تەتىل مەزگىلىدەبالىلارنى كورسقا قاتناشتۈرۈش كېرەكمۇ؟
خېلىل شۈكۈر
تەتىل مەزگىلى ئوقۇغۇچىلارغا مائارىپ قانۇنىيىتى بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۈرۈلغان دەم ئېلىش مەزگىلى. ئوقۇغۇچىلار مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىگە ناھايتى ئىنتىزار بولىدۇ.بىراق بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار بۇ دەم ئېلىشنى بالىلارغا بىرقىسىم پەنلەرنىكۈچەيتىشىنىڭ ناھايتى ياخشى مەزگىلى دەپ قارايدۇ. ئۇلار تەتىل مەزگىلىدە قانچىلىكئىقتىساد كېتىشتىن ، قانچىلىك ئۈنۈم قولغا كېىلىشتىن قەتىئىنەزەر بالىلىرىنى ھەرخىل كۈرىسلارغا بىرىۋالغانلىقىدىن مەمنۇنبولىدۇ. مېنىڭچە ئاتا-ئانىلار مۇنداق بىرقانچە تەرەپنى مەقسەت قىلىپ بالىلىرىنى كۈرىسقابېرىدۇ.
1. بالىلار تەتىل مەزگىلىدە ئاجىز پەنلەرنىكۈچەيتىۋالسا ئىنتىھان نەتىجىسى يوقىرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
2. ماۋسۇملۇق نەتىجىسى بەزى پەنلەردىن تۆۋەن چىققانلىقىتىن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ «مەن بالامنى كۈرسقا قاتناشتۈرۈپ مۇشۇ پەنلەرنى كۈچەيتمىسەم بولمايدىكەن» دەپ قارىغانلىقتىن بالىلرىنى كۈرسقاقاتناشتۈرىدۇ.
3. تەتىل مەزگىلى بالىلارنىڭ بىكار يۈرۈيدىغان مەزگىلى بولغاچقا ھەرخىل ئويۇنخانىلارغا، تورخانىلارغا بېرىپ يامان يولغا كىرىپ كېتىدۇ،دەپ قارىغاچقا ھەرخىل كۈرسلارغا بېرىدۇ.
4. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئەڭ ياخشى تەربىيلەيدىغىنى يەنىلا مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى دەپ قارايدۇ. شۇڭا تەتىل مەزگىلىدەيەنىلا مۇئەللىمنىڭ تەربىيسىدە تۇرغىنى ياخشى دەپ قاراپ كۇرسقا بېرىدۇ.
5. بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشىنى ئويلىشىدۇ. شۇڭا بالىلار قىزىققان ياكى بالىلىرىنى قىزىقتۈرماقچى بولغان بەزى كەسىپلەرنى كۈچەيتىش، بالىلىرىنى ئۇنۋىرسال ساپالىق قىلىشىنىڭ مۇھىم تەرەىپى دەپ قارايدۇ.
6. تەتىل مەزگىلىدە بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاربالىلىرىنىڭ كۈن بويى بىكار ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى زايە قىلىشىنى توغرا تاپمايدۇ. ھورۇن بوپ قالىدۇ، دەپ قاراپ «كۈرسقا بىرىش» بالىلارنى بىكار قالدۇرمايدىغان بىرخىل ئۇسۇل دەپ قارايدۇ.
مېنىڭچە بۇخىل قاراش توغرا بولمىغان بىرخىل قاراش. ئوقۇغۇچىلار بىر ماۋسۇم جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىش توغرىسىدىكى تالاي نەسھەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا تەتىلنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ. ھەرخىل بېسىملار تەتىلدە بولسىمۇ يەڭگىللەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. دېمىسىمۇ بىر ماۋسۇم روھى جەھەتتە ھەرخىل جاپالارنى چەككەن، چارچىغانبالىلار تەتىل مەزگىلىدە دەم ئېلىشقا مۇھتاج بولىدۇ. ئەمدىلا «ئەركىنلىك» كەچىققان بالىلار كۈرستىن ئىبارەت يەنە بىر «تۈرمە»گە كىرىشنى خالمايدۇ. ئەمما بەزىپەنلەردە راستىنلا نەتىجىسى تۆۋەن بولغاچقا ئامالسىز، ئۈنۈم بولمىسىمۇ كۈرسقابوينىدىن باغلىغاندەك بارىدۇ. ئۆگىنىش جەريانى ئاڭلىق ، قىزغىنلىق ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. بالىڭىز چىن دىلىدىن ، توسقىلى بولمايدىغان بىرخىل قىزغىنلىق بىلەن پەنلەرگە ئىنتىلسە سىز ئۇنى «بالام، بولدى قىل ، ئۇخلىۋال، دەم ئېلىۋال»دېسىڭىزمۇ ئۇنماي ئۆگىنىش قىلىدۇ. بالىلارنىڭ پەنلەرگە قىزىقىشى ئەڭ مۇھىممەسىلە. مەلۇم پەن بالىلارنىڭ قىزغىن سۆيىدىغان بىر پىنىگە ئايلىنالمىسا ئۇنىڭداياخشى بىر نەتىجە بولىشى ناتايىن بولۇپ قالىدۇ. بىز مەجبۇرلىغان بىلەنمۇ ئۇنىڭروھى دۇنياسىدا قىزىقىش، ئىنتىلىش قوزغىيالمىسا ئۇ ئۈنۈم بىلەن نەتىجىلەنمەيدۇ.نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولىشى مېنىڭچە ئاشۇ ئىنتىلىش، قىزىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مېنىڭچە تەتىل مەزگىلىدەبالىلارنى كۈرسلارغا قاتناشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ روھى بېسىمىنى ئاشۇرماي ئۇلارغىمۇ دەم ئېلىش پۇرسىتى بىرەيلى. خىزمەت ئالدىراش دەپ پاراڭلىشالمىغان شۇ بالىلىرىمىز بىلەن ئەستايدىل پاراڭلىشايلى. ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىغا كىرىپ نېمىلەر بارلىقىغا قاراپباقايلى. ئۇلارنى باشلاپ كىتابخانىلارغا كىرەيلى. ئۆيدە ھەرخىل كىتابلارنى ئوقۇتايلى. ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ نىمە ئۈچۈن بەزىپەنلەردە ئاجىز ئىكەنلىكىنىڭ ماھىيىتىگە قاراپ باقايلى. بىز تاپقان ماھىيەتتە نېمەبولسا شۇنى تۈزىتىشكە ئورۇنساق مەسىلە ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. ماتىماتىكىدايۇقىرى نەتىجە ئالىدىغان بالىلارنىڭ كۆپىنىچىسىنىڭ ئويۇنخۇمار چىقشىنى ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ.بىز ئاتا-ئانىلار بالىرىمىزنى نوقۇل مۇئەللىمگە، مەكتەپكە ئىتتىرىپ قويمايلى. بالىمىزغا ئۈگىتىدىغان بىلىم ئەتراپىمىزدىمۇ، ئائىلىدىمۇ، ئۆيدىمۇ،كىتابتىمۇ، بىزدىمۇ بار. تەتىل مەزگىلى باللىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت دەپ قاراپ ئۇلارنى توختىماي ئىزدىنىدىغان روھى ئىنىرگىيىنى يىتىلدۇرىشىمىزكېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خېلىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 05:45 PM