ئون سەككىز يېشىمغا ئاتاپ
كىرىپتىمەن ئون سەككىز ياشقا ،
يۈكلەپ قويۇپ غەملەرنى باشقا .
ئېسىت دېدىم بەكلا كېچىكتىم ،
نۇرلۇق كۆزۈم تولغاندا ياشقا .
كەچۈر مېنى ئون سەككىز يېشىم ،
ساڭا ئازار بەردىم كۆپ قېتىم .
پۈتكۈل قەلبىم ماتەم تۇتقاندا ،
بولغان ئىدىم زەئىپ بىر يىتىم .
يەتمەپتىمەن قەدىرىڭگە پەقەت ،
خۇمار بولۇپ ئويۇنغا قەۋەت .
ئايرىلغاندا قاقشاپ قاپتىمەن ،
ھەسرەت چىكىپ مەڭگۈ تا ئەبەت .
بىلىم ھېكمەت مەندىن يىراقتا ،
قويۇپ كەتتى سېلىپ پىراققا .
ئىزلىسەممۇ ھېچ تاپالمايمەن ،
قۇياش كەبى نۇرلۇق چىراقتا .
ئوڭغا ماڭسام قىينار دەرت ئەلەم ،
سولغا ماڭسام ئاۋىماس قەدەم .
ئازاپلاردىن تىتىرگەچ قەلبىم ،
ئالدىم شۇئان قولۇمغا قەلەم .
ئون سەككىزدە خىيالغا پېتىپ ،
مۇھەببەتنى قوشاققا قېتىپ .
پۈتكۈل ئارزۇ-ئارمانلىرىڭنى ،
ئاتما ھەرگىز ھوشۇققا قېتىپ .
ئون سەككىزدە خىيال سۈرمىگىن ،
ئشقىي ئوتتا كۆيۈپ يۈرمىگىن .
يىراق تۇرۇپ ساختا ھەۋەستىن ،
بىلىم ھېكمەت يولى ئىزدىگىن .
ئون سەككىز ياش بەكمۇ نازۇك چاغ ،
كەتسە كەلمەس كۈتسەڭمۇ ھەر ۋاغ .
خاتا باسساڭ ئەگەر قەدەمنى ،
يۈرۈكۈڭدە قالار ئۆچمەس داغ.
بىلىم ھېكمەت ھەقىقىي بايلىق ،
بىرەر ساڭا مەڭگۈلۈك شاتلىق .
بىلسەڭ ئەگەر ئۇندىن باشقىسى ،
بەرمەس ساڭا ھېچبىر خوشاللىق .
مەنبە : نىجات نۇرلان