تېمىنىڭ باشلانمىسى :
كۆچمەخەۋەرلىشىشنىڭ CMCC سىمسىز تورى
http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=2234&fromuid=4
مەن بۇھەقتە تەپسىلىيرەك توختىلىپ ئۆتەي .
ھازىر شەھەر رايونىدا كۆپىنچە جايلاردا سىمسىز تورنى ئاچقۇزۇپ ئىزدەتسەك ،مەيلى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ بولسۇن ياكى شەخىسلەر ئۆزلىرى قۇرۇۋلغان سىمسىز تور بولسۇن خىلىلا جىق تاپىدۇ ، بۇنىڭدىن ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ سىمسىز تورى تىزلىكى خىلىلا تىز . شەخىسلەر قۇرۋالغانلىرى بولسا كەڭ بەلباغ تورىنى ئاساس قىلىپ سىمسىز روتىر بىلەن تارقاتقان سىمسىز تور بولۇپ نىسبەتەن ئاستىراق ،لېكىن ئىھتىياجىمىزدىن چىقىشقا يىتىدۇ .
مەن نۆۋەتتە قەشقەر شەھەر ئىچىنى مىسالغا ئىلىپ سۆزلەي .
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىمسىز تور ئىسىمى : China unicome بىلەن كۆرىنىدۇ . (،مەخپىي نومۇرى يوق،ئەگەر نورمال ئىشلەتكىلى بولۇپلا قالسا ئۇلىسىڭىز نورمال ئۇلىنىدۇ ۋە سىزدىن تورغا چىقىش ھىساب نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈشنى سورايدۇ) بۇ سىمسىز تورنى سىناق تەرىقىسىدە ئاچقىلى ئىككى - ئۈچ يىل بولغان بولۇپ ئەسلى 2012-12-31 كۈنىگىچە ھەقسىز ئىشلىتىشكە بولاتتى، مەن ئالدىنقى كۈنى ئىسىمدە يوق ئۇلاپ ئىشلىتىم قالدىم ،كېيىن قارىسام ھەق ھىسابلانماپتۇ ،10010 غا تېلېفۇن قىلىپ سوراش ئارقىلىق ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىش ۋاقتى 2013-03-29 غا ئۇزارتىلىپتۇ .
بۇنىڭ ھەقسىز سىناش ھىساباتىنى ئىچىش ئۇسۇلى :
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى ئۇچۇر مەزمۇنىغا tywlan يېزىپ 10010 غا ئىۋەتسىڭىز سىزگە، بىر تىزىملىتىپ كىرىش مەخپي نومۇر ئىۋەتىپ بىرىدۇ . ئاندىن سىمسىز تور تەڭشىكىنى ئىچىپ كۆرۈنگەن china unicome غا ئۇلاڭ ،ۋە سىزدىن سورىغان ھىساب نومۇر ،مەخپىي نومۇرغا ماس ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىڭىز سىمسىز تور نورمال ئۇلىنىپ تورغا چىقالايسىز .
كۆچمە خەۋەرلشىشنىڭ سىمسىز تور ئىسىمى : CMCC كۆرىنىدۇ (CMCC,CMCC-XJ قاتارلىقلىرىمۇ بار) ،ئادەتتە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تورغا چىقىش ئۈچۈن كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى ئۆز يانتېلېفۇنىنىڭ مۇشۇ كەسپ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى ئىچىپ ئاندىن چىقالايدۇ .
لېكىن تورغا چىقىش ھەققى بەكلا قىممەت توختاپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ ، مەن كۆپىنچە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ھىساب نومۇرى بىلەن چىقىمەن ،ئەگەر تۇرىۋاتقان جايىمدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىمسىز سىگنالى بولمىسا ، كۆچمىنىڭ بولسا دەرھال تاۋباۋ تورىدىن قىممىتى 1 يۈەن ئەرزىنى 8 مو بىركۈنلۈك ھىساب نومۇر ساتىدىغانلار بار شۇلاردىن ھىساب نومۇردىن بىرنى ئىلىپلا ئۇلاپ چىقىمەن (CMCC 账号) دەپ ئىزدىسەڭلارلا تاپالايسىلەر.
ئەگەر بۇ تۈردىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى ئاچماقچى بولسىڭىز 10086 غا تېلېفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
تېلېگىرافنىڭ سىمسىز تور ئىسىمى : China Net
تېلېگىرافنىڭمۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى بار ،بۇلار سائەت ھىسابلايدۇ ،تەپسىلىي ھەق تۇتۇش ئەھۋالى ۋە تورغا چىقىش ۋاقتىنى
10000 غا تېلېفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ . بۇنىمۇ ئوخشاشلا تاۋباۋدىن كۈنلۈك (ھەپتىلىك، ئايلىق) ھىساب نومۇرنى سىتىۋىلىپ تورغا ئۇلاپ چىقىشقا بولىدۇ.
يۇقارقى ئۇسۇللار WIFI سەپلەنگەن ئۈسكىنلەرنىڭ ھەممىسىگە ماس كىلىدۇ (كومپيۇتېر،تاختا كومپيۇتېر،يانفۇن قاتارلىقلار .
مەنبە :
ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى
سىمسىز توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغۇرلۇق ساۋات
http://www.xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=2245&fromuid=4
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yoluchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 08:46 PM