ۋەتەن ۋە ئىتىكا(كۆك ھىلال)
ماقالە
ۋەتەن ئاتالغۇسى ئالىيجاناپ ھىسياتنىڭ مەھسۇلى.ئۇ ئىجدىمايىيلاشقان مۇھاببەت.ئۇنۇڭ كۈچى ھەرقانداق مەنىۋىي كۈچنىڭ كۈچىدىن زور.چۈنكى ئۇ كىشىگە مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇرىدۇ.ۋەتەن ئۇقۇمى ئاددىي ئۇقۇم ياكى ئابىستىراكىت چۈشەنچە ئەمەس.ۋەتەن قانداقتۇر بىر سىياسىي گەۋدە ياكى تىروتورىيىلىك بىرلىك ئەمەس.بەلكى ئۇ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ سىڭگەن ئالىيجاناپ ھىسيات.سەن تۇغۇلغان ئۆي سىنىڭ ۋەتىنىڭ،سەن ماڭغان كوچا،سەن ئاشلىق تىرىغان ئىتىز دەل سىنىڭ ۋەتىنىڭ.چۈنكى ۋەتەن ئالىيجاناپ،مەسئۇلىيەت ئىڭىغا ئىگە ئادەمنىڭ غورۇرىي ۋە ۋىجدانىدۇر.
قەلىپ دەپتىرىمدىن-------
ئېتىكا ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى ئىجابىي يەكۈن،ئۇ ئىدولوگىيە پەرىشتىسى.نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت مەنىۋىيىتىدىكى بۈيۈك ئابىدە.ئىتىكا-مەدەنىيەت ئۇقىمىنىڭ يادرۇسى.ئۇ مىللىي مەنىۋىيەتنىڭ ئىزگۈ روھى .
ئتىكا-قاراش ۋە ئۆلچەم.ئوخشىمىغان مىللەتنىڭ قىسمەن جەھەتتە ئېتىكا يۆنىلىشى ئوخشىمايدۇ .ئەمما دۇنياۋىي جەھەتتىن ئىلىپ ئىتقاندا ئىتىكا پىنى ئوخشاش يۆنىلىشكە ئىگە.ئىتىكا ئىنسان بىلىش نەزىريىسى،ئاڭ نەزىرىيىسى شۇنداقلا ئادەم تەبىئىتى نەزىريىسىنىڭ دائىرىسىگە چىتىلىپ كىتىدۇ .ئۇ نوقۇل ئىجدىمايىي ئەمەلىيەتنىڭ قارغۇلارچە ئىپادىسى ئەمەس،بەلكى مەۋجۇتلۇقنىڭ مىڭىدىكى سۇبىيكتىپ شاتلىقىغا سىنسوئالىستىك بىلىشنىڭ قوشىلىشى.ئەنگىليە پەيلاسۇپى داۋىد خۇمى ئىنسان تەبىئىتى نەزىرىيىسى دىگەن ئەسىرىدە:( ئىتىكا ئەقىلنىڭ مەھسۇلى ئەمەس بەلكى ھىسياتنىڭ يەنى تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى)دەپ توغرا ئىتقان.تۇيغۇ( يەنى قەلىب) ئەخلاقنىڭ مەنبەسى شۇنداق بولغان ئىكەن بىر مىللەتنىڭ ئىتىكىسى يەنى ئەخلاقى شۇ مىللەتنىڭ تۇيغۇسى ۋە قەلبىي دىگەنلىك بولىدۇ.دىمەك ئېتىكا (ئەخلاق)مىللەتنىڭ قەلبىي .
ئىتىكا پىنى ئىنسانشۇناسلىق كاتوگورىيىسىگە كىرىدۇ.ئىنسانشۇناسلىق ئىككى تۈرگە يەنى فىزولوگىيىلىك تەتقىقات بولغان بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئاڭ تەتقىقاتى بولغان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىغا ئايرىلىدۇ.ئىتىكا دەل مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىغا تەۋە.ئۇ يەنە ئىنسانشۇناسلىق دائىرىسىدىكى فولىكلور ۋە ئىتنوگىرافىيە بىلەنمۇ زىچ باغلىنىشلىق.ئۇ يەنە ئىستىتىك تەربىيە مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستىتىكا ئىلمى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.ئىتىكا پىداگوگىكىنىڭ ئاساسى.ئىتىكا ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى،مەنبەسى قاتارلىق ئىتنىك تەركىبلەرنى تەتقىت قىلىدىغان ساھە.ئۇ ئىنساندىكى سۇبىيكتىپ پائالىيەتچانلىقىنىڭ مەھسۇلى.ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەتلىك دەۋىرگە كىرگەنلىكىنىڭ شاھىدى.تەرەققىيات ۋە شەخسىيەتچىللىك ئوڭ تاناسىپلىق ھالدا يۈكسىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئېتىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن موھىم.ئېتىكىنىڭ كەڭ ۋە ئۈنۈملۈك تارقىلىشى جەمىيەتتىكى ناچار كەيپىيات،قاتمال ئىدىيە،ئىجدىمايىي زىدىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ،ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان زۇلمەت ۋە رەزىللىككە قارشى تۇرۇپ تىنىچ ساغلام دۇنيا بەرپا قىلىپ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا يورۇقلۇق ۋە ھىدايەت بىرىدۇ.ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى ھەرقانداق زىدىيەتنىڭ مەنبەسى ئەخلاقتىن چەتنىگەنلىكتە بولىدۇ.ئېتىكىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھىلىقى بىلىق بىلەن سۇ،ئىنسان بىلەن ھاۋادەك ئورۇنغا ئىگە.
ۋەتەن ئۇقۇمى ئېتىكا ئىلمىنىڭ ئاساسىي.مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ ئومۇمىيۈزلۈك شەكىللىنىشىنىڭ سۇبىيكتىپ شەرتى ئەخلاق.ئىتىكا ئوبىيكتىپ شەيئىنى ئىجدىمائىيلاشتۇرغانلىقنىڭ،ئوبىيكتىپ قانۇنىيەتلەرگە ئىجابىي يۆنىلىشتە ماسلاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى.دۇنيا ئىنسان مەنىۋىيىتىدە ياخشى،يامان ئۇقۇمى بىلەن ئايرىلغانغا ئوخشاش ماددىي مەۋجۇدىيەتمۇ ياخشى يامانغا ئايرىلىدۇ.ماتىريالىستىك دىئالىكتىكىلىق نۇقتىنەزەر بويىچە قارىغاندا ئاڭ ماددىنىڭ سۇبىيكتىپ ئىنكاسى.ئىتىكا ئىلمىمۇ بۇنۇڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.ئىتىكا ئىلمىي ماددىي مەۋجۇدىيەتنىڭ سۇبىيكتىپ ئىنكاسى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنسانىيەت ئىڭىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سۇبىيكتىپ جەۋھەر.
ئىتىكىنىڭ جىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك.ئىتىكا دىمەك ۋەتەنپەرۋەرلىك دىمەكلىكتۇر.ئەخلاق ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەركەز قىلىپ كۆكلەيدۇ.ۋەتەندىن ئايرىلغان ئىتىكا ئىتىكىدىن ئايرىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك مەۋجۇت ئەمەس.ۋەتەن ئۇقۇمى بىر خىل سىياسىي گەۋدە ياكى غايىۋىي دۆلەت ئەمەس بەلكى ئىتىقاد. كۈچلۈك مىللەت توپىدىكى ئىتىقاد بىرلىكى شۇمىللەتنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ئورتاق غايىسىدە ئىپادىلىنىدۇ.بىر مىللەت توپىدىكى ئورتاق غايىنىڭ ئۆزى شۇ مىللەتتىكى ۋەتەن.ۋەتەندىن ئىبارەت كۈچلۈك ئەخلاقى بۇرۇچنىڭ ئارقىسىدا ئاندىن باشقا ئەخلاقىي تارماقلا ھاسىل بولغان بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئىتكىسى دىننىي ۋە مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يۇغرۇلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئىتىكا مىللەتنىڭ قەلبىي،قىممەت قارىشى بولۇش بىلەن بىرگە مىللەتىنىڭ مەدەنىيلىك ئۆلچىمى بولىدۇ.ياپۇنىيە
مۇتەپپەككۇرى فوكوساۋا يوكسى (مەدەنىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات)دىگەن كىتابىدا (بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقرى تۆۋەنلىكى خەلىقنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە ئەخلاق سەۋيىسىنى ئۆلچەش بىلەن ئۆلچىنىدۇ) دەپ قارىغان.مىللەتمۇ شۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى مىللەت ئەخلاق ساپاسى،ئەقلى ئىقتىدارى تەرىپىدىن ئۆلچىنىدۇ.پۇتۇن مىللەتتە سان ۋە سۈپەت جەھەتتە كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ئەخلاقسىزلىق ھادىسىسى يۈز بەرسە شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلىك مىللەت شۆھرىتىگە تەسىر يىتىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتنىڭ ئىتىكا قارىشى مەيدانىدا تۇرۇپ ئىيتىلمايدۇ.بەلكى شۇ مىللەت ئۆزىنىڭ ئىتىكا قارىشىغا يات قىلىقلارنى قىلىشىدىن ئىپادىلىنىدۇ.دىمەك بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيلىكى شۇمىللەتنىڭ ئىتىكا نۇقتىنەزىرىنى چىقىش قىلىپ شۇ مىللەتنىڭ ئىتىكا مەيدانىدا تۇرۇپ ئۆز ئىتىكىسىغا چۈشكەن ئەخلاق ساپاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.مەسىلەن ئاياللار ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولغان بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاياللارنىڭ ئوچوق كىيىملەرنى كىيىشى كۆپۈنچە مىللەتلەر ئارىسىدا ئەخلاقسىزلىق ھىسابلانمايدىغان بولۇنۇپ قالدى.بۇ مىللەتلەر دىندىن نىسبەتەن خالىي .بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭ ئوچۇق كىيىم كىيىشى ئەخلاقسىز قىلمىش ئەمەس.ھەتتا بىر دۆلەتتىكى شىتادلىق ھۆكىمەت ئاياللارنىڭ كوچىدا مەيدىسىنى ئىچىپ يۈرۈشنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىدە ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش مايكا كىيىپ يۈرمەيدىغان ئەركىنلىككە ئىرىشىشى زۆرۈر ئىكەن.مانا بۇ ئۇلاردىكى ئەخلاق ئۆلچىمى،ئەمما ئىتىقادلىق مىللەتلەر ئۇ خىل قىلمىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىگەنلىك ئەمەس.بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىش كىرەككى قۇرئاندىن باشقا سااماۋىي كىتابلاردا (ئۆزگەرتىۋىتىلگەن)ھەۋائانىنى ئادەم ئاتىغا زىيانكەشلىك قىلغان دەپ ئەيىبلەيدۇ. قۇرئاندا بولسا گۇناھنى ھەر ئىككىسىگە ئاتىدۇ.ئىسلام دىنى ئىلمىيلىكى بىلەن ھەق دىندۇر.ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مىللىي ئىتىكىسىغا نەزەر سالساقمۇ ئاياللارنى قوغداش،ئاياللار بولسا ھايالىق بولۇش تەكىتلىنىدۇ.ئاياللارنىڭ ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىشى ئاياللار ھوقۇقىنى چەكلىگەنلىك ئەمەس بەلكى ئاياللارنى قوغدىغانلىق.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئىلىپ ئىتساق ئوخشىمىغان مىللەت ئوخشىمىغان ئىتىقادلىق كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاق ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ.ھەركىم ئۆز دائىرىسى، ئۆز توپىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلمىسا ئۇ ئەخلاقسىزدۇر.ئۆز مىللىتىدە ئەخلاقلىق سانالغان ئادەم باشقا مىللەت ئارىسىدا بەك خۇراپىي ياكى ئەخلاقسىز ئاتىلىپ قىلىشى مومكىن.موھىمى ئۇنۇڭ ئۆز مىللىتى ئۆز قەۋمى ئىچىدىكى ئوبرازى.
ئامورالىزىم ھەققىدە چۈشەنچە ۋە ئامۇرالىزىمنىڭ تەسىرى.
ئامۇرالىزىم بىرخىل ئەخلاقنى،ئادىمىي پەزىلەتنى،ۋىجدان،نۇمۇسنى ئىنكار قىلىدىغان چۈشكۈن ئىدىيىۋىي ئىقىم.ئۇ ئىتىكىنىڭ رولىنى ،ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلىدۇ.بۇ خىل ناچار چۈشكۈن ئىقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلاردا ئەخلاقسىزلىق ئەۋىج ئىلىپ ئوڭايلا جىنايەت پاتقىقىغا پىتىپ قالىدۇ.ئەگەر بىر دۆلەت ياكى مىللەت توپى بىلەن ئامۇرالىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا شۇ مىللەت دائىرىسىدە جىنايەت كۆپ يۈز بىرىدۇ،ئىجدىمايىي زىديەت ئۆتكۈرلىشىدۇ.كىشىلەر بىر-بىرىدىن ھىيىقمايدىغان،يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشتىن قورۇقمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ.جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر يىتىدۇ.ئەڭ موھىمى ئامۇرالىستىك تەھدىتكە ئۇچرىغان سىياسىي،ئىقتىسادىي ئاجىز مىللەتلەر ئوڭايلا ئامۇرالىزىم پەللىگە يەتكە چوڭ ھوقۇقلۇق مىللەتلەر تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە قىلىنىپ كىتىدۇ.كىشىلەر ئەبجەشلىشىپ بىر بىرىگە چىل بۆرىدەك ھۆرپىيىشىپ يۈرىشىدۇ .ھايا-ئىزا كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ.مىللەتنىڭ مەدىنيەتلىك مىللەت نامى ئۆچىدۇ.مىللەت ئۆزىنىڭ خارەكتىرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى يوقۇتىدۇ.
ئۇيغۇرلار تۈركى قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراق تىرىم مەدەنىيىتىنى باشلاپ مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان مىللەت.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق سىستىمىسى بىرقەدەر كەڭ دائىرىلىك ھەم مۇكەممەل.نۇرغۇن دىنغا ئىتىقاد قىلىپ كەڭ ئەخلاقى جەۋھەرلەرنى جۇغلىغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆرۈپ-ئادەت،قائىدە-يۇسۇن،ئەدەپ-ئەخلاققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،مىللى ئىتىقادنىڭ سۇسلىشىشى سەۋەبلىك بىرقەدەر چوڭ ئامۇرالىزىم بورىنىغا دۇچ كىلىۋاتىمىز.ئامۇرالىزىم ئىدولوگىيىسىنىڭ كەڭ ياشلىرىمىز قەلبىدە يىلتىز تارتىشىغا ئەڭ چوڭ سەۋەب نىمە؟مىللىي بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت ھەممە مىللەت ئەزاسىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن.ھەرقانداق بىر مىللىي ئەزا ئۆزىنىڭ مىللىي بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلغان چاغدا مىللەت روناق تاپىدۇ.ئۇنداقتا يۇقارقى سوئالنى بۈگۈنكى كىشىللىرىمىزنىڭ چوقۇم ئويلىنىشقا تىگىشلىك .چۈنكى يۇقارقى مەسىلە مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كىلىۋاتقا بىر قار بوران.ئامۇرالىزىمنىڭ ئۇيغۇر روھىيىتىگە يامىشىپ قىلىشى تۆۋەندىكى سەۋەبلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
1)بالىلارنىڭ باشقا مىللەت قىممەت قارشىدا تەربىيلىنىشى.
2)ئاتا-ئانا تەربىيىسىنىڭ مىللىي ئورتاق غايىنى سىڭدۈرۈش تەربىيىسىگە سەل قارشى.
3)ئاتىئىزىم تەربيىسىنىڭ تەسىرى.
سەۋەب بولغاچقا نەتىجە كۆرىلىدۇ.بۇ ئاددىي قانۇنىيەت.
ۋەتەن ئىتىكىنىڭ ئاساسىي.ئىتىكا-ئەخلاق قاراشلىرى مۇكەممەل مىللەت دەل مەدەنىيەتلىك مىللەت.ئاسمىلاتسىيە قىلىش ۋە قىلىنىش جەريانىدا ئەڭ ھالقىلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغىنى مەدەنىيەت ئامىلى.قايسى مىللەت مەدەنىيەت جەھەتتە ئۈستۈن بولسا شۇ مىللەت ئاسمىلاتسىيە قىلغۇچى مىللەت. قايسى مىللەتتە مەدەنىيەت كىرزىسى يۈز بەرسە ئۇ ئاسمىلاتسىيە قىلىنغۇچى مىللەت.
دىمەك بۇ ئەسەرنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولدىكى:مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاش ئاسمىلاتسىيە قەدىمىمىزنى توسۇش ئۈچۈن بىزنىڭ قىلىدىغاىنىمز ئۇيغۇر مىللىي ئىتىكا ئەخلاقلىرىنى تەشۋىق قىلىش.ئەخلاق قاراشلىرىمىز ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدا يىلتىز تارىتسا مىللىتىمىز مەدەنىيەتلىك مىللەت شۆھرىتىگە قايتا ئىرىشىپ ئاسمىلاتسىيە بولغۇچى ۋەزىيەتتىن ئاسمىلاتسىيە قىلغۇچى ۋەزىيەتكە ئالمىشاتتى.(گەرچە بۇ قارشىم سەل يۈزەكى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ).ئىتىكا پىنىنىڭ ئاساسىي بولغان ۋەتەن ئۇقىمى يەنىي مىللىي غايىمىز (ھەربىر ئۇيغۇر بۇ غايىنى ئۇبدان بىلىدۇ)ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ مىللىتىمىزنى يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئىرىشتۈگۈسى.دىمەك ئىتىكا ھەركەتلىرىمىزدە ئىپادىلەنسە تەربىيەلەردە ئۇيغۇر ئىتىكىسىنى مەركەز قىلساق مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ.
مەنبە:كۆك ھىلال يازمىسى