كاتىيىن ئورمانلىقىدىكى قىرغىنچلىق
1939-يىلى9-ئاينىڭ 1-كۈنى ناتسىسىت گىرمانيسىسى پولشاغا چاقماق تىزلىكتە ئۇرۇش قوزغاپ،پولشانىڭ غەربىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىپولشانىڭ شەرىقىي قىسىمىغا تاجاۋۇز قىلىپ، پۈتكۈل پولشانىڭ شەرىق قىسىمىنى ئىشغال قىلىپ، 250 مىڭ پولشا ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى ئەسىرگە ئالدى. سوۋېت ئىتتىپاقى كېيىن ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرنى ئايرىپ، يېڭىدىن قۇرغان ئەسىرلەر لاگىرىغا قاماپ قويدى.ئۇنىڭ ئىچىدە سىتالبېرىسىك، كېزېلىسىك ۋە ئوستاسىكوۋدىن ئىبارەت ئۈچ ئەسىرلەر لاگىرىغا 9000 نەپەر ئوفىتسېرنى قوشقاندا جەمئى 15 مىڭ نەپەرئەسىر قامالدى.1943-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى گىرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىمولىنىكى شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا شەھەرگە يېقىن رايوندىكى كاتىيىن ئورمانلىقىدا سوۋېت ئىتتىپاقى قۇشۇنلىرى قىرغىن قىلغان نەچچە مىڭلىغان پولشا ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەت ئازگىلىنى بايقايدۇ. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇۋەقەنى ئىنكار قىلىپ، بۇ پولشا ئەسىرلىرىنى گىرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، گىرمانىيە قۇشۇنلىرى ئۆلتۈرگەن دەپ ئېلان قىلدى. كېيىن سوۋېت-گىرمانىيە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كاتىيىن ئورمانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى لېكىن ھەممىسى ئېنىق بىر نەتىجىگە ئىگە بولالمىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن نيۇرنبېرگ خەلىقئارالىق ھەربىي سوتىداگىرمانىيە ناتسىست جىنايەتچىلىرىنى سوراق قىلغان ۋاقىتتىمۇ كاتىيىن ۋەقەسىدىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقە ئاشكارلانمىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ پولشا تەرەپ ۋە خەلىقئارالىق جەمىيەت سوۋېت ھۆكۈمىتىگە كۆپ قېتىم گۇمانىي كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرغان قويدى ھەتتا كەسكىن مۇنازىرە قىلىشتى لېكىن سوۋېت ھۆكۈمىتى باشتىن ئاخىرى ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۋالدى.1985-يىلى گورباچېف سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن سوۋېت ۋە پولشا ئىختىيارى ھالدا تارىخشۇناسلار قاتناشقان بىرلەشمە كومىتېت تەشكىللەپ، شۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە چېتىشلىق بولغان كۆپ مىقداردىكى ھۆججەتلەرگە قارىتا ئىنىچكىلىك ھالداتەپسىلى تەتقىقات ئېلىپ باردى. 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى پولشا زۇڭتۇڭى يالۇرېرزسك ىسوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى كاتىيىن ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى رەسمىي ھالدا ئۈستىگە ئالدى.كاتىيىن ۋەقەسىنىڭ ئاساسىلىق ئەھۋالى مۇنداق، سوۋېت ھۆكۈمىتى پولشا ئەسىرلىرىنى بىر چوڭ يۈك دەپ قاراپ (پولشا ئەسرلىرى ھەر ۋاقىت سوۋېت قۇشۇنلىرغا قارشى چىقىش ئېھتىمالى بار دەپ قاماپ قۇيىدۇ)، ئەسىرلەر ئىچىدىكى ئوفىتسېرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلدۇ. ئوفىتىسرلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، قالغان ئەسكەرلەرنى سەركىسىز پادا ھالەتكەچۈشۈرۈپ قۇيىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار تەەپلىرى ئەڭ ياخشى ئامال ئۇلارنى يوقۇتۇش دەپ قارايدۇ. 1940-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلاركومىتىت ئەزاسى(ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى) لاۋرېنچ.پاۋلوۋېچ.بېرىيانىڭ سىتالىنغا ۋەسوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتىتىغا يازغان 20 مىڭ قالدۇق پولشا ئوفىتسېر ئەسىر ۋەجىنايەتچىلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش دوكلاتى دەرھال تەستىقلىنىدۇ. 1940-يىلى4-ئاينىڭ بېشىدا پولشا ئەسىرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى رەسمىي باشلىنىدۇ. نەچچەمىڭلىغان ئەسەرگە چۈشكەن پولشا ئوفىتسرلىرى يۇقۇردا ئېيتلىغان ئەسىرلەر لاگىرىدىن ماشىنىغا چىقىرىپ، مەخپىي ھالدا كاتىيىن ئورمانلىقىغا ئاپىرىپ ئۆلۈم جازاسى بىرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسىنى ئىجىرا قىلغۇچىلار پولشا ئەسىرلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، تاپانچائارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارقا مىڭىسىگە ئوق چىقىرىدۇ.
تۆۋەندىكى سىن بولسا شۇ دەۋىردىكى ھۆججەتلىك
جەسەتلەرنى ئازگالغا تاشلاپ بولغاندىن كېيىن سوۋېتلىكلەر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئۇلارنى كۆمۆپ تاشلايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي 2-تۈركۈمدىكى ئەسىرلەرنىمۇ شۇ ئۇسۇل بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ تاكى5-ئاينىڭ ئوتتۇرغىچە سوۋېتلىكلەر كاتىيىن ئورمانلىقىدا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن جەمئى ئەسىرلەر 4421 گە يىتىدۇ. ئۇلار سەككىز ئازگالغا كۆمۈلگەن بۇلۇپ، ئۈستىنى قارغاي ۋە ئاق قېيىن دەرىخى قاپلىغان ئىدى.
كاتىيىن ئورمانلىقىدىن باشقا سوۋېت تەرەپ يەنە سىتالبېرىسىك ئەسىرلەر لاگىرىدا 3820 نەپەر، ئوستاسىكوۋ ئەسىرلەر لاگىرىدا 6311 نەپەر، غەربىي ئوكرائىنا ۋە غەربىي بىلوروسىيەدىكى باشقائەسىرلەر لاگىرىدا ھەم تۈرمىدە 7305 نەپەر ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بىرىدۇ، بۇنىڭغا كايىتىن ئورمانلىقىدىكى ئۆلگەن ئادەم سانىنى قوشقاندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارسانى جەمئى 21857 ئادەم بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15000 ئادەم پولشا ئوفىتسر-ئەسكەرلىرىدىن ئىبارەت.
.
.
مەنبەسى http://bbs.tiexue.net/post_4208615_1.html
ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى بۇ تارىخى ۋەقەنى ئارقا كۈرۈنۈش قىلىپ ئىشلىگەن فىلىم ‹‹كاتىيىن ئورمانلىقىدىكى قىرغىنچىلىق›› دىگەن فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ چىقتى، ھازىر تەھرىرلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا، پات ئاردا كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشىدۇ.
نادىر ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىغا مەرھەمەت قىلىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulphar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 11:59 PM