|
|
|
|
جەميەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇر تەرەققىياتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە يېڭىلقلارنى ئېلىپ كەلدى. دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن تېڭشۈن شىركىتنىڭ ئۇچۇر دىتاللىرى مەسلەن QQ،ئۈندىدار خەلقىمىز تۇرمۇشغا ناھايتى تىز سىڭىپ كىردى.(تېڭشۈن شىركىتنىڭ باش قۇرغۇچسى ما خۇا تېڭ جۇڭگۇدىكى 2.دەرىجىلىك باي دەمدۇ ئىشقىلىپ)
بايا مۇنبەردىشىمىز'HY@Li نىڭ 'ۋىيشىندىن يىراق تۇرۇپ مۇھەببەتكە سادىق بۇلايلى'مەزمۇندىكى تىمىسىنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالدىم.دىمىسىمۇ ئۈندىدار بىزنىڭ تۇرمۇشمىزغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.(توغرا ئىشلەتكەنلەرگە).مەسلەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتسام خزمەتداشلىرىم،دوسلىرىم بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشمەن.نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىردا ئۇنى ئىشلىتمەن.مانا بۈگۈنمۇ ئۈندىدارنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم.13 يىلدىن بىرى كۆرشەلمىگەن بىر ساۋاقدىشىمنى ئۈندىدارنىڭ ياردىمى بىلەن تىلفۇن نۇمۇرنى تېپىۋالدىم.مىنىڭ ئۈندىدار دوسلىرىم ئىچىدە مەن بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان تۇنۇشلار بار.تۇنۇمايدىغانلارنى قاچىلىمايمەن ياكى قاچلاپ بۇلۇپ باشقىچە بىر قىسىم ئادەملىكىنى بىلىپ قالغان ھامان چىقىرۋىتمەن.ئايالىممۇ ئانچە مۇنچە تەكشۈرۈپ قۇيدۇ.لىكىن مەن دۇرۇس ئىشلەتكەن بولغاچقا ئۇنۇڭمۇ ئارتۇق گىپى يوق.
مەن ئۈندىدارنىڭ دوسلار ھالقىسىغا ئەڭ ئامراق.نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك دوسلۇرۇم بار.كۈندە دىگۈدەك نەچچە پارچە قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇردۇ.مەنمۇ پىخسىقلىق قىلماي باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ تۇرمەن.بەزىدە قىممىتى يۇقىرى ئۇچۇرلانى مۇنبەرگە يوللاپ تۇرمەن.
لىكىن بىر دوستۇمغا ئۈندىدار سەۋەپلىك 5000دىن سەل كۆپرەك زىيان بولدى.ئۆزىمۇ سەل شاشراق بالا ئىدى.ئۈندىداردا بۇلشىغا ئادەم قاچلاپ قىزلارغا شالىنى چاچقان چېغى.يېڭلا ئالغان ئالما 5نى ئۆيدە ئۇنتۇپ قىلىپ ئىشقا كىتىپتۇ. ئايالى يۇۋاش مەزلۇم ئىدى.ئۇ تىلفۇنغا قىزقىپ ئۇ يەر بۇ يەرنى بېسىپ ئۈندىدارغا كىرىپ قاپتۇ.يولدىشىنىڭ باشقىلار بىلەن دىيىشكەن ھاياسىز گەپلىرنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ تۇرغاندا دوستۇمنىڭ بىر ئۈندىدار دوستى تىلفۇن قىلىپ دوستۇمنى ئىزدەپتۇ.دوستۇمنىڭ ئايالى كىملكىنى ئېيىتقاندا ھېلقى قىز دوستۇمنىڭ ئايالىنى بۇلۇشىغا تىللاپ قۇيۋىتىپتۇ.ئىچىدىن قان كەتكەن دوستۇمنىڭ ئايالى كەچتە دوستۇمنىڭ كىلىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۇپتۇ.دوستۇم كەلگەندىن كىيىن ياقىسىدا ئىلەڭگۈچ ئۇچقان چېغى بىچارە، ئالغىلى بىر ئايمۇ بولمىغان ئالما 5 نى ئۇرۇپ پارە -پارە قىلۋىتىپتۇ........................
مىنىڭچە بولغاندا ئۈندىدارنى ئىشلەتسەك بۇلدۇ. يۇلدا ئىشلەتسەك بۇلدۇ.تۇنۇمايدىغانلارنى سىزنى بىركىم مەجبۇرى قۇشسەن دىمىگەندۇ؟ياكى قوشقانلارنى ئۈچۈرۋەتسەڭ يامان بۇلدۇ دىمىگەندۇ؟سىزنى بىرسى قىز دوستىڭىزدىن(ئۇغۇل دوستىڭىزدىن) مەجبۇرى تېنىڭ دىمگەندۇ؟سىزنى بىرسى ئايالىڭىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىڭ ،يولدىشىڭىزغا يۈزسىزلىك قىلىڭ دىمگەندۇ؟سىزنى ھاياسىز گەپلەرنى قىلىڭ دەپ ئۈگەتمىگەندۇ؟
يىغىپ ئېيىتقاندا ھەممىسى ئۆزىڭىزدىكى مەسلە."قۇرسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورىقما"دەيدىغان گەپ بار كونلاردا.ئۆزىڭىزنى مەھكەم تۇتالماي ئۇ بولمايدىكەن بۇ چاتاق دەپ يۇلىدا ئىشلەتمەي گۇنانى ئۈندىدارغا قۇيۇپ ئۈندىداردا نىمە گۇنا؟جىگىرىڭز بولسا يات كىشلەرگە يات جىنىسلارغا چىشىڭىزنى چىقارماڭ.ئاۋال ئۈزىڭىزگە يۈز كىلەلىسىڭىز باشقىلارغىمۇ يۈز كىلەلەيسىز.
تۈۋەندىكى رەسىمنى ئىسپات سۈپىتىدە يوللاپ قويدۇم.سىزنىڭچە ئۈندىدار راسلا خەتەرلىكمىدۇ؟
مەنبە:ئۆزقەلمىم
رەسىم:ئۈندىدار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-25 12:10 PM
|
|
|
|
|
|