بەش مىڭ ۋە يۈز مىڭ
نام چىقىرىشتىن بۇرۇن، ياش يازغۇچى قەپەستەك كىچىك ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بېرىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلاتتى.
بىر كۈنى كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر باينىڭ كۆزى پۈتۈن دىققىتى بىلەن رەسىم سىزىۋاتقان بۇ ياش رەسسامغا چۈشۈپ قېلىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە 5مىڭ يۈەن ھەق بېرىشكە پۈتۈشتى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن پۇلدار ئۆزىنىڭ رەسىمىنى ئالغىلى رەسسامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ رەسسامنىڭ ۋەيرانە تۇرالغۇسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزى قويغان باھانىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئىچىدە « ئۇنىڭغا ئوخشاش يوقسۇلغا 1000يۇەن بەرسەملا يېتىپ ئاشىدۇ » دەپ ئويلىغان پۇلدار رەسسامغا دېدى:« سىز مېنىڭ رەسىمىمنى سىزىپ چىقالمىغۇدەكسىز، شۇڭا سىزگە پەقەت 1000 يۇەنلا ئەمگەك ھەققى بېرەلەيمەن.»
رەسسام: «بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ، بۇ باھا بەك تۆۋەن بولۇپ قالدى، بۇنىڭدا مەن خام ماتېرىيالنىڭ ھەققىگىمۇ چىقىش قىلالمايمەن.»
پۇلدار تېخىمۇ ئۇششۇقلۇق قىلىپ « مەن سىزگە پەقەت 1000 يۈەنلا بېرەلەيمەن، سىزگە نىسبەتەن بۇ باھانى تۆۋەن دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەقەت مېنىڭلا رەسىمىم، مەندىن باشقا ئادەم بۇ رەسىمنى بىر يۈەنگىمۇ سېتىۋالمايدۇ، بۇنى سىز مەندىن ياخشىراق بىلىسىز» دەپتۇ.
رەسسام شۇندىلا پۇلدارنىڭ ئۇنى يوقسۇل كۆرۈپ ياراتمايۋاتلىقىنى ھېس قىلىپ ئاچچىقلىغىنىچە رەسىمنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىپتۇ. پۇلدار دەپتۇ:« سىزدىن ئاخىرقى قېتىم سوراي، بۇ رەسىمنى 1000 يۈەنگە زادى ساتامسىز يوق؟»
«مەنمۇ سىزگە ئاخىرقى قېتىم دەپ قوياي، مەن بۇ رەسىمنى سىز دېگەن باھاغا ساتمايمەن، ئەگەر سىز ۋەدىڭىزدە تۇرمىسىڭىز مەن سىزنى 20 ھەسسە بەدەل تۆلەتكۈزىمەن» دەپتۇ غەزەپلەنگەن رەسسام.
«20 ھەسسە؟ 100 مىڭ يۈەن؟» رەسسام قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ دەپتۇ « مەن 100مىڭ يۈەن خەجلەپ بۇ رەسىمنى سېتىۋالىدىغان ھاماقەت ئەمەس».
بۇ ئاڭلىغان رەسسام پۇلدارغا قارىماستىن« قېنى كۆرەرمىز» دېگىنىچە ئۇنى ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىپتۇ.
بۇ ئىش كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلىغان رەسسام كۆڭلى غەش ھالدا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ئۇ پۇلدارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا ئىرادە تىكلەپتۇ.
ئون يىلدىن كېيىنكى بىر كۈنى پۇلدارنىڭ بىر دوستى ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ« تولىمۇ غەلىتە ئىش، مەن بىر مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتاقلىق بىر رەسسامنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىگە سېنىڭ رەسىمىڭنىڭ قويۇلغانلىقىنى بايقىدىم، 100 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى باھا قويۇلۇپتۇ، تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى بۇ رەسىمگە ‹پەسكەش› دەپ ئىسىم قويۇلۇپتۇ»
پۇلدار پۇلدار بولسا كاللىسىغا توقماق تەگكەندەك ئەندىككىنىچە ئون يىل بۇرۇنقى ئىشنى ئېسىگە ئاپتۇ. ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئامالسىز ئۇ مۇزېيغا بېرىپ رەسسامنىڭ قويغان باھاسى بويىچە رەسىمنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ.
شۇنى بىلىپ قېلىڭكى ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەم باشقا ئادەم سىزنى مەغلۇب قىلالمايدۇ. پەقەت ئاخىرغىچە بەل قويۇۋەتمىگەندىلا ئوڭۇشسىزلىقنى سىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە باشلاپ بارىدىغان شوتىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىڭىز نىشانلىغان مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ.
تەرجىمە قىلىندى