|
|
|
|
تۇيۇقسىز گاس بولۇپ قېلىش ھەرخىل سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ،سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئېغىر دەرىجىدىكى نېرۋا خاراكتىرلىك گاسلىق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان گاسلىق دەپ ئاتىلىدۇ.كۆپىنچە بىر تەرەپتە كۆرۈلىدۇ.
كسەل پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن بىشارىتى بولمايدۇ،ئاز ساندىكى كىسەللەردە زۇكام بۇلۇش،چارچاش ،ھاياجانلىنىش تارىخى بولىدۇ.تۇيۇقسىز گاس بوپ قالىدۇ ھەمدە بىر سائەت ياكى بىر ھەپتە ئىچىدىلا تىزلا ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ.70%كىشىدە گاس بوپ قېلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قۇلاق غۇڭۇلداش قوشۇلۇپ كىلىدۇ.ئەمما يەنە بەزىلەردە قۇلاق غۇڭۇلداش گاسلىقتىن كىيىنىمۇ پەيدا بولىدۇ.%68 ~ 30 كىشىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە باش قېيىش(بۇنىڭ 10%تى ئېغىر دەرىجىدە باش قېيىش)،كۆڭلى ئىلىشىش،قۇسۇش،ئاز ساندىكىلەردە قۇلاق ئەتىراپى ئېغىرلىشىش،ئۇيۇشۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.قۇلاق ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە نورمالسىزلىقلار كۆرۈلمەيدۇ.قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرگەندە نېرۋا خاراكتىرلىك گاسلىق ئىكەنلىكى بايقىلىدۇ.
تۇيۇقسىز پەيدە بولغان گاسلىقنى داۋالاشتا مەلۇم قاراتمىلىق بولۇش،ئەقسەتسىز قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىك كىرەك.نۆۋەتتە تۆۋەندىكىدەك داۋالاش ئۇسۇللىر قوللىنىلىدۇ:
1-قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ ،قۇلاقتىكى قاننىڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
2-قاننىڭ قۇيۇقلىقىنى تكۆۋەنلىتىپ،مىكرو قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش.
3-نېرۋىلارنى ئوزۇقلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش
مەنبە: شىنجاڭ تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت تورى
|
|
|
|
|
|