مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2666|ئىنكاس: 19

ھونلار ئەڭ بۇرۇن بىيو خىميەلىك ئۇرۇش قۇزغىغان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 816
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4933 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 06:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          ھونلار ئەڭ بۇرۇن بىيو خىميەلىك ئۇرۇش قۇزغىغان    بىيوخىميەلىك قورال ھازىرقى زامان ئۇقۇمى بولسىمۇ، 1700نەچچە يىل بۇرۇن ھونلار بۇ قورالدىن پايدىلانغان، بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ۋابا ئەينى چاغدىكى خەن سۇلالىسى ئاھالىسىنىڭ 80يىل ئىچىدە 50نەچچە مىليۇن ئازىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 300نەچچە يىل داۋامقىلغان ۋابا جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىپ ، جۇڭگو مەدەنىيتىگە ئېغىر ئاسارەت قالدۇرغان، ھونلار غەرىپكە كۈچۈپ ياۋرۇپاغا بارغاندىن كىيىن، ياۋرۇپالىقلارغىمۇ ئەستىن چىقمايدىغان خاتىرلەرنى قالدۇرغان...1. غەربي خەن سۇلالىسى سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە ھونلار سەددىچىن ئەتراپىدا تىزگىنلەنگەنىدى. ئۇلار خەن لەشكەرلىرىگە: چىنلىقلار(ھونلار خەنسۇلالىسى پۇقرالىرنى چىنلىقلار دەپ ئاتايتتى)سىلەرگە ئات كىرەك ئەمەسمۇ؟ بىز سىلەرگە جەڭ ئېتى تارتۇق قىلىغىلى كەلدۇق>>دىگەن. بۇ جەڭ ئاتلىرىنى ئەمەلىيەتتە ھونلار باكتىريەبىلەن يۇقۇملاندۇرغان بۇلۇپ،بۇخىل ۋىرۇس بوزقىردالىلىردىكى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىدى. خەنلەشكەرلىرى تارقىلىشچان كىسەللىك يۇقتۇرۇلغان ئاتلارنى <<سەددىچىن ئىچىگە ئېلىپ كىرىش بىلەن تەدرىجى ئاۋامغا يۇقۇشقا باشلىغان>> ھونلارنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ھىيلىسى _ خەن -ھون ئۇرۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن، خەن لەشكەرلىرى شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىغان. ھونلار ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى ئىقلىمغا كۆچۈۋاتقان يىللارغا توغرا كەلگەن. ھونلار خەن لەشكەرلىرنىڭ داۋاملىق يۇقۇرى ئىقلىمغا سىلجىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان قوي، كالا ئۆلۈكلىرنى خەنلەشكەرلىرنىڭ بىسىپ ئۆتىدىغان يول، دەريانىڭ يۇقۇرى ئېقىنلىرغا تاشلاپ قۇيۇپ، خەن لەشكەرلىرىگە يۇقتۇرۇپ جەڭگىۋارلىقىنى سۇسلاشتۇرغان. بۇخىل ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ بالدۇرخاتىرىگە ئېلىنغان بىيوخىميەلىك قورال ھونلارمۇ ئويلاپ باقمىغان غايەت زور تەھدىت پەيدا شەكىللەندۈرگەن    زامانلاردىن بېرى بۇنداق قىسمەتكە ئۇچراپ باقمىغان خەن پۇقرالىرى ئېغىر ۋابا ئاپىتىگە دۈچ كەلگەن ھەم بۇ ئاسارەت 300نەچچەيىل داۋاملاشقان. سېرىق ياغلىقلار قۇزغىلىڭى (مىلادىيە 184- يىلى)دىن خاقان جىنۋۇدى سەلتەنەتى تەيشى يىلى(مىلادىيە265-يىلى)جۇڭگو يىڭىباشتىن بىرلىككە كەلگەن 80يىلغىچە يېغا،ۋابا دەستىدىن ئاھالە كىشىنى چۈچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. سېرىق ياغلىقلار قوزغىلىڭىدىن ئىلگىلىرى شەرقى خەن سۇلالىسى ئىقلىمدىكى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ 36مىليون 500مىڭ ئىكەن لىگىنى ئىنىقلاپ چىققان، ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىردىكى ۋېى، شۇ، ۋۇخانلىقلىردا ئارانلا 5مىليون600مىڭ ئاھالە قالغان بۇلۇپ، بۇ سان كىشىنى ھەقىقەتەن چۈچۈتەتتى2. ھونلار تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يىلقا، مال-چارۋىلاربىلەن ۋابا كېسەللىكىنى تار قاتقان زامانلاردا كىشلەر بۇنى<<كېزەك>> دەپ چۈشەنگەن ئىكەن. بۇخىل <<كېزەك>>نىڭ ئىككى خىل ئالامىتى بۇلۇپ، بىرى، يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە قان ئۇيۇپ، يېرىقچىلارپەيدا(يارا)بولغان: يەنە بىرى، يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ قىزىتمىسى ئۈرلەپ كەتكەن ياكى قاتتىىق تۇڭۇپ تىرەك ئولىشىپ ئۈلۈپ كىتىدىكەن، شەرقى خەنسۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىردا ئۈتكەن مەشھۇر ئەمچى جاڭ جۇڭجىڭ <<كېزىك ھەققىدە تەپسىر>> دىگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئازاپلانغان ھالدا: <<خانىدانىمدىكى ئادەملەركۆپ دىگەندىمۇ 200نەچچىدىن ئاشاتتى، جيەنئەن سەلتەنەتى باشلانغاندىن بۇيان ئون ئادەممۇ قالمىدى، ئۈچتىن ئىككىسى ئۆلۈپ تۈگدى، بۇلاردىن ئوندىن يەتتىسى كېزىكتە ئۆلۈپ كەتتى>>دەپ يازغان.ئۇنداقتا، خەن سۇلالىسىدىكىلەر زىكرى قىلغان كېزىك زادى نىمە كىسەللىك ئىدى؟ بىرنەچچە تەپسىلاتقا نەزەر ئاغدۇرۇپ كۆرەيلى: بىرى ھون باخشىلىرى <<زەھەرلىك قۇرتلارنىڭ زورى>>بىلەن ھەپلەشكەن. بۇنداق<<قۇرت>>ئارقىلىق قوي، كالا، ئاتقا يۇقتۇرسا، بۇ ھايۋانلارنىڭ تىنىدە تەسىر قوزغىيالمايدىكەن: يەنە بىرى، بۇخىل كىسەللىك ئۇزاققا سوزىلدىكەن. مىلادىيە 1-ئەسىردىن 4-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى نەچچە يۈز يىلدا<<كېزىك>>ۋاباسى ئوتتۇرا ئىقلىمدا تەكرار قوزغالغان. ھون باخشىلىرى ھەپلەشكەن<<قۇرت>>چاشقاننىڭ مايىقى بۇلۇش ئىھتىمالغا يىقىن3. ۋابا كىسەللىكى يېغا بىسىقمىغان زامانلاردا يەنە بىر ئاپەتكە ئايلىنىپ، خاس مەدەنىيەت ھادىسسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇ بولسىمۇ <<ۋېي، جىن دەۋېرىدىكى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى>>دۇر. ۋېي جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە كىشلەر كېزىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دائىم<<ۋۇشىسەن>> دەيدىغان قايناتما دورا ئىچىپ ھاياتىنى ساقلاپ كەلگەن.ھونلار خەن دەۋرىدە بىيولوگىيەلىك  جەڭنى كەشىپ قىلغان بولسىمۇ ، ئۆز قۇۋملىرى ئېغىر تالاپەتتىن قۇتۇلالمىغان. جەنۇبى ھونلار خەن سۇلالىسىگە قارام بولغاندىن كىيىنكى نەچچە يۈزيىل داۋامىدا، شىمالى ھونلار غەرپكە ئۈزلۈكسىز كۆچتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋابانى يول بۇيى تارقاتتى، ۋابا كېسەللىكى مىلادىيە 2-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربى ئاسىيادا تارقالغان، 2-، 3-ئەسىرلەردە تارقىلىپ رىم ئىمپېرىيەسىگىچە يىتىپ بارغان. شۇنىڭ دىن كىيىن، بۇ كېسەللىك بىرنەچچە قىتىم تارقىلىپ 6-ئەسىرگە كەلگەندە پۈتكۈل ياۋرۇپانى قاپلىغان،مىلادىيە 375-يىلى ھونلار دون دەريا بويلىرىدا باش كۈتۈرۈپ، ياۋروپانىڭ زور كۆپچىلك رايونلىرغا باسقۇن قىلغان، ئۇرۇشتىن ۋابا قورقۇنچلىق بولغان. شۇنىڭدىن كىيىنكى بىرئەسىردىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئىچىدە، ۋابا كېسەللىكى پۈتكۈل ياۋرۇپاغا تارقىلىپ، بىرىتانىيە ئاراللىرغىچە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن.مىلادىيە 444-يىلى ۋابا كېسەللىكى بىرىتانىيە ئاراللىرغا تارقالغان. ۋىنا، رىم قاتارلىق جايلاردا مىلادىيە 455-ۋە467- يىللىرى ۋابا كېسەللىكىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ گۇمران بولغان.خاتىرلەرگە قارىغاندا ۋابا كېسەللىكى ئىككى خەن، رىم ئىمپىېرىيەلىرنى ھالاك قىلغان.    جۇشقۇن تەرجىمىسىمەنبە شىنجاڭ قانۇن چىلىق گېزتىدىن ئېلىندى[ بۇ يازمىنى دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-1-25 12:07 PM ]


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10157
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 01:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات ئۈستىدە يارىتىلغان شانلىق تارىخ ۋاباغا تەسلىم بولۇپ‹مەينەت مەنبەسى ›دەپ ئاتىلىپ،نام-نىشانى يوققا چىقىرىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 02:53:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ۋابا كىسەللىكلىرى بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە شەكلىنى ئۆزگەرتىپ دىيارىمىزغا ئەيدىز ،سىبلىس،راك قاتارلىقلار بۇلۇپ جەمئىيىتىمىزدە ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88952
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 06:03:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداقلا بۇلدىغان بۇلسا ئەمدى ئاتىلانى ۋابانىڭ بۇۋىسى دىمىسىلا بۇلاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89296
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 06:14:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھونلار بۇنداق پەس ئشنى قىلمايدۇ . ئەگەر ‹‹ پادشاھ خەنۋۇدى ›› دىگەن كىنو راس بولسا ، بۇنداق قىلىشنى  ، خەن ئىلدىن قېچىپ كەلگەن   جۇخاڭيۈ دىگەن ئاغۋات ، ھون تەڭرىققۇتىغا ئۈگەتكەن . ناۋادا خەنلەر ھونلارنىڭ زىمنىغا تاجاۋۇز قىلماي ، سىپىل ئىچدە يەر تېرغان بولسا ، بۇنداق ئاقىۋەت  كىلىپ چىقماسلىغى مۇمكىن ئىدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوۋ ~

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84446
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2013-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 11:28:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يو        ئالامەت        جۇما~~~~~~!


748~ Danglik Tarihlarga Nazar ~ 10.jpg


748~ Danglik Tarihlarga Nazar ~ 16.jpg


748~ Danglik Tarihlarga Nazar ~ 17.jpg


748~ Danglik Tarihlarga Nazar ~ 24.jpg


748~ Danglik Tarihlarga Nazar ~ 31.jpg


http://www.ejdad.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=557&extra=
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim-iman-kvq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-25 11:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89696
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 12:18:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پەس بىر مىللەتنىڭ ھۇنلارغا ئۈگەتكەن ھىلىسى    ھۇنلار بۇنداق پەسكەشلىكنى قىلمايدۇ  ئەگەر غەلبە قىلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىغان بولسا شۇ چاغدىكى قۇدرىتى بىلەن چىڭگىزخاندىنمۇ كۆپرەك زىمىننى بېسۋالالايتتى   مىنىڭچە بۇ نىڭ ھەممىسى بىكار گەپ  مەن ۇقۇان تارىخ ماتىرياللاردا بۇ توغۇرلۇق ۇچۇر يوق   بەلكىم مەن كۆرمىگەن بۇلۇشۇممۇ مۈمكىن  ياكى بىرەسىڭلا بۇ ئىش توغۇرلۇق بىرەر ماتىريال كۆرگەنمۇ كۆرگەنلەر بولسا ئورتاقلاشساق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8800
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 4802 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 02:50:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەمدى تاپمىغان مۇشۇ گەپ قېپتىما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87341
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 524
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 03:22:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بۇنداق مۇناپىقلارچە ئىش ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس. ھونلار مەرت-مەردانە باتۇر خەلىق . بۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ جاھانگىرلىك پەلسەپىسى . بۇ ئاشۇ زاتى پەسلەرنىڭ تاپقان ئۇيۇنى . بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۇنداق نامەرتلىكنى قىلغان ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش