلگەن چاغدا ئۇيغۇرۇم ھەقىقىي تۇزىلىدۇ!!!!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 02:10:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تەكلىپ بېرەي.
1.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرمىسىمۇ مەيلى، ئەمما دۆلەت ئاساسى قانۇنى بويىنچە باشقا خەنزۇ پۇقرالىرىغا ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى 9-يىللىق مەجبۇرى تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر  خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى توختىتىشى، ھەپتىدە ئۆتۈلىدىغان خەنزۇ تىلى دەرسى 5 سائەتتىن ئاشماسلىقى، مەجبۇرلاپ تىل تاڭماسلىقى، تىل ـ يېزىقىمىزنى ئاسسىلماتسىيە قىلماسلىقى كېرەك.
3.جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر قىسىم كادىر ـ ساقچى، كەنت ساقچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئاشكارىلىشى، تېلىۋېزوردا ئېلان قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرى ھۆكۈمىتىمىز بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن.
4.بىر ناھىيە ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇ يەردىن بۇ يەرگە بارسا مەركەزلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭلا كىملىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىشى بىزگە زور بېسىم ئېلىپ كەلدى. باشقىلار نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىن كېلىپ ئەركىن يۈرسە، بىز ئۆز يۇرتىمىز، ئۆز ناھىيىمىز تەۋەسىدىمۇ خاتىرجەم يۈرەلمىسەك بولمايدۇ. شۇڭا بىز ئادىل ـ باراۋەر مۇئامىلە تەلەپ قىلىمىز.
5.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى يەتتە ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ساقچىخانا، دوختۇرخانا، بانكا... قاتارلىق ئورۇنلارغا چوقۇم  ئۇيغۇر تەرجىمان ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك. چۈنكى بۇ جايلاردا ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرى ئاز بولغاچقاناھايتى قۇلايسىز بولۇۋاتىدۇ...
6. قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ماسلىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەت ئورنىدىن چەتنەشتۈرمەسلىكى، قىينىماسلىقى ، تىل ئۈگىنىشكە قىستىماسلىقى  كېرەك. ئوقۇتقۇچى ۋەتىنىمىزنىڭ بايلىقلىرى، شۇڭا ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى ئۆستۈرىلىشى، جەمىئىيەتتە ئىناۋەت بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك. ھەر قايسى جايلاردىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا  مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇئاشى شۇ جايدىكى  ئەڭ تۈۋەن مۇئاش ئۆلچىمىنىڭ بەش ھەسسىدىن تۈۋەن بولماسلىقى كېرەك.
7.دوختۇرخانىلاردىكى داۋالىنىش، دۇرا، قۇشۇمچە ئۈسكىنە ھەققىنى تۈۋەنلىتىشى، دۇرىلارنىڭ باھاسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى دوختۇرخانىنى قاراقچىلار ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. ئىشىنىمەنكى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى 60% پۇخرالار داۋالاش، تەكشۈرۈش، دۇرا ھەقلىرىنىڭ قىممەتلىكىدىن دوختۇرخانىلاردا داۋالىنالمايۋاتىدۇ. شۇڭا  ھۆكۈمىتىمىز شىنجاڭغا بېرىدىغان ئىقتىسادى ياردەمنى ئايىماسلىقى، شىنجاڭ ئىچىدىكى كان، نېفىت، تەبىئى گازلاردىن ئېلىنىدىغان باج نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى  كېرەك.
9. پۇخرالارنىڭ دۆلەت ئىگىدارلىقى زىمىنىدىكى ئۆيلىرىنى خالىغانچە چېقىۋېتىشىگە يول قويماسلىقى، ئۇلارنىڭ ساقال ـ بۇرۇت، ياغلىق ـ ماسكىلىرىغىچە ئارىلىشىپ، پەسلىك  قىلماسلىقى كېرەك.  
10.نەچچە يىلدىن بېرى ھەر قايسى يىغىن، ق#رۇلتايلا#ردا سۆزلەپ ھېرىپ كەتكەن ‹‹شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى›› دىن ئىبارەت قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يۇقارقىدەك ئىش ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.
11.خەلق رايىغا بېقىشى، پۇقرالارنى شىلىپ غاجاۋاتقان يەرلىك ئەمەلدارنى پاش قىلىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
12.مىللى ئۆرپ ئادىتىمىزگە، مۇقەددەس دىنىمىزغا زىت كېلىدىغان تەشۋىقاتلارنى توختىتىشى،  بۇ ھەقتە ئىلگىرى چىقارغان، تام گېزىتى، لۇزۇنكا...قاتارلىق تەشۋىقاتلارنىڭ ھەممىنى ئۈچۈرىۋېتىش بىلەن بىرگە ئۆرپ ـ ئادەت، دىنى ئېتقاد، مەدەنىيەت ـ سەنئەت، مائارىپىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىشى، شۇنداق قىلىۋاتقانلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى كېرەك.
13.ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق خەنزۇ تىلىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا شىنجاڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى دەرسلىك قىلىنىپ، ھەپتىگە بىر سائەتتىن ئۆتۈلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا ھەمدەم بولىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش يالغۇز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭلا ئىشى ئەمەس، شىنجاڭدىكى خەنزۇ يولداشلارمۇ كۈچ چىقىرىشى، ئۆز ئارا چۈشىنشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىشى كېرەك.  
14.سىرىتتىن شىنجاڭغا كۆچمەن بولۇپ كېلىدىغان كۆچمەنلەرنى مۇۋاپىق تىزگىنلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ زىمىنى كەڭ، بايلىقى مول، نوپۇسى ئاز بولغان بىلەن كۆپلەپ نۇپۇس كۆچۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىنسانلار ياشاشقا ماس كېلىدىغان زىمىنى چەكلىك. يەنە كېلىپ ئىككى مىللەتنىڭ ئۆرىپ ـ ئادىتى، دىن ـ ئېتقادى ئوخشىمىغاچقا رەھبەرلەر بۇ خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك. بەك كۆچۈرگىسى كېلىپ كەتسە ۋىلايەت ـ ئوبلاستلارغا ئەمەس، روتا ـ پوللىكلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆچۈرگەي . سىرىتتىن كەلگەنلەر بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش يىتەرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىختىلاپ چىقىدۇ، بۇ ئادەتتىكى ماجرانى يەرلىكتىكى چوڭاملار ئادىل سورىمايدۇ.
15.ئاخبارات ئەركىنلىكىمىزگە چېقىلماسلىقى، دۆلىتىمىز ئاساسى قانۇنى يول قويغان دائىرىدىكى تور ئالاقىمىزغا ئارىلىشىپ تېتىقسىزلىق قىلماسلىقى، بولۇپمۇ تېلىگراف شىركىتىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان تېتىقسىز، لاۋزا سۈزگۈچىنى ئېلىۋېتىپ،  نۇرمال تور  بايلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشى كېرەك.
16. 1-پىكىرىمنى ئويلاشماي، ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بار دېيىلسە بىزگە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوغدايدىغان  ۋە ئۇنى يۈزگۈزىدىغان مەمۇرى ئورگاندىن بىرنى قۇرۇپ بېرىشى بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدە ئەڭ ئالى مەمۇرى ھوقۇقى بولىشى كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-26 02:31 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uygur521 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
owqi555 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90532
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 07:26:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قاندۇرغىلى بولمايدىغان بىر ساماۋى تەكلىپ بوپتۇ. كومپارتىيە بۇنداق تەلەپلەرنى  قاندۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئارتۇقچە ئاۋارە بۇلۇشمايلى. مىڭ قانۇن دەپ تەلپۈنگەن بىلەن قانۇن ئۈزىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ ھازىر. ئۇنىڭ بىزگە چات كېرىشىگە كۆز ئېلمەيدۇ ئادەمنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90532
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 07:27:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلار خەلققە ئەمەس سىياسەتكە ۋەكىل. پۇقراغا ئەمەس، كومپارتىيەگە مايىل.مەسىلەنىڭ ماھىيەتى مۇشۇ يەردە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 10:01:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىرى رايونلاردا ئىسلاھات جىڭى باشلىنىپ ، پارىخور قەبىھ باشلىقلار موللاق ئىتىپ يۈرۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە ، بۇيەردە  ئاتام ئېيتقان بايامقىدەك .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89409
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-1-1
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 10:33:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى تەكلىپ بوپتۇ نەخ كوڭلىمىزدەك گەپ بۇپتۇ،قوللايمىز.اللاھ رەخمەت قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش