|
|
|
|
Kuping 酷屏 (قالتىس ئىكران دىگەن مەنىدە) بولسا كومپىيۇتېر تەگلىك رەسىمى ۋە سىنبەلگىلىرىنى ئاددىي ئۇسۇلدا خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان سىستېما گۈزەللەشتۈرۈش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، Windows XP ۋە Windows7 قاتارلىق ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى قوللايدۇ، مەشغۇلات جەريانى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ۋە ئاددىي بولۇپ، كومپىيۇتېر بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ بىمالال ھالدا بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق سىستېما ئۇسلۇبىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدۇ.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
1. پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان سىستېما گۈزەللەشتۈرۈش قورالى
2.مىڭلىغان سىستېما ئۇسلۇبى،تەگلىك رەسىملىرى، مائۇس بەلگىسى،ئىكران قوغداش پىروگراممىسى،ھۆججەت قىسقۇچ سىنبەلگىسى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش گۈزەللەشتۈرىدۇ
3. ھېسابلىغۇچ،فىلىم قويغۇچ، رەسىم كۆرگۈچ، تور كۆرگۈچلەرمۇ تەمىنلەنگەن
4.ئۈستەل يۈزىدىكى ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاش ئىقتىدارى ھازىرلانغان
نەشىر نۇسخىسى:
يۇمشاق دېتال نامى: KuPing ياكى 酷屏
يۇمشاق دېتال تىلى: خەنزۇچە
خاسلىقى: مەڭگۈ ھەقسىز
چوڭلۇقى: 6.04 مىگابايت
نەشىرى: 4.00 نۇسخا
سىستېما تەلىۋى: Windows Xp、Windows7
يېڭىلانغان ۋاقتى:2012-يىلى5-ئاينىڭ1-كۈنى
چۈشۈرۈش:
ئورگان بېتىدىن چۈشۈرۈش بىۋاستە چۈشۈرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xjstudent تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 01:07 PM
|
|
|
|
|
|