ئوغرى
(ھىكايە)
1
بېيجىڭ . مەلۇم مىترو بىكىتى.
يەر ئاستى مىترو ئالمىشىش بىكىتى بەئەينى چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايتتى. يەر ئۈستىدە بىر «كامار»دىن كىرگەن بىلەن يەر ئاستىدىكى نۇرغۇن ئىرماش-چىرماش يوللار ئادەمنى ئاسانلا قايمۇقتۇرۇپ قۇياتتى. ئۆزى چۈشمەكچى بولغان مىترونىڭ توغرا يۆلىنىشتىكى ساقلاش سۇپىسىنى تېپىۋېلىش مەندەك ياقا يۇرتتىن كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان بىر سەھرالىققا ئۈنچە ئاسانغا توختىمايتتى. ھەرخىل رەڭ ، ھەرخىل ئىرىقتىكى كىشىلەر خۇددى چۈمۈلىلەردەك توختىماي ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ھەممە ئادەم شۇنداق تىز ماڭاتتى، خۇددى بىر مۇھىم ئىشقا كېچىكىپ قېلىۋاتقاندەك. تەمتىرەپ ياكى خىيال سۈرۈپ ماڭغانلارنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. ئادەتتە بىرگە ماڭساق دوستلىرىمنىڭ “توك سوققاندەك ماڭىدىكەنسەن” ، “خەقلەر ئوغرىمىكىن دىمىسۇن ئاداش، سەل ئالدىرىماي ماڭە” دېيىشلىرىدىن قۇتۇلالمايتتىم، ئەمدىلىكتە ، كىشىلەرنىڭ ھېلى ئوڭ مۈرەمنى،ھېلى سول مۈرەمنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ تىز مېڭىشىغا دەخلى قىلىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم -دە ئختىيارسىز قەدىمىمنى تىزلىتىپ ئېقىمنىڭ سۈرىتىگە ماسلىشىشقا ئۇرۇندۇم. نەچچە خىل لىنىيەگە بۆلۈنگەن ئېغىزغا كەلگەندە قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي چەتكە چىقىپ بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرغاندىن كېيىن، تامدىكى لىنىيە ئالمىشىش خەرىتىسىدىن ئۆزۈم بارىدىغان بىكەتنىڭ ئىسمىنى تەستە تاپتىم-يۇ،لېكىن قايسى تەرەپتە تۇرۇپ مىتروغا چىقىشنى بىلەلمەي ئۇياق-بۇياققا قارىدىم. بىكەت خىزمەتچىللىرى ياكى يول كۆرسىتىپ قويىدىغان پىدائىلار كۆرۈنمەيتتى، پەقەت نېرىراقتىكى ئامانلىق ساقلاش ئۆيىنىڭ يېنىدا تاقىر بېشىغا قاسقان شەپكىسىنى چۆكۈرۇپ كىيىۋالغان سۆرۈن تەلەت بىر ساقچى سۆزلىشىش ئاپراتى تۇتقان قولىنى كەينىگە ئىتىپ،قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە ئۇياق-بۇياققا سەپ سېلىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سوراشنى ئويلاشقان بولساممۇ،نەچچە كۈن بۇرۇنقى بىر ئىش يادىمغا كېلىپ دەرھال بۇ نىيىتىمدىن ياندىم.
نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر مىترو بىكىتىدە لىنىيە ئالمىشىدىغان چاغدا ئۇدۇل بېرىپ بىر ساقچىدىن ياردەم سورىغان ئىدىم ، ماڭا يول كۆرسىتىشنى قويۇپ كىملىكىمنى سوراپ، ئاندىن قولىدىكى قانداقتۇر بىر ئاپپىراتلارغا قويۇپ تەكشۈرۈپ، بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سوراپ كەتتى، ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ تەلەپپۇزى سەل سىلىقلاشتى-يۇ ، لىكىن يەنىلا نېمىلەردىندۇر گۇمانلىنىۋااتقانلىقى ئۇنىڭ چىرايدىن ئايان ئىدى. ئەڭ ئاخىرى سورايدىغانلىرى تۈگەپ ئەسكەرتمىسەم مىنىڭ يول سورىغانلىقىمنى ئاللىقاچان ئۇنۇتقان ئىدى. خۇشياقمىغان ئاھاڭدا قاياققا ماڭىدىغانلىقىمنى دەپ بەردى.ئادەم تاپالماي شۇنىڭدىن ياردەم سورىغىنىمغا پۇشايمان قىلغان ئىدىم.
شۇڭا بۇ قېتىم دەرھال بۇ نىيىتىمدىن يېنىپ، تامدىكى خەرىتىگە قاراپ يۈرۈپ بىر يۆلنىشنى شۇمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم ۋە تەۋەككۇل قىلىپ شۇ تەرەپتە مىترونى ساقلاپ تۇردۇم.
ئۇزاق ئۆتمەي مىترومۇ كەلدى. مىترو توختاپ ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تەڭ خۇددى ھېسىپنىڭ تۆشۈك يېرىدىن ئېتىلىپ چىققان گۈرۈچتەك نۇرغۇن ئادەم پورتتىدە چۈشەتتى ۋە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھەر تەرەپكە تارقاپ كېتەتتى. چۈشىدىغانلارنىڭ ئاخرى چۈشۈپ بولغىچە ئىككى رەت بولۇپ ساقلاپ تۇرغانلار بىر-بىرىنى ئىشتىشىپ دېگەندەك مىتروغا چىقاتتى، بۇنداق ئىشتىشىشنى ئەتىگەن ۋە كەچتىكى ئىشقا چىقىش ۋە ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىدا كۆرىدىغان بولسا ، خۇددى شۇ قېتىملىقى ئاشۇ ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پۇرسىتىدەك ، مەيلى قانچە قىستالسىمۇ چىقىپلاۋالسا بولىدىغاندەك شۇنداق ئۆزىنى ئۇراتتى. ئككى تەرەپتىن قايچىنىڭ بىسىدەك يېپىلىۋاتقان ئاپتۇماتىك ئىشك كىملەرنىڭ چاپىنىنى، ياكى دۈمبىسىدىكى سومكىسىنى قىسىۋېلىپ يەنە ئېچىلىپ كېتەتتى. شۇنداق چاغلاردا بېكەت خادىمى تاغارغا سامان تىققاندەك ئادەملەرنى ئالدىغا ئىتتىرىپ ئىشىكنىڭ يېپىلىشىغا كاپالەتلىك قىلاتتى. شۇنداق مەنزىرىنى كۆرگەن چېغىمدا “قازانغا پاتساڭمۇ پاتقانسەن، تۇۋاقنى قانداق ياپقانسەن؟” دېگەن مىسرالار يادىمدىن كېچىپ قالاتتى. ۋە ياكى “مانا، چوڭ شەھەردىكى مەدەنىيەت؟” دەپ ئۆزۈمگە كۈلۈمسىرەپ قوياتتىم...
ھازىر ئۇنداق ئالدىراش پەيىت بولمىغاچقا كىشىلەر مىتروغا چىققۇچە ئۇنچە ئەسەبىيلىشىپ كەتمىدى. ئادەملەر ئۈنچە كۆپ بولمىسىمۇ بىكار ئورۇن باردەك قىلمايتتى. تۇتقۇچقا ئېسىلىپ تۇرۇپ، مىترونىڭ مېڭىش يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىۋاتقان ئىلىكتىرونلىق خەرىتىدىن بارماقچى بولغان بىكەتنى ئىزدەشكە باشلىدىم. كەينىمدىن بىرى قىستاپ ئۆتىۋىدى جەينىكىم يېنىمدا تۇرغان بىر قىزنىڭ سومكىسىىغا يىنىكلا تېگىپ كەتتى، ئۇنىڭغا قارىشىم بىلەن تەڭ ئۇ ماڭا قاراپلا چىرايى دەرھال ئۆزگەردى-دە، بىرخىل ئەنسىزلىك بىلەن يىراقراق سۈرۈلۈپ سومكىسىنى يەنە بىر مۈرىسىگە ئېسىۋالدى. باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن “كەچۈرۈڭ” دەپ قويۇشنى ئويلاشقان بولساممۇ ئۇنىڭ قايتۇرغان بۇ ئىنكاسى غورۇرۇمغا تەگكەچ باشقا گەپ قىلمىدىم. “نېمانچە نازۇك بوپ كىتىدىغاندۇ ھازىرقى زاماننىڭ ئادەملىرى، ياكى بىزگىلا شۇنچە سەزگۈرمىدۇ؟” كاللامدا يەنە چىگىش خىياللار پەيدا بولۇپ ئۆز-ئۆزۈم بىلەن مۇنازىرلىشىشكە باشلىدىم.
“_سۇۋىشىپ كەتكەنگە شۇنچە ھودۇقۇپ، ئاشۇنچىۋالا تەشۋىشلىنىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ خۇددى مەندە يۇقۇملىق كېسەل باردەك...
_توختا، ئۇلار كىسەلدىن ھودۇققىنى يوق ، ئۆزۈڭگە تەسەللى بېرىۋاتامسەن؟ ياق ، شۇنچە ئوچۇق تۇرمامدۇ ، سومكىغا كىسەل يۇقمايدۇ، ئوغرى‘يۇقىدۇ’ . گەپنىڭ ئوچۇقى ئۇ سىنى ئوغرىمىكىن دەپ قالدى . نېمىشقا دەمسەن ؟ سەن ئوغرىغا ئوخشايسەن، نەرىڭ ئوخشايتتى ، قاش-قاپاق، ساقال-بۇرۇتۇڭ، ھە، ئاشۇ بۇرۇتۇڭ تازا ئوخشايدۇ. ئېسىڭدە باردۇ ؟ ئالدىنقى قېتىم تىيەنجىندە شىنجاڭلىقلارغا ياتاق بەرمەيمىز دەپ ئوچۇق ئېيتقان مىھمان كۈتۈشتىن يېنىپ چىقىپ يېرىم كىچىدە بىر كوچىدا كېتىۋاتقىنىڭدا ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىۋاتقان يەرلىك بىرىنى بۇلاۋاتقان بىر يۇرتدىشڭنى كۆرگەنتىڭ. لىكىن ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ ،پوسماڭنى چۆكۈرۈپ كىيىپ يولۇڭغا راۋان بولغان ئىدىڭ. ئاندىن مىھمانخانا خوجايىدىنمۇ ئارتۇق رەنجىمىگەن ئىدىڭ . شۇ بالىنىڭمۇ سېنىڭكىدەك بۇرىتى بار ئىدى... يەنە ئېسىڭدە باردۇ؟ تېخى يېقىندا مۇشۇ شەھەردە كۈپكۈندۈزدە، كېتىۋاتساڭ ئالدىڭدىن كىلىۋاتقان بىر قىزنىڭ كەينىدىن ئىككىسى قىستاپ ئۆتۈپ، چۈچۈپ قارىشىغا يەنە بىرى كەينىدىن كېلىپ چاققانلىق بىلەن قىزنىڭ سومكىدىن نىمىنىدۇر ئېلىپ شۇنداق تىز غايىپ بولغان ئۈچ يىگىت ، قارىماققا سەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك، بەلكى كىچىكرەك كىلەر. ھە، شۇلارنىڭمۇ سېنىڭكىدك بۇرىتى بار ئىدى. ئۇ قىزنىڭ چىرايى ئىسىڭدىدۇ ؟ قورقۇپ كەتكىنىدىن ۋارقىراشىمۇ پېتىنالماي كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ شۇ يەردە قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالغان ئىدى. سەنمۇ يولۇڭغا راۋان بولدۇڭ...”
ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن يەنە بىر بىكەتكە كىلىپ بولدۇق. بايىقىدەك چۈشۈش-چىقىشتىن كېيىن مىترو يەنە قوزغالدى. خىيالدىن قايتىپ دىققەت بىلەن يەنە خەرىتىگە قاراشقا باشلىدىم . “ئاپلا!” توساتتىن تەتۈر يۆلىنىشكە چىقىۋالغانلىقىمنى بايقىدىم، يەنە بىر بىكەتتە چۈشۈپ قارشى يۆلىنىشكە ئولتۇرۇشنى ئويلاپ ئىشك تەرەپكە مېڭىشقا تەمشىلىۋاتسام ، بايىقى قىز تۇيۇقسىزلا:
_تىلفۇنۇم يۈتتى،دەپ ئەنسىز ۋارقىراشقا باشلىدى، ئاۋازى يىغلامسىراپ چىقاتتى. بىرەرىنىڭ ياردەم قىلىشنى ئۈمۈد قىلغاندەك بىرخىل ئىپادىدە ئەتراپتىكىلەرگە قارايتتى، ئاندىن ھېچكىمدىن ئنكاس چىقمىغاننى كۆرۈپ سومكسىنى ساراسىمە ئىچىدە ئاختۇرۇشقا باشلىدى. تېخى بايىلا ئۇنىڭ بىر ئالما تىلفۇننى سومكىسىدىن ئېلىپ يەنە سېلىپ قويغىنىنى كۆرگەنتىم. مانا، بىردەمدىلا سوقۇپ بوپتۇ. “كىممۇ سوققاندۇ؟” شۇنداق ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ئۇقىز توساتتىن ماڭا تىكىلدى-يۇ، بىردەم قاراپ تۇرۇپ كېتىپ يەنە سومكىسىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى.“ئاھ ! خۇدا،” ئۆزۈمچىلا يەنە بىر خىل گۇناھ تۇيغۇسىغا كىلىشكە باشلىدىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا ناھىيلىك كىتاپخانىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىغا بىخەتەرلىك سىسىتىمىسنى يېڭىدىن ئورناتقان ئىدى. كىتاپ كۆرۈپ بولۇپ چىقىپ كېتىۋاتقاچ گەرچە ئۆزۈمگە ھېچنىمە ئالمىغانلىقىم يۈزپىرسەن ئېنىق تۇرسىمۇ ،“ناۋادا شۇ ماشىنا خاتالىشىپ سايراپ كېتىپ قالسا قانداق قىلارمەن؟” دېگەن ئەخمىقانە بىر خىيال بىلەن كۆڭلۈم بىرخىل ساراسىمىگە چۈشكەن ئىدى. مانا ھازىر ھەم شۇنداق بىر خىل ساراسىمىگە چۈشۈپ قېلىۋاتاتتىم. ئەتراپتىكى ھېچكىمنىڭ ئارتۇق ئىشقا ئارلاشقۇسى يوقتەك قىلاتتى، ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويۇپ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. مىترونىڭ سۈرىئىتى ئاستىلاشقا باشلىدى، دېمەك، كېيىنكى بېكەتكە كەپ قاپتۇق. قىز تېخىمۇ تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى ۋە:
_كۆپچىلىك ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟تىلفۇنۇمنى ئوغرى ئالدى. دېدى يىغلامسىراپ. ھېچكىشىدىن سادا چىقمىدى. چۈشىدىغانلار ئىشىك تەرەپكە سۈرۈلۈشكە باشلىدى. مەنمۇ شۇ تەرەپكە ماڭماقچى بولدىم-يۇ،لىكىن يەنىلا ئىچىمدە ئۆزۈم بىلەن ئېلىشىشقا باشلىدىم.
“_ناۋادا چۈشۈپ كەتسەڭ ئۇ سىنى ئوغىرلىدى دەپ قالىدۇ، دىمىسىمۇ ئۇ سەندىن گۇمانلانغان...
_گۇمانلانسا گۇمانلانمامدۇ، مىنىڭ نېمە كارىم، مەن ئوغىرلىمىغان تۇرسام،ئىشقىلىپ مەن ۋىجدانىمغا يۈز كىلەلەيمەن...
_سىنىڭ ۋىجدانىڭنى كىم كۆرۈپتۇ ،خەق سېنى ئوغرى دەپ قېلىۋىرىدۇ، خەقنىڭ ‘ئۇيغۇرلار ئوغرى’دېگەن قارىشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ شۇ.
_ بۇنداق ئويلىسا بەكلا بىر تەرەپلىمىلىك بولمامدۇ؟ قايسى مىللەتتە ئوغرى يوقكەن؟ بىر-ئىككى ئەسكى ئادەم بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلامدىكەن ؟ بۇنداق ئويلاش بەكلا بىمەنىلىك...
_ مەنىلىكمۇ ، بىمەنىلىكمۇ مۇھىمى خەق شۇنداق ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە بىر-ئىككى ئەسكى ئادەم بىر مىللەتكە ۋەكىللك قىلالمايدۇ، لىكىن ھېچ كىم بىر مىللەتكە ھەممە ئادەمنى تەكشۈرۈپ، سىتاستىكا قىلىپ ئاندىن باھا بەرمەيدۇ، ئۆزى ئۇچراتقان بىر-ئككى ئادەم ئۇنىڭغا ياخشى ياكى يامان تەسىرنى بىرىدۇ. بۇ تەسىر ئۇنىڭ باھاسىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ناۋادا بىر يات مىللەت ساياھەتكە كىلىپ ئۇيغۇر ئوغرىدىن بىرنى كۆرگەن بولسا ، ئۇندىن كېيىن باشقا ئۇيغۇرنى ئۇچراتمىغان بولسا ئۇ ئۆمۈر بويى ‘ئۇيغۇلار ئوغرى’ دېگەن قاراش بىلەن ئۆتۈپ كىتىدۇ، ۋە ياكى شۇنداق قاراش ئۇ ئاڭلىغان باشقا ياخشى قاراشتىن ئۈستىن بولىدۇ. شۇڭا بىر –ئىككى ئادەم بەزىدە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىر مىللەتكە ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ۋەكىللىك قىلپ قالىدۇ...”
مىترو توختاشقا باشلىدى، شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر خىيال كاللامغا كەلدى-دە، ئۇ تەرەپكە سۈرۈلۈپ تىلفونۇمنى چىقىرپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم ۋە:
_ تىلفۇنڭىزنى سايرىتىپ بېقىڭ ،ناۋادا تېخى ئىتىۋىتىلمىگەن بولسا... ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالدى، نېمە دىيىشنى بىلمەي گاڭگىرىغان ھالەتتە تۇراتتى .
_ چاققان بولۇڭ مىترو ھازىرلا توختىسا پۇرسەت قالمايدۇ. شۇنداق دېگەچ تىلفۇننى ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىن تەڭلىدىم. شۇندىلا ئۇ ھوشىغا كەلگەندەك بولۇپ “رەھمەت” دەپ تىلفۇننى قولىغا ئېلىپ نۇمۇرنى بېسىپ ئەتراپنى تىڭشاشقا باشلىدى. قېرىشقاندەك سىگنال ئۇنچە ياخشى ئەمەس ئىدى، شۇڭا تىلفۇننىڭ ئۇلانغان ئۇلانمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايۋاتاتتى. مىترو توختىدى. يەنە بىر قېتىملىق چۈشۈپ-چىقىش باشلاندى. تۇيۇقسىز پەستىن تىلفۇننىڭ بوش سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىككىلىمىز تەڭلا سومكىغا ئاندىن بىر-بىرىمىزگە قارىدۇق.
_ ئۇنداق ئەمەستۇ، دېدى ئۇ. – سومكامنى شۇنچە ئاختۇرغان تۇرسام. شۇنداق دېگەچ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سومكىسىدىكى ھەممە نەرسىنى يەرگە ئالغىلى تۇردى. ئاۋاز داۋاملىشىۋاتاتتى. بۇ چاغدا بايدىن بىرى جىم ئولتۇرۇۋالغان نەچچەيلەنمۇ ئەمدى ئويۇن قىزىۋاتقىنى سەزدى بولغاي ئۇنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ سومكىغا قارىغىلى تۇردى. سومكىدىكى “دۇنيا”نىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋەتتى ، لىكىن تىلفۇن كۆرۈنمەيتتى، شۇ چاغدا ئۇ سومكىسىنىڭ ئەستىرىنىڭ تۆشۈكلۈكىنى كۆردى-دە ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. تىلفۇن سومكىنىڭ ئەستىرنىڭ ئىچىدىن چىقتى. ئەتراپتىكىلەر خۇددى شۇنداق بولىشىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلغاندەك“شۇ ئەمەسمۇ”دەپ غودوڭشىپ قويۇپ ئورۇنلىرىغا بېرىپ تۇرۇشتى. ئەسلىدە ئۇ بايا ئالاقىزادىلكتىن ، سومكىسىنى ئوبدان ئاختۇرمغان چېغى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سومكىدا بىر دۇككاننىڭ مېلى تولۇقتەك قىلاتتى. شۇنچە نەرسىنىڭ ئارسىدىن بىرنەرسە ئاختۇرۇپ تېپىشمۇ ئاسان ئەمەستە.
مىترو بايىقى بىكەتتىنمۇ قوزغىلىپ بولغان ئېدى. تەتۈر يۆلىنىشكە ئاللىبۇرۇن ئىككى بىكەت مېڭىپ بولغان ئىدىم، لىكىن كۆڭلۈم شۇنداق ئازادە ئىدى. ھېلىقى قىز تىلفۇنۇمنى قايتۇرۇپ بەرگەچ "رەھمەت" دېگەن ئىدى، نېمىشقىكىن بۇ ئاددىغىنە بىر سۆز مىنى شۇنچە خۇش قىلغان ئىدى.مەن ئۇنىڭغا ئۇچرىغان قانچىنچى شىنجاڭلىق، بۇرۇتى بار ئۇيغۇر بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، لىكىن ئۇنىڭ شۇنىڭغا ئشەنگىنىگە ئشەنچىم كامىلكى، مەن ئۇ ئۇچراتقان شىنجاڭلىق بۇرۇتى بار ئۇيغۇر، لىكىن ئوغرى ئەمەس ئىدىم.
2
شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى چەت بىر يىزا يولى.
نەچچە يىل بۇرۇنلا قاراماي ياتقۇزۇش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىدىن زەيكەش ئېلىنىپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن يېزا يولىغا نېمىشقىكىن تېخىچە ئىش باشلانمىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەسلى ئورنىدىن ئادەم بويى كۆتۈرۈلۈپ ،ئۈستى قاڭدىلىپ ئەينەكتەك قىلىنغان يول مانا ئەمدى بىر يەرلىرى تىزغا كەلگۈچە توپا، بىريەرلىرىدە ئادەم بېشىدەك يوغان تاشلار چوقچىيىپ چىققان، ئوي-دۆڭگۈل، زادى تاش يول ياكى توپا يوللىقىنى پەرىق ئەتكۈسىز بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ يول ئىككى يىزا ئوتتۇرسىدىكى چۆللۈكنى كىسىپ ئۆتەتتى. بىر يېزىنىڭ بازىرى تولىمۇ قايناق بازار بولۇپ بۇ ئىككى يېزىنىڭ ئادەملىرىدىن باشقا يىزىلاردىن،ناھىيدىن ھەتتا شەھەردىنمۇ ئالارمەن-ساتارمەنلەر كىلىپ يېزا بازىرىنى ئاۋاتلاشتۇراتتى.بولۇپمۇ ھېيتنىڭ ئالدىدىكى بازاردا بۇ ئىككى يېزىدىن ھەممە ئادەم دېگۈدەك بازارغا كىلەتتى. شوپۇرلارمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،ئادەمنى راس قاچىلاپ ماڭاتتى.ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا يولدا كېتىۋاتقان ھەرقانداق ئادەمنى ماشىنىسىغا چىللاپ ئۈنى پۈتۈپ كىتىدىغان شوپۇرلار بۇنداق ۋاقىتتا تازا ئېشىۋالاتتى.ھېيت بازىرىنى بازارلاپ چىققان دېھقانلارنىڭ خالتا-بوخچىسى سەل چوڭراقلىرىنى باسقىلى ئۇنىماي،ياكى“خالتاڭغا مانچە پۇل،ئۆزۈڭ مانچە پۇل كىرا بېرىسەن”دەپ تۇرىۋالاتتى. “سەل ئىنساپ قىلساڭلارچۇ”دىيىشكەنلەرمۇ بولاتتى،بۇنىڭ بىلەن شوپۇرلار “ئاكا، ماۋۇ تۆمۈر سۇ قۇيساڭ ماڭمايدىكەن،ماي بىلەن ماڭىدۇ، ماي بىلەن”دەپ قاڭشايتتى.شۇنىڭ بىلەن شوپۇرنىڭ دېگىنىگە كۆنمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى.بەزى كىشىلەر ماشىنىغا چىقىپ شوپۇرغا بىۋاستە دىيەلمىگەننى ئەتراپدىكىلەر دەپ سەل بولسىمۇ ئىچىنى بوشىتىۋالاتتى، “ھيېتمۇ تۈگەيدۇ تېخى،‘ۋاي ئاكا ،كېتەمسەن؟ ئەكەل يۈكۈڭنى، ھويلاڭغا تاشلاپ بىرىمەن’ دەپمۇ كېتىسەن تېخى”. شۇنداق قىلىپ سەي-كۆكتات،كۈنجۈر-كىپەكنى بېسىپ، ئادەمنى ئىشىك يېپىلمىغىچە قاچىلاپ بايىقى يولدا ئېغاڭلاپ ماڭاتتى.چوڭ ئانامنىڭ ئۆيى يەنە بىر يىزىدا بولۇپ ،بىز ئاۋۋال قايناق يېزا بازىرىغا بېرىپ شۇنداق ماشىنىلاردىن بىرىگە چىقىپ باراتتۇق. بۇنداق ماشىنىدا ئادەم قىستىلىپ قىينالغان بىلەن، ھەرخىل ئادەملەرنى ئۇچرىتىپ،ئاڭلىمىغان گەپلەرنى ئاڭلايتتى.
ماشىنا قوزغىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ياردەمچى شوپۇر كىرا يىغىشقا باشلىدى. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ماڭغۇدەك بوشلۇق يوق ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنىمۇ چوڭ بولمىغاچقا كىشىلەر بىر-بىرسىگە سۇنۇشۇپ تەرەپ-تەرەپتىن كىرا تۆلەشكە باشلىدى. كىمدۇر بىرى كىرانىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىدىن غودۇڭشۇپ قويغان ئىدى، بۇ گەپ ماشىنىدىكى بىر نەچچە خوتۇنغا بولۇپ بەردى.تەرەپ –تەرەپتىن چۇرقىرىشىپ “شۇ ئەمەسمۇ، ئابلاجان، ئەزانراق قىلساڭلار بولىدۇ شۇ كىرانى” دېۋىدى، ياردەمچى شوپۇر سەل چېچىلىپ قالدى، ئوشۇق چۈشەندۈرگىسى كەلمىدى بولغاي قوپاللا قىلىپ: _تۇرسۇنخاچا، كىرا ئېغىر كەلگەن بولسا كىلەر ھەپتە ئازنا كۈنى بىزنىڭ ئۆيگە باسىلا، كۆك مىدىنى قېتىپ بىرىمەن، شۇنىڭغا چىقىپ باسىلا، كىرا كەتمەيدۇ،دېۋىدى .ئىككى تەرەپتىكى ئورۇندۇق ئوتتۇرسىدىكى تاغار ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن پايپىقىدىن بىر قانچە بىر سوملۇق پۇللارنى ئېلىپ رەتلەۋاتقان تۇرسۇنخانمۇ بوش كەلمىدى:
_ ئۇ قوتۇر مىدىڭىزگە چىقىپ ماڭسام مەن بازارغا بارغۇچە بازار تۈگەپ كېتەرمىكىن، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ دەڭگە قويسام ئالتە باغلام بېدە يەيدۇ ھەقاچان ئۇ ئىچى ئۆتۈپ كەتكەن مىدىڭىز. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا مۇشۇ تۆمۈر ھارۋىڭىزغا چىقاي. ماشىنىدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى.
شۇنداق پاراڭلارنى ئاڭلاپ چۆل يولىدا كېتىۋاتاتتۇق، ماشىنىدىن باشقا ئىنسى-جىن يوق بۇ چۆل يولىدا بىر گەۋدە كۆرۈندى. ماشىنا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ ئۇ كىشى كەينىگە قاراپ قويمايتتى. شوپۇر ئۇنى تونىدىمۇ قانداق، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ ئۆرە تۇرغان ئابلاجاندىن سورىدى:
_ ئابلاجان ، ئاۋۇ كىشى خۇداۋەدىكاممۇ(خۇدابەردى ئاكا) نىمە؟
_ بۇ چۆلدە پىيادە مېڭىشقا پېتىنىدىغان يەنە كىم بار، چوقۇم شۇ، ئېلىۋالايلى، ماشىنىنى توختاتمىساق ئۇ ماشىنا توسىمايدۇ.
_ ئاجايىپ ئادەمدە بۇ ، دەپ قويدى شوپۇر ۋە ئۇنىڭدىن سەل ئۆتۈپ ماشىنىنى توختاتتى. لىكىن ئۇ كىشى خۇددى ماشىنىنى كۆرمىگەندەك ماشىنىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىۋىدى ، ئابلاجان ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنى توختاتتى. ماشىنىدىكى ھەممەيلەن بۇ غەلىتە كىشىگە ھەيران بولۇپ قارايتتۇق. بولۇپمۇ شوپۇرنىڭ بايىقى گەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇ ئادەم ماڭا تېخىمۇ سىرلىق بىلىنىۋاتاتتى. ئابلاجان بىر نىمىلەرنى دەپ ئۇنى ماشىنىغا چىقاردى-دە، ئۆزى كەينىدىن چىققاچ :
_ خۇدەدىكام چىقتى، يانچۈققا ھېزى بولىنى ئەمسە. تۈسۇنخاچا پۇللىرىنى چاققان ساسىلا،بولمىسا خۇدەدىكام پايپاققىمۇ قول ئۇزۇتۇشتىن يانمايدۇ. دېۋىدى. ماشىنا ئىچى يەنە كۈلكىگە تولدى. تۇسۇنخانمۇ كۈلكىدىن توختاپ جاۋابەن :
_ خۇدەدىكام قېرىدى ئەمدى ، ئۇنداق يۈرەك نېمە ئىش قىلسۇن.دېدى
_ئادەم قېرىغان بىلەن كۆڭۈل قېرىمايدۇ جۇما. قاراڭلار قولىدىكى ئۈزۈكنى. دېدى ئابلاجان. ئۇنىڭ تۇتقۇچنى تۇتۇپ تۇرغان قولىنىڭ نامسىز بارمىقىدا قارا كۆزلۈك كۆمۈشمۇ، ئاليومىنمۇ ئەيتاۋۇر بىر ئۈزۈك سېلىقلىق ئىدى.
_كىم بىلىدۇ، ئۇنىمۇ بۈگۈن بىر بىچارنىڭ يايمىسىدىن توغىرلىدىمۇ، تېخى. گەپكە قېتىلدى يەنە بىرەيلەن. ئۇ كىشى بولسا ئۈندىمەي جىم تۇراتتى. خۇددى ھىچنىمىنى ئاڭلىماۋاتقاندەك، ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ھېچنىمە ئۇنى ھەيران قالدۇرمايتتى . ئېگىز بوي، يەلكىسى كەڭ ،تەتۇر ئۇسقان، بېشىغا قىرغىز قالپىقى ياكى لوپنۇرلۇقلارنىڭكىدەك كىگىز قالپاق كىيگەن بۇ ئادەم ئىشىك تۈۋىدىكى تۆمۈرنى تۇتۇپ مەزمۇت تۇراتتى. شۇڭىمۇ ھېچكىمنڭ كاللىسىغا بۇ كىشىگە ئورۇن بېرىش كەلمىگەن ئىدى. توپا باسقان يۇزلىرىدىن يەنىلا بىر خىل قىزىللىق كەتمىگەن ، كىرلەشكەن ئۇزۇن قارا چاپاننىڭ ئىچىگە كەيگەن ئاق كۆينىكىمۇ قارىماققا يۇمىغىلى خېلى بولغاندەك قىلاتتى. بىلىدىكى كۆك پوتىسغا گىردىدىدەك بىرنەرسە يۆگەلگەن ئىدى.
كىشلەر ئەمدى بۇ كىشى توغرۇلۇق بەس-بەستە سۆزلەشكە باشلىدى.
_ خۇدەدىكام بىر كويلۇق ئۈزۈككە ئۆزىنى بۇزىدىغان ئوغرى ئەمەس.
_ھە، “خۇدەدى ئوغرى” دېسە بۇرۇن بۇ يۇرتتا بىلمەيدىغانلار يوقكەنمىش.
_ ھە، دادامنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئادەم ھازىر 70ياشلاردىن ئاشقانمىش، ياش ۋاقىتلىرىدا شۇنداق يامان ئوغرىكەنتۇق. بايلارنى بەك قاقشاتقانمىش...
_بۇ ئادەمنى ئۆمرىدە تۇتۇلۇپ باقمىغان دىيىشىدىكەنغۇ؟ راستمۇ؟
_ شۇنداق، ئۇ ئاجايىپ مەرت بولۇپ بەزىدە ھەتتا “بۈگۈن پالانى باينىڭكىگە چۈشىمەن” دەپ قويۇپ ئاندىن ئوغۇرلايدىكەن. ئۆي ئىگىسى كېچىچە ئۇخلىماي چارلاپ يۇرسىمۇ يەنە بىر ئىش قىلىپ ئوغىرلاپ كېتىدىكەنتۇق.
_ ھە ، مەنمۇ ئاڭلىغان. بىر قېتىم شۇنداق دەپ قويۇپ كېچىسى بىرىنىڭكىگە چۈشمەكچى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە باي مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئوغرىنى زادى بىر تۇتۇپ مات قلىشقا پۇتۇشۇپتۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا كۈچى يەتمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ خۇدەدىكام ھويلىغا چۈشىشىگە بىر تاغار بۇغداينى ئۈستىگە تاشلاپ ئاندىن تۇتماقچى بوپتۇ ھەمدە ئادەم توپلاپ ئۆگزىدە بىر تاغار بۇغداينى تەييارلاپ ماراپ يېتىپتۇ، دېگەندەك خۇدەدىكام ھويلىغا چۈشىشىگە ئۇلار بۇغداينى ئۇنىڭ گەجگىسىگە تاشلاپتۇ، خۇدەدىكام دۈم چۈشۈپتۇ، قالغانلار ئەمدى تۇتۇلغانسەن دەپ يوپۇرۇلۇپ كېلىشىگە ئويلىمغان يەردىن دۈمبىسىدىكى بۇغداينى چۆرۈپ تاشلىۋىتىپ نەچچە ئەركەكنىڭ ئارىسىدىن قېچىپ كېتىپتۇ...
ماشىنا ئىغاڭلاپ يولنى داۋام قىلماقتا ئىدى، كۆزئالدىمدىلا تۇرغان بۇ ئادەمگە تېخىمۇ ھەۋەس بىلەن قاراشقا باشلىدىم. ئۇ يەنىلا شۇ بىر خىل ئىپادىدە تۇراتتى. كۆزئالدىمغا غېنى باتۇرغا ئوخشاش ئوغرىلار، ياق ھەقىقى قەھرىمانلار كېلىشكە باشلىدى. ھەي، بۇرۇنقىلارنىڭ “ئوغرى”للىرىمۇ شۇنداق بىر ئىسىل كىشىلەركەنتۇق، مەرتلىك، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلەردىن ئايرىلماي ياشىغانكەنتۇق، بۈگۈن بىز شۇ “ئوغرى”لارنى پەخىرلىنىش ئىچىدە يادىمىزغا ئېلىۋاتىمىز، لىكىن بۈگۈنكى كۈندىكى ئىچكىر ئۆلكىلەردە پۈتۈن مىللەت نامىغا داغ كەلتۈرىۋاتقان ئوغرىلارنى، ئۆز قېرىندىشىنىڭ باللىرىنى ئوغىرلاپ سېتىۋاتقان ئوغرىلارنى، قىز-ئاياللارنى ئالداپ سېتىۋاتقان ئوغرىلارنى، ئۆز ئۆيىگە كىرىۋاتقان ئوغرىلارنى كىيىنكىلەر قانداق بىر ھېسياتتا يادىغا ئالاركىن ؟
مەنبە:ئۆزۈم