مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1211|ئىنكاس: 1

ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى-ئەيدىز (16-قىسىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16737
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:01:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار پاراۋانلىق– كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى لىگونىڭ كۆرسىتىشىچە:جايلار يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتىنى تارقىتىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېتىم بالىلارنىڭ مۇكەممەل ئارخىپىنى تۇرغۇزىدىكەن.بۇنىڭدىن كېيىن، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار، مېيىپ بالىلار، شۇنداقلا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلار كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلار پاراۋانلىق ئورگانلىرى مەھەللىلەرگىچە بېرىپ، مەھەللىلەردىكى مېيىپ بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە بالىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى زور بايقاش

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز ئاغرىقلىرى يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلسا، كېسەل ۋىرۇسىنىڭ ساغلام بولغان ھەمراھىغا يۇقۇپ قېلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىكەن.
بۇ تەتقىقات 2005 – يىلى باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسور مېللون كوخن باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 1763 جۈپ ھەمراھ(ئەر – ئايال)نى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى %97 ى يات جىنسلار ئارا مۇھەببەتلەشكەن ھەمراھلار ئىكەن. بۇ ھەمراھلار ئافرىقا، ئاسىيا، لاتېن ئامېرىكىسىدىكى سەككىز دۆلەت بىلەن ئامېرىكىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، يەنە بىر تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلار ئىكەن.
ئوبيېكتلارنى ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان؛ ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا ئاندىن بۇ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. نەتىجىدە، بىرىنچى گۇرۇپپا ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن بىرسىلا كۆرۈلگەن، ئىككىنچى گۇرۇپپا ئىچىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 27 گە يەتكەن، ۋىرۇسقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەھلىللەرگە قارىغاندا، يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئۆزىنىڭ ھەمراھىدىن يۇققان ئىكەن.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش خەتىرىنى %96.3 ئازايتقىلى بولىدىكەن.

پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتالمايدۇ

پاشا سېرىق قىزىتما، بەزگەك قاتارلىق كېسەللەرنى تارقىتالايدۇ، بىراق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتالمايدۇ.پاشىنىڭ بەزگەكنى تارقىتالىشىدىكى سەۋەب بەزگەك پلازمودىيەلىرى پاشىنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كېيىن تېزلىكتە كۆپىيىدۇ، بەزگەك پلازمودىيەلىرىنى ئېلىپ يۈرگەن پاشىلار ئادەم چاققاندا، كۆپلىگەن بەزگەك پلازمودىيەلىرى چېقىلغۇچىنىڭ تېنىگە كىرىپ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. پاشا ئادەم چاققاندا چېقىلغۇچىغا ئۆزىنىڭ ياكى ئالدىنقى قېتىم چېقىلغۇچىنىڭ قېنىنى كىرگۈزمەستىن بەلكى ئۆزىنىڭ شۆلگىيىنى كىرگۈزىدۇ، بۇنداق بولغاندا چېقىلغۇچى قېنىنىڭ تەبىئىي قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.ئادەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھاشاراتلار تېنىدىكى ياشاش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، ئۈزلۈكسىز كۆپىيەلمىگەچكە، پاشىنىڭ شۆلگىيىدىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بولمايدۇ، نەشتىرىدە ئاز مىقداردا قان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ۋىرۇس بەك ئاز بولغاچقا، چېقىلغۇچىنى يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. شۇڭا، پاشىنىڭ ئۆزىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىمۇ تارقىتالمايدۇ.
ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى



ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16737
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 03:13:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولدا ھۇقۇق  بولسىمۇ  ياخشىكەن  خۇددى سامانلىقنىڭ ئاچقۇچنى ياندا ئېسىپ  يۈرگەندەك

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش