تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى تۈركتۇر
خەنزۇلار نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ھازىر قوللىنىلىۋاتقان خەنزۇلارنىڭ فامىلىسىنىڭ ھەممىسىلا ساپ خەنزۇلارنىڭ فامىلىسىى بولماستىن بەلكى ، تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بەزىلىرى باشقا مىللەتنىڭ فامىلىسى بولۇپ چىقىدۇ.
تارىخىي ۋەسىقىلەرگە قارىغاندا ، شەرىقى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تەخمىنەن 200مىڭ ھون ئىچكىرىگە كۆچۈپ كېلىپ ، خەنزۇچە فامىلە ئىشلەتكەن.ۋېي-جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوڭ قول كاھ بېگى لىيۇ باۋمۇ ئەسلىدە ھون ئىكەن.
جەنۇبىي –شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە بىر قىسىم سىيانپىلارمۇ فامىلىسىنى خەنچىگە ئۆزگەرىتكەن.شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى لى ۋېندى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى «توغبات» دېگەن فامىلىسىنى «يۇەن»گە ئۆزگەرىتكەندىن كېيىن نۇرغۇن ئوردا ئەمەلدارلىرىمۇ خەنچە فامىلە قوللانغان.
بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، تاڭ سۇلالىسىدىكى، لى يۇەن، لى شىمېنلار خەنزۇ ئەمەسكەن.
لىن خۇيشىياڭ تۈزگەن «جۇڭگودىكى مىللەتلەر تارىخى»دا « تاڭ سۇلالىسىدىكى لى ئۇرۇغى ساپ خەنزۇ ئەمەس؛ ئۇلار يات مىللەتتىن بولۇپ، ھەربىي-لەشكىرىي تۈزۈمى ۋە نۇرغۇن تەرەپلىرى خەنزۇدىن پەرىقلىنىدۇ»؛« مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ يات مىللەتلىك خۇرۇچلىرى بار. مەسىلەن : پادىشاھ ئىنىسىنىڭ ئايالىغا ئۆيلىنىدۇ، ۋۇ خانىش ئايال پادىشاھ بولىدۇ، شۇەنزوڭ ئوغلىنىڭ خوتۇنىغا ئۆيلىنىدۇ.مانا بۇلار خەنزۇلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە يات ئېلمېنىتلاردۇر.»
پېڭ چېڭجۈننىڭ « تاڭ دەۋرىدىكى خەنلەشكەن تۈبۈتلەر ۋە تۈركلەر» دېگەن كىتاۋىدا يېزىلىشىچە ، لى يۇەننىڭ ئەجدادىنىڭ ئىسمى لى خۇ بولۇپ،لى يۇەننىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يى دوۋ ، يى دوۋنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى «دىبارام»دۇر. بۇ تىپىك سىيانپىيچە ئىسىمكەن.مۇبادا، لى يۇەن ئاتا-بالىنىڭ مىللەت تەركىبى كىشىدە گۇمان قوزغايدۇ ، دېيىلسە ئۇنداقتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى «يەكچەشمە» لەقەملىك لى كويوڭ شۈبھىسىزكى خەنزۇ ئەمەس. ئۇ سېپى ئۆزىدىن سارت تۈركلىرىدىندۇر.ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى جۇيېچىشىندۇر.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى :
http://blog.sina.com.cn/s/blog_44b3fddd010151x6.html?tj=1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-24 11:48 AM