مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1522|ئىنكاس: 19

تەۋپىق ئەپەندى كۆرۈۋاتامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالىم بولماق ئاس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59430
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7414
تۆھپە نۇمۇرى: 1784
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2011-10-7
ئاخىرقى: 2013-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 04:09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەۋپىق ئەپەندى كۆرۈۋاتامسىز؟



ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﻳﻮل ﺑﺎر، ﺋﯘ ﻳﯜرەﻛﺘﯩﻦ - ﻳﯜرەﻛﻜﻪ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭘﯩﺪاﻛﺎرﻟﯩﻖ، ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪن، ﮬﯚرﻣﻪت - ﺋﯩﺰزەت، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪۇ.


***********************


ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﺎز، ﺋﻮﺗﻠﯘق ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﯩﺰ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﯩﻠﻰ 67 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺳﯩﺰﻧﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﯚرﻣﻪت، ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﺳﻠﻪۋاﺗﯩﻤﻪن. ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪپ دەرۋازﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﻤﺪە، دەرس ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪە ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﻤﺪا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﻪك ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻧﯘر ﭼﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯘرﻗﯩﯖﯩﺰ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا ﻛﯚزﯨﻨﻰ ﻣﯚﻟﺪۈرﻟﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻢ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪپ ﺋﺎﺷﯩﺪۇ. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘرﯨﯖﯩﺰدا ﺋﺎﻗﻘﺎن ﺳﺎپ ﻗﺎن ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘرﻟﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﭼﯜﺷﯜۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮرۇﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﻪﺷﺌﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎن روﮬﯩﯖﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪدەت ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﻣﯘﻗﻪددەس، ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن دۈﺷﻤﻪن ﺋﻮﻗﯩﺪا ﺗﯧﺸﯩﻠﮕﻪن ﺑﺎﻏﺮﯨﯖﯩﺰ، ﺋﺎﻟﯟاﺳﺘﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﭼﺮاپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﻮﺗﺘﺎ ﻛﺎۋاپ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺟﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪۇ. ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻣﺎﯕﺎ ۋە ﺑﯩﺰﻟﻪرﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻟﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى. رەت - رەت ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ، ﺗﻪﻳﻴﺎر ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ، ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ، ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻳﺎڭ زﯦﯖﺸﯩﻦ، ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻠﻪر ﺳﯩﺰﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ، ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪر ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ - ﺳﺎﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎۋۋال ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪۈرۈش زۆرۈرﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﺗﻮﻧﯘﻏﺎن ﺋﻮﺗﻠﯘق ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻟلارﻧﻰ ﺑﯚﺳﯜپ ﺋﯚﺗﯜپ، ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺳﯜت ﺋﯘﻳﻘﯘدا ﺋﯘﺧلاۋاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﺗﯘﭘﺮاﻗﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﺸﻠﻪپ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪدﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﯩﺰ 36 ﻳﯧﺸﯩﯖﯩﺰدا ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﺋﻪﺗﺘﯩﯖﯩﺰ.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﯖﯩﺰ: «ﺋﻪۋلادلارﻧﯩﯔ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪت ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن» ﺋﯩﺪى. ﻗﻪﺷﻘﻪر، ﺋﺎﺗﯘﺷلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰا - ﻗﯩﺸلاﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرﯨلاپ، ﻣﻪرﯨﭙﻪت ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﭼﺎﭼﺘﯩﯖﯩﺰ. ﺧﻪﻟﻖ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﺲ روﮬﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰ. ﺳﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺳﺎپ ﻳﯜرەك ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎراﯕﻐﯘ دﯨﻠﯩﻐﺎ ﺷﺎم - ﭼﯩﺮاغ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯧﻘﯩﻠﺪى. ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﻟﯜم ﺳﺎﻳﯩﺴﻰ ﻛﯚرۈﻧﮕﻪﻧﺪە، ﻗﺎﭼﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺳﯩﺰ: «ﻗﺎﭼﺴﺎم ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻳﯜز ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪن، ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯚرﺳﻪم ﺗﻪڭ ﻛﯚرەي» دەپ، ﻗﺎﭼﻤﺎي ﺟﺎﮬﺎﻟﻪت ﻛﯜﭼﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺗﯘراﻧﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﯖﯩﺰ.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰ ۋە ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ »ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ«ﻟﯩﻘﻘﺎ لاﻳﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﻟﻪرﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘپ ﻗﻮﻳﺪﯨﯖﯩﺰ. ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺳﯩﺰدەك ﭘﯩﺪاﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪۋلادلارﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش ﻳﻮﻟﯩﺪا ﻗﺎن - ﺗﻪر ﺗﯚﻛﺘﻰ ﮬﻪم ﺗﯚﻛﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘلارﻧﻰ ﻛﯚرۈپ روﮬﯩﯖﯩﺰ ﺧﯘش ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪۇ! ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﺪەك ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻣﻨﯘن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯩﺰ!؟
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﻛﯚرۈۋاﺗﺎﻣﺴﯩﺰ، ﻣﺎﻧﺎ، ﻗﻮﻟﯘﻣﺪا «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»ﻧﯩﯔ (2004) 17 - ﻓﯧﯟرال ﺳﺎﻧﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ. ﻣﻪن ﺑﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺳﺎﻗلاۋاﺗﯩﻤﻪن. ﻣﻪن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ، ﻣﻪﻛﺘﻪپ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯘﭼﯘرﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﮔﯧﺰﯨﺖ - ژۇرﻧﺎﻟلاردﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﻣﻪدﮬﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘق - ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪۋەر، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮەك ﻛﯚرەﺗﺘﯩﻢ. ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪس. ﻗﺎراپ ﺑﯧﻘﯩﯔ، ﺧﻪۋەرﻧﯩﯔ ﻣﺎۋزۇﺳﻰ: «ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلاردﯨﻦ ﺗﻪڭ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎن ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى، ﺑﻪزى ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﭼﯩﻠﯩﻚ ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎلاﻟﻤﯩﺪى». ﺧﻪۋەر ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﻣﻪﻟﯘم ۋﯨلاﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪۋﺳﯘﻣﻠﯘق ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪا، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ - ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلاردﯨﻦ ﺗﻪڭ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎن ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن، 30% ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ لاﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ 18 ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎن.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺑﯘ ﺧﻪۋەردﯨﻦ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ 18 ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﺋﺎزاﺑﺘﯩﻦ ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚرﺗﻪﻧﺪﯨﻤﯘ؟ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯨﻢ، ﺋﺎزاﺑلاﻧﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻗﯩﻠﭽﻪ ﮬﻪﻳﺮاﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ دﯦﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺧﻪۋەرﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﺪا ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ، ﻛﯚﭘﺘﯜرﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮق. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﻛﯚرﮔﻪن، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﭼﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎلاﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ 18 ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ.
ﻣﻪن ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ «ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﺪﯨﻢ»،  ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺑﯩﺰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪ، ﻣﺎﺧﺘﺎﺷلارﻏﺎ ﻛﯚﻧﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﯘرﺳﺎق، ﺑﯩﺰﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻧﺪاق ﺧﻪۋەرﻟﻪر ﮔﯧﺰﯨﺘﻜﻪ ﺑﯧﺴﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯩﺰﻟﻪردەك «ﺋﯩﻨﺴﺎن روﮬﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﺮى»ﻧﯩﯔ ﻳﯜزﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎرﯨلاﻧﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى. ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪۋﻟﯩﻴﺎ ﭼﺎﻏلاپ، ﺋﯚدەﻛﻜﻪ ﺳﯘ ﻳﯘﻗﻤﯩﻐﺎﻧﺪەك ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯜزۈﻟﻤﯩﮕﻪ، ﺷﺎراﺋﯩﺘﻘﺎ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻏﺎ دۆﯕﮕﻪپ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺰﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺘﻰ - ﺑﻪﺷﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺷﻜﺎرﯨلاپ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﺎ، «ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﻤﺎي ﺗﯘرالاﻣﺪﯨﻢ؟» ﺧﻪﻳﺮ، ﺑﻮلار ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪى. ﻣﻪن ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ «ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ» دەپ ﺋﺎﺗﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﺎﺋﻪﮬﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎي، روﮬﯩﯖﯩﺰ ﻗﻮزﻏﯩﻠﯩﭗ، ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻤﯩﺰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﺟﻪب ﺋﻪﻣﻪس.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، روﮬﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺳﯧﺴﯩﻖ ﺗﻮﻗﻘﯘزﯨﻨﭽﻰ» ﺑﻮﻟﯘپ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯚۋەن ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎن. «ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯧﺸﻪك ﻗﯘﻳﺮۇﻗﻰ دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘر» دەپ ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻠﻪﺷﻠﻪرﻣﯘ ﺗﯜﮔﯩﮕﯩﻨﻰ ﻳﻮق. ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎزراق ﺑﺎﮬﺎ ﺗﺎلاﺷﺴﺎﻗلا،«ﺳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯘ؟ ! » دەپ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﻛﯚزﻟﻪردﯨﻦ ﺗﺎراﻟﻐﺎن زەﮬﻪرﻟﯩﻚ ﻧﯘر ﻳﯜرﯨﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻟﻪﺧﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺧﯘددى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﺎﮬﺎ ﺗﺎلاﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك. ﺑﯘ ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ دۇﻧﻴﺎدا ﺋﯘﻧﺪاق ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﻗﺎراﺷلارﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟال. ﺑﻪزﯨﻠﻪر دﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ «ﻗﺎلاق، ﻧﺎدان» دەپ ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻠﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن دﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﻪردﯨﻦ ۋاز ﻛﻪﭼﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق، ﮬﻪرﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻠﻪﻧﺴﻪﻛﻤﯘ ﺑﯩﺰ دەرس ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋاز ﻛﻪﭼﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا دەرس ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﻗﻪﻟﺒﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ، ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﻮﺳﯘل ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻮﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰ. ﻧﺎداﻧلار ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻠﯩﺴﻪ، ﺋﺎﻗﯩﻠلار ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎپ، ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪپ، ﺷﺎن - ﺷﻪرەپ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﻳﻐﺎ، ﺷﺎﻣﻐﺎ، ﺑﺎﻏﯟەﻧﮕﻪ، ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﻘﺎﺳلاپ، «ﺋﻮن ﻗﻪدەم ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﻪرزﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ» ﻧﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن.
ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﯩﺴﯘن ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻠﯩﺴﯘن، ﺑﯩﺰ ﮬﺎﻣﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﺑﯩﺰ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰى  __ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪۋاﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻣﯘﻗﻪددەس ﺋﻮرۇن  __ دەرس ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪە ﺗﯘرۇپ، ﻗﯘﻳﺎش ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺷﺎم ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﺎﻏﯟەن ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﻣﻪن ﺋﻮﻳلاﻳﻤﻪن، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﺪە ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪەك روھ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺳﺎپ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻳﯜرەك ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺗﻮﻣﯘرﯨﺪا ﺋﻪﺑﺠﻪش ﻳﯘﻧﺪا ﺋﻪﻣﻪس، ﺳﯜﭘﺴﯜزۈك ﻗﺎن ﺋﯧﻘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ لاﻳﯩﻘﻤﯘ؟
ﺗﻮﻏﺮا، ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰدەك ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎدەم. ﺋﺎدەم ﻛﯚپ ﺟﺎﻳﺪا ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎﭼﯩﺮى، ﺋﻮﺑﺪﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﺳﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯩﺸﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ(دەرﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ) ﻣﺎﮬﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﺮاق ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى. ﺑﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ، ﺋﻪڭ ﺗﯚۋەن ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﯩﻤﯘ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪي، ﺋﯚزﯨﻨﻰ »ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ« دەپ ﻳﯜرۈپ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ۋە ﺑﯩﺰﻟﻪرﮔﻪ داغ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈۋاﺗﻘﺎﻧلارﻣﯘ ﺑﺎر. ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﺳﻪم ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ.
ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺪى. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﺋﯘلارﻏﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ (ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت) ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ «ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» دەرﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪن - دە، ﻛﻮﻧﯩﺮاپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻗﯧﻠﯩﻦ دەﭘﺘﻪردﯨﻦ ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرﻣﻪي ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻮﺷﺴﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلار ﺑﯘﻧﺪاق ﺧﻪت ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ زﯦﺮﯨﻜﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺧﻪت ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎﻧﺪا ﻗﻮﯕﻐﯘراق ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ دەﭘﺘﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ دەﭘﺘﻪر ۋارﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﻪت ﺋﯚرۈپ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪا، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﻧﺒﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚرۈپ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷلاﭘﺘﯘ - دە، ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪا ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﻗﺎراﯕﻪ، ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ. ﺋﯘ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯩﺪۇ؟! ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎراﻧﭽﯘﻗﺘﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﭘﻪرﻗﻰ؟!
2001 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪا ﺗﯚت ﺋﺎي ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ۋەزﯨﭙﻪم ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻐﺎ ﻧﺎزارەﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺪى. ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻨﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﺰﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى. ﺋﯘلار ﻳﺎزﻏﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلاردﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏلاﺷﻤﯩﻐﺎن ﺟﯜﻣﻠﻪ، ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺳﯚز، ﺗﯩﻨﯩﺶ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪت ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﻛﻪﻟﺴﻪم ﮔﻪپ ﺗﻮلا. ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪۇرﻏﯩﻨﻰ، ﺋﻮﺗﺘﯘز ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﺎرﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺷﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎۋاﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺪى. ﺋﯘ لاﺗﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﯩلا ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ (ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯧﺰﯨﻖ)ﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاﻗلارﭼﻪ 30ﻳﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇر ﻗﯩلاﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.
2001 - ﻳﯩﻠﻰ ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﺪاش ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪۇق. ﺋﯘﻧﯩﯔ دﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺑﺎزارﻏﺎ ﻟﻪﯕﭙﯘڭ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻟﻪﯕﭙﯘﯕﭽﯩﻨﯩﯔ ﻏﺎﻟﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇق دەﭘﺘﻪرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎرﯨﺴﺎ، ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ دەﭘﺘﯩﺮى ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ دەﭘﺘﻪرﻧﻰ ﻟﻪﯕﭙﯘﯕﭽﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺮ دەﭘﺘﻪرﻧﻰ «ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ»(ﻧﻮﻣﯘر ﻗﻮﻳﯘپ) ﺑﻪرﺳﻪ، ﺑﯩﺮ ﻣﻮﭼﻪن ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪن.
ﻗﺎراڭ، ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺗﺎﭘﺸﯘرۇق دەﭘﺘﻪرﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺟﻴﻪن ﻗﯩﺰم ﺑﺎر. ﺋﯘ ﻣﻪﻟﯘم ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎراﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪۇ. ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻞ ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯩﺪى. ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ: «ﺗﻪﺗﯩﻞ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪڭ، ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺧﯘلاﺳﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ» دﯦﺪى. ﻗﯩﺰ ﺷﯘﺋﺎﻧلا: «ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﻪﻛﺸﯜرﻣﻪﻳﺪۇ، ﺋﯚﺗﻜﻪن ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻗلارﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﺎرﻏﺎﻧﯩﺪۇق، ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻗلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭙلا: <ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺋﻮت ﻗﺎلاﻳﻤﯩﺰ> دەپ، ﺗﺎم ﺋﯩﺸﻜﺎﭘﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن» دﯦﺪى. ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﯧﻤﻪ دﯦﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪۇق.
2002 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪن ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ داﺋﯩﺮ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎل ﺗﻮﭘلاش ۋەزﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاش ﺋﯜﭼﯜن، ﻣﻪرﮬﯘم ﮬﺎﻳﺎت ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎردﯨﻢ. 2 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪر ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪرﯨﭙﻠﻪپ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎپ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ دﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ دەرﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ (ﺋﺎﻳﺎل) ﺑﻮﻟﯘپ، دەرس ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮوﻧﻠﯘق ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﯘچ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺳﺎﻧلار ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚت ﺋﻪﻣﻪل (ﻗﻮﺷﯘش، ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺑﯚﻟﯜﺷﻠﻪر)ﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﺷﺘﺎ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮا - ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﯘﭼﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯨﻜﻪن.
ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺪﯨﻦ: «ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ژۇرﻧﺎﻟﻐﺎ ﻣﯘﺷﺘﻪرى ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ؟» دەپ ﺳﻮرﯨﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ: «ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﮔﯧﺰﯨﺖ - ژۇرﻧﺎﻟﻐﺎ ﻣﯘﺷﺘﻪرى ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﭘﻪﻗﻪت ﺋﻮﻗﯘﻏﯘم ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. دەرﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﯩﺴﺎ …» دﯦﺪى. ﮬﻪﻳﺮاﻧﻠﯩﻖ، ﻏﻪزەپ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
2002 - ﻳﯩﻠﻰ ۋﯨلاﻳﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا - ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎلاﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ دەرﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯚﺗﯜش ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﯘزۇن ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ: «ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟» دەپ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪي، ﮬﺎﯕﯟﯦﻘﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﯘ ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﯜچ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﯩﻜﻪن.
ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺑﺎﮬﺎلاش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ، ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸلار ﺑﻮﻟﺪى. ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪم، ﺳﯩﺰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻏﻪزەﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺴﯩﺰ. «ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﯕلار! » دەپ ﻳﯘﻗﯩﺮى - ﺗﯚۋەن ﻣﯘراﺟﯩﺌﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟلاۋاﺗﻘﺎن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺟﺎن ﺑﯧﻘﯩﺶ دەﺳﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺗﻪﺷﻨﺎ دﯨﻠلارﻏﺎ ﻣﻪرﯨﭙﻪت ﭼﯩﺮﯨﻐﻰ ﻳﺎﻗﻤﺎي، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯩﺮﭘﺎن ﺋﯩﺸﻘﯩﺪا ﻳﯧﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺗﺎلاي ﭼﯩﺮاﻏلارﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﭼﯜرۈۋاﺗﻘﺎﻧلارﻧﻰ ﻛﯚرۈپ، ﻏﻪزﯨﭙﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﺗﺎﺷﯩﺪۇ.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰ دوﺧﺘﯘر ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯩﯖﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯜرﯨﯖﯩﺰدە ﺗﯜرﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﻟﮕﻪن دورا ﺳﺎﻧﺪۇﻗﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلاردﯨﻜﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘق ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ دورا ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﯩﯖﯩﺰ، ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﻗﯩلاﺗﺘﯩﯖﯩﺰ؛ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯩﯖﯩﺰ، ﻗﯩﻤﺎر ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎن، ﺋﯘرۇﺷﻘﺎﻧلارﻧﻰ ﺟﺎزالاﻳﺘﺘﯩﯖﯩﺰ؛ ﺳﯩﺰ ﺋﻮرﻣﺎن ﻛﺎدﯨﺮى ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯩﯖﯩﺰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ - ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﺳﻪﭘﻪرۋەر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜز ﻣﯩﯔ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻛﯚﭼﻪت ﺗﯩﻜﺘﯜرﮔﻪﻧﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؛ ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ، ﭘﯧﺪاﮔﻮگ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻏﺎ، ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺶ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﺪى. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩلاﺗﺘﯩﯖﯩﺰ. ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﺎ، ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﺋﯘرۇپ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﻳﺎﺗﻘﯘزۇپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﮬﺎﻗﺎرەﺗﻠﯩﮕﻪﻧﻤﯘ؟ ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺶ - ﭘﻪش ﺗﺎرﺗﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ﺋﻮﻏﯘل ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎراﻗﻘﺎ، ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ، ﻗﯩﻤﺎرﻏﺎ زورلاپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻳﺎرﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﺎﻏﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻳﯜرﮔﻪﻧﻤﯘ؟ ...
ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن. ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰ: «ﻳﺎق!» دەپ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ ﮬﻪم «ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك» دەﻳﺴﯩﺰ.
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﭘﻮﺧﯘرﻟﯘق ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺋﯩﺰﮬﺎر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻗﺎ - ﺑﯘﻟﯘﯕلارﻏﺎ ﺳﯚرﯨﮕﻪن، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷلاپ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﭼﻘﺎن، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯜﺗﯜش»ﻛﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺧﯘﺷﺎﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎراق ﺋﯩﭽﻜﻪن، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلاردﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧلارﻧﻰ ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪم ﺳﺎﻣﺎﻧﺪەك ﺟﯩﻖ.
ﮬﺎراﻗﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﭽﯩﭗ، ﺳﯧﺴﯩﻖ ﭘﯘراپ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎلا - ﺟﯘلا ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧلار، ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺧﻮرەك ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﯘﺧلاﻳﺪﯨﻐﺎﻧلارﻧﯩﻤﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪس ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺳﯩﺰ ﮬﺎراق ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨلا ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻪرەت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧلار ﺑﺎر دﯦﺴﻪم ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﺴﯩﺰ. ﺑﯘ راﺳﺖ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻤﯩﺰدە ﻏﯘﻟﻐﯘلا ﻗﻮزﻏﺎپ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ دﯨﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻏﻪش ﻗﯩﻠﺪى. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇق دەﭘﺘﻪرﻧﻰ ﺋﻮت ﻗﺎلاﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎﻧﯩﻤﺪا ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺟﻴﻪن ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﺮاق ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜۋﯦﺘﯩﭗ ﭘﯘﺗﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺳﯘﻧﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ۋاﻳﺠﺎﻧلاپ ﻳﯩﻐلاپ ﻳﺎﺗﻘﺎﭼﻘﺎ، ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺟﯩﺪدﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺧﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﺧﻪۋەر ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯘ ﺧﻪۋەرﻧﻰ ﺋﺎﯕلاپ ﮔﻮﻳﺎ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪەك: «ﺋﻪﺟﻪب ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻟﯩﺮى ﺳﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩﻜﻪن» دەپ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﭼﯩﻘﻤﺎﭘﺘﯘ. ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯚﻟﻪپ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﻗﯩﺰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﻛﯜن ﻳﺎﺗﺴﯩﻤﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻮﻗلاپ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﻪن ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﯩﺰ «ﭼﯩﻤﻤﯩﺪە» ﻗﯩلار ﺋﯩﺪى. ﭘﯘﺗﻰ ﺳﯘﻧﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯘﻧﺪاﻗلارﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘن! ﻳﯩﻐلاپ ﻳﺎﺗﻘﺎن ﺷﯘ ﻗﯩﺰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺳﯚزﯨﮕﻪ ﻧﻪﻗﻪدەر ﻣﻮﮬﺘﺎج ﺑﻮﻟﯩﺪۇ - ﮬﻪ! ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯚﻟﻪپ ﺗﯘرﻏﯘزۇپ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﺎ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪى. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ  ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻮﻗلاپ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪى. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﺑﯩﻲ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘرﻟﯘق ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ ﺧﯩﺮەﻟﻪﺷﻜﻪﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪى.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻜﻰ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﻳﻮل ﺑﺎر، ﺋﯘ ﻳﯜرەﻛﺘﯩﻦ ﻳﯜرەﻛﻜﻪ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭘﯩﺪاﻛﺎرﻟﯩﻖ، ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪن، ﮬﯚرﻣﻪت - ﺋﯩﺰزەت، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪﯨلا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﻳﻐﺎ، ﺷﺎﻣﻐﺎ، ﺑﺎﻏﯟەﻧﮕﻪ ﺗﻪﯕﺪاش ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﯩﺪا ﻛﯚﻳﯜپ، ﺳﯜﻳﯩﺪە ﺋﺎﻗﺘﯩﯖﯩﺰ. ﺋﻮﺗﻠﯘق ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﯩﺰ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪت زەﻧﺠﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﯜل ﻗﯩﻠﺪى. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯘرﻟﯘق ﺳﯩﻤﺎﻳﯩﯖﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻜﯚك ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪا، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ۋﯨﺠﺪاﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﻪﺑﻪدﯨﻲ ﻧﯘرﻟﯩﻨﯩﺪۇ.
ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى، ﺳﯩﺰﮔﻪ دەﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯜﮔﯩﺪى. ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﺋﯚرﺗﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﭼﺮاﺗﺴﺎم ﻳﻪﻧﻪ دەﻳﻤﻪن. ﺳﯩﺰﮔﻪ دﯦﺴﻪم ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺧﯧﻠﻰ ﺋﺎزادﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن. روﮬﯩﯖﯩﺰ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ دەپ ﻳﯜرۈپ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ لاﻳﺎﻗﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭘﯧﺪاﮔﻮگ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﻘﺎي !
ﻛﻪﺳﯩﭙﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ دەﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ: ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪۋلادلار ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰدا ﻧﺎﺑﯘت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن. ﮔﯜزەل ﺋﺎرﻣﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯧﻐﯩﺪا ﺑﯩﺦ ﺳﯜرﮔﻪن ﺋﺎﺷﯘ ﻏﯘﻧﭽﯩلار ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪرۋﯨﺸﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﭘﻮرەﻛﻠﻪپ، ﮬﻪر ﻳﻪردە ﺧﯘﺷﭙﯘراق ﭼﺎﭼﺴﯘن. ﺋﯘلار ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ، ﭘﻪرﯨﺸﺘﯩﺪەك ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ، ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺴﯘن. ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻗﻪﻳﺴﻪر ﺋﯩﺮادﯨﺴﻰ، ﭘﯩﺪاﻛﺎر روﮬﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘن !


ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىن  مىللەتلەر ژۇرنىلى 2004-5- سانىدىن


مەنبە : باغداش مۇنبىرى




ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 50
musilina + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
tewelgha + 59 دەلىللەر يېتەرلىك
qinar000 + 10
apisi502 + 39 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 258   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87791
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 70
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-11-27
ئاخىرقى: 2013-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 05:41:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىللەت  تۈزەلمىگىچە،مىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88723
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 271
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 07:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بىزدىكى ‹ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى›نىڭ ھالى.بۇلارنىڭ قولىدا ئوقىغانلارنىڭ كەلگۇسى تەغىدىرى نېمە بولاركىن ،تاڭ!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 09:33:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە مۇشۇنداق ئىشلارنى مەنمۇ ئاڭلاپ قالىمەن ،ياش ئۆسمۈلەر كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى دەپ سۆزلەيدۇ لىكىن شۇلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن كارى يوق شۇنداق ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسىمىز ھەققىدە ئويلىنامدىغاندۇ...    ھەققىقى مەرىپەتۋەرلىرىمىزنىڭ  باسقان ئزىدىن گۈللەر ئۈنسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 09:33:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە مۇشۇنداق ئىشلارنى مەنمۇ ئاڭلاپ قالىمەن ،ياش ئۆسمۈلەر كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى دەپ سۆزلەيدۇ لىكىن شۇلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن كارى يوق شۇنداق ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسىمىز ھەققىدە ئويلىنامدىغاندۇ...    ھەققىقى مەرىپەتۋەرلىرىمىزنىڭ  باسقان ئزىدىن گۈللەر ئۈنسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 09:34:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە مۇشۇنداق ئىشلارنى مەنمۇ ئاڭلاپ قالىمەن ،ياش ئۆسمۈلەر كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى دەپ سۆزلەيدۇ لىكىن شۇلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن كارى يوق شۇنداق ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسىمىز ھەققىدە ئويلىنامدىغاندۇ...    ھەققىقى مەرىپەتۋەرلىرىمىزنىڭ  باسقان ئزىدىن گۈللەر ئۈنسۇن

كۈلۈپ ياشايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49711
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4498
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4349 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 09:43:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يېزىلىپتۇ.ھازىر ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ.

قەدىرسىز بىلىنەر قولىمىزدابارى،
بىز شۇ يوق نەرسىنىڭ قەرزدارى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13428
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5931 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 11:20:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ !بۇگۇن تورنى ئېچىپلا كىشىنى سۇيۇندۇردىغان ماقالىدىن بىرنى كۆرگىنىمگە تولىمۇ خۇشالمەن.راس گەپنى دىسەم كۆڭلۇمدىكى گەپلەرنى يازغاندەكلا ماقالە ئىكەن.بىراق ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك،ئىتقا ئەتىر سىپىپ قويسا سېسىق ئىكەن دەپ كۆلگە چۇشۇپ يۇيۇۋەتكەندەك مۇنداق ساپاسىزلارغا گەپ يۇقمايدۇ.ئوقۇتقۇچىدا مائارىپنى ،ئوقۇغۇچىلارنى سۇيىدىغان روھ بولمىسا ،قايتا يارىلىدىغان ئىش بولسىمۇ يەنىلا مائارىپچى بۇلىمەن دەپ ھازىرقى تازا  قىزىغان مائارىپنىڭ  چۇچىگەن يېغىدەك داشقازانغا سەكرىيەلىگۇدەك قەھرىمانلىق  جاسارىتى ۋە جاھاننى ،ھازىرقى مائارىپنى  چۇشىنىش  ئىقتىدارى بولمىسا.............
سىز يۇقارقى ماقالىدا دىگەندەك ‹‹ئوقۇتقۇچى››بولۇپ يۇرۇۋىرىدۇ.خالاس.
بارلىقىمىزنى بالىلارغا،بالىلارنىڭ بارلىقىغا،بارلىق بالىلارغا بېغىشلايلى!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ramu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-24 11:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13211
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8081 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 11:36:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېمىنىڭ چۆلدەرەپ قالغىنىنى قارىمامدىغان . ئالدى بىلەن تېما يوللۇغۇچىغا رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن . بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزدىن قارىغاندا سىزمۇ ئاپتۇر بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئوخشايسىز . مائارىپمىز ئۈچۈن كۆيگەن ئوتلۇق قەلبىڭىزگە چاڭ -تۇزاڭ قۇنمىسۇن !
ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنمىزدىكى ئەڭ ئېغىر كەمچىللىك ،مەن ئوقۇتقۇچىلىققا يارامدىن دېگەن سۇئاللدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشتۇر . بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزگە توغرا دىئاگۇنۇز قويماي تۇرۇپ ،مىللىي مائارىپىمىزنىڭ بۈگۈنىدىن قاخشاشقا سالاھىتىمىز توشمايدۇ. مەن بىر مويسىپىتتىن ،ئوقۇتقۇچىلار ھەر كۈنى سىنىپقا بىسمىللا دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەدەم بىسىپ كېرسە ئۇنىڭغا يەتتە جەننەتنىڭ ئېشىگى ئوچۇق تۇرىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم . بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ تەڭدىن تولىسىغا بۇ ئىنئام نېسىپ بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن . سەۋەبى ياراتقۇچىمۇ سىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە قانچىلىك بىلىم بېرىۋاتقانلىغىڭىزنى كۆرۈپ، خاتىرلەپ تۇرىدۇ . مەن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلارنى سۆكىدىغان ماقالىلەرنى كۆرسەم غەزىۋىم ئورلەپ تاشىدىغان ،2003-يىلىدىن باشلاپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىزدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىغىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۇم . بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى كەمتۈكلۈكنى دېمەيلا قوياي ،ئەقەللىسى ئادىمىلىك سالاپىتى جەھەتتە ھايۋاندىن ئازراقلا پەرىق قىلىدۇ دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ . بۇ ماقالىدە ھاراق ئىچىپ سىنىپقا كىچىك تەرەت قىلغان ئوقۇتقۇچىنى تىلغا ئاپسىز ،مەن بۇ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ھاراق ئىچىپ كېلىپ ياتاققا كىچىك تەرەت قىلغان ئوقۇتقۇچىنى نەچچە رەت تەنقىت قىلدىم ،ياق توغرىسىنى ئىيتقاندا تىللىدىم . قالغانلىرىنى دېسەم سۆز چوچەك بولىدۇ ،مۇشۇ قوشۇن بىلەن قانداقمۇ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالارمىز؟ ...........................
مېنىڭ  مۇشۇ ھايۋانلارنىڭ يۈكىنى ئۆزىنىڭ يۈكىگە قوشۇپ كۆتۈرۈپ ،مىللى مائارىپىمىزنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ،  يەنە بىر تۈركۈم تەۋپىق روھىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى بېشىمغا ئېلىپ كۆتەرگىم كېلىدۇ ،سىلەرگە ئالى ئىھتىرام ،سىلەرگە جەننەت راۋا.........

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 11:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمتىلى(تەۋپىق)ئەپەندى كىم ؟دەپ سورىسا جاۋاب بېرەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ئارىمىزدا....

ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە قېتىلىۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى،كۈن ئۆتكۈزۈش كويىدا يۈرىيدىغانلىقى،كاللىسىدا ‹‹ئوقۇغۇچى›› ئۇقۇمىنىڭ يوقلىقى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ....

بىراق يەنىلا بارلىقىنى بالىلار ئۈچۈن ئاتىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ نۇرغۇن....

باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق  4-قىسىم  تىل -ئەدەبىيات دەرسلىكىدە ‹‹11.دېرىزە سىرتىدىكى ئوقۇغۇچى››دېگەن تېكىستتە مەمتىلى (تەۋپىق)ئەپەندىنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ بىلىم ئىگىلىگەنلىكى توغرىسىدا  مەزمۇنلار سۆزلەنگەن.بۇ دەرسنى ئۆتكەن ۋاقتىمدا ئوقۇغۇچىلار  شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلىغان ئىدى.....

تەييارلىغان كۆرسەتمىمۇ بار ئىدى ،بىراق مۇنبەرگە يوللاشنى ئوقمۇدۇم...



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-24 11:38 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش