سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە يەكەندە قۇرۇلغان خانلىق مەدرىسەلەر
سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە يەكەندە ئىلگىر- كىيىن بولۇپ ئۈچ خانلىق مەدرىسە قۇرۇلغان . بۇ خانلىق مەدرىسەلەر شۇ دەۋىرىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ھىسابلىناتتى . ئۇلاردا خانلىق تەۋەسىدىكى مىڭلىغان ئىلىم- پەن ھىرىسمەنلىرى بىلىم ئىلىپلا قالماي ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراق ، ئىران ، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرگە كىلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان .
1- ئالتۇن مەدرىسە ياكى بىرىنجى خانلىق مەدرىسە. بۇ مەدرىسە سۇلتان سەئىدخان دەۋرىدە ( 1514-1533-يىللىرى ) قۇرۇلغان ئورنى ھازىرقى ئالتۇن باشلانغۇچ مەكتەپ دائىرسىگە توغرا كىلىدۇ . تارىخىي مالۇماتلارغا قارغاندا 1682- يىلى ئاپئاق غوجا باشلاپ كەلگەن غالداننىڭ لەشكەرلىرى شەھەرگە باستۇرۇپ كىلىپ قىرغىنچىلىق قىلغاندا ، قىچىپ مەدرىسە ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئوت قويۇپ مەدرەسەنىڭ بىر قىسمىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن .
2- مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر مەدرىسەسى ياكى ئىككىنجى خانلىق مەدرىسە . بۇ مەدرىسە سۇلتان ئابدۇرېشىتخان دەۋرىدە (1533-1560 يىللىرى ) قۇرۇلغان ئورنى ھازىرقى سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاۋۋالقى جايى ( ھازىرقى ئاھاللەر قوروسى ) دا . بۇ مەدرىسەنى سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ئۆز نامىغا يىزىلغان << تارىخىي رەشىدى >> ناملىق كىتابقا جاۋابەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرگە ئاتاپ بىنا قىلدۇرغان بۇ كىتاب سۇلتان ئابدۇرېشىتخان ھايات ۋاختىدا (1541-1547 يىللىرى ) كەشمىردە يىزىلىپ تاماملانغان مەدرىسەنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە يىزىلغان <<مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر مەدرىسەسى >> دىگەن خەت تاكى بۇ مەدرىسە چىقىلغان 50- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ساقلانغان ئىدى .
3- رەشىدىيە مەدرىسەسى ياكى ئۈچۈنجى خانلىق مەدرىسە . بۇ مەدرىسە ئابدۇللاخان دەۋرىدە (1658-1668- يىللىرى ) قۇرۇلغان ئورنى ھازىرقى چاسا كىنوخانا دائىرسىدا . ئابدۇللاخان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئۈچۈنجى خانى بولۇپ بۇ مەدرىسەنى سۇلتان ئابدۇرېشىتخان نامىغا ئاتاپ بىنا قىلدۇرغان شۇڭا <<رەشىدىيە مەدرىسەسى >> دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن .
بۇ ماقالە : سۇلتان مامۇت ئىبىراھىمنىڭ << يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر >> دىگەن كىتابىدىن ئىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sayhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-24 02:58 PM