مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2440|ئىنكاس: 34

«ھاراق تاشلىيالمايدۇ»دىن توغۇلغان ئويلار (مىسىرانىم مۇكاپاتلىق ئەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 07:31:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مىسرانىم تور بېتىدىكى مېھنەتكەشلەر!

مەن تور دۇنياسىغا كېيىنرەك قەدەم باسقان، لېكىن قىسقىغىنە ۋاقىتتىمۇ بۇ تور بەتتىن نۇرغۇن تەرەپلەردىن يېڭى بىلىملەرگە ئېرشىكەندەك بولدۇم. ئۆزۈممۇ يېزىقچىلىققا ھەۋەس قىلىمەن، مۇنازىرىگە قىزىقىمەن. شۇڭا ۋاقىت بولسىلا بۇ تور بەتكە چىقىپ يېڭى تىمىلارنى كۆرىمەن. مەن بۇ توردا ئاددى ھالدىكى بىر قانچە پارچە ئەسەرمۇ يوللىغان ئىدىم .
بۇ قېتىم سىلەرنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ئورونلاشتۇرغىنىڭلاردىن شەخسەن مەن بەك سۈيۈندۇم. سىلەرنىڭ كەڭ ئىلىم سۆيەرلەرگە مۇشۇنداق سورۇن ھازىرلاپ بەرگىنىڭلارغا تەشەككۈرلەر بولسۇن!!!
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەنمۇ تۆۋەندىكى ئەسەرنى « مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى»گە تەييارلىدىم. بۇ جەرياندا بىر قانچە ئۆلىما ئۇستازلاردىن بۇ ھەقتە ماتېرىيال توپلىدىم.
ئەسەر خاراكتېرى ۋە مەزمۇنى سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا مۇۋاپىق كېلەمدۇ-يوق، قېنى كۆرۈپ باھا بەرگەيسىلەر!


«ھاراق تاشلىيالمايدۇ»دىن توغۇلغان ئويلار
(مىسىرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)


ھاراق چىقار باشقا،
تولدۇرار كۆزنى ياشقا.
——— ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن

ھازىر جەمئىيىتىمىزدە، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئارىسىدا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر خىل يامان ئىللەت دەرۋ سۈرمەكتە، ئۇ بولسىمۇ ھاراق-شارابقا بېرىلىشتۇر. ئەلۋەتتە، بۇ بىر قىسىم ياشلار خۇددى «سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن مازغاپ»لارغا ئوخشاش، ھەممىلا يەردە ئالدى بىلەن كۆزگە چىلىقسىمۇ، ئەمما ئومۇمىيلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. لېكىن، بىز ئاز سانلىق دەپ قاراۋاتقان شۇ بىر قىسىم ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى ئۆز قۇشۇنىغا سۆرەپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە تۇسۇش ئۈچۈن، ئۇلاردىكى ئىللەتكە سەل قاراشقا ۋە مەيلىگە قۇيۇۋېتىشكە بولمايدۇ.  
ئاپتور ئۇزۇن مەزگىل جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق توپلىغان، مۇشۇ خىل ھادىسلەرگە تىپىك مىسال بولالايدىغان تۆۋەندىكى دىئالوگلارغا قاراپ باقايلى:
ئاڭلىسام ئاغىنىمىز توختى ھاراق تاشلاپتۇ؟
نېمە؟ بۇ قۇرۇق گەپ، «ھاراقكەشنىڭ ۋەدىسى، يىنىۋاپتۇ ئەتىسى» دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ سەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپكە ئادەم ئەمەس، مەھەللىدىكى قۇرۇت-قۇڭغۇزلارمۇ ئىشەنمەيدۇ. سەن بىلمەيدىغان يەردىكى ئادەم ئەمەس. ئۇنىڭ ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭ قايسى بىرى ھاراقكەش ئەمەس؟ ئۇ دائىم سورۇنلاردا «مەن بىرى ئۇدۇل كەلگەن مۇشتىن، يەنە بىرى باشقىلار تۇتقان ھاراقتىن قاچمايمەن» دەپ سۆزلەيدۇ. ئۇ ئۆزى دېھقان بولغان بىلەن ھاراق ئېچىش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇشۇمچە كەسپى، تاشلايمەن دەپلا، تاشلىيالمايدۇ.
ئاڭلىسام، ئاغىنىمىز ئىليار ھاراق تاشلاپتۇ؟
نېمە؟ ئىشەنمەيمەن، ئۇ ھاراق تاشلىغان كۈنى تۆگە تام بىشىدا ماڭىدۇ. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە قەدەم باسقاندىن باشلاپ، نەچچە ئون يىل ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭ بىرەر سورۇندىن ساق قايتقىنى بىلمەيمەن. مەكتەپكىمۇ مەس پېتى بېرىپ، خىزمەت ۋاقتىدا ئۇخلاپ قىلىپ رەھبەرلىكتىن تەنقىد يەپ تۇرۇپمۇ تۈزەلمىگەن يەردە، ئەمدى ھاراق تاشلامتى. تېخى ئۇنىڭ غالىپ زابوي دەيدىغان چىرايلىق لەقىمى تۇرسا، ھاراق تاشلىسا ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەي قالارمىكىن.
ئاڭلىسام، ئاغىنىمىز زۇلپىقار ھاراق تاشلاپتۇ؟
نېمە؟ ئىشەنمەيمەن، سېنىڭ بۇ گېپىڭگە ئالۋاستىلار ئىشىنىشى مۇمكىن. ئوسمان مېنىڭ قەدىناس دوستۇم، بىز ئارىلىشىپ كەلگىلى نەچچە يىللار بولدى، ئۇ كۈندۈزى  كېسەل داۋالىغىنى بىلەن كەچتە ھاراق بىلەن ئۆزىنى داۋالايدۇ.  باشقىلارنىڭ ئۇنى «ھاراق ئېچىش مىقدارى بىلەن خىزمەت مىقدارى ئوخشاشلا يۇقىرى» دەپ تەرىپلىگەنلىكلىرىنى نەچچە قېتىم ئاڭلىغانمەن. ئۇ دېگەن كەچلىكلىرى ھاراق تاپالمىسا، دورىخانىدىن ئىسپىرت ئېلىپ چىقىپ ئېچىدۇ. باشقىلارنى ئۇنى «ئاق ھاراققا نان چىلاپ ئىچىدۇ» دەيدۇ، شۇنداق ئادەم ھاراق تاشلىيالامدۇ؟
ئاڭلىسام، ئاغىنىمىز جۇشقۇن ھاراق تاشلاپتۇ؟
نېمە؟ ئىشەنمەيمەن، بىلەمسەن، ئۇنى ئاشۇنداق ئەمەلگە، يۈز-ئابرويغا ئىگە قىلغىنى دەل ئۇنىڭ ھاراق كۆتۈرۈشچانلىقىدىن بولغان. ئۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىرلىقى، سورۇندىكى گەپدانلىقى دەل ھاراقنىڭ كەيپى ۋە كۈچىدىن كەلگەن. ئاغزىدا ئۇنداق دەپ قويغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئۇ دېگەن ئەمەل-مەنسەپ ئۈچۈن ياشايدۇ، شۇڭا، داۋاملىق ئۆسۈش ئۈچۈن ئاشقازىنىنى قۇربان قىلىشقا رازىكى، ھەرگىز ھاراق تاشلىمايدۇ.
ئاڭلىسام، ئاغىنىمىز پەرۇق ھاراق تاشلاپتۇ؟
نېمە؟ ئىشەنمەيمەن، بىلەمسەن؟ ئۇنىڭ مەست يۈرۈيدىغان كۈنى، ساق يۈرۈيدىغان كۈنىدىن كۆپ. ئۇ گەرچە كۆزگە كۆرۈنگەن سازەندە ۋە ناخشىچى بولسىمۇ، ئەمما چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا ئۆز سالاھىتى بىلەن قىلچە كارى بولماستىن، چىلانغىدەك ئىچىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىشىمۇ ھەم چېكشىمۇ ئاق.  ساڭا دېسەم، ئۇ شۇ سورۇنغا كېلىدىغان شوخ سەتەڭلەرنى دەپ بولسىمۇ، ھەرگىز ھاراق تاشلىمايدۇ.
ئاڭلىسام، ئاغىنىمىز قەيسەر ھاراق تاشلاپتۇ؟
نېمە؟ ئىشەنمەيمەن. ئۇ ھىلىغۇ شوپۇرلۇق كىنىشكسى ئىلىپ، ماشنا ھەيدىمەكچى بولۇپتۇ، ئۇ ئايرۇپىلان ھەيدەيدىغان كىنىشكە ئالسىمۇ ئوخشاشلا ئىچىدۇ، «ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە» دەپتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاغىنىلىرىنى دېمىسەكمۇ، بىر ئۆيدىن ئاتا-بالا بولۇپ تۆتىسىلا ھاراق ئىچىدىغان تۇرسا، ئۇ يەنە ھاراق تاشلىيالامتى.
ئاڭلىسام، ئاغىنىمىز دىلشات ھاراق تاشلاپتۇ؟
نېمە؟ ئىشەنمەيمەن، ساڭا دېسەم بارغۇ، ئۇ ئەمدى ھاراقنى تېخىمۇ بەكرەك ئىچىدۇ دېسەك توغرا بولىدۇ. نېمىشقا دېسەڭ، ئۇ يېزا بازىرىدا ئاشخانا ئاچقىنى بىلەن ئاشخانىغا كىرىدىغانلارنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك ئۇنىڭ قەدىناس زابۇي ئاغىنىلىرى، ئۇ ئۇلارنى ھەرگىز نېرى تۇرۇڭلار دېيەلمەيدۇ. قاراپ تۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەمەلدارلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئالىي ھاراقلارنى ئىچىشنى باشلاپ كەتسە كېتىدۇكى، ھەرگىز ھاراق تاشلىمايدۇ.
ئاڭلىسام، ئاغىنىمىز XX ھاراق تاشلاپتۇ؟
ھە؟  ئىشەنمەيمەن... ھەرگىز ھاراق تاشلىمايدۇ…
ئەمدى تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە قاراپ باقايلى:
ئاغىنە يېڭى خىزمەتكە چۈشۈپسەن، مۇبارەك بولسۇن، قېنى بىر رومكا ئىچمەمسەن؟ ئاغىنە، ئوبدان قىز دوست تۇتۇۋاپسەن، قېنى بىر رومكا ئىچمەمسەن؟ ئاغىنە بۈگۈن قۇتلۇق تۇيۇڭكەن، بىر رومكا ئىچىپ قويمامسەن؟ ئاغىنە يېڭى ئۆيگە كۈچۈۋاپسەن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر رومكا ئىچىپ قويمامسەن؟ ئاغىنە، ئايالىڭ تىنىچ-ئامان كۆز يورۇپتۇ، قېنى بىر رومكا ئىچمەمسەن؟ ئاغىنە، بۈگۈن ئوغلۇڭنىڭ سۈننەت تۇيى، قېنى بىر رومكا ئىچكەچ قەدەھ سۆزى قىلمامسەن؟ ئاغىنە، بۈگۈن ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئولتۇرۇپ قالدۇق، ھېيتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر رومكا ئىچمەمسەن؟  ئاغىنە، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدۇ، سەۋر قىلغىن، بىز قارلىق سۇندۇرايلى دەپ بۇ سورۇننى تۈزدۇق، قېنى بىر رومكا ئىچمەمسەن؟ قېنى تېنىمىزنىڭ سالامەت بولۇشى ئۈچۈن بىر رومكا كۆتۈرمەمسەن؟ بۈگۈن… مۇناسىۋىتى بىلەن ئولتۇرۇپ قالدۇق، قېنى بىر رومكا ئىچمەمسەن......
يۇقارقىلار تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئاڭلىنىدىغان ھاراق ئىچىش ۋە ھاراق زورلاش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان باھانىلەر ۋە تەكەللۇپلار. مەلۇمكى، مەيلى دىنىي بايراملار، مەيلى مىللىي بايراملار بولسۇن، ئۇنى ھاراق بىلەن باشلاپ ھاراق بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان ياشلىرىمىزنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكىنى يۇشۇرغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا ھاراق زمانىۋى شەھەرلەردىكى ھەشەمەتلىك رېستوران-ئاشخانىلارنىڭ ئايرىمخانا-ئۈستەللىرىدىن، يىراق چەت سەھرالاردىكى  ئۆيلەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كىرىپ بولغان دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە ھاراق ئىچىشنىڭ جەمئىيەتتە ئومۇمىي ئادەتكە ئايلىنىشىنى بىر خىل ئىجتىمائىي كېسەل دەپ ئېيتساق بولىدۇ. كېسەلنى چوقۇم دېئاگنوزنى توغرا قويۇپ، ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك، بولمىسا «كېسەلنى يۇشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەندەك ئىش بولۇپ، ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ. ئۆزىمىزگە سوئال قويۇپ باقساق، ھاراققا زورلىغان ياكى سورۇنغا تارتقانلار ئەل-ئاغىنىلىرىمىزمۇ ياكى ئەل-ئاغىنىمىز سىياقىغا كىرىۋىلىپ، بىزنى ئاستا خاراكتېردە زەھەرلەشكە ئەۋەتىلگەن ئەزرائىللارمۇ؟ بۇ مەسلىنى بىز ھەقىقەت مىزانىغا سىلىپ، ئەقىل تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ، ئىككى دۇنيالىق بەختىمىزنى كۆزلەپ تۇرۇپ توغرا ئايرىشىمىز كېرەك.
ھاراق جەمئىيىتىمىزدە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كەڭ ئومۇملىشىدۇ؟ ئاللاھ تەئالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ”ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار(يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرشىىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار“}سۈرە «مائىدە»(5-سۈرە)، 90-ئايەت{ دېگەن سۆزىنىڭ روھىغا ۋە ئىسلام دىنىمىزدا ھاراقنىڭ يۇقۇرقىدەك قەبىھ ئىشلار قاتارىدا ھارام، نىجىس سانالغىنىغا قارىماي، مۇسۇلمان ياشلىرىمىز نېمىشقا ئۇنى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى قىلىۋىلىپ، ئېتىقادىنى بۇلغىغىنىغا قارىماي، كاتتا ئىش قىلىۋاتقاندەك پەخىرلىنىپ، ئۇنىڭغا سورۇنلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئىچكى-تاشقى نۇرغۇن سەۋەبى بولۇپ ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، بىرى ئىقتىسادىمىز تېز تەرەققىي قىلىپ، تۇرمۇش سەۋىيىمىز يۇقرى كۈتۈرۈلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قولىمىزدا پۇل توختىدى. دەماللىققا كەلگەن بۇ ئىقتىسادى پۇرسەت ئەقلىمىزنى لال قىلىپ، ئۇنى قانداق ئىشىلتىشنى بىلەلمەي قلىۋاتىمىزمۇ-قانداق ئىلىم-مەرىپەت، ھۈنەر-كەسىپتەك بەختىمىزنى كۆكلىتىپ باراقسان قىلىدىغان ئورۇنلارغا ئەمەس، مەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا يات ئىشلاردىن خۇشاللىق ئىزدەپ، ھاراققا ئوخشاش بەختىمىزنىڭ يىلتىزىنى چىرىتىدىغان ئىشلارغا مەبلەغ سالماقتىمىز. يەنە بىر جەھەتتىن، دۆلىتىمىزنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىدە ئايرىم ئەھۋاللاردا چەك قويغاندىن سىرت، ھاراق ئىچىشنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىلەر روشەن ئىپادىلەنمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزىلىرىگە يىشىل چىراق بىلگەن، «پەقەت ھاراق ئىچىپ جىنايەت سادىر قىلمىسىلا بولىدىغۇ» دەپ قارىغان، مەنىۋىيەتنىڭ مۇھىملىقىنى، ئەخلاقنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىگىنى قايرىپ قۇيغان، ماددى جەھەتتىن مەلۇم تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن كۆپ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىغان، ئىمان ۋە ئىتقادى سۇس بولغان بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئاللاھ تەئالا «ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزىلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر». {سۆرە «كەھف» 104- ئايەت} دەپ ئېيتقىنىدەك، ئۆزىلىرىنى دەۋرنىڭ «ئاۋانگىراتلىرى» ھىسابلاپ  ھاراقكەشلەر توپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا «تۆھپە»لەر قۇشماقتا.
خوش، ئۇنداقتا بىز يۇقۇرقىدەك ئىچىنىشلىق رېئاللىققا قارىتا قانداق پۇزىتسىيەدە بولۇشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە، بىر جەمىئيەتتە ياشىغانكەنمىز، بىر خىل ئىلغار ئېتىقاتتا بولغانكەنمىز، ئاللاھ تەئالانىڭ «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن ‹دىندا› قېرىنداشلاردۇر».{سۆرە ھۇجرات 10- ئايەت} دەپ ئېيتقىنىدەك قېرىنداشمىز. بىر-بىرىمىزگە مەسئول بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. پەيغەمبىرىمىز «مۆمىن مۆمىننىڭ ئەينىكى » (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان) دەپ ئېيتقىنىدەك بىر-بىرىمىزگە ئەينەك بولۇپ، ئەيب-نۇقسانلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىز كېرەك. سەمىمي نەسىھەتلىرىمىزنى باشقىلاردىن ئايىماي، قىلىنغان نەسىھەتنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ يۇقۇرقىدەك ئىجتىمائى كېسەللەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىشكە بىرلىكتە تىرىشمىساق، ھالىمىز خەتەر ئىچىدە قالىدۇ. مەنمۇ مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىغىمىز ئۈچۈن، مەدەنىيەتلىك مۇسۇلمان ۋە مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولۇش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ھاراقنىڭ ھۈكۈمى ۋە ئىجتىمائى زىيانلىرى ھەققىدە كەڭ دوستلار بىلەن پىكىرلەشمەكچىمىز. «ئۆزگىرەيدىغانلارنى ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرمەيدىغانلارنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس» دەپ ئويلاپ، غەرەزسىز ئويلىرىمىزنى ئايانماي بايان قىلدۇق. ھىچبولمىغاندا ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئېيتقاندەك: ”بىرەر ياخشى ئىشقا دالالەت قىلغان ئادەمگە ئۇنى قىلغۇچىغا بېرىلگەن ساۋابقا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ.“(مۇسلىم توپلىغان) بىزنىڭ بايانلىرىمىزنى ئاڭلاپ، ھاراق بىلەن زىيانلانغۇچى قېرىنداشلىرىمىزغا نەسىھەت قىلغان بۇرادەرلىرىمىزگە ساۋاپ بولۇپ قالار دېگەن ئۈمۈتتىمىز.
ھاراق ئىسلام دىنىمىزدا قەتئى چەكلەنگەن ھارام ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىجتىمائى زىيىنى ئىنتايىن چوڭ.  بۇ توغرۇلۇق  بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىز «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەر»دە نۇرغۇن بايانلار كەلگەن. جۈملىدىن، قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ ئايەتتە، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللانى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ. سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟ “—}سۈرە «مائىدە»(5-سۈرە)، -91-ئايەت{ ئاللاھ تەئالا شەيتاننىڭ ھاراقنى ۋاستە قىلىپ ئىجتىمائىلىقنىڭ كۈشەندىسى دۈشمەنلىشىش، ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چاچىدىغانلىقى ئىمان، ئېتىقادنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ناماز ۋە ئاللاھنىڭ زىكرىدىن تۇسىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇنۇڭغا قەتئىي يېقىن يولۇقماسلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ ئىقتىسادى، روھى ۋە جىسمانى تەرەپلىردىكى زىيىنىنىمۇ كىچىك سانىغىلى بولمايدۇ.
ياش ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىلىرىمىزدىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز» ناملىق ئەسىرىدە ھاراق ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنى ئىنچىكە ھەم ئەمەلىي سان-سىفىرلار بىلەن دەلىللەپ مۇنداق دەيدۇ : «نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر يىلى 120 مىڭ توننا ئاق ھاراق، 30 مىڭ توننا ئۈزۈم ھارىقى، 350 توننا پىۋا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بار»2. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىز بازارلىرىدا ئىستىمال قىلىنىپ تۈگەيدۇ. شۇنچە كۆپ ئىقتىساد بەخىتسىزلىك ۋە ھەسرەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئاتالمىش خوشلۇققا ئەمەس، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرىدىغان ياخشى ئىشلارغا، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سىلىنغان بولسا خەلقىمىز قانچە خوشلۇققا چۈمەتتى ھە!
ھاراقنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھەققىدە بەرقىي ئەپەندىم يۇقىرىقى نەقىل ئالغان كىتابىدا ناھايىتى ئەتراپلىق بايان قىلىپ ئۆتكەن. كونىلار «ھاراق يولدىن ئازدۇرار، ئۆزىگە گۆر قازدۇرار» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. ھەممىمىز كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن، قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ كەتكەن ۋە كېتىۋاتقان، سۇغا چۆكۈپ كەتكەن، توڭلاپ قالغانلار… مۇنداقچە ئېيتقاندا «ئاق چاچلىقلار قارا چاچلىقلارنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇۋاتقان» ۋەقەلەرنىڭ كۆپلىكى، ھاراق ئىچىپ تاپقان پۇلىنى قاۋاقخانا، مەيخانا، ئىشرەتخانىلاردا سورۇۋاتقانلار، ۋەيران بولۇۋاتقان ئائىلىلەر، ئاتسىز، ئانىسىز قىلىۋاتقان سەبىي بالىلار…ئىبرەت بولۇشى كېرەك.  مانا بۇلارنىڭ سەۋەبچىسى «ئاغزى بار، قۇرسىقى بار، بېشى يوق ئادەملەرنى گاراڭ قىلىمەن» دەپ مەيدىسىنى كېرىپ، مەغرۇر قىياپەتتە تۇرغان ئاق ھاراق، قىزىل ھاراق...
ھاراقكەشلەر ئىقتىسادىنى جايىغا ئىشلەتمىگەنلىكى، پۇل خەجلەپ چوڭ گۇناھلارنى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن قىيامەتتە سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: ”بەندە ئۆمىرىنى نېمە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى، بىلىمى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، ئىقتىسادنى قەيەردىن تاپقانلىقى ۋە قەيەرگە خەجلىگەنلىكى، جىسمىنى نېمە ئىشلاردا مەشغۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا سوئال-سوراق قىلىنماي تۇرۇپ مەھشەر مەيدانىدىن مىدىرلىتىلمايدۇ“ (تىرمىزى رىۋايىتى). كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ھاراقتىن ئىبارەت بۇ ئاپەتكە ئاتالمىش خوشلۇقىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ ئىككى دۇنيالىق غەشلىكنى سىتىۋىلىۋاتىمىز.
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابىنىڭ «سەمىمىي نەسىھەت، ھاراق ئىچمەڭ»دېگەن ماقالىسىدە، ھاراقكەشنى ناھايىتى ئوبرازلىق تەسۋىرلىگەن مۇنداق بايانلار بار: «ئۇنى ئىچكەن ئادەم تۆت سۈپەتكە ئىگە بولىدىكەن. دەسلەپتە ئۇ تاۋۇسقا ئايلىنىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدىكەن. ھەرىكەتلىرى راۋان، ئۆزىنى ئۇلۇغۋار ھېس قىلىدىكەن. كېيىن، مايمۇن قىياپىتىگە كىرىپ ئادەم بىلەن چاقچاقلىشىپ قىزىقچى بولۇشقا باشلايدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، شىرغا ئايلىنىپ ئۆزىگە مۇنار تىكلەيدىكەن، مەغرۇرلۇق تۇتۇپ، ئۆز كۈچىگە ئىشىنىپ كېتىدىكەن. لېكىن ئاخىرىدا چوشقىغا ئايلىنىپ، ئەخلەتتە چوشقىدەك ئېغىناپ ياتىدىكەن»3.
يەنە شەمسۇلمەئالى قابۇس «قابۇسنامە» ناملىق كىتابىدا، ھاراقنىڭ زىيىنى توغرىلىق مۇنداق يازىدۇ: «ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، بىرى ھەممە ئەزالىرىڭ ئىختىيارسىز ھەرىكەتلىنىدۇ. تىلىڭ دېمەيدىغاننى دەيدۇ، پۇتۇڭ بارمايدىغان جايغا بارىدۇ، قۇلۇڭ تۇتمايدىغاننى تۇتىدۇ. كۆزۈڭ قارىمايدىغانغا قارايدۇ. ئاغزىڭ يېمەيدىغاننى يەيدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۆزەڭنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۆزەڭنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىڭنى يەرگە ئۇرۇپ رەسۋا بولىسەن. ئىككىنچى، ھاراق تەسىرى بىلەن مېڭە، يۈرەك، جىگەر زەھەرلىنىپ، ساغلام بەدەننى زۇرلاپ كىسەلگە مۇپتىلا قىلىسەن. ئەقلىڭدىن ئايرىلىسەن.»4  بەزىلەر «ھاراقنى ئاز-ئازدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلىككە پايدىسى بار، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ» دەپ ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي ئىزدەيدۇ. ئۇلار قەدىمدە شۇنداقلا ھازىرقى كۈندە چەت-يىراق يېزىلاردا ياشاۋاتقان نەچچە يۈز ياشقا كىرگەن «ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرى»نىڭ بىرەرسىنىڭمۇ ھاراق ئېچىپ باقمىغانلىقىنى ۋە ئېچمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى قايتىدىن كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىش ئاقىلانىلىكتەك تۇرىدۇ. «تىببىي ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھاراق ئىچىش ئىنسانلارنى يۈرەك زەئىپلىشىش، جىگەر قېتىش، كېكىرتەك ياللۇغى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، جىنسىي ئاجىزلىق…كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار قىلىدۇ؛ ھەتتا راك قاتارلىق مۇدھىش كېسەللىكنى پەيدا قىلىپ، ئادەمنى ئۆلۈم گىردابىغا ئاپىرىدۇ»5. ساغلاملىق ئەڭ چوڭ بەخت، ئەڭ بۈيۈك نېئمەت، شۇڭا ئۇنى قەدرلىشىمىز لازىم. سالامەتلىكىمىزنى دەسمايە قىلىش بەدىلىگە، كۆڭلىمىزنى خوش ئېتىش، قانچىلىك ئۇزۇن داۋام ئېتەر؟ ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن سالامەتلىكتىنمۇ مۇھىم باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك نېئمەت بار، نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار بولسىمۇ تەن ساقلىق ۋە بوش ۋاقىت» (بۇ ھەدىسنى بۇخارى توپلىغان).      
ھاراقنىڭ ساغلاملىقىمىزغا زىيىنى بولۇپ قالماستىن، بىزنى ئۆلۈمنىڭ چاڭگىلىغا تاشلايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ھايات بىز ئۈچۈن پۇرسەت، بىز ئۈچۈن غەنىيمەت، ئۇنى چوقۇم قەدرلىشىمىز لازىم. ھاراقنىڭ بىزدىن جىنىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بېرىلىش ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنگە تەڭ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئىنسانىلىق نۇقتىسىدىن چۈشكۈنلۈك، ئىقتىدارسىزلىقنى ئىپادىلىسە، شەرئى نۇققتىدىن كەچۈرگىسىز ئېغىر گۇناھ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، ئاللاھ تەئالا ئادەمنى ئازغۇنلىققا، ئۆلۈمگە سۆرەيدىغان ھاراقنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان:
”ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ھالاكەتكە تاشلىماڭلار. “
}-سۈرە «بەقەرە» (2-سۈرە)، 195-ئايەت{
ئۇنداقتا، ھاراق دېگەن بۇ زىيانداشنىڭ زىيىنىدىن ۋە گۇناھىدىن تەلتۈكۈس ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن بۇ سۆزنىڭ ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنى بىلىۋىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھاراق ئەرەبچىدە «خەمر» دېيىلىدىغان بولۇپ «ئەقىلنى ياپقۇچى» يەنى «مەس قىلغۇچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ، مەيلى ئىچىملىك مەيلى چىكىملىك ۋە باشقا نەرسە بولسۇن، مەس قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: مەس قىلىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ھاراق ھېسابلىنىدۇ، مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. “ (بۇنى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)
ھەر قانداق نەرسە مەس قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولىدىكەن، ئۇ قەتئى ھارام بولۇپ ئاز-كۆپ دەپ ئايرىلمايدۇ. «ئۆزى ھالال، ئەمما كەيپى ھاراممىش»، «مەس بولمىغۇدەك ئازراق ئىچسە بولىدىكەن» دېگەندەك چىرايلىق باھانىلىرىمىز بىلەن، ئۇنى ئىچىشكە رۇخسەت ئىزدەشكە بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: « كۆپ ئىستىمال قىلسا مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئىزىمۇ ھارامدۇر». (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان) چۇنكى ئۇ شۇنداق چىركىنكى، بىزنى ئىلكىگە ئالدىمۇ يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك كەيپىاتىمىزنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپ ھەر خىل يوللارغا باشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام «ھاراق بارلىق چىركىنلىكلەرنىڭ ئانىسى ( يەنى ھەممە گۇناھ ھاراقتىن تۇغۇلىدۇ) » (دارقۇتنى توپلىغان) دېگىنىدەك، ئېغىزغا ئالغۇسىز بەلكى نۇمۇستىن، خىيالدىن كەچۈرگۈسىز گۇناھلارنى قىلغۇزىدۇ.
قىسقىسى، ھاراق بىزنىڭ روھىيىتىمىزنى چىرىتىپ، ھەق-ناھەقنى ئايرىماس، پايدا زىياننى بايقىماس قىلىپ قويىدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بىزنى ئىمان ئېتىقادىمىزدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: ”زىنا قىلغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا زىنا قىلمايدۇ، ھاراق ئىچكۈچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ھاراق ئىچمەيدۇ، ئوغرىلىق قىلغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ئوغرىلىق قىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى بولىغۇچى كامىل مۆمىن بولغان ھالدا ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ ماللىرىنى بۇلىمايدۇ“. (بۇنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
بۇلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ھاراق بارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ئويلىنىشقا تېگىشلىكى، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ئىتوتچىمىز ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدىن «كۆڭۈل»، «ھېيت پەتىسى» قاتارلىق ئىپىزوتلىرى بىزنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈنلا ئورۇنلانغان بولمىغىيدى؟! يەنە تېخى نەچچە يىل بۇرۇن چوڭدىن-كىچىك ھەممىمىز كۆرگەن، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان «قىرلىق ئىستاكان» فىلىمى، بىزنى ھاراقنى كىچىك رومكىدىن چوڭ قىرلىق ئىستاكاندا تولدۇرۇپ ئىچىشكە دەۋەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئىشلەنمىگەن بولغىيتتى؟!
ئېنىقكى، باشتىلا دەپ ئۆتكەندەك ھاراق تىراگىدىيىسى توغرىلىق قانچىلىك دەبدەبىلىك ماقالە-ئەسەرلەر يېزىلغىنى بىلەن، جەمئىيەتتىكى بۇ ئىجتىمائىي كېسەل بىراقلا تۈپتىن ساقىيىشى ناتايىن. ئەمما، بۇنداق دەپ قاراپ بۇ خىل ناچار ھادىسىلەرنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلساق بىز مەسئۇليەتىسزلىك قىلغان بولۇپ، مىللەت ۋە دۆلەت ئالدىدا، ئەڭ مۇھىمى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ قالىمىز. ئازغانلارنى ھىدايەت يولىغا باشلاش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز، چۈنكى شۇ ئازغانلار سىز ۋە بىزنىڭ ئىنى-سىڭىللىرىمىز، قان-قېرىنداشلىرىمىز بولۇشى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئۇنىڭسىزمۇ دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىدىمۇ ھاراق ئىچىش چەكلىنىلۋاتىدۇ. مەسلەن، ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىش، ھاراق ئىچىپ ماشنا ھەيدەش دېگەندەك قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار بارغانسېرى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ.
خۇلاسە كالام، كىشىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ ۋە ئىدىيىۋى تونۇشىنىڭ ئۆسۈشى، سالامەتلىككە بولغان تونۇشۇنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىنىڭ چەكلىشى ئارقىسىدا ھاراقكەشلىك ۋە زابويلۇق ھادىسلىرىنىڭ بارا-بارا ئازىيىشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قەدىمدە «ئات ئۈستىگە توغۇلۇپ، ئات ئۈستىدە ئۆلىدۇ» دەپ تەرىپلەنگەن باتۇر خەلقنىڭ ئەجدادى بولغان بىزلەر، ھالا بۈگۈنكى كۈندە «ھاراق بوتۇلكىسى ئۈستىگە توغۇلۇپ، ھاراق بوتۇلكىسى ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتسەك» بۇنىڭدىنمۇ خار ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولمىسا كېرەك. يەنە كېلىپ دىنىي ۋە ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ھاراق يەنى بارلىق ئېچىتىپ ياسالغان ئىچىملىكلەر بىزگە نىسبتەتەن قەتئىي ھارام قىلىنغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا ئۇنىڭدىن نەپسىمىزنى تارتالمايمىز.
مۇسۇلمان قېرىندىشىم، سىزدىكى ئەركەكلىك ھىدلىرىنى، ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان ھاراقنىڭ سىسىق ھىدلىرى ئىگەللەپ كەتمىسۇن. خۇشاللىقنى ھاراقتىن ۋە ھاراق سورۇنىدىن ئىزدىمەڭ، ھاراق-شاراپسىز ۋە ئىس-تۈتەكسىز نى-نى سورۇنلاردىن، ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ خۇشاللىقلارنى تاپالايسىز. دوستانە تەكلىپىم شۇكى، ئەگەر سىز بۈگۈن ھاراق تاشلىمىسىڭىز، ھاراق ئەتە سىزنى يامان يەرگە تاشلايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكى، تىنچ-خاتىرجەملىكى، شۇنداقلا مۆمىن مۇسۇلملاردىن ھەمدە ياخشى بىر پۇقرا بولۇش ئۈچۈن، ئاللاھ تەئالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام دەپ ئاللىبۇرۇن چەكلىگەن ھاراقتىن ئۆزىمىزنى تارتايلى. ئىككى دۇنيالىق بەختىمىز ئۈچۈن ھاراقتىن يىراق تۇرايلى! ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ھالال بىلەن ھارامنى پەرق ئېتەلەيدىغان ھېكىمەت ئاتا قىلغاي، ئامىن!

ئىزاھلار:

[1][5] قۇربان مەمتىمىن: «ئسلام دىنى ھارق ئىچىشنى قەتئىي چەكلەيدۇ»، «ھىدايەت گۈلزارى»،  مىللەتلەر نەشرىياتى، 1-قىسم، 618-619-بەتلەر.
[2] ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي: «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى، 13-بەت.
[3] نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن: «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر»، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى، 2006-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى، 57-بەت.
[4] شەمسۇلمائالى قابۇس، پارسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى ئابدۇرېشىت ئىسلامى: «قابۇسنامە»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1982-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، 40-بەت.


پايدىلانغان كىتابلار:
1. مۇھەممەت سالىھ دامۇللا ھاجىمنىڭ: «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» دېگەن ئەسىرى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1993-يىل 12-ئاي، 1-نەشرى، 215-، 216 ۋە 217-بەتلەر.


يولبارس: 2012-يىل 23-يانۋار (ئۈرۈمچى)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-23 07:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89855
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 08:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

مەن تېخى يېڭى ئەزا كۆپرەك تەلىم بېرەرسىلەر قېرىنداشلىرىمhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئاللاھ يولىدا جې

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6068
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11425
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 4660 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2013-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 08:26:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا بولمايدۇ دىگەن ئىشلارمۇ بولىدىكەن . ھېلىغۇ ھاراقكەن ، ئاللاھنىڭ ئېلتىپاتى بېلەن چەككىلى 20يىللار بولاي دىگەن تاماكىنى تاشلىدىم . ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ يامان ئىشلاردىن قول ئۈزىشىگە مەدەت قىلغاي !

ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن، قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن. پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا، بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90487
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-1-23
ئاخىرقى: 2013-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 08:35:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرادە بولسىلا تاشلىغىلى بولىدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 08:39:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىدا مىسال ئالغان كىشى ئىسىملىرى ئالمىشىپ قالغان جايلارنى تۈزۈتمەپتىمەن، كەچۈرگەيسىلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 2613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 485 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 10:05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېما ۋە ئېسىل كۆزقاراشلاركەن ...

‹‹ھاراقكەش توڭگۇزنىڭ ئارىسىدا ئادەم،
ئادەمنىڭ ئارىسىدا توڭگۇز››
ئۇنىڭدىن ئاۋۋال خۇدا ،ئاندىن پەيغەمبەرلەر،ئاندىن پەرىشتىلەر،ئاندىن ئاتا-ئانا،ئاندىن خوتۇن بالا،قولۇم خوشنا،ئەل بىزار.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-23 10:05 PM  


ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5606
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 490 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 11:29:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
'' ھاراق ئىچكەن ئادەم بۇتقا باش ئۇرغان بىلەن باراۋەر '' دەپ بىر جۈملە كۆرگەنىدىم . ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى شۇ نىجىستىن ساقلىغاي . بەزى قىز _ ئوغۇللار كەيپىياتى ناچار ، كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ ئىچىپ قۇيامىش ، ئۇنى ئىچكەنگە ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭشىلىپ كېتەرمىدى .... بۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قېلىشنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ ، ئەلۋەتتە .

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78072
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3303
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 11:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەللىدە بىرسى بار، ھاراق دېسە جېنىنى بېرىدۇ،  يا ھاراق كوتۇرەلمەيدۇ، يا قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق ئادەم ياراتمايدۇ،  سورۇندا خەق بىلەن بەسلىشىپ ئىچىدۇ، ئازراق مەس بۇلۇپ قالسا ھاراق ئىچمەيدىغانلىنى  زاڭلىق قىلىدۇ ، ئويىدىكىلەر ھوكىمەتنىڭ ياردەم پۇلىنى ئېلىپ كۇن كەچۇرىدۇ، شۇنداق تەربىيە قىلدۇق بولمىسا ، زادىلا گەپ ئوتمىدى، پۇلى بولسىمۇ  بولمىسىمۇ ئىچىدۇ،  كىملىكىنىمۇ تىگىشىپمۇ ئىچىدۇ تېخى، ھىچ ئامال بولمىسا خەقتىن قەرىز ئېلىپ ئىچىدۇ، نېمىشقا ئىچىسە دېسە دەردىم جىق دەيدۇ، نېمە دەردىڭ با دېسە يوقىلاڭ گەپنى تولا قىلىدۇ، ئوزى ساپساقلا بالا بولمىسا، ئۇرۇش جېدەل بولسا ئۇنىڭدەك خورىكى يوغان ئادەم يوق،ۋار_ۋار قىلغان بىلەن بىر شاپىلاق سەپ بولغۇچە ئىنەكتەك تۇگۇلۋالغان، ئىشقىلىپ مەنمۇ ھاراق تاشلىغاندىن بېرى ئەل ئاغىنىلىرىممۇ مېنى تاشلىدى، ئۇنىڭدەك بەسىرامجان مەللىلىكىمدىنمۇ قۇتۇلدۇم، قۇلاق تىنىچ، يانچوقتا پۇل توشاق، ئىشلىرىم ئوڭۇشلۇق كېتىپ بارىدۇ،

ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ،شۇنىڭ ئۇچۇن سەن قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78072
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3303
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 11:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەسلىك_پەسلىك.   ماڭىمۇ بىر يىلچە بۇلۇپ قالدى ئىشمىگىلى ،  سىسېق گەپنى تولا ئاڭلاپ كۇنۇپمۇ كەتتىم ، ھاراق ئىچمەيدىغانلىغا سىسىېق گەپ قىلىدىغان ئىللەت تۇزەلمىگۇچە ، مېنىڭچە خېلى كوپ ئادەم تاشلىيالمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aD1l تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-23 11:40 PM  


ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ،شۇنىڭ ئۇچۇن سەن قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 01:02:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق-ھەلەق.
ئۇنى ئىچكەن ئادەمنىڭ راسلا تاشلىمىقى تەس.لىكىن ئاستا-ئاستا تاشلىسا تاشلىغىلى بولىدۇ.ھاراقكەشلەرنىڭ،بەڭگىلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن،ئائىلىسى ئۈچۈن مىللىتى ئۈچۈن ئەڭ موھىمى يۈركىدىكى ۋەتىنى ئۈچۈن ھاراق تاماكىنى تاشلىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن.
چۈنكى بىزگە روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام كىشىلەر كىرەك.

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش