|
|
|
|
مەن قانچىلىك بېلىق يېيىشىم كېرەك؟
ئامېرىكىنڭ مەشھۇر يازغۇچىسى مارك تىۋېن سودىنى تاشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن كېيىن، تالانتىنى تېزلىكتە نامايان قىلىدى ھەمدە « پاقا» ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق بىردىنلا نام چىقىرىپ ئەسلىدىكى ھېچنىمىسى يوق نامراتتىن كاتتا زەردارغا ئايلاندى. بۇ نۇرغۇن ياشلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىشتىياقىنى قوزغاپلا قالماستىن يەنە بىر تۈركۈم بىكار تەلەپ ياشلارنىڭ يېزىقچىلىق قىلىپ باي بولۇش ئىستىكىنى قوزغىۋەتتى. روگېر دەل مۇشۇنداق ياشلارنىڭ بىرى ئىدى. روگېرنىڭ گەرچە ھېچقانداق يېزىقچىلىق تالانتى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە بەكمۇ ئىشنىپ كەتكەنلىكتىن ئۆزىنى يېزىقچىلىقتا تۇغما قابىلىيىتى بار دەپ قارايتتى. ئەسەرلىرى نەشرىياتلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندا بولسا، نەشرىياتتا مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگۈدەك ئادەم يوق دەپ ھېسابلاپ، نەشرىيات تەرىپىدىن قايتۇرۇلغان ئەسەرلىرىگە ئۆزىنىڭ بىر پارچە خېتنى قوشۇپ مارك تىۋېنغا ئەۋەتتى. خەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەنىدى: « ئاڭلىسام فوسفور ماددىسى چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ئىكەن، بېلىقنىڭ ئۇستىخىنى تەركىبىدە فوسفور ماددىسىنى بەك مول ئىكەن، شۇڭا مەن ھەر كۈنى بېلىق يېيىش ئارقىلىق سىزگە ئوخشاش ئۇتۇق قازانغان يازغۇچى بولسام دەيمەن، سىز ئۇتۇق قازىنىش جەريانىدا قانچىلىك بېلىق يېگەن، قايسى خىل بېلىقنى يېگەنلىكىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟» مارك تىۋېن بۇ ياشنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن خېتىنى كۆرگەندىن كېيىن يىغلاشنى ياكى كۈلۈشنى بىلەلمەي، قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇنىڭغا قىسقىلا جاۋاب خەت يېزىپتۇ:«سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆردۈم، سىز بېلىق يېسىڭىز بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى كىتتىن بىر قانچىنى يەپ بېرىڭ.» ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن باشقا، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ باشقا يولى يوق. ئەگەر تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي، ئاسان يول بىلەنلا مۇۋەپپقىيەت قازىنىشنى ئويلىسىڭىز ئۇنداقتا مەڭگۈ ئەسلى ھالىتىڭىزدە تۇرۇۋېرىسىز. ئەگەر ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئارقىلىق تالانتقا ئىگە بولغىلى بولغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ دۇنيا تالانتلىقلار بىلەن كۆمۈلۈپ كەتكەن بولاتتى.
تەرجىمە قىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-25 12:18 PM
|
|
|
|
|
|