مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 610|ئىنكاس: 3

گۈلەمخان داستانى (خېلىل ھەمرايېف) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 868
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5678
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2236 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 08:52:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزاھات: قازاقىستان ئۇيغۇر شائىرى خېلىل ھەمرايېفنىڭ "گۈلەمخان" داستانىنى ئۆز پېتىچە يوللىدىم، بەزى توغرا بولغان، ئەمما دىيارىمىزدا بىر قىسىملار تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلىۋاتقان سۆزلەرگە، دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى بىر قىسىم پەرىقلەرگە توغرا، ئىلمىي تونۇشۇڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن......

گۈلەمخان

(تارىخىي داستان)

ئاۋتوردىن:

سىلەر كۆرۈپ تۇرغان "گۈلەمخان" ناملىق بۇ تارىخىي داستاننىڭ پاژىئەسى مانژۇر خاندانلىغىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە، يەنى 1890-يىللىرى ھازىرقى شىنژاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون، ئىلى ئوبلۇسىنىڭ غۇلژا شەھىرىگە قاراشلىق ئويمان – ئىلى دەرىياسىنىڭ بويىدىكى بايتوقاي (ئويمانبۇلاق) دېگەن كونا ئۇيغۇر يېزىسىدا ئۆتكەن ھەقىقىي تارىخىي ۋەقىئەدۇر.

بۇ تارىخىي ۋەقەنىڭ ماتېرىئالىنى مەن 1951 – 1953- يىللىرى گۈلەمخان، نودەر، مايەن ۋە سايرامباي تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئويمانبايتوقاي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى: ھىزۋەكتام، تۈگمەن بېشى، ئارۆستەڭ، ياماتۇ ھەم توغراق يېزىلىرىدا يۈرۈپ توپلىغان ئېدىم. شۇ توپلىغان ماتېرىئاللىرىمغا ۋە گۈلەمخان ھەققىدىكى ئېغىز ئىژادى بىلەن بەزى يازما ھۆژژەتلەرگە ئاساسەن موشۇ تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتىم.

بۇ تارىخىي داستاندا شىنژاڭدا ياشىغۇچى قېرىنداش ئەمگەكچى خەلقلىرىنىڭ، يەرلىك فېئوداللىرىغا قارشى كۈرەشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ژەڭگىۋار ئوبرازلىرى ئوچۇق كۆرسىتىلدى ھەم كەمبەغەل دېھقان ياشلىرىنىڭ سىنىپى دوستلۇقى، چىن مۇھەببىتى نامايىش قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنژاڭدا ياشمغۇچى قەلەمداش يولداشلارنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئەركىن پىكىر يوللىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

خ. ھەمرائېۋ

ئۇزاقلاردىن ئەلگە مەلۇم داڭلىق گۈلەمخان،

شۇ توغرىلىق سۆزلەپ بېرەي تارىخىي داستان.

گۈزەل غۇلژا شەھىرىنىڭ شەرق يېقىدا،

ئىلى دەرىيا بويىدىكى كونا مەلىدە.

سادىر* دېگەن بىر كەمبەغەل دېھقان بار ئېدى،

ئۇ زومىگەر ئەڭگە بايغا قۇلدەك خار ئېدى.

شۇ دېخاننىڭ ساھىپژامال بىر قىزى بولغان.

بىر نۇر ئېدى بۇ ژاھاندا تەڭدىشى يوقتەك،

قاراشلىرى ئۆتكۈر ئېدى گوياكى ئوقتەك.

بىر قاراپلا ئاشىق قىلار ئېدى ھەر ژاننى،

كۈندۈزى – كۈن، تۈندە ئىزلەر ئاي گۈلەمخاننى

ئەل ئاغزىدا «سۇ پەرىسى» دېگەن نامى بار،

قىزنى كۆرۈپ ئىلى دەرىيا دائىم چايقىلار...

ناخشىسىغا تەبىئەتمۇ بولاتتى تەشنا،

گۈل چىرايى بۇلبۇللارنى قىلاتتى ئەشنا.

تاغدا ئۆسكەن كېيىكلەرگە ئوخشايتتى ئۆزى،

ئوخچۇپ چىققان بۇلاقلاردەك ئويناتتى كۆزى.

گۈل غۇنچىدەك گۈزەل ئېدى نەپىس لەۋلىرى،

مەژنۇن تالنى ئەسلىتەتتى ئۇنىڭ بەللىرى.

قالىغاچنىڭ قانىتىدەك ئەگىمە قاشلىق،

كۆرۈنەتتى بۇ گۈزەل قىز ئون يەتتە ياشلىق.

« پەرى » دەيتتى ھەر بىر ئادەم كۆرۈپ بۇ قىزنى،

ئانار ئۈزلۈك، شېرىن سۆزلۈك، چېچى قۇندۇزنى.

دەرھەقىقەت، شۇنداق گۆزەل ئېدى گۈلەمخان،

شۇڭا قىزغا كىچىگىدىن كۆز مونچاق ئاسقان.

قىز بەختىنى تىلەر ئېدى ئاتا-ئانىسى،

يوق ئېدى ھەم مۇشۇ قىزدىن باشقا بالىسى.

قىزمۇ ئۆسۈپ چاچقا ژالا سېلىنىپ قالدى،

بەڭۋاشلىقى ئەندى ئۇنىڭ بېسىلىپ قالدى.

قارا سۇمبۇل چېچى تولۇق ئۆرۈلدى ئۈچ تال،

قىزنى چوڭقۇر خىياللاغا سالدى بۇ ئەھۋال...

خىيال قۇشى ئۇچاتتى ھۆر، گويا قالىغاچ،

يۈرىكىدە مۇھەببەتنىڭ ئوتى پارلىغاچ.

قىز قەلبىدە يارنىڭ ئىشقى دولقۇنلىناتتى،

شۇ دولقۇندا يوشۇرۇن سىر يالقۇنلىناتتى.

بۇ سىرىنى ئانىسىغا ئېيتالمايتتى ھەم،

قىز كۆڭلىنى باسقان ئېدى قايغۇ بىلەن غەم...

ئاتا-ئانا بىلەر ئېدى قىزنىڭ سىرىنى،

بىلەر ئېدى ھەتتا ئۇنىڭ چىن سۆيگۈسىنى،

لېكىن ئۇلار بىلمەس بولۇپ يۈرەتتى دايىم،

دەتتى يوشۇرۇن: «مۇرادىغا يەتكۈز، خۇدايىم!»

قىز سۆيەتتى بىللە ئۆسكەن يىتىم نودەرنى،

لېكىن قەلبى سېزەتتى بىر دەھشەت-خەتەرنى.

چۈنكى كۆپلەپ بەكزادىلەر ئەگىپ يۈرەتتى،

قىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يامان كۆرەتتى.

ياقتۇرمايتتى قىز ئۇلارنىڭ ماراشلىرىنى،

ئاچ بۆرىدەك كۆز ئالايتىپ قاراشلىرىنى.

بېرىلمىدى قىز ئۇلارنىڭ شايى رەختىگە،

ئالدانمىدى ئالتۇن-كۈمۈچ، تاژۇ-تەختىگە.

ئۇ ساقلالىدى نودەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى،

ئۇ بىلەتتى چىن ئىشىقنىڭ ئۆلمەس بەختىنى...

       بىرىنچى باپ

        دېخاننىڭ زارى

تاغ-ئىدىر ۋە قىرلاردا قار ئېرىگەن مەھەل،

ئىلى سۈيى لۆمشۈپ تولۇق ئاقماقتا شۇرمەل.

ئويغاندى يەر، قۇرۇت-قوڭغۇز كۆزىنى ئاچتى،

كۈنمۇ ئىسسىپ بىر خىل ئىللىق نۇرىنى چاچتى.

ئېرىق-ئوستەڭ كوچىلارغا تولدى لاي سۇلار،

باي يېرىگە ئىشلەش ئۈچۈن ماڭدى يوقسۇللار.

ھارۋا ھايداپ كېلەر بىر چال خېلى يىراقتىن،

بىنەملىككە ماڭغان ئۆزى ئويمانبۇلاقتىن.

ئۇ پىيادە پاتقاق كېچىپ، ھايدار ئېتىنى،

بىلەتتى ئۇ بۇ يوللارنىڭ ئېپى-چېپىنى...

كۈندە كۆيگەن، ئازاپ چەككەن، خورلاڭھان ئۆزى.

قوللىرى ھەم قاداق بولغان، يېرىلغان يۈزى.

پىشانىسى كەڭرەك كەلگەن، قاشلىرى ئۇزۇن.

كەكە ساقال، غەملىك چىراي، قاڭشارلىق بۇرۇن.

يوقسىزلىقنى كۆرسىتەتتى پۇتىدا چورۇق،

دەرت-ئەلەمنى ئەسلىتەتتى يۈزىدە قورۇق.

تال-تال بولۇپ ئاقارغان ھەم ساقال چاچلىرى،

نە دەرتلەرنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئۇنىڭ باشلىرى...

"چۇ، ژانىۋارلار!" – دەپ، ئاتلارنى سىلار يېتىلەپ،

ئاتلار ماڭار ئاپپاق كۆۋۈك، پۇشۇلداپ تەرلەپ.

ئىككى ساپان قوشنى سالغان ھارۋىغا بېسىپ،

ئۈچ ئۆكۈزنى چېتىپ ئالغان بۇرنىنى تېشىپ،

بىر ھازادىن كېيىن دېھقان دەم ئالدى توختاپ،

تۇرۇپ كەتتى كۆزنى يۇمۇپ، بىر نېمە ئويلاپ.

ئۇنىڭ ئويى، خىيالى ھەم يالغۇز قىزىدا،

قىزى قالغان ئانا بىلەن يالغۇز يېزىدا.

ئانىسى بار قىزنى ھېچ كىم يالغۇز دېيەلمەس،

لېكىن ئۇ قىز تالا-تۈزدە يالغۇز يۈرەلمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ئويلار قىزنىڭ غېمىنى،

قىز ئۆستەرگەن كىشى بىلەر بۇنىڭ سىرىنى...

يوقسۇل دېھقان ئاتلىرىنىڭ تەرلىرىن ئېرتىپ،

يەنە ماڭدى ئۆكۈزلەرنى ياخشىلاپ چېتىپ.

ئىشلەيتتى ئۇ قىش-ياز تىنماي ئەڭگە چولاققا،

ئاشلىق ھايداپ، بىنەم بىلەن ئويمانبۇلاققا.

"سادىر چاققان" – دەيتتى ئۇنى ئۆز تەڭ-تۇشلىرى،

ھازىر بولسا، قېرىپ ئۇنىڭ چۈشتى چىشلىرى.

ھېلىمۇ ھەم بوش كەلمەيدۇ ئىشتا-ئەمگەكتە،

چۈنكى سادىر ئۆسكەن ئېدى زور مەشەقەتتە.

ئېغىر ياتقۇ بىلەن سادىر بىنەمگە يەتتى.

ئۇنىڭغا ھەم ئاتلارغىمۇ ھاردۇق كېپ كەتتى...

     *   *   *

قاراڭغۇ تۈن، ئاسمان-بۇلۇت، كۆرۈنمەس ھېچ كىم،

ھايات تامام كۆمۈلگەندەك ئەتراپ ياتار ژىم.

پەقەت كېلەر قۇلاققا شوخ شامال پەرۋازى،

ھوقۇشنىڭكى "ھۇۋ... ھۇۋ..." دېگەن سۈرلۈك ئاۋازى.

ئۇ ئاڭلىنار ئەڭگە باينىڭ ئاۋازىدەك ژۇت،

شۇڭلاشقا دەر ئۇ سايرىسا "ۋەيران بولار يۇرت".

يوقسۇل دېھقان ئۇخلار تىپ-تىنچ ھارۋا تېگىدە،

ئاتلار بولسا تۇرىشىدۇ ئۇنىڭ يېنىدا.

ئۆكۈزلەر ھەم تاپتى پۇراپ كونا خاماننى،

ئۇلار ئەنە كۆشەپ ياتار ئەسكى ساماننى.

بىر ۋاقىتتا سادىر ئويلاپ كەتتى ئۇيقىدا،

ئۇنى ئېغىر غەم باسقاندى ئەشۇ تۇرقىدا:

"... ئوتتۇز بىر يىل ئىشلىدىم مەن ئەڭگە چولاققا!

ئۆمرۈم ئۆتتى ئىگە بولماي بىرمۇ ئۇلاققا.

سايە قىلما ھىلىگەرلەر، تۇتما قىزىمنى،

مالايلىققا بېرەلمەيمەن ئۇ يالغۇزۇمنى!...

قۇلدەك ئىشلەپ، خورلاندىم مەن ئەشۇ زالىمغا،

يەتكىنى يوق بىرمۇ قېتىم مېنىڭ ھالىمغا.

ئايالىممۇ ئون نەچچە يىل نېنىنى ياقتى،

ئىسسىق تومۇز ئاپتاپلاردا ژانلىرى ئاقتى.

بۇ دەھشەتلىك ئېغىر كۈنلەر مەن بىلەن كەتسۇن،

نودەر بىلەن ئەزىز قىزىم مۇراتقا يەتسۇن!..."

     *   *   *

چۆچۈپ كېتىپ بوۋاي بىردىن ئاچتى كۆزىنى،

سوغ شاماللىق بىنەملىكتە كۆردى ئۆزىنى.

قالايمىقان چۈش كۆرگەچكە بۈگۈن كېچىدە،

بىر نېمىنى ئوقىدى ئۇ ئاستا ئىچىدە...

نودەر بولسا يېتىپ كەلگەن ئىدى بىنەمگە،

ئىشتا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قېرى ئادەمگە.

"سالام ئاتا!" – دەپ نودەرژان ئاستا ئىڭىشتى،

"ۋائالەيكۈم..." – دەپ بوۋايمۇ خوشال كۆرۈشتى،

بۇ ۋاقىتتا تاڭمۇ ئېتىپ، چىققان ئىدى كۈن.

لېكىن بۇلۇت كۈن يۈزىنى قاپلىغان پۈتۈن.

سادىر بوۋاي نودەرژاڭھا سەپ سېلىپ شۇندا،

سورىدى ئۇ: "نېمە گەپ بار ئۆي ئىچى-يۇرتتا"

"تېچلىق-ئامان، ئۆزگىرىش يوق"، - دېدى نودەرژان.

كۆز ئالدىدىن دەررۇ ئۇچۇپ ئۆتتى گۈلەمخان...

"رەخمەت، نودەر، سەن كېلىپسەن ۋەدەڭدە تۇرۇپ،

قوش سالىمىز بۈگۈن يەرگە، كەتمىسۇن قۇرۇپ".

"خوپ بولىدۇ، قانچىلىك ئىش بولسا، مەن تەييار".

"ياشا ئوغلۇم! مەخسەتكە يەت، بولما ئەبەد خار".

"ئوغلۇم!" دېگەن سۆز يىگىتكە بەخت سېزىلدى،

قەلبىگە ھەم گۈلەمخاننىڭ نامى يېزىلدى.

ئۇلار تولۇق تەييارلىدى بارلىق ئىشىنى،

سادىر باشلاپ يەرگە سالدى قوشنىڭ چىشىنى.

"ھوش-ھوش! تاش-تاش!" – دېگەن ئاۋاز ياڭرىدى شۇ چاغ،

كۆزگە كۆرۈنەر دۆڭلۈك بىنەم، ئىگىز ئابرال تاغ.

تاغ شامىلى يەلپۈمەكتە ئاتنىڭ يايلىنى،

يىگىت سۆيەر خىيالىدا گۆزەل يارىنى...

        ئىككىنچى باپ

            ئۇچرىشىش

گۈل ئېچىلغان باھار ۋاقتى، ئايدىڭ كېچىدە،

بىر قىز يالغۇز ئولتۇراتتى باغنىڭ ئىچىدە.

شامال ئاستا سىلكىمەكتە گۈلنىڭ بەرگىنى،

خىيال تامام يۆگەپ ئالغان قىزنىڭ ئەركىنى.

ئاسمان بويلاپ ئۈزەر غەمكىن كۆكنىڭ كېلىنى،

كۆڭۈل بۆلۈپ ئىزدەيدۇ ئۇ كىمدۇ بىرىنى.

باغدا كۆرگەچ ئۆز دوستىنى، مۇنداق تولۇن ئاي

دەرەق ئارا مارايدۇ ئۇ، كۈلۈپ خۇش چىراي.

ھالقا-ھالقا ئاي شولىسى ئەگىيدۇ قىزنى،

ئەركىلىتىپ ئوينايدۇ ئۇ چېچى قۇندۇزنى.

مەلە ژىم-ژىت ئۇخلاپ ياتار ئېغىر مۇڭلىنىپ،

ئېرىقتا سۇ شىقىراپ ئاقار ئاستا تولغىنىپ.

ئاندا-ساندا قىچقىرىدۇ غوراخلار ئۈنلۈك،

يوپۇرماقلار شىلدىرلىشىپ ئاڭلىنار سۈرلۈك.

قىز ئولتىرار ئۆتكەن ژۈمە كۆرۈشكەن يەردە،

باغ ئىچىنى ئوراپ ئالغان قاپ-قارا پەردە.

لېكىن يانار مۇقەددەس ئوت قىزنىڭ قەلبىدە،

غەزەپ بىلەن سۆزلەپ كەتتى ئاچچىق زەردىدە:

"... زالىم شاڭيۇ بەگلەر بولدى يۇرتقا غوژايىن،

ئازاپ-كۈلپەت، زۇلۇم ياغدى ئەلگە ئىنتايىن.

ئىلان-چايان، قاغا-قۇزغۇن يايراپ كەڭ-تاشا،

ھەر تەرەپكە سالدى ئۇلار زەنژىردىن قاشا.

ئاتام ئۆتتى مالاي بولۇپ زومىگەر بەككە،

ئوغۇل كۆرمەي، ئۆمۈر بويى ئىشلىدى يەككە.

مېنى بېقىپ، يەتكۈزدى ئۇ ئون سەككىز ياشقا،

ئېغىر كۈنلەر كەلدى بۈگۈن بۇ ئەزىز باشقا...

يارىم بىلەن ئارام-خۇدا ژۈرەلمەيمەن تېچ،

كۈندۈز كۈنى ئوچۇق-يورۇق كۆرەلمەيمەن ھېچ.

ئەتراپىمدا چىل بۆرىلەر ھۇۋلايدۇ كۈندە،

يارنى ئىزلەپ يۇلتۇز ساناپ يۈرىمەن تۈندە.

قاراڭغۇ تۈن قايغۇ-ئالەم بولدى ھەمرايىم،

لېكىن يوقتۇر ئەل ئالدىدا قىلچە گۇنايىم.

گۇناسىز ئەل ئۆلكىسىنى باستى ژاھالەت،

يۇرت سورىغان "ئۇلۇقلاردا" يوقتۇر ئادالەت.

رەھىم-شەپقەت قىلمىدى ھېچ خەلققە تەڭرى،

پەقەت زامان "بەگلەر ئۈچۈن!" بولدى كەڭ-كەڭرى!.."

باغنىڭ ئىچى تىپ-تىنچ، پەقەت شىلدىرلار ياپراق،

قايناپ-تېشىپ ئاقار ئاستا ئىسيانكار بۇلاق.

بۇلاق بويلاپ ئېچىلغان ھەم قىزىل گۇناۋاز،

قىزغا قاراپ ئىغاڭلايدۇ قىلىپ گۈزەل ناز.

كۆك يۈزىنى قارا بۇلۇت كەلمەكتە قاپلاپ،

ئايمۇ ماڭدى تاغ ئارقىغا بۇلۇت ئارىلاپ.

ئۇزاقلاردىن ئاڭلىنىدۇ دەريا شاۋقۇنى،

قىز قەلبىنى كۆيدۈرىدۇ ئىشق يالقۇنى.

خىيالىدا كۈلۈپ كېلەر سۆيگەن ئاشىقى،

قاينار ئۇنىڭ يۈرىگىدە سۆيگۈ قوشىقى…

       قىزنىڭ ناخشىسى:

"قاراڭغۇدا قارىياغاچ كۆرۈنەر سىدە،

زۇلۇم بىلەن ياش يۈرەكلەر بولماقتا زىدە.

زىدە بولغان يۈرەكلەرنىڭ دەردى بەك تولا،

باغ ئارىلاپ ئاقتى تالاي قانچە لاي سۇلار..."

قىز بىردىنلا توختىدىدە، قارىدى باققا،

يوپۇرماقلار شىلدىرلىغان قاراڭغۇ ياققا.

شۇ ئارىدا باغ كەينىدىن ناخشا ئاڭلاندى:

قىز يۈرىگى "ژۇغ" قىلدىدە، ئوت ئېلىپ ياندى.

     نودەرنىڭ ناخشىسى:

"شۇندىن-شۇڭھا كەلگەنلىگىم سەن يار ئۈچۈندۇر،

ژەۋرى-ژاپا چەككەنلىگىم دىدار ئۈچۈندۇر،

تاڭ ئاتقىچە پىغان چېكىپ سايرايدۇ بۇلبۇل،

چۈنكى ئۇنىڭ سايرىشى ھەم گۈلزار ئۈچۈندۇر.

ئېگىز تاغنىڭ قارىغايلىرى ساينى تالاشۇر،

ياخشى بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈر خويمۇ ياراشۇر..."

يېقىنلىشىپ قالدى نودەر يارى بار باققا،

سىم-سىم يامغۇر تىرسىلدىتىپ تېگەر ياپراققا.

گۈل ئارىلاپ قوشۇلغاندەك ئىككى ئېرىق سۇ،

بۈگۈن كېچە ئۆز يارىنى كۆردى يىگىتمۇ...

قىز قوزغىلىپ كۈلۈمسىرەپ ماڭدى ئورنىدىن،

شۇ چاغ نودەر باققا ئىرغىپ چۈشتى شوتىدىن.

باغ ئىچىدە كۆردى يىگىت ئەزىز يارىنى،

يارى ئۈچۈن بېغىشلار ئۇ دىلدا بارىنى.

ناخشا بىلەن ئەھۋال بايان قىلىپ يارىغا،

ئېرىق ئاتلاپ ماڭدى يىگىت قىزنىڭ ئالدىغا.

يىگىت كېلىپ، ئۆز يارىنىڭ، تۇتتى قولىنى،

قىزنىڭ ئىسسىق لەۋلىرىگە باستى لېۋىنى.

بۇلبۇل ئورغۇپ، گۈل ئارىلاپ، قىلدى خۇش ناۋا،

ئىككى ئاشىق ئىزلەر مۇندا دەردىگە داۋا...

   ئۈچىنچى باپ

      ماۋەن بوۋاينىڭ ھېكايىسى

كاككۇك مۇڭلۇق سايرىماقتا قاراڭغۇ باغدا،

ماۋەن بوۋاي ئولتىراتتى ئۆيدە شۇ چاغدا.

ئۇ ژانىۋارنىڭ غېرىپ ئۈنى تېگىپ ژۇرەككە،

ئۆيدىن چمقمپ قاراپ كەتتى ئېگىز دەرەققە.

كۆرەلمىدى بىراق ئۇنى دەرەق ئۇچىدىن،

شۇ چاغ ئوغلى تويدىن قايتىپ، كىردى كوچىدىن.

ئاتىسىغا كۆزى چۈشۈپ توختىدى دەررۇ؛

تۈئەپ ئالدى قولىدىكى غېژىگىنى ئۇ.

ژىگىت خوشال قىلماق ئۈچۈن چالنىڭ دىلىنى،

سۈركىۋەتتى غېژىگىگە ئىنچىك قىلىنى.

نەپىس تىترەپ، ژاراڭلىدى غېژەك ساداسى،

ئۇزاقلارغا ئېلىپ كەتتى تاڭنىڭ ھاۋاسى.

ياڭراپ كەتتى ئەرخان* كۈيى يېزىنى بويلاپ؛

راھەتلىنىپ ئاڭلىدى چال بىر نېمە ئويلاپ...

ئۇزۇن، شالاڭ ساقىلىنى سىلاپ قېرى چال،

بېشىن تۇتۇپ، يەرگە قاراپ قىلماقتا خىيال.

خىيالىدا ئەكىس ئېتەر ياشلىق چاغلىرى،

ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىشىپ ئۆسكەن باغلىرى.

ئۆتكەن ئۆمرى بىرلەپ ئۇنىڭ چۈشتى يادىغا،

دوستى ئېلەم غەملىك چىراي كەلدى ئالدىغا.

ئازدىن كېيىن ئوغلى ياققا بۇرۇلۇپ ماڭدى،

ئۇ قەدىردان غېژىگىنى قولىغا ئالدى.

شورا ئاتلاپ نودەرمۇ ھەم چۈشتى شۇ چاغدا،

پەرەڭ ياغلىق گۈلەم غىل-پال كۆرۈندى باغدا.

ياڭرىدى ساز نودەرنىڭ قەلبىنى ئېزىپ،

تۇرۇپ قالدى ژىگىت تىترەپ، بىر نېمە سېزىپ.

چۈنكى موشۇ دەرتلىك ئاھاڭ كەلتۈردى ئاڭا،

ئازاپ چەككەن ئاتىسىنى ئەسلىتىپ يەنە.

بۇ ئاھاڭنىڭ سىرىنى چال بىلەتتى پەقەت،

"ئاتاڭ ئېلەم سۆيگەن بۇنى..." دېگەن قانچە رەت.

شۇڭلاشقا بۇ قاتتىق تەسىر قىلىپ ژىگىتكە،

ناخشا باشلاپ كەتتى بىردىن مۇڭلۇق غېژەكتە.

     نودەرنىڭ ناخشىسى:

"ئۆز ئاتامنىڭ سىردىشى، سەن، ئۆتتۈڭ دەرت چېكىپ،

چولپان بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، كەلدىم باش ئېگىپ.

كەچۈر مېنى! مەژنۇن بولۇپ كەتتىم شۇ كۈندە،

يار ئىشقىدا باغ ئارىلاپ ژۈرىمەن تۈندە.

بەگزادىلەر چىماق سېلىپ، چىقتى چىدالماي،

سەندىن ئۆزگە غەمخورلۇق يوق، مەن قايان باراي؟!"

چال قەلبىگە ئوت تۇتۇشۇپ، گۈلدۈرلەپ ياندى،

غېژەكنىڭ ساداسى ھەم يەنە ئۇلغايدى...

مايەن بېرىپ، ئۆز دوستىنى ئالدى قۇچاقلاپ،

ناخشىسى ھەم ياڭراپ كەتتى يېزىنى چۇلغاپ.

       مايەن:

"ئۇرۇق-تۇققان، قېرىندىشىم، قەدىردان نودەر

سەن مېنىڭكى كۆز قارچۇغۇم، ئۇپۇرماس گۆھەر،

سېنىڭ بىلەن بىردۇر مېنىڭ تۇغۇلغان ژۇتۇم،

بىردۇر مېنىڭ تا مەڭگۈگە ژۈرىگىم، دوستۇم.

تارتىنماستىن سىرىڭنى ئېيت، ئاتام ئاڭلىسۇن...

دەرت –ئالەملەر ئوتلۇق ناخشا بولۇپ ياڭرىسۇن..."

        نودەر:

"زالىم بەگلەر گۈلەمخاڭھا ئەلچى قويۇپتۇ،

زۇلۇم تىغى ژۈرىگىنى چوڭقۇر ئويۇپتۇ.

رۇخسەت بەرسەڭ، ئېلىپ كېتەي قىزنى ژىراققا،

پەرۋانىدەك ئىنتىلىمەن ياڭھان چىراققا.

ئىشەن، ئاتا، تاماق ئۆتمەس بوغۇزۇمدىن ھېچ،

ئەيىپ بولسا كەسسۇن مېنىڭ بوينۇمنى قىلىچ..."

قوغۇشۇندەك ئېرىپ كەتتى چالنىڭ ژۈرىگى.

بۇلبۇل كەبى سايراپ تىندى مۇڭلۇق غېژىگى.

ئېرىپ ئاققان ژۈرىگىدە غەزەل دولقۇنلار،

چىرايىدا تامام ئۇنىڭ ئەلەم ئۇچقۇنلار...

كۆزلىرىدىن تۆكۈلدى ھەم تامچا-تامچا ياش،

تەلمۈردى چال كۆككە قاراپ، كۆرۈنمەس قۇياش.

چال ئالدىدا ئىككى ژىگىت تۇرار باش ئېگىپ،

ھەر ئىككىسى كۆزلىرىگە ئاچچىق ياش ئېلىپ،

ژىگىتلەرنى تەكلىپ قىلدى بوۋاي قېشىغا،

سۆيۈپ قويدى نودەرنىڭكى غەملىك بېشىغا.

ئاتىدارلىق مېھرى بىلەن سېلىپ چىن سايە،

باشلاپ كەتتى ماۋەن بوۋاي مۇنداق ھېكايە:

"... دەل بۇنىڭدىن ژىگىرمە ژىل ئىلگىرى ئوغلۇم،

سالغان ئېدى  ئەڭگە شاڭيو ئەلگە كۆپ زۇلۇم.

زومىگەرنىڭ تورت خوتۇڭھا تويماتتى نەپسى،

چۈنكى ئۆزى ئەزەلدىنلا بۆرىنىڭ نەسلى.

خەلپەمنىڭكى كىچىك خوتۇنى "چىرايلىق" خانزات،

ھەپتىدە بىر شاڭيو بىلەن ئوينار ئېدى شات.

بۇنى سېزىپ، ئاتاڭ ئېلەم ژۈرىدۇ پايلاپ،

ئۇنىڭ يالغۇز بىر پەيتىنى كۈتىدۇ ئايلاپ.

بىر كۈنى كەچ شامدىن كېيىن، خانزات ئۆيىگە،

كەپتۇ بىر چال ئىككى ئاتنى قوشۇپ مەپىگە.

دادىسىنىڭ تۇيۇقسىزدىن ئاتتىن ژىقىلىپ،

ئېغىر ھالدا ياتقىنىنى دەپتۇ سىقىلىپ،

ئاتىسىنى "ئىسلام شاڭيو" دەتتى خالايىق،

زومىگەرگە شۇنداق قازا كېلىشى لايىق.

خانزات ئاڭلاپ تېپىرلاپتۇ ياش ئېپ كۆزىگە،

شۇ زامانلا كېتىپتۇ ھەم ئىسلام يۈزىگە.

ئالدىراشتىن ئېيتالماپتۇ "ئۇزۇن قۇلاققا"!

بۇ ئىشلارنى خەۋەر قىلىپ ئەڭگە چولاققا.

ئاتاڭ بولسا بۇ پەيتنى بەرمەي قولىدىن،

بىر پانا ژاي ئىزلەپتۇ ھەم ئەشۇ ھويلىدىن.

بېدە باسقان ئۆگۈزگە ئۇ ئاپتۇ يوشۇرۇنۇپ،

گىرۋەكتىكى يوغان لىمنى ئالدىغا قويۇپ.

بىلدۈرمەي ياساپ ئېلىپ ھەممە يېقىنى،

دىققەت بىلەن كۈتۈپتۇ ئۇ ۋەھشى ئېيىقنى.

باش توخۇدا زالىم شاڭيو ئاتنى ئوينىتىپ،

دەرىيا ياختىن چىقىپ كەپتۇ قامچا سويلىتىپ.

باغ تەرەپتىن كىرىپتۇ ئۇ غورۇنى ئېچىپ،

لېكىن ئۇنى كۈتمەپتۇ ھېچ خانزادە چىقىپ.

ئۆزى چۈشۈپ، ئېتىنى ھەم باغلاپتۇ چەتكە،

"خەپ!" – دەپتۇ ئۇ، ساقال سىلاپ بۇ قىلغان دەرتكە...

بىر يۆتىلىپ، ئۆزىن تۈزەپ، ئۆيگە مېڭىپتۇ.

تۇيۇقسىزلا-ئۈستىگە لىم دۈگلەپ چۈشۈپتۇ.

"ۋاي!.." – دەپتۇدە، زالىم شاڭيو يەرگە يېتىپتۇ.

ئاتمۇ ئۈركۈپ، تىزگىن سىلكىپ، قاتتىق تېپىپتۇ.

لېكىن زالىم رودۇپاينىڭ چىقماپتۇ ژېنى،

قولى سۇنۇپ، تۇمشۇغىدىن ئېقىپتۇ قېنى.

ئايغاقچىلار تىمىسقىلاپ پۈتۈن يېزىنى،

تاپالماپتۇ "ئەيىپدارنىڭ" باسقان ئىزىنى.

بىر ژىل كېيىن بۇ سىرىنى نېمە ئۈچۈندۇر،

دوستۇم ئېلەم يولۋاس شۇمغا ئېيتىپ قويۇپتۇ.

يولۋاس قاۋان ژىگىرمە ياش ئېدى ئۇ چاغدا،

چاڭگۇڭ* بولۇپ  ئىشلەتتى ھەم ئەڭگە شاڭيودا.

قارىيۈزلۈك قىلىپ يولۋاس مەرھۇم ئاتاڭغا،

ھاژى دوغا* ئارقىلىق ئېيتىپتۇ بايغا.

شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ لوزۇڭ چىقىپ مەلىگە،

ژان دوستۇمنى باغلاپ كەتتى دەھشەت تۈرمىگە.

ژىغلىدۇق بىز، قاخشىدۇق، ھېچ بولمىدى ئامال،

شۇندىن بېرى ئۆتتى باشتىن قانچە سوغ شامال..."

ھېكايىنى توختىتىپ چال دېمىنى ئالدى،

غاڭزىسىغا تاماكىنى ئۇگىتىپ سالدى.

تاڭ يورۇدى، لېكىن تۇمان باستى ئالەمنى،

ئاچچىق غەزەپ يۆگەپ ئالدى قېرى ماۋەننى.

سىم-سىم يامغۇر ئاستا تامچىپ، توختىدى ئەندى،

نودەرنىڭكى شاڭيوغا زور نەپرىتى ياندى.

دوستى مايەن كۆزنى ئۈزمەي قارايدۇ ئاڭا،

ماۋەن بوۋاي داۋام قىلدى سۆزىنى يەنە:

"نودەر، سېنىڭ بىرگە ئۆسكەن يولداشلىرىڭ بار،

مايەن بىلەن، سايرامبايدەك قولداشلىرىڭ بار.

مانا بۈگۈن ژىگىرمە تۆرت ياشقا كىردىڭ سەن.

ياخشى-يامان، ئاق-قارىنى تولۇق بىلدىڭ سەن.

يوقسۇل ئەلنىڭ دۈشمىنىنى پەقەت دوست تۇتما!

ئۇ ژۇتلارنىڭ شۇملۇغىنى ئەندى ئۇنۇتما!

ئاتاڭنىڭكى قاتىلىغا تىككەن كۆزۈڭنى،

بەلكى شاڭيو پايلاپ ژۈرەر سۆيگەن قىزىڭنى.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوغلۇم، سىلەر بولۇپ ئىتتىپاق،

زالىملارغا كۈرەش بىلەن بېرىڭلار ژاۋاپ!"-

چال غاڭزىنى قاقتى يەرگە ئىككىنچى توختاپ،

نودەر ئالدى مايەننى چىڭ بىردىن قۇچاقلاپ.

ئىككى ياشنىڭ ژۈرىگىدە ژەڭگىۋار تىلەك،

"كۈرەش!" – دېگەن ماۋزۇ بىلەن چىقاردى چېچەك.

زور خوشاللىق بىلىنەتتى چالنىڭ كۆزىدە،

ئوچۇق ئېيتتى نودەرگە ئۇ ئاخىر سۆزىدە:

"...غەم قىلمىغىن، ئوغلۇم نودەر، گۆزەل يارىڭدىن،

بىلدىم سېنىڭ دەردىڭنى مەن ئاھۇ-زارىڭدىن.

بەگزادىلەر ئالالماس ھەم سۆيگەن قىزىڭنى،

بۇ توغرىلىق ئاڭلا، ئوغلۇم، ئەندى سۆزۈمنى:

ئۆتكەن ئاخشام دوستۇم سادىر كېلىپ مۇڭداشتى،

قىز ھەققىدە ئازدىن كېيىن ئۆزى سۆز ئاچتى.

سادىر سېنى بالاقۇلۇن قىلماقچى پەقەت،

بەش-ئالتە ئاي سورايدۇ ئۇ ئۆزىگە مۆھلەت.

چۈنكى، ئوغلۇم، ئايرىم ھوژرا سالماقچى سادىر،

ساڭا مەلۈم، ئۇنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ ھازىر.

مېنىڭ بولسا ئەھۋالىممۇ ساڭا ئىئايلىقلا،

ئۆزەڭمۇ ھەم ئىشلەپ كەلدىڭ باغا ئايلىقلا.

ئايلىق پۇلۇڭ قامدامايدۇ تۇتقان ئۆيۈڭنى،

كېچە-كۈندۈز يەيمەن، نودەر، سېنىڭ غېمىڭنى.

ژۇت ئالدىدا بالاقۇلۇن بولغان بىلەن سەن،

ئۆي دېگەڭە كېرەك، ئوغلۇم، قازان-قومۇچ ھەم.

سادىرنىڭمۇ كۆڭلىدە شۇ-ئاساسى غەرىزى،

بىرە قۇر ئۆي-ژابدۇق قىلىش ئاتىنىڭ قەرزى.

دار ئالدىدا كۆرسىمۇ ھەم سادىر ئۆزىنى،

بەگزادىگە قەتъئىي بەرمەس يالغۇز قىزىنى.

لېكىن زالىم ئەڭگە چولاق تويمىغۇر گەكسى،

گۈلەمخاڭھا كۆزى چۈشسە، قويمايدۇ نەپسى.

ئەندى، ئوغلۇم، يارىڭنى سەن قاچۇر ئۇنىڭدىن،

ئۆزەڭ دايىم ھوشىيار بولغىن ئەينە شۇنىڭدىن.

قارشى چىقسا، كۈرەش قىپ ئال سۆيگىنىڭنى سەن،

شەرەپ دەپ بىل، موشۇ يولدا ئۆلگىنىڭنى سەن!..."-

چال سۆزىنى ئاخىرلىتىپ ئالدى چوڭ نەپەس،

نودەر پۈتۈن كۈچى بىلەن بولدى زەبەردەس.

             ***

ماۋەن بوۋاي پولات قىلىچ تۇتۇپ قولىغا،

قاتناشقاندى ئۇلۇق "تەيپىن" قوزغىلىڭىغا!

شۇ ۋاقتىدا ئۇ ژىگىرمە ئۈچكە ئۇلاشقان.

ھازىر بولسا ئاتمىش ئالتە كۆزى تولاشقان...

بىراق ئۇنىڭ قەلبى كۈچلۈك، - قېرى ئىسъيانكار،

شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغلىمۇ باتۇر ژەڭگىۋار...

-----------------------------------

* ئەرخان---خىتاي خەلقىنىڭ داڭلىق ناخشىسى.

* ئۇزۇن قۇلاق – (قازاقچە ئىبارە)

سۆز توشۇغۇچى، ئايغاقچى.

* چاڭغۇڭ – ئايلىق مالاي (ياللاڭھۇچى).

* دوغا – پومېشىكلارنىڭ

دېخانچىلىق ئىشىنى باشقۇرغۇچىسى.

    تۆرتىنچى باپ

          چېلىش

باراقسانلىق ئىيۇل ئېيى. ئىلى بويىدا،

قۇم ئارشاڭنىڭ قىزىپ كەتكەن ژىللىق تويىدا.

چېلىش، بەيگە، ئوغلاق تارتىش بولۇپ تۇراتتى.

ئويۇن-كۈلكە، ئەيشى-ئىشرەت تولۇپ تۇراتتى.

ھەممە ئەتراپ قىزىل-ژىيا كۆرۈنەر كۆزگە،

ژىلدا بىرلا ژان كىرەتتى بۇ دالا-تۈزغە.

بايلار ئۈچۈن ھەممە نەرسە تېپىلار مۇندا،

كەمبەغەللەر تۆشنى ئېچىپ، ئولتىرار قۇمدا.

بەگ زالىملار چېدىرلاردا ئوينار قىمارنى،

بەزىلىرى سۆيەر سەتەڭ – "كۆزى خۇمارنى"،

ھەر تەرەپتە قايناپ كەتكەن نەغمە ۋە ناۋا،

ئادەم بىلەن تولۇپ-تاشقان چەكسىز كەڭ دالا.

بىرى ماختار ئاشلەڭپۇڭنىڭ باش سىركىسىنى.

"مۇزداۋاننىڭ – مۇزى بۇ!" دەپ، چىقسا دوغاپچى،

"قينىڭ گۆشى – گىچچىدە ماي!.." دەيدۇ كاۋاپچى.

بىر تەرەپتە مەدداھ ئوقار رۇستىمى-داستان.

بىر تەرەپتە ھورى چىقىپ كۆتىرىلەر قاسقان.

بىر تەرەپتە غەزەل ئېيتار ۋەيرانە ئاشىق،

توپ-توپ بولۇپ، دولقۇنلىنار مەيداندا خەلىق.

مەيدان ئارا ئەل كۆزىنى باغلايدۇ – سەرگا،

(بىر مىنۇتتا  تۈرلۈك تاماق قىلىدۇ تەييار).

ئالماش كىيىم كىيىپ ئېلىپ، موللاقچى-دەرۋاز،

ئېگىز چىغرىق ئۈستىدە ئۇ قىلىدۇ پەرۋاز.

بىر تەرەپتە سوقۇشتۇرار قوشقارنى بەگلەر،

"تاماشىنى..." تەتۈر كۆرەر ئايرىم بەڭگىلەر.

بىر تەرەپتە كىتاپ ئېچىپ، ئولتىرار پالچى،

بۇنىڭ بىلەن ئەلنى ئالدار قانچە يالغانچى...

مۇندا ژۈرەر قىز-ژۇگانلار پەرەنژى پۈركىنىپ،

بەزىلىرى قاچار خۇددى كەپتەردەك ئۈركۈپ.

چۈمپەردىدە پۈتۈن ئەتراپ كۆرۈنەر غۇۋا،

لېكىن سۆيگەن يارى بىلىنەر "توۋۋا!"

يارى بىلەن ئۇچرىشىدۇ پەيتىنى تاپسا،

ئامما ئۇلار سۆزلىشەلمەس ئەركىن، كەڭ-تاشا.

         ***

كۈن ئېگىلىپ، پېشىن بولۇپ "قاينىدى ئويۇن"،

شەھەر ياقتىن كۆتۈرۈلدى قاپ-قارا كۇيۇن.

بىر ھازادا ژاللاتلارنى سېلىپ كەينىگە،

دوتەي-شەڭەن، دارىنلارمۇ چىقتى سەيلىگە.

ژو* ئۈستىدە زالىم دوتەي ئولتىرار بۇتتەك،

پىلدىرلايدۇ ژۇمۇك كۆزى نۇرسىز چىراقتەك.

ئاي گۈلى بار قارا توگا چاپاننى كىيىپ،

سېرىق ئېيىق تېرىسىگە تۇرار يۆلىنىپ.

ئەپىيۈن بىلەن زەھەرلەڭەن تېلەتى سۆرۈن،

بوينى خۇددى قاقىرلاردەك، كالپۇگى قېلىن.

بېشىغا ئۇ كىيىپ ئېلىپ ئۇزۇن موزىنى*

قاداپ ئالغان ئۈستىگە ھەم مەڭسەپ توزىنى*

ئەمەلدارلار قارشى ئېلىپ ئاتىدۇ پونى،

خەنسۇ، ئۇيغۇر يوقسۇللىرى كۆتەرگەن ژونى.

ژونىڭ ئىككى تەرىپىدە ئونلاپ يايىلار،

دوتەي بىلەن ماڭار بىللە سېلىپ سايىلار.

قانلىق ئىلان قامچىسىنى ئوينىتار ژاللات،

ژو كۆتەرگەن مېھنەتكەشلەر قىلىدۇ پەرىيات.

باي، فېئودال، پومېشىكلار قوشتۇرۇپ قولنى،

"ئۇلۇقلارغا!" باش قويۇشۇپ، بوشىتار يولنى.

ماڭدى ئۇلار خاس ياسالغان ئازادە ئۆيگە،

ئەل قېنىدىن بويالغان ئۇ "قىزىل چېدىرگە".

ئۇلار ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينار، "قانچە سەتەڭلەر،

قانچە گۆزەل، قانچە نازۇك قانچە سەنەملەر..."

توپنى يېرىپ چىقىپ كەلدى بىر قاۋۇل ژىگىت،

بېشىدا ئاق قالپىغى بار گوياكى بۈركۈت.

بەستى تولۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، بوي تۇرقى ئورتا،

گاڭگۇڭلاردەك ئۇنىڭمۇ ھەم بېلىدە پوتا.

شىرغا ئوخشاش كۆكرىگى كەڭ، قوللىرى كۈچلۈك،

كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرار بايلارغا ئۆچلۈك.

بەدەنلىرى ئەمگەك بىلەن چىنىققان-قاتقان،

كىچىككىنە قارا بۇرتى ئەندى خەت تارتقان،

يېتىپ كەلدى مەيداڭھا ئۇ ئەركىن مېڭىشتا،

بەلكى موشۇ ژىگىت چۈشسە، يېڭەر چېلىشتا.

قەيسەرلەردەك قاراتتى ئۇ ئەركىن كېزىپ،

تۇرار ئېدى بىر نەرسىنى ژۈرىگى سېزىپ.

ژىگىت خەلىق دولقۇنىغا قاراپ قالدى ژىم،

ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىگە كۆرۈنمەس ھېچ كىم...

ئازدىن كېيىن ئالدى ژىگىت ئۆزىنى ئوڭشاپ،

تۇرۇپ كەتتى ئەتراپتىكى ۋاڭ-چۇڭنى تىڭشاپ.

كۆز ئالدىدا قاينار ئېدى ئادەم دولقۇنى،

كۆيدۈرەتتى پېشانىنى كۈننىڭ يالقۇنى.

ئارقىسىدا دوستى مايەن نودەرنى تونۇپ،

توپ ئىچىدە ئالدى ئۇنىڭ كۆزىنى ژۇمۇپ.

نودەر دەررۇ سىلاپ كۆرۈپ ژىگىت قولىنى،

بىلىپ قېلىپ، ئاستا چىمداپ قويدى بۇرنىنى.

ھەر ئىككىسى كۈلۈپ كېتىپ، كۆرۈشتى خوشال،

شۇ چاغ سايرام كۆرۈپ قالدى، نودەرنى غىل-پال.

سايرام ماڭدى يېڭى بىلەن ئۈزىنى ئېتىپ،

ئېغىر چامداپ كېلەر قۇمدا ئايىغى پېتىپ.

ئاخىر ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تېپىشتى،

"ژۈر، نودەرژان!" – دەپ، چېلىشقا ئېلىپ كېتىشتى...

كۈن تۆۋەنلەپ، سالقىن چۈشۈپ قالدى ئەتراپقا،

ئەل توپلىنىپ ئاقار سەلدەك چوڭ چېلىش ياققا.

مەيداننى كەڭ دائىرە قىپ، مىڭلىغان ئادەم،

پالۋانلارنىڭ چېلىشىنى كۈتەتتى شۇ دەم.

بىرىنچى بوپ ئەڭگە باينىڭ – يولۋاس پالۋىنى،

كىيىپ چىقتى مەيداڭھا ئۇ ياغاق شالۋۇرنى.

ئۇ گەۋىرلىك ئېگىز كەلگەن، خامسېمىز ئېدى.

تىنىغىدىن كېلىپ تۇرار قىمىزنىڭ ھىدى.

ئاڭا قارشى نودەر چۈشمەك بولدى چېلىشقا،

ئاتىسىنىڭ كاتىلىدىن قىسساس ئېلىشقا...

سايرامباي ژىم ئولتىراتتى قاپىغىن تۈرۈپ،

ئۇ ئېلىشىپ باقماق بولدى يولۋاسنى كۆرۈپ.

مايەننىڭكى تومۇرلىرى كۆپتى ئۆچ بىلەن،

ئۆز ئىچىدە شۇم قاۋاننى ئۇرار مۇش بىلەن.

سايرام كۈچلۈك قوللىرىنى پاتۇردى قۇمغا،

ئۆزى تامام نەپرەت بىلەن قارار مەلъئۇڭھا!

نودەر دەررۇ دومتلىرىنى قىلىپ خاتىرژەم،

ئالدى بىلەن ئۆزى چۈشمەك بولدى مۇستەھكەم،

"قېنى، پالۋان بولسا، چاپسان چىقسۇن مەيداڭھا!" –

دەپ، ۋاقىرىدى ئەڭگە شاڭيو ئۆزى ھەر ياڭھا.

ھېچ بىر كىشى چىقالمىدى يولۋاستىن چۆچۈپ،

غەزەپلەڭەن نودەر تۇردى ئورنىدىن ئىرغىپ.

ئۇنى كۆرۈپ، ئەڭگە چولاق زاڭلىق ئارىلاش،

يولۋاسۋايغا كۆزنى قىسىپ، ئېتىپ قويدى قاش.

شەڭگەن، دارىن، دوتەي،لوزۇڭ قاراتتى ژۇتتەك،

كەڭ مەيداڭھا چىقتى نودەر ئېتىلىپ ئوقتەك،

ئىككى پالۋان بىردىنلا چىڭ تۇتۇشۇپ كەتتى،

بىر-بىرىنى ھەر تەرەپكە ئېتىشىپ كەتتى.

كەمبەغەللەر ئۇتۇق تىلەر ژىگىت نودەرگە،

مەدەت تىلەر، قۇۋەت تىلەر كەھرىمان ئەرگە.

چىن دوستلىرى غەزەپ بىلەن تىترەتتى قايناپ،

بەگزادىلەر تۇرار مۇندا تىلىنى چايناپ.

قىزىپ كەتتى چېلىش راسا ئوۋژىغا ئېلىپ،

ھەممە قارار بىر نۇقتىغا دىققەت كۆز سېلىپ،

گۈلەمخانمۇ بىر بۇلۇڭدا دوستلىرى بىلەن،

غەلىبىيەت تىلەر يارغا ژۈرىگى بىلەن...

بىر ۋاقىتتا نودەر ئالدى يولۋاسنى ژۇلۇپ،

غەزەپ بىلەن مىقلاۋەتتى بېشىچە ئۇرۇپ.

ياڭراپ كەتتى كېيقاس-چۇقان مەيدان ئىچىدە،

شاتلىق تاشتى نودەر دېگەن ھەر بىر كىشىدە.

يولۋاسنىڭكى ئاغزى-بۇرنى ماكچىيىپ كەتتى.

ئەڭگە باينىڭ ژۇمۇك كۆزى چەكچىيىپ كەتتى.

دارىننىڭمۇ چۈشۈپ كەتتى قولىدىن ھاسا،

ئەمگەكچىلەر كۈلۈپ كەتتى ئەركىن، كەڭ تاشا.

--------------------------------------

ژو* ---- دوتەي ئۈچۈن ياسالغان مەخسۇس

ياغاچ تەخت

موزا* --- باش كىيىم

توز* --- ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق چىرايلىق قۇش.

مەنژىن خانلىغىنىڭ دوتەيلىرى مەنسەپ بەلگۈسى

ئۈچۈن توزنىڭ قۇيرۇغىنى باش كىيىمىغا

قاداپ ئالاتتى.

             ***

          بەشىنچى باپ

         دالادىكى ناخشا

ئالتۇن كۈز ھەم يېتىپ كەلدى، ئورۇلدى بۇغداي،

بۇغدايلىقتا ئويناپ ژۈرەر بۆدۈنە، تورغاي.

سېرىق ئەتلەس كۆينەك كىيىپ، ئېتىز-ئېرىقلار،

پىشىپ قالدى كەنژە تەرگەن گۆلەڭ، تېرىقلار.

پۈتۈن يېزا خەلقى يامراپ كەتكەن ئېتىزغا،

لېكىن ئېتىز قوينى زاردۇر ژۇگان ۋە قىزغا.

چۈنكى شۇندا بىر تۈركۈم ژۇت بەگ-فېئوداللار،

ئون ئايالنى بىر توخۇدەك كۆرمىگەن ئۇلار.

تېخى يەنە "چېچى ئۇزۇن - ئەقلى كام..."  - دەتتى.

موشۇ پەتۋا كۆپ قىزلارنىڭ بېشىغا يەتتى.

قانچە گۆزەل پاك ژۈرەكلەر سولاڭھان ئۆيگە،

ئۇلار تىرىك كۆمۈلگەن شۇ قاراڭغۇ  "گۆرگە".

بىرمۇ ئەركەك كۆرۈنمەيدۇ ھازىر يېزىدا،

ھەممە ئادەم ئوما ئورار چەكسىز ئېتىزدا،

ئەڭگە باينىڭ ئېتىزىدا بۈگۈن چوڭ ھاشىر،

ئەينە تىڭشا، كەڭ دالادا ناخشىلار ياڭرار.

ئومىچىلار ناخشا ئېيتار، نودەرژان باشلىق،

قىيغىتىدۇ كۈز شامىلى يەلپۈنەر ئاشلىق،

نودەر باشلاپ ئۆزى سۆيگەن مۇڭلۇق ناخشىنى،

ناخشىلارنىڭ ئىچىدە ئۇ بىلەر ياخشىنى،

ناخشا "ژۇنۇن" ئاھاڭىدا چىقتى ژاراڭلاپ،

ئەلەم چەككەن ژۈرەكلەردە كەتتى باراڭلاپ...

          ناخشا:

"تاغ ئارىلاپ كەلگەن شامال سېنى ئەسلىتەر،

تاڭدا كۈلۈپ چىققان چولپان سېنى كۆرسىتەر.

سېنى دېدىم، سېنى دېدىم، كەچتىم بۇ ژاندىن،

ژۈرەك باغرىم پارە - پارە، كۆز يېشىم قاندىن.

سېنىڭ ژېنىڭ، مېنىڭ ژېنىم --- بىر ژان ئەمەسمۇ؟...

سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ ژېنىم قۇربان ئەمەسمۇ؟"

"...ياشا، نودەر! ئۆلمە، نودەر، كام بولما ھەرگىز"، ---

دېگەن ئاۋاز تولۇپ تاشتى ھەر كىمدە چەكسىز.

شۇ ئارىدا ئەڭگىز باينىڭ زالىم دوغىسى،

ھاژى كەلدى، ئاستىدا شوخ قارا يورغىسى.

ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېدى ئىككى يالاقچى،

بۇلار بولسا كۈندۈزى بەگ، تۈندە قاراقچى.

ھاژى قايناپ، قامچا سىلكىپ، ۋالاقلاپ كەتتى.

ئالا قۇيرۇق سېغىزغاندەك ۋالاقلاپ كەتتى.

"... نېمانچىلا ژاقىرايسەن، ئوما ئورماستىن؟

ئور ئوماڭنى، كۆز ئالايتىپ قاراپ تۇرماستىن!

تونۇشمامسەن كىم بولىدۇ ئالدىڭدا تۇرغان؟

ئەڭگە باينىڭ دوغىسى مەن ژۇتنى سورىغان.

ئوتتۇز شاڭنى بۈگۈن ئورۇپ تۈگىتىش كېرەك،

كىملىگىمنى ھەربىرقايسىڭ بىلىشىڭ كېرەك؟!"

ئاچ بۆرىنىڭ ئەلگە قاراپ تىكلەندى كۆزى،

شۇ ئارىدا تاشتى قايناپ سادىرنىڭ سۆزى:

"... ئوتتۇز ژىلدىن تارتىپ ئۇبدان بىلىمىز سېنى!

قامچاڭ بىلەن تۆكۈلدى كۆپ يوقسۇللار قېنى.

ناخشىنىمۇ ئېيتقۇزمامسەن ئەندى ياشلارغا،

ناخشا مەدەت بېرەر بىزنىڭ غەملىك باشلارغا...

بىر گەپ بولسا، "ئەڭگە باينىڭ دوغىسىمەن" دەپ،

تويمىدىڭمۇ، يوقسۇل ئەلنى بۇلاپ – تالاپ يەپ؟!..."

ئاتتىن ئىرغىپ چۈشتى دوغا، قامچا سېلىشقا،

لېكىن چامى يەتمەي قالدى ئانداق قىلىشقا.

چۈنكى مايەن پەشۋا بىلەن تەپتى ئىڭەككە،

يالاقچىسى ئاتنى چاپتى زومىگەر بەككە.

ئېتىزلىقتا ياتار ئەينە، ئاغزى قان دوغا،

بىر يالاقچى قاپاق ئېلىپ، ژۈگەردى سۇغا.

ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغزى بۇرنى ژۇيۇلدى،

تىلغا ئېلىپ بولمايدىغان سۆزلەر قۇيۇلدى.

يېنىدىكى يالاقچىمۇ كەتتى گۈكۈرەپ،

نودەردىن ئۇ بىر مۇشنى يەپ ياتتى ھۆكۈرەپ.

ئۈچ يۈز ئادەم توختاتقاندى تامام ئىشىنى،

ھەممىسى ھەم كۆرەر ئېدى بۇ "تاماشىنى!"

قان يالىغان دوغىنىڭكى ئاغزى يېپىلدى.

چۈنكى مايەن ئاڭا قاراپ، يەنە ئېتىلدى.

"بولدى مايەن! بولدى، نودەر!" دېمىسە خەلىق،

شۇ مىنۇتتا ئۆلتىرەتتى دوغىنى تەھقىق.

بىر ھازادىن كېيىن شاڭيو "بوران" چىقىرىپ،

كەلدى ئونلاپ يايى بىلەن "چۇقان" چىقىرىپ.

چىدالماستىن چولاق قولى مىدىرلاپ كەتتى،

ئۇنى كۆرۈپ دوغا ژىغلاپ، تېپىرلاپ كەتتى.

"... قايسى گاداي، قايسى خۇمپەر بۇ ئىشنى قىلغان؟

قايسى گاڭگۇڭ، بۇ دوغىنىڭ ئۈزىنى تىلغان؟!"

غەزەپ بىلەن سەكرەپ چۈشتى ئوتتۇرغا مايەن:

"يالاقچىنىڭ دەككىسىنى بەرگەن مانا، مەن!"

نودەرمۇ ھەم چىقتى ئالغا كۆكسىنى كېرىپ،

سىم قامچىلار تەگدى بىردىن باش كۆزنى يېرىپ.

باغلاندى پۇت – قوللىرىغا قارا قىل ئارقان،

مايەننىڭكى ماڭلىيىدىن ئاقار قىزىل قان.

نودەرنىڭمۇ ئوڭ قاپىغى كۆكۈرۈپ قالدى،

بۇ بالادىن سادىر "ئاران" قۇتۇلۇپ قالدى.

ھايداپ ماڭدى ئىككى ياشنى ئىلى شەھىرىگە،

تاشلاش ئۈچۈن قاراڭغۇ – زەي، دەھشەت تۈرمىگە!

ئەل ئۇزىتىپ ماڭدى بىللە ئىشىنى تاشلاپ،

زالىملارغا نەپرەت ئېيتىپ، كۆزىنى ياشلاپ.

ئەڭگە چولاق چۈشتى يەرگە سۆرۈن دېۋەيلەپ،

ھاژى دوغا يېتىپ كەلدى ئاتنى ئېگەرلەپ.

ئۇمۇ كۆكسۈپ، شاڭيو بىلەن ئەلگە قادىلار،

ئىككى دوستنى يالغۇز ھايداپ ماڭدى يايىلار.

ئىككىسى تەڭ كەتتى، يەنە ناخشىنى باشلاپ،

پۈتۈن دالا سۈكۈت بىلەن قالماقتا تىڭشاپ...

***

             ئالتىنچى باپ

              غازاڭ چۈشكەندە

مانا نودەر ئۆسكەن يېزا – ئويمانبايتوقاي ،

بىر تەرىپى ئىلى بويلاپ كەتكەن بۈك توقاي.

شۇ توقاينىڭ ئالدىدىكى دۆڭنىڭ ئۈستىدە،

ئىككى ئېغىز قەغەز پەنژىر، ئۆينىڭ ئىچىدە

سادىر بوۋاي سۆزلەر ئېدى غەزەپكە تولۇپ،

زالىم شاڭيو ئەڭگە بايغا لەنەت ياغدۇرۇپ:

«گۈمبەز قوساق، تويماس ئوپقان، زومىگەر ئەڭگە،

بارغانسىرى ئېغىر زۇلۇم سالماقتا ئەلگە.

تۆرت خوتۇڭھا تويماي يەنە قىلماقتا ژۇتلۇق،

يەتتە باشلىق يەلمۈڭگۈزدۇر ئۇ ئىككى پۇتلۇق...»

ئۇلۇق-كىچىك تىنىپ كەتتى بوۋاي شۇ دەمدە،

قالغان ئېدى كۆڭلى ئۇنىڭ ئېغىر بىر غەمدە...

ژناخان چوڭنام كۆزلىرىنى ياشقا تولتۇرۇپ،

«خۇدا!» دەتتى، باش لىڭشىتىپ كاڭدا ئولتىرىپ.

كاڭ ئۈستىدە سېلىڭھاندى بىر پارچە كىگىز،

موشۇ ئۆيدە چوڭ بولغاندى گۈلەم دېگەن قىز...

قىز كېچىسى ھاشقىنىدا يالغۇز ياتاتتى،

ئۆي ئىشىنى ئەتىدىن كەچ ئۆزى قىلاتتى.

ھازىر گۈلەم چۈشلۈك چايغا ئوتۇن كەسلەتتى،

ھەر نەپەستە ئۇ مېھرىۋان يارنى ئەسلەتتى...

ھەقىقەتتە گۈلەم ئىشچان، گۆزەل قىز ئېدى،

ئاتا-ئانا قەلبىدە ئۇ بىر يۇلتۇز ئېدى.

ئەل ئاتاتتى گۈلەمخاننى ناخشىچى قىز دەپ،

تىلغا ئېلىپ ژۇت ئىچىدە ماختاتتى سۆزلەپ.

ئۇ قىز بىلەن ئاتا-ئانا دايىم شات ئېدى.

تېز ئارىدا قىزنىڭ داڭقى كەتتى تارىلىپ،

بەگ زۇلمىدىن قالدى گۈلەم ياردىن ئايرىلىپ.

زالىم شاڭيو ئەلچى قويدى كەينى-كەينىدىن،

زومىگەرلىك بىلىنەتتى بەگنىڭ پەيلىدىن.

قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ھېچ بولمىدى رازى،

شەرىئەتنى دەسمىيە قىپ، كىردى ۋە قازى.

ئاخىر ئامال تاپالماستىن بەگنىڭ ئىشىغا،

سادىر باردى يېقىن دوستى ماۋەن قېشىغا.

ئۇنىڭ بىلەن ئۆيدە يالغۇز قىلىپ مەسلىھەت،

كېيىن بايدىن سورىدى ئۇ بىر ئايلىق مۆھلەت...

لېكىن سادىر رازى ئەمەس ئېدى ھەر قاچان،

تىلىگى شۇ پات-ئارىدا چىقسا نودەرژان...

قىز غېمىنى تولا ئويلاپ مەزلۇم ئانىسى،

شۇ دەرت بىلەن ئۈدەپ كەتتى ژۈرەك يارىسى.

لېكىن ئانا يوشۇراتتى ئۆئىزدىن دەردىنى

ژۈرىگىدە ئورناپ كەتكەن زۇلۇم زەردىۋى.

بىراق قىزغا مەلۇم ئېدى قىلغان-ئەتكىنى،

زالىم ئەڭگە شاڭيودىن كۆپ ئازار يەتكىنى.

شۇڭا ئانا تۈندە ژىغلاپ قىلاتتى دۇگا،

خۇدايىمدىن قىز بەختىنى تىلەپ دايىما...

چۈش مەزگىلى يېزىدا ھېچ كۆرۈنمەس ئادەم،

ئادىتىچە شۇ چاغ سۇغا باراتتى گۈلەم.

بۈگۈنمۇ ھەم بۇلاقتىن سۇ ئېلىپ قاپاققا،

غەم ئىچىدە گۈلەم قويدى ئۇنى قىرغاققا.

"قېيىن بۇلاق" – دەتتى بۇنى بۇرۇن-بۇرۇندىن،

گۈلەم ئاڭا تونۇش ئېدى خېلە ئۇزۇندىن.

چۈنكى مۇندا نودەر بىلەن باسقان ئىزى بار.

قانچە قېتىم شۇ بۇلاقتا ئېيتقان سۆزى بار.

شۇڭلاشقا قىز يارنى ئەسلەپ بۇلاق بېشىدا،

خىيال قىلىپ تۇرۇپ قالدى قېيىن قېشىدا.

يالغۇز قېيىن قىزغا ئوخشاش تۇرار مۇڭلىنىپ،

بۇلاق سۈيى ئاقار ئېدى ئاستا تولغىنىپ.

ئۆتتى قىزنىڭ كۆز ئالدىدىن كۆرۈشكەنلىرى،

يارى بىلەن شۇ ئەتراپتا سۆيۈشكەنلىرى...

قانچە ئايدىڭ كېچىلەر ھەم چۈشتى يادىغا،

سۆيگەن يارى غەملىك چىراي كەلدى ئالدىغا...

قىز سىلكىنىپ ئەتراپىغا قارىدى تەكشى،

پەقەت قېيىن لىڭشىپ تۇرار قىزغا بوپ ساقچى.

شۇ قېيىننىڭ شېخىدىن بىر سېرىق يوپۇرماق –

چۈشتى ئۇچۇپ قىز ئالدىغا قويغاندەك سوراق.

قىز تىكلىنىپ يوپۇرماققا قولىنى سوزدى،

ئالقىنىغا ئېلىپ كۆرۈپ، كۆڭلىنى بۇزدى.

"ئېھ، يوپۇرماق! تۈنۈگۈنلا يېشىل تۇراتتىڭ،

نودەر بىلەن ئىككىمىزگە كۈلۈپ قاراتتىڭ.

بۈگۈن مانا ئايرىلىپسەن يېشىل بەرگىڭدىن،

ماڭا ئوخشاش ژۇدا بولۇپ سۆيگەن يارىڭدىن.

مېنىڭمۇ ھەم خۇددى سەندەك سارغايدى ئۈزۈم،

كېچە-كۈندۈز يار يولىغا ئىنتىزار كۆزۈم.

چۈنكى نودەر بەش كۈن بولدى ياتار سولاقتا،

ئاتا-ئانام نەپرەت ئوقار ئەڭگە چولاققا!..

بەگ سولىدى نودەرژاننى قىساس ئۆچ بىلەن

ئەندى مېنى ئالماقچى ئۇ زورلۇق كۈچ بىلەن.

ھايات بولسام بارماسمەن ئۇ بەگنىڭ ئۆيىگە،

رازىمەنكى نودەر ئۈچۈن ھەر دەم ئۆلۈمگە!" –

دەپ گۈلەمخان سۈيىنى ئېپ ئۆيىگە ماڭدى،

يالغۇز قېيىن ئاستا لىڭشىپ مۇڭلىنىپ قالدى.

          يەتتىنچى باپ

            ساداقەتلىك

بىر ياش ژىگىت ئاچا مالخاي كىيىپ بېشىغا،

ژۈرۈپ كەتتى ئات سالدۇرۇپ توقاي قېشىغا.

ئۈزى قىزىل، كۆكرىگى كەڭ، ئېغىر سالمىغى،

چوڭقۇر بېسىپ كىيلگەندى ئۇنىڭ قالپىغى.

قىرغىز ئۆرۈم قامچىسىنى قولىدا شىلتىپ،

كېلەتتى ئۇ داغدام يولدا تىزگىننى سىلكىپ.

ياخشى ئاتنى "ئەر قانىتى" دەيدۇ بوۋايلار،

بۇ ئات بىلەن ئاشتى ژىگىت قانچە داۋانلار...

ئۇنى كۈتەر توقايلىقتا كۆڭلى سۇنۇق قىز،

ژىگىتمۇ ھەم لاچىن كەبى شۇڭغۇپ كەلدى تېز.

ژىگىت چۈشۈپ مەژنۇنتالغا ئاتنى باغلىدى،

ئۇنى كۆرۈپ مىسكىن گۈلەم ئۆكسۈپ ژىغلىدى.

"ژېنىم سىڭلىم، ژىغلىماڭ سىز، بۇزماڭ كۆڭۈلنى،

ھېچ ۋاقىتتا قوشمايمىز ئۇ تىكەڭە گۈلنى.

سىزنى يوقلاپ كەلگەن ئېدىم يېزىغا سەھەر،

ئەزىز دوستۇم نودەرژاندىن ئېلىپ خۇش خەۋەر".

ئۇلۇق-كىچىك ئۆكسۈپ كېتىپ، توختىدى گۈلەم،

لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم، كۆزلىرىدە نەم.

قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن سۆزلىدى سايرام.

قىزنىڭ قەلبى يار ئىشقىدا ياساتتى قاينام.

"ژىغا بىلەن ھاسىل بولماس دىلدىكى مەخسەت.

ئۆلۈمنىمۇ يېڭەر، سىڭلىم، دوستلۇق  مۇھەببەت.

ئۈچ كۈن بوپتۇ ماۋەن كىرىپ يوقلاپ چىقىپتۇ،

ئوزا كۈن كەچ ئالېكسېيگە كېلىپ ئېيتىپتۇ.

ئازراق پارە بېرىپتىكەن زالىم يايىغا،

كۆرسىتىپتۇ ئىككىسىنى كەچتە ئۇنىڭغا.

"ئانچە ئېغىر ئەمەس" دەپتۇ ماۋەن سۆزىدە.

كۆرگەچكە ئۇ نودەرلەرنى ئۆز كۆزىدە.

بۈگۈن يەنە "سوغا" قىلىپ قېرى شەڭەڭە،

پولات خەنژەر ئالدۇق، سىڭلىم، ئەندى قوللارغا.

كۈرەش قىلىپ دەككە بېرىش كېرەك شۇملارغا!

ژىغا بىلەن ئايرىلىدۇ ئادەم ئۆمرىدىن،

بەلكى نودەر ئەتە بوشاپ چىقار تۈرمىدىن..."

ئوت چاقنىدى سايرامباينىڭ ئۆتكۈر كۆزىدىن،

لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى قاندى قىزنىڭ سۆزىدىن...

"سايرام، ئاغا، رەخمەت سىزگە، غەم قىلماڭ مەندىن

تىز پۈكمەسمەن زومىگەرگە چىقماي ژان تەندىن

پەقەئى نودەر كىچىگىمدىن سۆيگىنىم – يارىم ،

ئۇنىڭ ئۈچۈن ياڭرار مېنىڭ چەكسىز مۇڭ-زارىم.

ئەگەر نودەر ساق سالامەت چىقسا سولاقتىن" –

قىز مۇڭلىنىپ قاراپ قالدى ئېگىلگەن تالغا،

ژىگىت بولسا خىيال بىلەن كەتكەندى چالغا...

         ***

      سەككىزىنچى باپ

                  قۇتۇلدۇرۇش

ئەتىگەنلىك چايدىن بۇرۇن ئالېكسېي تاغا،

تەييارلىدى شەھەرگە ئۇ بىر ئۆكۈز ھارۋا.

كېرەكلىكنىڭ ھەممىسىنى ھارۋۇغا سېلىپ،

ھايداپ ماڭدى چىن دوستىنى يېنىغا ئېلىپ.

كەتتى ئۇلار قامچا بىلەن ئۇرۇپ ئۆكۈزنى،

ماۋەن بوۋاي ئۆز دوستىغا باشلىدى سۆزنى...

سايرامباينىڭ بەيگە ئېتى ئويناپ يەر تېپىپ،

ئۆكۈز ھارۋۇ كېلەر ئەينە بىر خىلدا مېڭمپ،

لېكىن ئۇلار بىلگەنلىكتىن يولنىڭ ئېپىنى،

چۈشكە تاقاپ جىرغىلاڭنىڭ باستى سېيىنى.

ئۇلار چىقىپ قالدى ئوچۇق كەك دالا – تۈزگە،

گۈلشەنباغنىڭ دەرەقلىرى كۆرۈندى كۆزگە.

چۆچەكتىكى باتۇرلاردەك سايرام ھەر زامان،

ئات ئۈستىدە بۈركۈتلەردەك قارار ھەر تامان.

ئۇچقۇر ئېتى تىزگىن سېرىپ ئوينار بېلىقتەك،

كۆكرىگى كەڭ، قۇلىغى دىڭ. خۇددى كېيىكتەك.

ئۇلار ئەندى شەھەرگە ھەم يېقىن كېپ قالدى،

سايرام بولسا ئاتنى يورتۇپ ئالدىدا ماڭدى.

قارادۆڭنىڭ دوقمۇشىدا پاتقاقنى كۆرۈپ،

چىگىپ ئالدى ئېتىنىڭكى قۇيرۇغىن تۈرۈپ.

مىچىلداتتى كۈز پاتقىغى تولۇپ كوچىغا،

چەت-چۆرىسى كېلەر ئېدى ئاتنىڭ تىزىغا.

سېتىقچىلار ئولتىراتتى دۇكاننى ئېچىپ،

سايرام بولسا ماڭار ئېدى پاتقاقنى كېچىپ.

شاگىرت ۋاقىرار:"ئىسسىق نان!" – دەپ تۆۋەن قېشىدا،

ناۋاي ئۇستا كۆرۈنەتتى تونۇر بېشىدا.

قېرى قاسساپ گۆش تارتاتتى تارازا بېسىپ،

زاسىپەرلەر ساتار ئېدى ئۆپكە ۋە ھېسىپ.

"شوخ ناخشىلار..." ئاڭلىناتتى موزدۇزخانىدىن،

دەرتلىك ئاھاڭ ياڭرار ئېدى راۋاپ تارىدىن.

سەيپۇڭلارمۇ جۇگا ئۈچۈن كېسەتتى تېرە،

بىر ساتراش ئۇستۇر بىلەن تۇراتتى ئۆرە.

تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىدىن ئۇچقۇنلاتتى ئوت،

ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنەتتى دۆڭدىكى تاش بۇت.

كۆك مېچىتنىڭ دوك مەزىنى چىقىپ پەشتاققا،

قۇلاق تۇتۇپ ئەزەن ئېيتىپ قاراق ھەر ياققا.

"پېشىن بوپتۇ" دېدى سايرام مەزىنگە قاراپ،

يولنى داۋام قىلدى يەنە نودەرنى ئويلاپ.

ئاخىر ژىگىت چىقتى ئاستا پاتقاق كوچىدىن،

بىر سېغىزغان سايراپ ئۇچتى دەرەق ئۇچىدىن...

ماۋەن بوۋاي كۆز ئەينەكنى تاقاپ كۆزىگە،

رەھمى كېلىپ، ئېچىنغاندەك قارار ئۆكۈزگە.

ئۆكۈز ئېغىر تارتىپ ماڭار ھارۋۇنى كۈچەپ،

ئالېكسېي ھەم ھايدار ئېدى ھە دەپ دېۋەيلەپ.

قىزىل ئۆكۈز قويۇق پاتقاق ئىچىدىن چىقىپ،

كۆك مېچىتنىڭ ئالدىدا ئۇ تىندى دەم ئېلىپ.

ئازدىن كېيىن ئالدى تاغام قامچىنى قولغا،

يەنە ھايداپ كەتتى "ھوش!" دەپ ئۆكۈزنى ئالغا.

سايرام بولسا، كونا گىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ،

شەھەر ياققا قارار ئېدى دىققەت كۆز سېلىپ.

كۆز ئالدىدا تۇرار ئېگىز سېپىل كېرىلىپ،

ئۇنىڭ مۇدھىش مۇنارى ھەم تۇرۇر يېيىلىپ.

دەھشەت سېلىپ، كۆرسەتمەتتى شەھەر ئىچىنى.

"دەن دەرۋازا" دەتتى خەلىق موشۇ كوچىنى.

بۇ كوچىدا جايلاشقان كۆپ قاۋاقخانىلار.

شېشىخال ھەم بەشلەڭ* بىلەن قىمارخانىلار.

مۇندا ژۈرەر شەنگەننىڭكى مەخسۇس ئادىمى،

چوتۇ ژىغار ھەر تاۋكادىن ئۇلار ھەر كۈنى

قەمەر لوزۇڭ قولغا ئېلىپ ئوقۇدى ھۆكۈم:

"بۇ قاراقچى بايانداينىڭ يولىنى توراپ،

ئېلىپ قاچقان دوتەينىڭ مېلىنى بۇلاپ.

ئۈچ كۈن بولدى دوغلان ئوغرى قولغا ئېلىندى.

بۈگۈن مانا ئۆلۈمگە بۇ ھۆكۈم قىلىندى!"

"دوغلان!" – دېگەن تونۇش ئىسىم ئاڭلانغان ھامان،

ئاتنى ئۇرۇپ سايرام ئالغا ماڭدى شۇ زامان.

توپنى يېرىپ، ئاتقان ئوقتەك كىردى مەيدانغا،

ژۇلۇپ ئالدى دوغلاننى ئۇ ئاتنىڭ ئالدىغا.

"باس!" دېدىدە، ئىككى قامچا ئۇردى ئېتىنى،

قەمەر لوزۇڭ تۇتۇپ قالدى ھۆكۈم خېتىنى.

چىقىپ كەتتى مەيداندىن ئۇ شامالدەك ئۇچۇپ...

پايپېتەك بوپ قالدى جاللات ئۆزىنى ئۇرۇپ...

"رەخمەت ساڭا، ژىگىتكەنسەن!" دېدى جامائەت،

تورۇق ئاتلىق ئادەمگە چىڭ باغلاپ مۇھەببەت.

ئازدىن كېيىن قىلچ سىلكىپ "قەھرىمان" جاللات،

ھەر تەرەپكە چۇقان سېلىپ كۆتەردى پەرъياد.

ئۈچ-تۆرت چېرىك يېتىپ كەلدى ئېسىپ قىلىچنى.

ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى ھېلىقى كىشىنى،

لېكىن سايرام ئاللىقاچان بولغاندى غايىپ،

چېرىكلەر ھەم قايتتى كەچ رەنجىشىپ-قايىپ.

بۇيرۇق بىلەن ھەر تەرەپكە كەتتى ئايغاقچى،

شىپاڭلىتىپ قۇيرۇغىنى قانچە يالاقچى...

----

*شېشىخەل، بەشلەڭ --- قىمارنىڭ بىر تۈرى.

                        

                              ***

قاش قارىيىپ، ئەتراپى ھەم باستى قاراڭغۇ،

دەڭنىڭ ئىچى كۆرۈنەتتى كۆزگە ئالاڭغۇ.

چۈنكى مۇندا يېقىلغاندى گۆڭسىز جىنچىراق،

تۇرار دۆڭدە يېزىلاردىن كەلگەن ئات-ئۇلاق.

ياتار، ئەينە، يەمنى كۆشەپ بىر قىزىل ئۆكۈز،

كۆزگە ئىللىق كۆرۈنىدۇ، دوستۇم، بىلەمسىز؟

ھېچ بىر كىشى يوقتۇر ھازىر ئۇنىڭ كېشىدا،

پەقەت ئەسكى – كونا نوقتا تۇرار بېشىدا.

ھەر تەرەپتىن ئاڭلىناتتى ئەزەن تاۋۇشى،

كېلەتتى ھەم ھەر تەرەپتىن ئىشتنىڭ قاۋۇشى.

يۇلتۇزلار پىلدىرلىشىپ ئاچتى كۆزىنى،

تьيانۆشانь تېغى توساپ تۇرار ئاينىڭ ئۈزىنى.

گۈلدۈرلىتىپ چېرىكلەر "پو" ئاتتى ئۈچ قېتىم،

بولدى ئەندى شەھەر ئىچىگە كىرەلمەس ھېچ كىم.

چۈنكى سېپىل دەرۋازىسى تاقالدى مەككەم،

شام يېقىلغان سېرىق پانۇز ئېسىلدى شۇ دەم.

ئويمان دوڭنىڭ كىچىككىنە غىمسە ئۆيىدە،

جىنچىراقنى پەلەپ تاغام قويدى تۆرىگە.

ماۋەن ئاتا داۋام قىلدى قىزىق سۆزىنى،

ئالېكسېي چىن كۆڭۈل بۆلۈپ تىكتى كۆزىنى.

... – شۇنىڭ بىلەن كېرى شەڭگەن مۈڭگۈزنى كۆرۈپ.

دىققەت قىلىپ ئايلاندۇرۇپ قارىدى ئۆرۈپ.

ئۆزىچىلا كۈلۈپ كېتىپ ھىڭگايدى چىشى،

ئەيمىنىدۇ ئاڭا قاراپ ھەر قانداق كىشى.

خۇددى قاۋان ئوخشاش ئىككى چىشى تېشىدا،

پۇتى كىچىك تەتىيى ھەم تۇرار قېشىدا.

لېكىن بىردىن ئۆزگەرتىپ ئۇ قىياپىتىنى،

ئالدى دەررۇ بېشىدىكى قارا بۆكىنى،

---  "بۇ مۈڭگۈزدىن بولسا، بەرگىن يەنە ئىككى جۈپ؟!"

دەپ ۋاقرىدى قېرى شەنگەن ماڭا ھۈرپىيىپ

--- "تەخسىر، مەندە ھازىرچە يوق مۇندىن باشقىسى،

رۇخسەت بولسا كەلتۈرەي ئېيىق تېرىسى"...

--- "كۆرسەت قېنى؟" – دېدى لويى قېشىنى كېرىپ،

--- "ھازىر" دېدىم، كۆرسەتتىم مەن تاغاردىن ئېلىپ.

--- "كىم بولىدۇ بۇ تېرىنى ماڭا ئەپكەلگەن؟!"

دېدى ياراپ كەتكەنلىكتىن كېرىلىپ شەڭگەن.

--- "مەن بولىمەن. بۇ ئېيىقنى تاغدا ئۆلتۈرۈپ،

ئەكەلگەندىم، تەخسىر، سىزگە مۇناسىپ كۆرۈپ".

--- "دېمەك، لوخان* ئۇستىكەنسەن ئەجايىپ ئوغا،

ياكى ئۆزەڭ قاتناشقانمۇ تەيپىڭ –تيانگوغا؟!"

---"يوغسۇ، تەخسىر، مەن ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن".

بىر ئالىيىپ جىم بول قالدى زومىگەر شەڭگەن...

ئۆزى ئورۇق، پۇتى رەزگى جىمىغۇر ت»ت»ي،

يېقىن كەلدى  ئېرىغا ئەركىلەپ ئەتتەي.

كۆزنى ژۇمۇپ-ئاچتى زالىم ئۆزگەردى تۈسى،

ھېجايدى ئۇ، دارداي كالپۇك، ھېلىگەر كوسى.

---"مۇندىن كېيىن ئوغۇللىرىڭ بىلسۇن ھوشىنى،

بەككە قارشى كۆتەرمىسۇن ھەرگىز مۇشىنى!

ئەگەر يەنە ئۇلۇقلارنى قىلسا ھاقارەت،

بۇ زىنداندىن چىقماس ئۇلار، بىل، ئۆمۈرۋايەت!

بالىلارنى ياخشى باشلا بۇندىن كېيىن سەن،

ئۆزەڭمۇ ھەم قېرىكەنسەن، چىقىرىپ بېرەي مەن.

لېكىن بۆكەن مۈڭگۈزىدىن تاپساڭ ئەكەلگىن،

ئەتە بوشاپ چىقار ئۇلار، ئەندى سەن كەتكىن!"

---"رەخمەت، تەخسىر"، دەپ شەڭگەنگە چىقتىم داتاڭدىن*

ئۇ ھېلىگەر ئۇستا ئېكەن ئىشقا شەيتاندىن... ----

دېدى بوۋاي غاڭزىسىغا سالدى تاماكا،

سۆزنى باشلاپ كەتتى ئەندى ئالېكسېي تاغاژ

---دوستۇم6 بۇ ئىش تولا ياخشى بوپتۇ ئەجايىپ.

لېكىن سايرام ئەتىگەندىن بولدى ئۇ غايىپ.

چۈشتىن بېرى كوچىلاردغا قارىدىم بايقاپ.

كۆرۈنمەيدۇ، ---- دېدى تاغام، بېشىنى چايقاپ.

ئالدىدىكى قايناق سۇدىن ئىچىپ بىر ژۇتۇم،

ماۋەن بوۋاي دېدى ئاڭا ---- غەم قىلما دوستۇم.

بەلكى سايرام بىزنى ئىزدەپ تاپالمىغاندۇ.

ياكى ئېيىق مايلىرىنى ساتالمىغاندۇ. ----

ئالېكسېينى ئوراپ ئالدى تۈرلۈك ئوي-خىيال.

تام تەرەپكە قىڭغىيىپلا ئۈگدەپ قالدى چال...

ئازدىن كېيىن چىراق ئۆچۈپ چىقتى سېسىق بۇس،

ئويمان-دۆڭدە ئۇخلاپ قالدى يېقىن ئىككى دوست...

بۇلۇت يېرىپ چىقتى ئەينە مۇڭلۇق يېرىم ئاي،

بۈك جىگدىلىك ئوتتۇرىسىدا ئاقار ئېدى ساي.

جىرغىلارنىڭ سېيى موشۇ، ئەتراپى جاڭگال،

شاخلىرىنى سايغا ئېگىپ تۇرۇر مەجنۇنتال.

تال قېشىدا سۆزلىشەر ئىككى كىشى ئولتىرىپ،

سۇ شاقىراپ ئاقار ئېدى تاشقا ئۇرۇلۇپ.

مۇندىن باشقا ئاۋاز كەلمەس ئېدى قۇلاققا،

قاڭتۇرۇلغان تورۇق ئات ھەم تۇرار نېراقتا.

ياپلاق ئۈزلۈك، ئۆتكۈر كۆزلۈك، پاكاراق كىشى،

كۆزنى ئۈزمەي ئۆز دوستىغا قاراتتى تەكشى.

چىرايى ھەم قارىقۇمچاق، بەستى كېلىشكەن،

نېمىشكىدۇ، ئالدىغا ئۇ بىر ئاز ئىڭىشكەن،

لېكىن ئۇنىق تاشتەك قاتقان پۈتۈن بەدىنى،

باتۇر ئېدى سۈرۈشتۈرسەڭ تېگى-تەتىنى.

سادىر پالۋان دۆڭ يامۇلنى تېشىپ قاچقاندا،

قاچان بولۇپ تاغ ئارىلاپ داۋان ئاشقاندا،

ژىتىم ئۆسكەن دوغلان دېگەن ئون بەش ياش بالا،

كېيىن سادىر بۇ ژىتىمنى بالا قىپ باققان،

ئۈگەتكەندى قىلىچنى ھەم ئويناشقا چاققان.

بايانداينىڭ قورغىنىنى ئېلىش ۋاقتىدا،

سادىر بىلەن بىللە بولغان ج ئەڭ مەيدانىدا.

تاغدا ئۆسكەن ھېلىقى ژىتىم موڭغۇل ژىگىتى،

شۇندىن كېيىن "دوغلان باتۇر" ئاتالغان ئېتى.

شۇ باتۇرنىڭ ئوغلى ئېدى ئەشۇ ئولتارغان،

بۇنىڭ ئىسمى "داۋا" --- ئېدى ئاتىسى قويغان.

لېكىن خەلىق ئاتار ئېدى بۇنى ئۆئەم دوغلان،

چۈنكى ژىگىت ئاتىسىدەك قەخىرمان بولغان.

كونا تونۇش ئېدى ئۆزى نودەر پالۋانغا،

ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان قانچە ئالۋانغا.

مەيەننى ھەم بىلەر ئېدى نودەر ئارقىلىق،

ئاۋرال تاغدا ئۆسكەن ئۆزى تېگى نىلقىلىق .

ئىلى بويلاپ كېچىلىرى ئۆتكەندە دوغلان،

قانچە قېتىم ئالېكسېي بار تۈگمەندە قونغان.

ئەشۇ دوغلان ئۆلتەرگەندى زالىم لامىنى*،

لاما بىلەن قوشۇپ بىللە ئىككى يايىنى.

ئۇ چىداملىق، غەيرەتلىكتى ھەم ئۆزى قورقماس،

ئامبۇر بىلەن قىسىپ تارتسا، "غىڭ" قىلىپ قويماس.

قەمەر لوزۇڭ تۇتۇپ بەرگەن ئېدى دوغلاننى،

ئۆلتەرمەكچى بولغان بۈگۈن باتۇر ئوغلاننى…

شام ۋاقتىدا مويتۇڭزىغا ئەپكەلگەن ھايداپ،

قەمەر لوزۇڭ سۆزلىگەندى تىلىنى چايناپ.

قېرى جاللات تۇرار ئېدى قىلىچىن ئېسىپ،

تېخى دوتەي يايىلار ھەم كەلمىگەن يېتىپ.

دوغلاننىڭكى پۇتى بوشتى، قولى باغلاغلىق،

سايرام ئۇنى ئېلىپ قاچقان مەيداندىن ئاتلىق…

رەخمەت ئېيتتى ئۇ سايرامغا ئۇ قانچە قايتىلاپ،

ئۇلار مۇندا يېتىپ كەلگەن ئىلىنى بويلاپ.

قانلىق ئۆلۈم مەيدانىدىن قۇتۇلغان دوغلان،

قەلبىدىكى مەخسىتىنى قىلدى ئۇ بايان:

"زالىم بەگلەر ئىزلەر ئەندى بىزنى ھەر ياندىن،

بۆك ئال دېسە، باشنى كېسەر يايىلار ئاندىن.

ھوشىيار بولۇش كېرەك بىزگە ھەر بىر قەدەمدە،

چۈنكى نىيەت ئوخشاش ئەمەس ھەممە ئادەمدە.

مابادا بىز چۈشۈپ قالساق قولىغا ھايات،

يەتمىش يەردىن چاپار بىزنى ئونلىغان جاللات.

مېنىڭ پىكرىم: بۈگۈنلا بىز كېتەيلى تاققا،

نودەرلەر ھەم بوشاپ چىقسا بارار شۇ ياققا..."

كەڭ مۈرىلىك سايرام مەغرۇر تۇتۇپ ئۆزىنى،

كۈرەش قىلىپ يولىدا ئۇ ئېيتتى سۆزىنى:

"دوستۇم، دوغلان، تۇيۇقسىزلا بولدى موشۇ ئىش،

زالىملارمۇ ئەندى چۆچۈپ ياتالمايدۇ تېچ.

سەن دېگەندەك تىمىسقىلاپ ژۈرەر ھەر ياننى،

كۈتۈشىمىز كېرەك ئېدى بىز نودەرجاننى.

نودەر چىقسا مايەنمۇ ھەم چىقاتتى بىللە،

ئۇ بولغاندا، بىلىنمەتتى بۇ ئېغىر كۈنلەر.

چۈنكى مايەن بىلەر ئېدى كۈرەش يولىنى،

باشتىنلا بىز تۇتقان ئېدۇق ئۇنىڭ قولىنى.

ئاتىسى ھەم ئوت ژۈرەكلىك قېرى ئىس’يانكار،

ھەر بىر ئىشتا ئەشۇ ئادەم بولار ئېدى يار".

بۈركۈت كۆزلۈك دوغلان باتۇر قاينىدى-تاشتى،

باي-فېئودال، بەككە قارشى نەپرىتىن چاچتى:

بۇ ئىككى دوست مەسلەتلىشىپ ھايات يولىنى،

يېرىم تۈندە ژۈرۈپ كەتتى بويلاپ ئىلىنى...

------------

*لوخان ---- (خىتايچە) قېرى

*داتاڭ ---- يامۇلنىڭ ئىچكىرى سوراقخانىسى

*لاما  ---- تىبېت ۋە موڭغۇللارنىڭ دىنىي راھانىسى

مەنبەسى: خېلىل ھەمرايېف تورى



تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 868
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5678
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2236 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 11:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى تور بەتتە بۇ داستاننىڭ ئاخىرى يېزىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلگەن، بىراق بەلكىم بۇ داستاننىڭ ئاخىرى يېزىلالماي قېلىشى مۇمكىن، يەنە بەلكىم سىز ئوقۇرمەن داۋاملاشتۇرالىشىڭىزمۇ مۇمكىن.....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2814
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16495
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2521 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 11:25:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ داستان تارىخى رىئاللىقنىڭ چىن بەدئىى كارتىنىسى بولۇپتۇ،شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ،ھاياتقا بولغان ئىستىتىك باھاسىغا قايىل بولدۇم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 754
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 02:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى جاپا چېكىپسىز رەھمەت

غەزەپنىڭ بېشي ساراڭلىق ، ئاخىري نادامەت تۇر !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش