مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 403|ئىنكاس: 0

ئانا تىلىم ھاياتلىغىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 870
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5684
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2239 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 06:42:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىم ھاياتلىغىم
  
خېلىل ھەمرايېف

ئانا تىلىم ھاياتلىغىم بايرىغىم،
شۇ بايراقتىن بىلىنىدۇ بارلىغىم.
ئۇ قانچىلىك كۆتۈرۈلسە بۈيۈككە،
كەڭىيىدۇ مېنىڭ ياشار يايلىغىم.

ئانا تىلىم ئۆرگە ئۇچار قاناتىم،
ئاڭا باغلىق مېنىڭ ئۆمۈر سائاتىم.
ئۇ قانچىلىك پەرۋاز قىلسا ئۇزاققا،
يىلتىز تارتىپ شاقىرايدۇ ئىجاتىم

ئانا تىلىم، جانان تىلىم، جان تىلىم،
ئانا سۈتى بىلەن كىرگەن نان تىلىم.
كۈيلەپ دايىم دوستلۇق بىلەن ئەرىكنى،
ياڭراپ تۇرغان شائىر تىلىم شان تىلىم.

تىلىمغا يار سادىر پالۋان ناداسى،
ئامانىساخاننىڭ مۇقام ناۋاسى.
ئۇلۇق شائىر بىلال نازىم قەلمىدىن،
قەت كۆتەرگەن ئۇنىڭ نۇرغۇن جىراسى.

شۇ جىرادىن ئېقىپ كەلگەن بۇلاق مەن،
قەيسەر نازۇك ئېيتقان ئوتلۇق قوشاق مەن.
يالقۇنلۇتۇپ ئۇستاز بىلال غەزىلىن،
ژۇت باغرىدا يېنىپ تۇرغان چىراق مەن.

ئانا تىلىم، گۆزەللىكنىڭ ئاچقۇچى،
تىلسىمات ئۇ قەلبىمگە نۇر چاچقۇچى،
شۇ نۇر مېنى، گۆزەللىكە ئاشىق قىپ،
ئىلھامىمنىڭ ساليۇتلىرىن ئاتقۇچى.

ئانا تىلىم تىرىكلىگىم تىرىگىم،
شۇ تىرەكتىن مەدەتلىنەر ژۈرىگىم.
دوستلار تىلى بايلىغىدىن بەھلى ئېپ،
قاناتلىنىپ ئۇلغۇ يارغا تىلىگىم.

ئاپتورنىڭ باشقا شېئىرلىرى
ھەممىسى MP3شەكلىدەبولۇپ، ياقتۇرىدىغانلار چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭلار، ئومۇمىي سىغىمى 50MB

1-كىرىشسۆز


2-شائىرلىقنىڭباشلىنىشى


3-تېلېگىرافسىملىرى


4-ئاتائالقىنى


5-ئاتائالقىنى


6-شېئىرىيەت


7-دېھقاننىڭيەرگە مۇھەببىتى


8-ئاتىلارناخشىسى


9-يەركەنتىم


10-كوناتۈگمەن يولىدا


11-ئارمان


12-بىلالنىڭزارى


13-چىراقلار


15-دېھقان


16-سورا


17-ئەجەمناۋاسى


18-ۋەتەنناۋاسى


19-ئىلىدەرياسى بويىدا


20-جامىئەجەم


21-جۇدالىققەسىدىسى


22-كۈتۈشباللادىسى


23-تىيانشانسەردارى سادىر


24-تۇمارباللادىسى


25-سېدەباللادىسى

26-ئىپارخان
مەنبەسى : خېلىل ھەمرايېف تورى

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش