مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: elipba2

ئاق تاماكا - تەسىرلىك فىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90120
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-15
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:28:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىشلەنگەن فىلىم بوپتۇ  بۇ فىلىمدىن ئبرەت ئالايلى

كىممۇ دەيدۇ؛ ‹‹ياۋروپالىق-مەدەنى››
نە ئەدەپ بار،نە ھايا،قىپيالىيالىڭاچ بەدىنى.
گەر مەدەنىيەت   ئىچىش بولسا بەدەننى،
دىسەڭلارچۇ،ھايۋان بىزدىن بەكرەك مەدەنى !

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:42:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق ئالۋاستى......

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:53:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاق تاماكا چىكىشنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنەي دىسىڭىز يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ ئامەت ۋە ئاپەت دىگەن رومانىنى ئوقۇپ بېقىڭ .

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89877
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 12:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەۋبە.. تەۋبە ..تەۋبە دەيمەن بىزدەك بىر ئاللاھنىڭ ھىدايىتگە،ئىنايىتگە ئىرىشكەن مىللەتنىڭ بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئەيدىز،ئاق تاماكا دىگەنلەرگە قۇربانلىق بىرىشتە ئالدىنقى قاتارغا ئۈتۈپ كىتۋاتمىز..
ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن   بىر يامان ئىشنى كۇرۇپ تۇرۇپ قۇلمىز بىلەن ،تىلىمىز بىلەن،دىلىمىز بىلەن بولسىمۇ توسمىساق بىزمۇ شۇلارنىڭ يامىنىغا كىتىپ قالمىز  
ئى ئاللا بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭىزدىن كىيىن ئېزىپ كىتشىمىزدىن ئۆز پاناھىڭىزدا ساقلاپ قالغايسىز امىن!!!

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17980
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 839 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹ئاق ئالۋاستى››، ئەيدىز بىزدىن نېرى تۇر !



بۇ يىل 1 – دېكابىر 24 – قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز يېقىندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر نەچچە ئاغرىقنى زىيارەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق مۇشۇ تۇيۇق يولغا مېڭىپ قالغانلارغا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتۇق.


‹‹مەن ماڭغان يولدا ماڭماڭلار››


ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان قاسىم (ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن ) ئائىلىدىكى ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. ئاتا – ئانىسىنىڭ تەربىيەسى، ئەتىۋارلاپ بېقىشى بىلەن بۇ ئۈچ ئوغۇل ساغلام چوڭ بولدى، قاسىممۇ ئوقۇش يېشىغا توشۇپ مەكتەپكە كىردى. لېكىن، ئائىلىدە ئەركە ئۆگىنىپ قالغان قاسىم مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، بىلىپ – بىلمەي مەكتەپتىن قاچىدىغان، ئۆيىگە ۋاقتىدا قايتمايدىغان بولۇۋالدى. نەتىجىدە ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىقىغا چىققاندا مەكتەپتىن توختاپ قالدى، ئاتا – ئانىسى ھەر قانچە تەربىيە قىلسىمۇ قۇلىقىغا كىرمىدى. 1993 – يىلى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن قاسىم جەمئىيەتتىن تۇتۇۋالغان بىر تەڭ قۇرام ئاغىنىسى ۋە يېڭىدىن تونۇشۇپ قالغان ئاكا ئاغىنىسى بىلەن ئۆيىدىكىلىرىگە تۇيدۇرماستىن ئىچكىرى ئۆلكىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ ئاكا ئاغىنىسى بۇ ئىككى بالىنىڭ بارلىق خىراجىتىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئىچكىرى ئۆلكىگە ئېلىپ ماڭدى. ئەزەلدىن ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقمىغان قاسىم ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە بارغىنىدا ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭ بۇ ‹‹بەختلىك›› كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇ بۇ سەپەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىدىغان تۇنجى قەدەم بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ھېلىقى ئاكا ئاغىنىسى بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ئەسلىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بالىلارنى ئالداپ ئاپىرىپ ئوغرىلىققا سالىدىغان ئادەم بېدىكى ئىدى. ئۇ خوجايىن بالىلارنى ئەكىلىش جەريانىدا خەجلىگەن بارلىق خىراجىتىنى قەرز ھېسابلاپ، ئۇلارنى ئوغرىلىققا سالاتتى. قاسىم بۇ يەردە ئۆزىگە ئوخشاش 20 گە يېقىن قىز – ئوغۇلنىڭ ئۇنىڭ قول ئاستىدا ‹‹ئىشلەيدىغانلىقى››نى كۆرۈپ، ئىسسىق ئۆيىدىن ئايرىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى. كۈندە ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىنىش، ئوغرىلىق قىلىشقا ئۇنىمىسا تاياق – توقماقتىن قۇتۇلالماسلىق، ئاچ – توق يۈرۈدىغان ئېغىر كۈنلەر ئۇنىڭ كۆز يېشىنى قۇرۇتتى. ئۇ بىر قانچە قېتىم قېچىپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، خوجايىننىڭ تەھدىتى ئۇنى بەكلا قورقۇتۇۋەتكەن ئىدى. بۇ ئېغىر كۈنلەر داۋاملىشىپ ئالتە يېرىم ئاي بولغاندا، تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە ئوغلىنىڭ تۇرار جايىدىن خەۋەر تاپقان قاسىمنىڭ ئاپىسى ئۇنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلدى ۋە ئۇنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى. قاسىم ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئاتا – ئانىسىنىڭ نەسىھىتى بىلەن مەلۇم ئورۇندىن خىزمەت تېپىپ ئىشلىدى. بۇ يەردە بىر يىلدەك خىزمەت قىلغان قاسىمنىڭ يەنە كونا خۇيى قوزغىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاغىنىلىرىنىڭ ‹‹نەنجىڭدا پۇل تاپماق بەك ئاسان ئىكەن››، دېگەن سۆزىگە ھەۋەس قىلىپ قالدى ۋە 1995 – يىلى بىر قانچە ئاغىنىسى بىلەن بىللە نەنجىڭ شەھىرىگە ماڭدى. بۇ قېتىم بۇ يولنى ئۇ ئۆزى تاللىغان ئىدى. نەنجىڭغا بارغاندىن كېيىن، قاسىم كونا ‹‹كەسپى›› بولغان ئوغرىلىقنى قايتىدىن باشلىۋالدى.
ئوغرىلىق قىلىش قاسىمنى تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار قىلدى. ئۇ ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان چاغلىرىدا باشقىلاردىن ئېغىر تاياق يېدى، ساقچىخانىغا كىرىپ يېتىپ چىقتى. قايتىپ كېتىشنى ئويلىغان قاسىم ‹‹ئۈرۈمچىگە مۇشۇنداقلا كېتىپ قالسام، باشقىلار مېنى قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ، دەپ مازاق قىلسا سەت ئەمەسمۇ››، دەپ ئويلاپ، ئوغرىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر ئاخشىمى ‹‹كەسىپداش››لار ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى. شۇ ئارىدا ئۇلاردىن بىرى يانچۇقىدىن ئازراق خروئىننى چىقىرىپ: ‹‹ئاغىنىلەر، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تازا جاپا تارتتۇق. بۇ نەرسە ئادەمنى بەك پەيزى قىلىپ قويىدۇ، ئازراق چېكىپ بېقىڭلار، ھاردۇقىڭلار چىقىدۇ››، دەپ ئوتتۇرىغا تاشلىدى. قاسىم بۇنىڭ ياخشى نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ يەنىلا تېتىپ بېقىشنى ئويلىدى – دە، بىر نەچچىنى تارتىپلا ئۆزىنى ئاسماندا ئۇچقاندەك ھېس قىلدى، ئەمما ئۇ شۇ ‹‹ئۇچقان›› پېتى ھەرگىزمۇ ئۆز جايىغا چۈشەلمەي قېلىشىنى ئويلىمىغان ئىدى، قاسىم شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ‹‹ئاق ئالۋاستى››نىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالدى... بىر يىلدىن كېيىن قاسىم ئۆيىدىكىلىرىنىڭزورلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭ خروئىنغا ئۆگىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 1996 – يىلى ئۇنى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئېلىپ باردى. قاسىم بۇ يەردە بىر ئاي يېتىپ چىققان بولسىمۇ يەنىلا بۇ نىجىستىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى. خروئىننى چېكىشتىن بارا – بارا ئۇنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا يۈزلەندى. كۈنلەر، ئايلار ئۆتۈپ، ئورتاق شپىرىس ئىشلىتىش جەريانىدا ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ نىجىس ئۇنىڭ تېنىدىن ئورۇن ئالدى. 2007 – يىلى ئۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلدى، لېكىن ئۇ تولىمۇ كېچىككەن ئىدى.
قاسىم ناھايىتى ئېچىنغان ھالدا بىزگە مۇنداق دېدى: مەن ئەسلى ياخشى ئوقۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاتا – ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام بولاتتى. ئەمما مەن بىردەملىك ھەۋەسنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، مۇشۇ يولغا كىرىپ قالدىم، ياشلىقىمنى، ھاياتىمنى خروئىندىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغا سېلىپ بەردىم. مېنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە دەيدىغىنىم، ھەرگىزمۇ مەن ماڭغان يولدا ماڭماڭلار، بىر دەملىك ھەۋەسنىڭ، كەيىپنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، ياشلىقىڭلارنى، ھاياتىڭلارنى قەدىرلەڭلار!


‹‹ھايات تولىمۇ گۈزەل ئىكەن››


ئامىنە (ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن) ئەسلىدە بەختلىك، خاتىرجەم كۈن كەچۈرۈۋاتقان قىز ئىدى، ئەمما ئۇ ئەقىلسىزلىق قىلىپ ياشلىقىنى نابۇت قىلدى...
ئامىنەنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنى ئەتىۋارلاپ، ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئاۋايلاپ باقتى. ئامىنە چىرايلىق، ئەقىللىق چوڭ بولدى، ئوقۇش يېشىغا توشۇپ مەكتەپكىمۇ كىردى. ئامىنە كىچىكىدىن ئەقىللىق قىز بولغاچقا مەكتەپتىمۇ تىرىشىپ ئوقىدى، ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئۈمىدلىرىنى باغلىدى. ئەمما، رەھىمسىز تەقدىر بۇ بەختلىك ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئامىنەنىڭ دادىسىنى ئۇلاردىن ۋاقىتسىز ئايرىدى. بۇ ئازاب ئانا – بالا ئىككەيلەنگە بەكمۇ ئېغىر كەلدى. ئاپىسى قىزىنىڭ بالدۇرراق خىزمەت تېپىپ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنى تېخنىكومدا ئوقۇتتى. ئامىنەمۇ ئاپىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملاپ، 17 يېشىدا خېلى ياخشى ئورۇندىن خىزمەت تاپتى.لېكىن، ئامىنە ھەر ئايلىق مائاشىنى بولىشىغا خەجلەيدىغان، جەمئىيەتتىكى قىزلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ خىزمىتى كېچە – كۈندۈز ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان خىزمەت بولغاچقا، بەزى كۈنلىرى كېچىلىك ئىسمىنىدىن چۈشكەندە، تاماق يەپ قايتىش باھانىسى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇش ئوينايدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆزى خېلى ئوبدانلا ‹‹ئېچىلىپ›› قالدى. مانا مۇشۇنداق ئويۇن – تاماشا بىلەن ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئامىنە ئۆزىدىن يەتتە – سەككىز ياش چوڭ بىر قىز بىلەن سىرداش بولۇپ قالدى. ئۇ قىز خروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغان قىز ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئامىنەدىن ‹‹چېكىپ باقامسىز›› دەپ سورىدى. ئامىنە بىر قېتىم چېكىپ باققانغا ھېچنېمە بولماس، دەپ ئويلاپ، دوستىنىڭ ئۆيىدە تۇنجى قېتىم خروئىن چەكتى، بۇ چاغدا ئامىنە ئەمدىلا 18 ياشقا قەدەم قويۇش ئالدىدا ئىدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى باھانىسى بىلەن ئۇلار دوستىنىڭ يىگىتى قاتارلىق بىر قانچەيلەن بىر يەرگە جەم بولدى.ئۇلار بۇ سورۇندىمۇ خروئىننى چىقىرىپ چېكىشتى ھەم ئامىنەگە چېكىپ بېقىشىنى ئېيتتى.ئامىنە ‹‹بىرىنچى قېتىم چېكىپ خۇمار بولمىغاندىكىن ئىككىنچى قېتىممۇ خۇمار بولماسمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ئاغزىمغا ئالمايمەن›› دەپ ئويلاپ، ئىككىنچى قېتىم خروئىننى ئاغزىغا ئالدى، ئەمما بۇ قېتىم خروئىننىڭ تەمى ئۇنىڭغا تېتىپ قالدى – دە خروئىنغا پۈتۈنلەي خۇمار بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈنلىرى خروئىن چېكىش، خروئىن ئىزدەش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى، خروئىن چېكىشتىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئۆگەندى. ئاپىسى ئۇنىڭ خروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، يىغلاپ قاقشىدى. ئاپىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئامىنە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىمۇ داۋالاندى. شۇ مەزگىللەردە ئامىنە ئەتراپىدا ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى تەشۋىقات – ئېلانلارنى، خروئىن چەككەنلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلاپلا تۇرىدىغان بولدى. 2004 – يىلى ئامىنە بىر تونۇشىنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن قېنىنى تەكشۈرتتى. ئامىنەنىڭ گۇمانىدەك ئۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئىدى.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئامىنەگە پۈتۈن دۇنيا قاراڭغۇ بىلىندى، ئۇ يىغلىدى، قاقشىدى، ھەتتا ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىدى. ئەمما نېمە ئامال بار، ئۇ يەنىلا ئاچچىقىنى زەھەردىن چىقىرىشنى ئويلىدى، پۇلى قالمىسا ئۆيىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ساتتى، ئاپىسىنىڭ نالە – پەريادىغا قۇلاق سالمىدى، خىزمەتتىنمۇ ھەيدەلدى، تۈرمىدىمۇ ياتتى ...
ھازىر ئامىنە زەھەرنى تاشلاپ، ۋىرۇسلۇق داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. ئۇ بىزگە: مەن ئەقىلسىزلىقىمدىن ياشلىقىمنى نابۇت قىلدىم. رەھمەتلىك دادامغا ۋە مېنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاپامغا يۈز كېلەلمەيمەن.ھازىر جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ياشلار ئارىسىدا ئادەمنى مەست قىلىدىغان دورىلارنى يەيدىغان ئىشلار باش كۆتۈرۈپ قالدى.مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، سىلەرنىڭ بۇ يولنى تاللىغىنىڭلار ئەيدىزگە يېقىنلاشقىنىڭلار، ۋاقتىدا بۇ يولدىن قايتىڭلار، ھاياتىڭلارنى قەدىرلەپ، ئاتا – ئاناڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ياشلىقىڭلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭلار. ھايات تولىمۇ گۈزەل، قىممەتلىك ئىكەن.
يۇقىرىقى بۇ ئىككى ياشنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن ھەر بىر ئوقۇرمەن بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا غەزىپى كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئوخشاش ‹‹ئاق ئالۋاستى››، ئەيدىزنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ياشلارنىڭ بۇ يولدىن قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ھايات تولىمۇ قىممەتلىك، ھاياتنى قەدىرلەيلى، ياشلىقىمىزنى نابۇت قىلمايلى. ‹‹ئاق ئالۋاستى››! بىزدىن نېرى تۇر!
ئورۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى
/thread-97089-1-1.html


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3536
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32425
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3760 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 11:19:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      بەك تەسىرلىك ھەم تەربىۋى ئەھمىتى بار فىلىمكەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 07:53:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ھەم تەربىۋى ئەھمىتى بار فىلىمكە

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش