مەن توي قىلدىم
مەن توي قىلدىم .ھاياتىمدىكى چوڭ بۇرلۇش يەنى قىزلىق دوقمىشىدىن ئاياللىق بۇسۇغىسىغا يول ئالدىم. ئۆزەمنىڭ بارلىغىنى ھاياتىمنى، ئەقىدەمنى، بارلىغىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى ئەركىن، غەمسىز، بىپەرۋا ھاياتىم بىلەن خوشلاشتىم. گەرچە سىنىڭ ئويۇنغا ئامراقلىقىڭنى بىلسەممۇ، توي قىلغاندىن كىيىن تۈزۈلۈپ قالار دەپتىكەنمەن. ئەپسۇس ئىشلار مىنىڭ ئۇلىغىنىمدەك بولمىدى، توينىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ سىنىڭ مەن بىلەن كۈرىشىدىغان ۋاقتىڭ تۇلىمۇ قىسقا بولدى. مۇئامىلەڭنىغۇ دىمەيلا قۇياي، كەچلىكى يېرىم كىچە بىلەن ئۆيگە كىرىسەن، ئەتىگىنى چۈشكىچە ئۇخلايسەن. ئەتىگەنلىكى بىرەر ۋاخ نامىزىڭمۇ يوق، ئۆيدىكىلەر بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ھەممىنى مىنڭدىن كۈرۈشۈپ ئەتىگىنى سىنى بۇرۇنراق ئويغاتمايسىز دەپ مەندىن كۆڭۈل ئاغرىتقان. ساڭا گەپ قىلسام قاتتىق گەپ قىلغان، بولدىلا چىدىۋېتەي، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر! بۇ منىڭ كەيپىياتىمنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى سۆزۈم.
تويدىن بۇرۇن تۇققانلار بىلەن بىرلىشىپ ماشىنا ئېلىپ ساتىدۇ دىگەنتى. قېنى تويدىن كىيىن بىرەر قېتىم مەن سودىغا ماڭدىم دىگىنىڭنى بىلمەيمەن، ھەر كۈنى ئويۇن تاماشا، ئۆزەڭنىڭ يېنىدىكى پۇل تۈگىگەندىن كىيىن مىنىڭ تويدا دوسلۇرۇم قويغان بىرنەچچە مىڭ يۈەنگە قول ئۇزاتتىڭ، ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل سەن مىنىڭ يولدۇشۇم تۇرساڭ مەن سەندىن شۇ پۇلنى ئەزىز كۆرەرمەنمۇ، مانان بۇ پۇلمۇ ساڭا ھەپتىلىك بۇلالمىدى، ئۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دىمەي نىمە ئىلاج. ئۆيگە چىقماقچى بولغىنىمدا يېنىمدا كىراغا بەرگۈدەكمۇ پۇل يوق. قېينىئاتام بەرگەن 20 يۇئەنمۇ سەندىن ئاشمىدى، ئامالسىز ئاكامغا تىلفۇن قىلىپ مىنى ئۆيگە ئاچىقىپ قويغان بولساڭ دىدىم، يولدا چىققۇچە ئاكام ماڭا 100 يۇئەن پۇل بەردى، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. خىجىلچىلىقتا بوينۇمنى كۆتۈرەلمىدىم. توي قىلىپ بۇلۇپ يەنە ئاكامنىڭ پۇلىنى قانداقمۇ خاپا بولماي خەجلەيمەن؟ لىكىن ئالمىسام مەندە نىمە ئامال، كەچتە ساڭا بۇ گەپنى دىسەم سەن تېخى مىنىڭ يۈزۈمنى تۈكۈپ ئاكاڭدىن پۇل سوراپسەن دەپ مىنى ئەيىبلىدىڭ، كۆڭلۈمدە بۇ ئەيىبلىشىڭدىن سۆيۈندۈم، چۈنكى بۇ مىنىڭ سىنىڭ خىجىل بولغىنىڭنى تۇنجى كۈرۈشۈم. ئەپسۇس مەمنۇنىيتىم بىر كىچىلىك بولدى خالاس. ئەتىسى سەن يانچۇقۇمدىكى پۇلنى ئېلىپ يەنە غايىب بولدۇڭ، بىلەمسەن؟ شۇ ۋاقىتتا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بوپ كەتتىم، بۇنىڭغىمۇ كۆندۈم چۈنكى مەن سەن بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆز-ئۆزۈمگە چۇقۇم يولدىشىمنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىمەن، مەيلى باي بولسۇن ياكى نامرات چۇقۇقم ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلايمەن، كەلگۈسى پەرزەنتلىرىمنى ياخشى تەربىيلەپ ھەقىقى بىر مۇسلىمە ئايال بۇلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم. ۋەدمدە تۇراي.
ھەر كۈنلىكى تۈگىمەس ئۆي ئىشى ئۆيدىكى چوڭدىن تارتىپ كىچىككىچە ھەممنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىم كىرەك. بۇرۇنغۇ ئېغىر كەلمىگەن لىكىن ھازىر تەس كىلىۋاتاتتى، چۈنكى مەن ھازىرقورسۇقۇمدا سىنىڭ پەرزەنتىڭ بار ئەمەسمۇ.ھېچ ئىش خوش ياقمايۋاتىدۇ، ئاتا-ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن باش تارتالمايمەن، شۇنداقتىمۇ قېينىسىڭلىم ھازىر 15 نىڭ قارسىنى ئېلىپ قالدى ئۇنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىدىن ئۈمۈد كۈتمەيمەن. چۈنكى مەن بۇ ئۆينىڭ ئىشىكىدىن قەدەم ئالغاندىن بېرى ئۇنىڭ بىرەر قېتىم بىر پىيالىنى يۇيۇپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كىيىم-كىچىكىنى ئۆزى يۇيۇپ كەيسە نىمە بولغىيدى. دائىملا توي قىلىشتىن بۇرۇنقى شۇ ئەركىن ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەيمەن،. نىمە يىگۈم كەلسە يەپ، نىمە كەيگۈم كەلسە كىيىپ شۇنداق ئەركىن يۈرۈپتىكەنمەن. ھازىرچۇ قەپەستىكى قۇشچىلىك ئەمەس، بىلىق گۆشى يىگۈم كىلىپ كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى. ساڭا دىسەم يانچۇقۇڭنى كۆرسىتىسەن، كۆزلىرىمدە لىق ياش. لىكىن سىنى ئالدىمدا خىجىل بوپ قالمىسۇن دەپ كۆز ياشلىرىمنى يۇشۇرىمەن.
قېينىئاتامنىڭ پىكىرى بۇيىچە سىنىڭ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇشۇڭ ئۈچۈن تويلۇق بىلەيزۈكۈمنى ساڭا بەردىم.3600 يۇئەنگە سېتىپسەن،3000 يۇئەننى سودىغا دەسمىي قىلىپسەن 600 يۇئەن قېشىڭدا بار ئىمىش. شۇ 600 يۇئەننىڭ 60 كۇيىغا ماڭا بىلىق گۆشى ئېلىپ بەرسەڭ مەن قانچىلىك خوش بوپ كىتەرئىدىم، ھە! ئەپسۇس بۇ ماڭا نىسىپ بولمىدى. سىنىڭ بالاڭغا ھامىلدار بولغان تۇرۇپ بىرەر قېتىم يىگۈم بار نەرسىنى يىيەلمىسەم بۇ ماڭا ئېغىر كەلمەمدۇ؟ بۇلارغىمۇ چىداپ كەلدىم.
سودىغا دەسمىي سالدىم دەيسەنۇ ئەتىگەنلىكى مەن ئىشقا ماڭدىم دەپ مېڭىپ باققىنىڭ يوق. يەنە بۇرۇنقىدەك كەچلىكى كىيىن يېتىش ئەتىگىنى ۋاخچە قۇپۇش بۇ سىنىڭ تۇرمۇش قانۇنىيتىڭ، نەچچە كۈن بولدى خىيالدىن بېشىمنى ئالالمايمەن. بۇرۇن بىر نەچچە دوسلىرىمدىن ئۇلارنىڭ توي قىلغاندىن كىيىن ئەتىگىنى بىرەر قېتىم تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاپ باقمىغانلىقىنى قېينىئانىسىنىڭ ناشتىلىق تەييارلاپ بۇلۇپ ئۇلارنى تاماققا چاقىردىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك بىغەم، تەييارغا ھەييار بوپ يۈرۈشكىنىنى، يولدۇشىنىڭمۇ ئۇنىڭ بەك رايىغا باقىدىغانلىقى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىنى خاتا دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن قېينىئاتا-قېينىئانامنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى قىلىشقا تىرىشقان ئىدىم. ساڭىمۇ پۈتكۈل ئاياللىق مۇھەببىتىمنى بېغىشلىغان ئىدىم. لىكىن ئېرىشكىنىمچۇ؟
قېنى ئېيتقىنا، دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان پەرزەنتىمنىڭ دادىسى! شۇ دوسلۇرۇمدەك ساڭا نازلاپ خۇي چىقارمىغىنىم، جان ساقلاشنىڭ يۇلىنى بىلمىگىنىم، ئاتا-ئاناڭنى ئۆز ئاتا-ئانامدەك كۆرگىنىم مىنىڭ خاتالىقىممۇ؟ بالام دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىن سەندەك دادىدىن نىمىنى ئۆگىنەر؟ قايسى تەرىپىڭ ئۇنىڭغا ئۈلگە بۇلار؟ ئۇنى قانداق تەربىيلەرمەن؟ دادىسىنىڭ ھالى شۇ تۇرسا بالىسى قانداق بۇلار؟ ئەجىبا مەن ئۇنى بۇ دۇنياغا كۆزئاچتۇرىمەن دەپ خاتالاشتىمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتۇرماسلىقىم كىرەكمۇيا؟.............
ياق، مەن ئۇنى چۇقۇم بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتۇرىمەن، مەيلى ئۇغۇل ياكى قىز بولسۇن ئۇنى سەندەك ئەمەس، ھەقنى تۇنۇيدىغان، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋە پەرزەنىتلىرىگە كۆيىنىدىغان، مۇھەببىتىنى ئەل يۇرۇتقا سۆيگۈسىنى ھالال جۈپتىغا بېغىشلايدىغان ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ پەرزەنتىم.
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-24 05:16 PM