مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3287|ئىنكاس: 25

تاتار قىزىنىڭ باسقان ئىزلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82341
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:08:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاتار قىزىنىڭ باسقان ئىزلىرى


ئابدۇكېرىم ھاشىم ( ئوچېرىك )



بۇ ۋەقە 1944–يىلى پارتىلىغان ئۈچ ۋىلايەت مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ، ئارىدىن دەرەخلەر 43 قېتىم يۇپۇرماق چىقاردى. 43 قېتىم يۇپۇرماق تاشلىدى. يىللار – يىللارغا ئۇلىشىپ كەتكەنگە ئوخشاش بىز سۆزلەيدىغان تاتار قىزنىڭ باسقان ئىزلىرى ھازىرغا قەدەر داۋام قىلماقتا.

1945– يىلى 7– ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى  غەربىي بوسپىتالدىكى دوختۇر ھەمشىرىلەر جىڭ ئالدىنقى ئۇرۇش مەيدانىدىن ئىلىپ كېلىنگەن يارىدارلارنى جىددى قۇتقۇزۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇر سۈيى ئۈستى –بېشىنى چىلىق –چىلىق ھۆل قىلىۋەتكەن ئوتتورا ياشلىق بىر ئايال دۇختۇرلارنىڭ قىشىغا كىرىپ كەلدى. جىددى ئىشلەۋاتقان دوختۇر ھەمشىرلەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالمىدى.

ئىسمىنا ئالماشغىنىڭىزغا  تېخى 3 سائەت بولماستىن ، يەنە نىمىشقا كەلدىڭىز دەپ سورىدى ئۇنىڭدىن ئىسمىنا ئۆتەۋاتقان بىر ھەمشىرە ، جىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن يارىدارلاردىن يۆتكەپ كىلىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئولتۇرالماي قالدىم. بۇ يەردە ياتقانلارنىڭ ھەممسى ئىغىر يارىدار بولۇپ، بەزلىرى ھوشىسىز ياتاتتى. بۇ ئايال ئۇلاردىن كۆزىنى ئىلىپ يەنە بىر ياققا چىقتى. بۇ ياتاقتا يەڭگىلەرەك يارىلانغان جەڭچىلەر ياتقان ئىدى. يارىدارلارنىڭ ئىچىدىكى 23–24 ياشلار چامىسىدىكى گەۋدىلىك بىر يىگىت باشقا يارىدارلارغا جىڭ ئالدىنقى سىپىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بىرۋاتاتتى.

شۇنداق قىلىپ دەپ،– بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ سۆزىنى داۋام قىلدى. ىۇ – ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شىتابى 11 جەڭجىگە دۈشمەن ئارقا سېپىدىن « تىل  » تۇتۇپ كىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.ئارىمىزدا بۇغداي ئۆڭ ، دۈگىلەك يۈز، قارا كۆز كەلگەن 35 ياشلاردىكى بىر تاتار قىزىمۇ بار تېخى.پاھ ! ئۇ قىزنىڭ قەيسەرلىكىنى دىمەيسىلەر ، يۈرىكى قاپتەك بار. بىز جىڭ بازىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقاندا ، دۈشمەننىڭ قاتتىق مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالدۇق. ھېلىقى تاتار قىزى يەر شارائىتنى ئوبدان بىلگەچكە ، بىزنى باشلاپ ئالدىدا ماڭدى.تىرىك قولغا چۈشۈرۈشكە كۆزى يەتمىگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىزگە قارىتىپ قاتتىق ئوت ىاچتى. بىزمۇ جان تىكىپ ئىلىشتۇق. ئارىمىزدىن بەش نەپەر جەڭجى قۇربان بولدى. قالغان بەشىمزمۇ ئېغىر – يىنىك يارىلاندۇق. مەن ھەممىدىن ئىغىر يارىلانغان ئىدىم. قولۇم ۋە ئوڭ يامپىشىمغا ئوق تەككەنلىكتىن قان كۆپ چىقىپ كېتىپ ماڭالماي قالدىم. ئارىمىزدا بىرلا رەيھانە ساق ئىدى. مۇھاسىرنى بىسىپ چىققان يىرىپ چىققان بولساقمۇ، يەنە بىر سوتكا سۇسىز چۆللەردە يۈرۈپ ئىنتايىن قىينالدۇق. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ماغدۇرسىز بولغانلىقتىن مەن يەنىلا ئاشۇ قىزنىڭ يەلكىسىدە كىتىۋاتاتتىم. ئۆزەمنى قويۇپ تۇراي، بىچارە قىز ھەممىمىزگە تەڭ يۈگۈرۈپ تۈگىشىپ كەتتى. ئىچىدىغان سۈيىنى باشقىلىرىغا ئۆتۈنۈپ بەردى. بىز بەشىنچى سوتكىغا ئۆتكەندە، يەنە دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالدۇق. بۇ چاغلاردا مېنىڭ ئەھۋالىم بەكمۇ ناچار بولۇپ، ئۆزەمنى بىلىپ ،بىر بىلمەي كىتىۋااتاتتىم ،مەندىن باشقا جەڭچىلەر دۈشمەن بىلەن ئېتىشاتتى ،قىز بىر تەرەپتىن مىنى ھاپاش قىلىپ ،بىر تەرەپتىن دۈشمەنگە قارىتىپ ئوق ئۈزەتتى .نىمە بولدى بىلمەيمەن قالغانلارنىڭ ھېچقايسىنى كۆرمىدىم .ھېلىقى قىز بىلەن ئىككىمىز 6–7دۈشمەن ئەسكىرىنىڭ قورشاۋىدا قالدۇق ،مەن ئۇ قىزغا ماڭا قارىماي كېتىۋېرشنى نەچچە قېتىم ئېيتقان بۇلساممۇ ،ئۇ ئۈندىمىدى ، مەن ھوشىمدىن كېتىپ قالغان ئوخشايمەن ،مۇشۇ دوختۇرخانىغا كىرىپلا ئېسمگە كەلدىم ،بىزنىڭ دۈيدىكى جەڭچىلەر نەدە .ھىلىقى قىز ھاياتمۇ  بىرىنى بىلمەيمەن ،ئەمما ۋەھشى دۈشمەنلەر ساق قويمىغان بولۇشى مۇمكىن ....

يارىدار ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرماي ........................

——ھە ؟–باياتىن ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرغان ھېلىقى ئايال قىزنىڭ ئىسمنى ئاڭلاش بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن ۋارقىرىۋەتتى –دە دەلدەڭشىگەن پېتىچە ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ ،يەردە ئولتۇرۇپ قالدى ،بۇنى كۆرگەن ئىككى ھەمشىرە دەرھال ئۇنى يۈلىدى –دە ئەنسىزلىك بىلەن ۋارقىراپ كېتىشتى .

–زەينەپ ئاپپاي ؟نېمە بولدىڭىز؟كۆزىڭىزنى ئېچىڭە........

زەينەپ ئاپپاي دەپ ئاتالغان بۇ ئايال كۆزىنى يېرىم ئېچىپ ،ھەمشىرىلەرگە ئاستا  پىچىرلىدى :

ھېچنىمە بولمىدى ،قىزىم رېيھان .....–ئۇ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى ،سېستىرالار شۈندىلا ئىشنڭ سەۋەبىنى چۈشەندى ،بايىقى يارىدار ھېكايە قىلىپ بەرگەن تاتار قىزى رېيھان ئابىدىۋا دەل مۇشۇ زەينەپ ئاپپاينىڭ جىڭ ئالدىنقى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان قىزى ئىدى ......

گوسىپتالنىڭ ئىچىنى بىردەمنىڭ ئىچىدە بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلىدى ،ھەممىنىڭ ئاغزىدا ‹‹زەينەپ ئاپپايىنىڭ قىزى رەيھان  ئابىدىۋا جىڭ ئالدىنقى سېپىدە دۈشمەن قولىغا تىرىك چۆشۈپ كېتىپتۇ ››دىگەن ۋەھىملىك خەۋەر ئېقىپ يۈرەتتى ،كۆزلىرىدە ماتەم ياشلىرى ئەگىپ يۈرەتتى .

بۇ خەۋەرنى مىللىي ئارمىيە  باش شىتابى ئاڭلاپ رەيھاننىڭ تىرىك ياكى قۇربان بولۇپ كەتكەنلىكى  توغرىسدا دەرھال خەۋەر يەتكۈزۈشنى جىڭ ئالدىنقى سېپى قوماندانلىق شىتابىغا ئۇقتوردى .

پىدائىي قىزچاق رەيھان  ئابىدىۋا  

1944–يىلى 11–ىاينىڭ 11–كۈنى ئىلى پارتىزانلىرى غۇلجا شەھىرىدىن پىدائىي  قوبۇل قىلغاندا رەفىق گابىت(  ئىلى گىزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئىدى)  ئايالى زەينەپ ئاپپايغا ئۆزىىنڭ خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن پىدائىي بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى .دادىسنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان رېيھان ئۆتكۈر كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرۇپ :

–ئەتى––– سىزنىڭ ئورنىڭىزغا مەن پىدائىي بولاي :–دېدى

رەفىق گابىت قىزىنىڭ باتۇرلۇقىدىن بەكمۇ ھاياجانلىنىپ ،قولىدىن يېتەكلىگەن پېتىچە پارتىزانلار شېتابىغا ئېلىپ كەلدى

–ئوغۇل پەرزەنتىم دېدى ئۇ تىزىملىغۇچى خادىمغا ،ئەمما ھەر قانداق جەڭگە يارايدۇ.

شۇ ۋاقىتلاردا ھەر قايسى پارتىزانلار ئەترىتىگە مۇشۇنداق  شەپقەت –ھەمشىرىلەر بەكمۇ لازىم ئىدى .تىزىملىغۇچى ئالدىدا تىكىلىپ تۇرغان بۇ قىزنىڭ بەكمۇ كىچىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قوبۇل قىلمىدى ،رەيھانمۇ چىڭ تۇردى .

—     ئاتتا ئولتۇرالامسەن ؟–دەپ سورىدى تىزىملىغۇچى رېيھاننىڭ بەكمۇ ئىرادىلىكلىكىنى كۆرۈپ.

–      ئاتقا مەن سىزدىن مەھكەمرەك !–رېيھاننىڭ چاقماقتەك بۇ جاۋابىدىن ھەممە قايىل بولدى .رېيھان  ئارالتۆپە پارتىزانلار  دۈينىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر پەيگە  شەپقەت –ھەمشىرە بولۇپ تەيىنلەندى ۋە شۇ كۈنىلا لىيەڭشاڭ  ئالدىنقى سىپىگە قاراپ ئاتلاندى ،ىۇ مىلتىق ئېتىش ،گرانات تاشلاش ،تىببى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ماھارەتلەرنى تىرىشىپ ئۈگەندى. ئاز ئۆتمەي قانلىق جەڭ باشلاندى، جەڭ داۋامىدا ئۇرۇش ياردارلىرى بىر قەدەر كۆپ بولدى. كىچىككىنە رەيھان مۆلدۈردەك تۆكۈلىۋاتقان دۆشمەن ئوقلىرى ئىچىدە بەزىدە يۈگرۈپ، بەزىدە ئۆملەپ ياردالارنى قۇتقازدى. يۆتكىيەلمەي قالسا، يەر بىغىرلاپ سۆرىدى. ئاتاكىغا ئۆتكەن مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن 5 نەپىرى دۆشمەن ئىستىكامىغا يىقىن قالغان جايدا كەينى – كەينىدىن يىقىلدى. بۇلارنى بىرمۇ – بىر كۈزىتىپ تۇرغان رەيھان  ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ دۆشمەن قولىغا تىرىك چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن كوماندىرى رۇخسەت قىلماي تۇرۋالدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى رەيھاننىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، رەيھان كوماندىرنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ۋىژىلداپ ئۇچىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ياردالارنىڭ قىشىغا يىتىپ باردى. دۆشمەن پىلىموتى رەيھانغا قارىتىپ ئەسەبىيلەرچە ئوق ياغدۇردى. رەيھان گاھ يۇملاپ ، گاھ ئۆملەپ يۇرۇپ 5 نەپەر ياردارنى  بىخەتەر بىر ئورۇنغا يۆتكىۋالدى ۋە ياردارلارنىڭ يارىسىنى تىڭىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا بىر گىرانات ئۇلارنىڭ قىشىغا كېلىپ چۈشۈپ يىقىمسىز ئاۋاز بىلەن پىقىردى. رەيھان بىلەن 6 نەپەر جەڭچىنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالدى. رەيھان يۈگرۈپ قوپۇپ گىراناتنى قولغا ئالدى دە – دۆشمەن تەرەپكە كۈچ بىلەن ئىتىۋەتتى. گىرانات چۈشكەن يەردىن گۇمبۇرلىگەن ئاۋاز بىلەن  دۆشمەنلەرنىڭ نالى پەريادى ئاڭلاندى. 5 نەپەر جەڭچىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۋېلىنىدى. رەيھاننىڭ خەلق ئۈچۈن تەلپۈنگەن يۈرۈكىدە پەقەت ( جەڭ مەيدانىدىلا ياردار بولغان جەڭچىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزسام ) دېگەن بىرلا ئارزۇ – ئىستەك يالقۇنجايتى. شۇڭا ئۇ مۇشۇ ئارزۇسى بويىچە نۇرغۇن ياردارلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزدى. ئۇلارنىڭ تېز ساقىيىپ قايتىدىن فرونىتقا ئاتلىنىشى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپىسنى قوشتى. شۇ چاغدىكى بىر گىزىتتە ( ئاق تون كىيگەن كىچىك ھەمشىرە رەيھان ئابىدۋا ) دېگەن ماۋزۇدا رەيھان ئابىدىۋانىڭ ئىش – ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغانتى. شۇنىڭدىن كىيىن دۆشمەن لىيەڭشاڭ ۋە ھەرەمباغلارنى تاشلاپ ئايردورومغا توپلاندى، رەيھان ئابىدىۋا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆشمەننىڭ ھەرەمباغ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۈرۋەتكەن چاتما مىناسىنى تازىلاشقا قاتناشتى. ئۇ ھەر قەدەمدە ئەجەل ھىدى كېلىپ تۇرغان ئەڭ خەتەرلىك جايلاردىمۇ قىلچە قورقماستىن ، ساپيورلار بىلەن بىللە قىسىملىرىمىز ئۈچۈن يول ئاچتى. 1945– يىلى 1– ئايدا رەيھان ئابىدىۋا تۇرغان يىڭ ئىككى ئاچىدا دۆشمەن يولىنى توساش ۋەزىپىسنى تاپشۇرۋالدى. بىر قانچە كۈن ئۆتمەستىن غۇلجىدىن قاچقان دۆشمەنلەرگە  زەربە بېرىش جىڭى باشلىنىپ كەتتى. دۆشمەن قاتتىق تىركەشكەچكە بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز ئىچىدە ياردارلار كۆپ بولدى، قىش ۋە ئايدالا بولغاچقا ، بۇ يەردە ياردالارنى داۋالاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇلارنى قارىياغاچ بازىرىغا ئاپىرىپ داۋالاش توغرا كەلدى. رەيھان يولدا قونالغۇ يوق بولۇشتەك شارائىتتىمۇ قىلچە زارلانمىدى، ياردالارنى چانىغا سىلىپ كىچە – كۈندۇز كەينىدىن ماڭدى، توڭلاپ كىتىۋاتسىمۇ ياردالارنى ئىسسسىق ساقلىدى، ئۆزى سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ ياردالارغا چاي قاينىتىپ بەردى. بىر قىتىم ياردالارنى ئېلىپ كىتىۋېتىپ كىچىدە شۋېرىغاندا قالدى، ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر ياردانىڭ ئۇچىسىغا يىپىلغان جۇۋا نەلەرگىدۇ ئۇچۇپ كەتتى. تاغ ئارىسى بولغانلىقتىن تاپقىلى بولمىدى، رەيھان ئابىدىۋا ئۇچىسىدىكى جۇگىسىنى دەرھال ياردارنىڭ ئۇچىسىغا يىپىپ قويدى ۋە كالتەك شېرىپ چاپىنىدا مۇزلاپ تىتىرەپ كەتكەن بولسىمۇ قىلچە چاندۇرمىدى. شۇنداق قىلىپ بىرمۇ ياردانى خەتەرگە ئۇچراتماي، بەلگىلەنگەن جايغا ئېلىپ كەلگۈچە يولدا دۆشمەن زەربىسىگە ئۇچرىدى،

–      جېنىم سىڭلىم سىز ماڭا قارىماڭ، قورشاۋنى يىرىپ چىقىپ كىتىڭ، بىر قانچە كۈندىن بۇيان رەيھاننىڭ دۇمبىسىدە ھاپاش بولۇپ كىلىۋاتقان ياردار ھەدەپ قىستاپ كىلىۋاتقان 6–7  دۆشمەننى كۆرۈپ رەيھانغا يالۋۇردى. يوق گەپنى قىلماڭ  رەيھان  ياردارغا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا شۇ گەپنى قىلىپ، باستۇرۇپ كىلىۋاتقان دۆشمەنگە كەينى – كەينىدىن 2 گىراناتنى تاشلىدى، قالغان 4 جەڭچىمۇ سىرتتىن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، دۆشمەنگە غەزەپ بىلەن ئوق ئۇزدى. ئىككى تەرەپ قاتتىق ئىتىشۋاتقاندا ، ياردار جەڭچىنىڭ ئوق مۈرىسىگە ئوق تىگىپ كىتىپ ھوشىدىن كەتتى. 5 مىنۇتتەك داۋام قىلغان كەسكىن جەڭدىن كىيىن دۆشمەنلەر بىر قانچە ئۆلۈكىنى تاشلاپ قىچىپ كەتتى. ھوشىدىن كەتكەن مۇشۇ ياردار جەڭچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ساق ئىدى. رەيھان ئابىدىۋا ياردار جەڭچىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ماڭدى ، گىياھ ئۈنمەيدىغان بۇ چۆل – جەزىرىدە ئۇلارنى ھەممىدىن بەكرەك ئۇسسۇزلۇق قىينىدى. شۇنداق بولسىمۇ رەيھان چىشىنى چىشلەپ، دۆشمەن ئەھۋالىنى بەلگىلەنگەن قەرەلىدە قوماندانلىققا يەتكۈزدى، قوماندانلىق ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن قاتتتىق مەمنۇن بولدى ھەمدە ياردار جەڭچىلەرنى دەرھال ئىلىغا ئەۋەتىۋىتىپ، رەيھاننى بىر قانچە كۈن دەم  ئېلىشقا بۇيرىدى. رەيھان دەم ئېلىشنى رەت قىلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىمغا بېرىپ جىڭنى ئازات قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ  كەتتى، 40 گىرادۇسلۇق ئىسسىقتا جەڭچىلەرنى ئۇسسۇزلۇق بېرىپ قۇتقۇزسا، بىر تەرەپتىن ئۆزى ئىچىدىغان سۇنىمۇ باشقىلارغا ئۆتۈنۇپ بەردى. رەيھان تۇرغان يىڭ دۆشمەننىڭ مەلۇم بىر ئىستىھكامىنى ئىگەللىۋالغاندا دۆشمەن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قايتارما ھوجۇمغا ئۆتتى، جەڭچىلىرىمىز ياۋۇز دۆشمەنلەرگە غەزەب بىلەن ئوت ئاچتى. دۆشمەننىڭ 2– قىتىملىق ھوجۇمى چىكىندۇرۇلۇشنىڭ ئالدىدا ئېغىر پىلىمۇت قىززىپ كىتىپ توساتتىن توختاپ قالدى، رەيھان بۇنى كۆرۈپ دەرھال يىنىدىكى بىر سۇدان سۇنى پىلموتنى سوۋۇتۇشقا بەردى. شۇنىڭ بىلەن دۆشمەننىڭ ھوجۇمى غەلبىلىك چىكىندۇرلۇپ، جەڭ غەلبىگە ئىرىشتى........

–      مىللي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى جىڭ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، رەيھان ئابىدىۋانى ( باتۇرلۇق ) قاتارلىق مىداللار بىلەن تەقدىرلىدى. رەيھان ئابىدىۋا ئازاتلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇندق قان كىچىپ كۈرەش قىلىپ تاكى ماناس دەرياسى بويىغىچە بېرىپ 1946– يىلى  بىتىمدىن كىيىن ھەربى دوختۇرخانا ۋە سەھىيە نازارىتىدە ئىشلىدى. 1948– يىلى غۇلجا تىببى تېخنىكۇم مەكتپىنىڭ دەۋالاش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ  1952– يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتۇردى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇيدۈڭگە بېرىپ خەلق دوختۇرخانىسىنى قۇرۇشقا قاتناشتى، جوڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيە 5– كورپۇس قوماندانلىق شىتابى ئۇنىڭ يۇقارقىدەك تۆھپىسىگە « غەربىي شىمالنى ئازات قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى خاتىرىلەش مىدالى » بىلەن تەغدىرلىدى. رەيھان ئابىدىۋا 1953– يىلىدىن تاكى 1980– يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك ئۈمۈد مەكتىپى ، ئىلى ھەربى گوسبىتال ، 4– شى دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،نۇرغۇنلىغان بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتقۇزدى. ۋە 1981– يىلى خىزمەتتىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىقتى. ئۇ گەرچە خىزمەتتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، جەمىىيەتكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشتىن توختاپ قالمىدى. ئۇ ھازىرمۇ مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ ياخشى دوستى، مەسلىھەتچىسى.                           

بۇ ئوچىرىك ئىلى گىزىتىنىڭ 1987– يىلى 8– ئاينىڭ 6– كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان.

مەرھۇم رەيھان ئابىدىۋا 1999– يىلى 10– ئاينىڭ 2– كۈنى 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى مەڭگۈ ياد ئېتىلگۈسى.


ئەسلى مەنبە: تاتارلار تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-25 11:12 AM  


ن.س ئۇرال

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 12:53:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياشىسۇن تۇركى مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىقى ، مۇشۇ تاتارلارغا قاتتىق ھۆرمىتىم بار .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10270
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 4358 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 12:57:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن. ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى~~~~  بىزگىمۇ شۇنداق جەڭلەرگە قاتنىشىش نىسىپ بولارمۇ ھە؟؟؟

ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~
ئوباما بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 01:28:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 870
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5690
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2241 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 02:29:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىرغىچە پەقەت بىرلا تاتار قىز بىلەن پاراڭلىشىپ باققان،  لېكىن كىچىكىمدىن باشلاپ تاتارلار توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغان،  "ئانا يۇرت " رومانىدىكى پەرىخە ۋە سەبىخە ئاتلىق ئىككى قىز تاتارلارغا بولغان ھۆرمىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان.  ئاٌۇ تاتار قېرىنداشلىرىمىزمۇ ھەر ۋاقىت ئامان بولسۇن ....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72868
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 03:06:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن باتۇر ئېسىل قىز ئىكەنتۇق ، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90544
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 785
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 03:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار  بىلەن  تاتارلار  بەك  ئىجىل  - ئىناق  ئۆتكەن   .  .  . تاتارلار  بەك  مەدەنىيەتلىك .

                                       تاتار قېرىنداشلارغا سالام .            ئامان بولۇڭلار ! ! !  

url=https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif]https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif[/url]
مىللىتىم  ياشنىسۇن !!!

جەۋلان101

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27251
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5452
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 04:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن.

جەۋلان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 05:13:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  تارىخى ئەسەرلەرنى قىزىقىپ ئوقۇيمەن ،ئاشۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىش -ئزلىرى ئادەمگە بىر خىل روھ بېغىشلايدۇ.

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1841 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 05:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتارلار  مۇسۇلمانمۇ  دوسلار ؟؟؟؟؟    ئۇلارنىڭ  تىلىنى بىز چۈشىنەلەمدۇق ؟؟ئ

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش