تولا
(غەزەل)
<<ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا،نامراتلارغا پۇتلاش تولا>>
قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ھورۇنلاردا ئۇخلاش تولا.
دوست يىغلىتىپ ئيتىدىكەن دۈشمەنلەر ھەم كۈلدۈرۈپ،
ئەيىبىنى كۆرسەتسە دوست نامەرتلەردە باتناش تولا.
ئابرۇي قوغلاش مودا بولدى بۇ زاماندا ھەممىگە،
شۇ سەۋەپتىن قىرىنداش ھەم،تۇغقانلاردا ياتلاش تولا.
قۇدىلارنىڭ ئاراسىدا كۆپەيدى ئاداۋەت-نىزا،
شۇڭا ياشلارنىڭ بىر ئوبدان تۇرمۇشىدا توختاش تولا.
ئەرلەر سودا قوغلۇشۇپ ھەم قىزلار مودا قوغلۇشۇپ،
كۈنلەپ،تۈنلەپ ئۆيگە كىرمەي تالا-تۈزگە قاتراش تولا.
ئاتا-ئانا ئۆيگە كىرمەي،بايرام قىلۇر بالىلار،
كىچىككىنە قىزلاردىمۇ دىبالارغا قاتناش تولا.
كىچىك تۇرۇپ يولدىن چقسا چوڭ بولغاندا ھالى نىمە؟
شۇنداقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن جەمىيەتتە بەڭباش تولا.
چوڭلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە كۆنمەس بولدى بالىلار،
ئاتا-ئوغۇل ھەم ئانا-قىز،ئارا يامانلاش تولا.
ھايۋان سۈتى بىلەن بىقىپ بالىلارنى ئانىلار،
ھايۋان كەبى چوڭ بولغاندا ،رازى بولماي قارغاش تولا.
بىر ئىش قىلىپ زىيان تارتساق كۆرمەس بولدۇق ئۆزىمىزدىن،
گەر قىلچىلىىك ياخشى چىقسا كەڭ جاھانغا داملاش تولا.
مۇھەببەتنى سودا بىلىپ،قوغلۇشۇشنى مودا بىلىپ،
بىرنى تاشلاپ بىرنى سۆيۈپ ئۆز-ئۆزىنى ئالداش تولا.
توۋا دەيمەن ھەيران بولۇپ بولۇۋاتقان بەزى ئىشقا،
لىكىن يىزىپ تۈگىتەلمەي باشلىرىمدا ئاق چاچ تولا.
نۇر ئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر