ھارغىن ھېسلار
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئاللاھقا مىڭلاپ ھەمدۇسانالار ئېيتىمەن ...كۈنلىرىم ھەرھالدا ياخشى كىتىۋاتىدۇ ... كىشىلەر ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاتالمىش بەخىت ھامان مەندىن يىراقتا تۇرۇپتۇ ... ئەمما ئاللاھ سۆيگۈسى ھامان قەلبىمنى ئىللىتىۋاتىدۇ .... شۇ كۈنكى ئۇ ئىككىسىنىڭ ھالىتىدىن كۆڭلۈم قاتتىق ئاغرىدى .... ئاللاھ ئىنسان بالىسىغا ئۇ كۆڭۈل ئاغرىقىنى سالمىسۇن ... ۋاررىدە ۋارقىراپ ھەممىنى تىرە پىرەن قىلىپ ، ھەممىدىن ۋاز كىچىپ يۇقالغىم كەلدى...بوينۇمنى باغلاپ تۇرغان زەنجىردىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز ئىدىم .... تىرىكچىلىك ئۈچۈن بۇ كۆڭۈل ئاغرىقىغا لەۋ چىشلىمەي بولمايتتى .... ئىنتايىن ئاجىز ھەم دۆتلىكىمنى شۇچاغدا ھېس قىلدىم ....
قىززىق .... ئىلگىرى يىغلاپ يىغلاپ دەردىمنى كۆزۈمدىن ئالاتتىم ... ھازىر قاقاقلاپ كۈلۈپ ئىچىمنى بۇشىتىدىغان ئادەتنى چىقىرۋالدىم .... يۈرىكىم قانچە ئاغرىغانسىرى شۇنچە قاتتىق كۈلىمەن ... يۈرىكىم ،بىقىنىم ، قۇسقۇمغا سانجىق تۇرۇپ قالغۇچە كۈلىمەن ... كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۈرتۈشكە ئۈلگۈرمەي كۈلىمەن ......
يىغلىغىنىمدا تەسەللىگە ھېچكىم يوق ، كۈلكەمگىمۇ ھېچكىم جۆر بولمايدۇ .... سۆزلەي دىسەم بىرمۇ ئادەم يوق .... كىچىدە قورقۇپ ئويغانسام چاقىردىغانغىمۇ ھېچكىمىم يوق ...... قۇرسىقىم ئاچقاندا بىرگە تاماق يەيدىغانھەمراھىم يوق .... ئانامنىڭ قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپ جىممىدەخىيالغا چۆمگۈم كىلىدۇ ... ئەمما ، مەندە ئۇنچىلىكمۇ ئامەت يوق ...........
ھەركۈنى شۇنداق ، ئوخشاش بىر ئىش ، ئوخشاش بىركەيپىيات ......... ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيۈمنىڭ بوسۇغىسىدىن پۇتۇمنى ئاتلىغاندىن باشلاپلا بۇلۇڭ بۇلۇڭدىن چىقىۋاتقان غېرىبلىق ، يالغۇزلۇق مىنى قىيناشقا باشلايدۇ.... كۈندىكىدەك ئۇنىڭ ئۈچۈن تىككەن كەشتىگە قارايمەن ... يەنە قاقاقلاپ كۈلىمەن.... يارامنى تاتىلايدۇ دەپ بىر يەرلەرگە تىقىۋىتىپمۇ باقتىم ، ئەمما ئادەت يامانكەن ....... ئۇنىڭغا ئامالسىزمەن ..... كەچلىك غىزا« غىزا» ئەمەس مەن ئۈچۈن شاكىراپ ئىدى ... قانچە قىلساممۇ گىلىمدىن ئۆتمەي تالاي قېتىم ئاچ قورساق ئۇخلاپ قالدىم ،سەۋەبى نېمە؟؟؟ ئۇنى بىلمەيمەن .......... ئەمما بۇ ئازارچىلىق ، بۇ كۆڭۈل ئاغرىقى پەقەت ۋە پەقەت جەينىماز ئۈستىدە ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا خىيالىمدىن يۇقىلىدۇ ...پۇچلانغان يۈرىكىم ، بۇزۇلغان نېرۋىلىرىم ، ھالسىرىغان جىسمىم پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىلا ئاراملىققا چۆمىدۇ .... شۈكرى ئاللاھىم ...ماڭا پەقەت سەنلا بار ....پەقەت سەن بولساڭلا ماڭا شۇ كۇپايە ........(ئامىين)
2013.يىلى 1.ئاينڭى 23.كۈنى كىچىدە يېزىلدى
مەنبە : خاتىرەمدىن ئارىيە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-25 12:09 PM
|