ھەربى مەشىق
تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق uzumtal ،ئەسكەر ئوغلى kilyang نى يوقلاش ئۈچۈن قىسىمغا كېلىپتۇ.
ۋە جەڭچىلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگرۈش مۇسابىقىسىنى كۆرگەندىن كېيىن
ئەجەپلەنگەن ھالدا كوماندىر sawapkar دىن سۇراپتۇ :
_ مۇشۇمۇ مەشىق بولدىمۇ،كوماندىر تاپانچىنى كۆتۈرۈشىگە ھەممىسى يەرگە يۈكۈنىۋالسا،
< پاڭ >قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممەيلەن جېنىنىڭ بارىچە قاچسا،ئۇلار قانداقمۇ ئۇرۇشقا يارايدۇ!
ئۆزىنى بېسىۋېلىش
پويىزدا سەپەرگە چىققان hekmat-uyghur ئالدىراپ-تېنەپ ياندىكى ۋاگونغا كىرىپ جىددىلەشكىنىچە دەپتۇ:
-ياندىكى ۋاگوندا بىر بوۋاي ھۇشىدىن كەتتى،كىمنىڭ يېنىدا ۋىسكى بار؟
hekmat-uyghurنىڭ تولىمۇ جىددىلىشىپ كەتكىنى كۆرگەن يولۇچى XERHAN ئالمان-تالمان يېنىدىكى بىر پوتۇلكا ۋىسكىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بېرىپتۇ،hekmat-uyghur ئۇنىڭدىن غورتۇلدىتىپ بىرنەچچە يۇتۇم
ئىچىۋەتكەندىن كېيىن دەپتۇ:
-يائاللا يۈرىكىم ئەمدى جايىغا چۈشتى،بىرسىنىڭ ھۇشىدىن كەتكىنىنى كۆرسەم قورقۇپ پۇت-قولۇمدا جان قالمايدۇ.
قاسساپ دوختۇر
GLADIATOR ناھايىتى تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولۇپ،
ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈش پىراكتىكىسىنى قىلىش جەريانىدا كۈندۈزى دوختۇرخانىدا پىراكتىكا قىلسا،ئەتىگەن-كەچتە شۇ ئەتراپتىكى بىر قاسساپقا ياردەملىشىپ قاسساپلىقنىمۇ قوشۇنچە ئۈگۈنەتتى.بىر كۈنى ئۇ پىراكتىكا قىلىۋاتقان دوختۇرخانىغا جىددى خارەكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان سېمىز nazila998 كېلىپتۇ،بىمارنى دەرھال ئوپراتسيە قىلمىسا بولمايدىكەن،شۇنىڭ بىلەن GLADIATOR بىمارغا ناركوز ئوكۇلنى ئۇرغاندىن كېيىن نوسۇلكىغا سېلىپ ئوپراتسىيەخانىغا ئېلىپ ماڭسا،ناركوز ئوكۇلى تېخى تولۇق تەسىر قىلىپ بولالمىغان nazila998 ئۇشتۇمتۇت ھودۇققان ھالدا سوراپتۇ:
-سەن، سەن ھېلىقى قاسساپقۇ ! مېنى نەگە ئېلىپ ماڭدىڭ ؟
پىخسىق يىگىت
تويلىشىشقا پۈتۈشكەن nikita01بىلەن ramu جىدەللىشىپ قاپتۇ:
nikita01:سىزنىڭ بېخىل،گىرلىكىڭىزدىن جاق تويدۇم،بىز ئايرىلىپ كېتەيلى،مانا ئېلىڭ،بۇ ماڭا بەرگەن تويلۇق ئۈزۈك !
ramu: توختاڭ، ئۈزۈكنىڭ قېپىچۇ ؟
سوۋغات
يېڭىدىن توي قىلغان shaidayiبىلەن aklala220 بازارغا چىقىپتۇ.
aklala220 : كېلەر ئايدا مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،نىمە سوۋغا بېرىسىز ؟
shaidayi: ئاۋۇ قىزىل رەڭلىك،ھەشەمەتلىك پىكاپنى كۆردىڭىزمۇ ؟
aklala220: ھەئە،كۆردۈم ! كۆردۈم ! بەك چىرايلىق ئىكەن....
shaidayi: ھە! شۇ ماشىنىنىڭ رەڭگىدىكى قىزىل كۆينەكتىن بىرنى ئېلىپ سوۋغا قىلاي !
ئۇلۇغ ئانا
مەلەك، nur8455 دىن سوراپتۇ:
-ناۋادا ئاپىڭىز،مەن ئۈچىمىز بىر قېيىققا ئولتۇرۇپ دەريادا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قېيىق ئۆرۈلۈپ كەتسە
ئالدى بىلەن كىمنى قۇتقۇزىسىز؟
:nur8455-ئاپام سىزنىڭ مۇشۇنداق يوقىلاڭ سۇئالنى سوراپ مېنى خىجىل قىلىدىغىنىڭىزنى بىلىپ
بۇرۇنلا تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىكەن.
مەلەك-ھە ئېيىتىڭە! ئالدى بىلەن مېنى قۇتقۇز دەپ قۇلىقىڭىزنى بۇرىدىما؟
nur8455-نەدىكىنى،55 ياشقا كىرىپ قالغان ئاپام سۇ ئۈزۈشى ئۈگۈنۈپ بوپتۇ!
پىخسىق
كاتتا باي kixan يېڭى سېتىۋالغان مىرسىدىس ماشىنىسىنى ھەيدەپ شەھەر ئايلىنىپ بىر ئورۇنغا كېلىپ توختاپتۇ.
ئۇ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ماشىنىدىن چۈشەي دەپ تۇرۇشىغا ئارقىدىن ئۇچقاندەك كەلگەن بىر ماشىنا kixan نىڭ ماشىنىسىنىڭ ئىشىكىنى سوقۇپ چۇۋۇۋېتىپتۇ.
نەق مەيدانغا قاتناش ساقچىسىباھادىر يېتىپ كەپتۇ .
kixan قاتناش ساقچىسى باھادىر غا قاقشاپ سۆزلەپتۇ:
-قاراڭە،بۇ ماشىنامنىڭ ئىشىكىگە،مۇشۇنداقمۇ چۇۋۇۋېتەمدۇ،بۇ ياكى ئاز پۇلنىڭ ئىشى بولمىسا دەپتۇ.
قاتناش ساقچىسى باھادىر: نىمانداق ماشىنىڭ ئىشىكى بىلەنلا قالىسىز،سول بىلىكىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟
-شۇ ۋاقدىلا kixan ئەلەملىك نالە قىپتۇ،ئاھ خۇدا: مېنىڭ رولكېس ماركىلىق سائىتىم نەگە كەتكەندۇ؟
~
يەر ئاستى مېترو پويىز ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ مېترودا كېتىۋاتقان سۈرخان ئەدەپ بىلەن ئېگىلىپ تۇرۇپ،
قېشىدا تۇرغان bayhenim غا :
-خانىم،ئەيىپكە بۇيرىمىسڭىز سىزگە بىر تۇتقۇچ تېپىپ بېرەيمۇ؟
bayhenim : سوغۇق تەلەپپۇزدا، ھاجەتسىز،ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىمەن.
ئۇنداق بولسا گالىستۇكىمنى قويۇۋېتىڭ،دەپتۇ سۈرخان قاتتىق ئاۋازدا.
ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
مەنبە:ئۆزۈم ساقلىۋالغانلىرىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-24 03:15 AM