ھۆرمەتلىك مىسرانىم ئەھلى، كەمىنە ئۇدۇن ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا سالام. تۈنۈگۈن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تۆھپىكارلىرىدىن بىرى بولغان تاڭنۇر ئاكام بىلەن تور يۈزىدە مۇشائىرە قىلغان ئىدۇق... بۈگۈن ئاشۇ مۇشائىرە جەريانىنى بىر تىما سۈپىتىدە ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇم. (ھەربىر ئۆزگۈرۈشنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەپ قويدۇم)
(1)
ئۇدۇن ئوغلى
بەزىلەرنىڭ ئىماننى ساتقىنىغا ھەيرانمەن،
تەقدىرىنى شۇم پالغا چاتقىنىغا ھەيرانمەن.
شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى بىلىپ تۇرۇپ بەزىلەر،
ھەر سۆزىگە يالغاننى قاتقىنىغا ھەيرانمەن.
تاڭنۇر
ھەر سۆزىگە يالغاننى قاتقىنىغا ھەيرانمەن،
زەھەر قىلىپ تىلىنى ، چاققىنىغا ھەيرانمەن ،
مەنپئەت ئۈچۈن قۇل بولۇپ، يالغان كۈلۈپ ھىجىيىپ
ئىنساپسىزلىق سۈيىدە ، ئاققىنىغا ھەيرانمەن .
ئۇدۇن ئوغلى
ئىنساپسىزلىق سۈيىدە ئاققىنىغا ھەيرانمەن،
كۇچىسىغا شەھۋەتنىڭ چاپقىنىغا ھەيرانمەن.
كۈنىكىدە ھەرىلەر ياشايدىكەن ئۆم - ئىناق،
ئىنسان تۇرۇپ ئىنساننى چاققىنىغا ھەيرانمەن.
تاڭنۇر
ئىنسان تۇرۇپ ئىنساننى چاققىنىغا ھەيرانمەن.
ھەقىقەتتىن يىراقلاپ ، قاچقىنىغا ھەيرانمەن ،
جىسمىدىكى ئىللەتنى تاتلىق سۆزدە پەردازلاپ .
ئىللىتىنى يۇشۇرۇپ ، ياپقىنىغا ھەيرانمەن .
ئۇدۇن ئوغلى
ئىللىتىنى يۇشۇرۇپ ياپقىنىغا ھەيرانمەن،
بىلىپ تۇرۇپ گۇناھقا پاتقىنىغا ھەيرانمەن.
ئىلىم ئىزلەپ باشقىلار يۈرسە ھەتتا مارىستا،
بىخارامان ئۇيقۇدا ياتقىنىغا ھەيرانمەن
تاڭنۇر
بىخارامان ئۇيقۇدا ياتقىنىغا ھەيرانمەن.
ۋىجدانىنى مەنسەپكە ، ساتقىنىغا ھەيرانمەن .
ئىمارەتكە ھىچقاچان ئۇل بولمايدۇ ھۆل كىسەك ،
نادانلىقتا ، غەپلەتتە ، ياتقىنىغا ھەيرانمەن .
ئۇدۇن ئوغلى
نادانلىقتا ، غەپلەتتە ياتقىنىغا ھەيرانمەن،
كىتابلارنى تۇپا - چاڭ باسقىنىغا ھەيرانمەن.
ئۆزلۈك، كىملىك ھەققىدە ئويلانماستىن قىلچىلىك،
ئۈزنى ۋىجدان دارىغا ئاسقىنىغا ھەيرانمەن.
تاڭنۇر
ئۈزنى ۋىجدان دارىغا ئاسقىنىغا ھەيرانمەن.
شەھۋەت نەدە ھەشەمەت چاپقىنىغا ھەيرانمەن .
ئۆزى ئەلگە سايىۋەن بولالماستىن بىر ئۆمۈر ،
سايىۋەننى پالتىدا ، چاپقىنىغا ھەيرانمەن .
ئۇدۇن ئوغلى
سايىۋەننى پالتىدا چاپقىنىغا ھەيرانمەن،
بالا كەلسە ئاۋامغا قاچقىنىغا ھەيرانمەن.
ئەل - ئاۋامنىڭ نېنىنى خىجىل بولماي يەپ تۇرۇپ،
ئۆز خەلقىگە ياسىغان قاپقىنىغا ھەيرانمەن.
(2)
تاڭنۇر
بەزىلەر ياشايدۇ ، بايلىقنى كۆزلەپ ،
بەزىلەر ياشايدۇ ، دۈشمەننى ئۆز دەپ
ھەم بەزەن ياشايدۇ مىللەت يولىدا ،
ئەجىرىدىن زوق بىرىپ گىياھتەك كۆكلەپ .
ئۇدۇن ئوغلى
ئەجىرىدىن زوق بىرىپ گىياھتەك كۆكلەپ،
ياشايدۇ بەزىلەر ھەق گەپنى سۆزلەپ.
بەزىلەر شەيتاندەك ئالداپ باشقىنى،
ياشايدۇ ھەمىشە ئۆزىنى كۆزلەپ
تاڭنۇر
ياشايدۇ ھەمىشە ئۆزىنى كۆزلەپ.
بەزىلەر تىلىدا ،ئادالەت سۆزلەپ .
قىلىقى شەيتاندىن قېلىشماس ئەسلا
ئۆتىدۇ كۈنلىرى ، ياخشىنى قەسلەپ .
ئۇدۇن ئوغلى
ئۆتىدۇ كۈنلىرى ياخشىنى قەستلەپ،
تۆھمەتنىڭ ئوقىنى دائىما بەتلەپ.
بەزىلەر چۈشىدۇ ئەلنىڭ نەزرىدىن،
تۇرمۇشتا ھايا ۋە ئەدەپتىن چەتنەپ.
تاڭنۇر
تۇرمۇشتا ھايا ۋە ئەدەپتىن چەتنەپ.
نادانلىق ئىلكىدە ،ئۇيقۇدىن ئەسنەپ ،
ئەتىگە باقمىغان ،ئۆتكۈر كۆزىدە ،
تەييارنى چۈشىدىمۇ ، ئۆتىدۇ ئەسلەپ .
(3)
ئۇدۇن ئوغلى
بۇ ھاياتلىق يولۇمدا غورۇر -ۋىجدان يار ماڭا،
خوشامەتتىن يۈز تېپىش شەكسىز نومۇس -ئار ماڭا.
تاڭنۇر
ھەشەمەتلىك سېلىنغان ، قاتار - قاتار يولاردا ،
نەسەۋەپكىن بىلمىدىم ،ماڭار يولۇم تار ماڭا .
ئىنسان دىگەن ئاجايىپ ، سۇنغان ئەينەك مىسالى ،
سازايىغا قوشكىزەك رەزىل ئىللەت ‹ زار ماڭا ›
ئۇدۇن ئوغلى
ئەدەپ - ئەخلاق قۇرالىم ، ۋاز كەچمەيمەن ئونىڭدىن،
كار قىلمايدۇ ھەتتاكى قىشتا سوغۇق قار ماڭا.
تاڭنۇر
ئىناۋىتىم ، غورۇرۇم ، ماڭا مەڭگۈ قالقاندۇر ،
قىلىچ بولۇپ تەڭلەنسە ، قابائەتلىك دار ماڭا .
ئۇدۇن ئوغلى
يولدىن ئېزىپ بىر كۈنى، يوقاتسام گەر غورۇرنى،
ئۇ دۇنيادا چوقۇمكى سوئال -سوراق بار ماڭا.
(4)
تاڭنۇر
قىزىل گۈلدەك جۇلاللىق ، تىل تۇماردەك ياشلىقىم ،
گاھى ئىدىر ئويمانلىق ، دەشىت چۆلدەك ياشلىقىم ،
ھايا بىلەن نۇمۇسنى ، ئۆزدەۋرىدە ئايرىغان ،
ئىمانلىقنىڭ چاكىرى نۇرلۇق كۆزدەك ياشلىقىم ،
ئۇدۇن ئوغلى
نادانلىقنىڭ چۆلىگە باشلاپ ئىلىم سۈيىنى،
چاڭقاق دىلنى قاندۇرغان سۈزۈك كۆلدەك ياشلىقىم.
تاڭنۇر
تىز پۈكمەستىن ياۋلارغا ، ئەقىل ئىدراك پەم بىلەن ،
ھاياتلىقتا تاۋلانغان ، زۇلپىقاردەك ياشلىقىم .
ئۇدۇن ئوغلى
شەمشەر ئۇرۇپ شەھۋەتكە،بىرىلمىگەن ئىشرەتكە،
پاك ۋىجدانلىق ، ئىمانلىق گۇيا قاردەك ياشلىقىم.
تاڭنۇر
ھاجەتمەنگە باشپاناھ ، بولۇپ خۇددى نۇر قۇياش ،
چاچقان سېخى نۇرىنى ، خۇددى ئايدەك ياشلىقىم .
ئۇدۇن ئوغلى
ئىچكەن ئەخلاق سۈيىنى، ئىگەرلەنگەن غورۇردا،
چاپقان ئىسلام يولىدا گويا تايدەك ياشلىقىم.
تاڭنۇر
قىيىنچىلىق ئالدىدا ، بەلنى ئەگمەي سۈگەتتەك ...
سۈكۈت بىلەن جەڭ قىلغان خۇددى تاغدەك ياشلىقىم
ئۇدۇن ئوغلى
گۈزەللىكتە تەڭداشسىز ئالما، ئۈرۈك، ئانالىق،
مىۋىزارلىق، گۈلزارلىق گۈزەل باغدەك ياشلىقىم.
تاڭنۇر
تارىخىمنى ئۇنۇتماي ، غۇلاچ ئېچىپ ئەتىگە ،
باتۇرلۇققا ئۈندىگەن نۇر ماياكتەك ياشلىقىم .
ئۇدۇن ئوغلى
جاپالارغا تىز پۈكمەس، توغراق روھى مۇجەسسەم،
تاللىمايدۇ شارائىت چىم - قىياقتەك ياشلىقىم.
تاڭنۇر
يىتىم يىسىر ئاجىزغا ، ئاتىغاننى تاشلىغان ،
قەھىرتاندا جۇدۇندا ، ياز باھاردەك ياشلىقىم .
(5)
ئۇدۇن ئوغلى
ئەدەپ - ئەخلاق قۇرالىم، ۋىجدانى بار ئىنسان مەن،
تاكامۇلدۇر ئىمانىم ، مەيدانى بار ئىنسان مەن.
بۇ ھاياتلىق گۈلزارىم، قەلبى ئوتلۇق بۇلبۇلمەن ،
شاختىن - شاخقا قونمايمەن، لەيلاسى بار ئىنسان مەن.
تاڭنۇر
ساختا شەرەپ ، مەنسەپكە تامايىم يوق ھىچقاچان ،
ئويغۇر قېنى ئۇرغىغان ، ۋىجدانى بار ئىنسان مەن ،
مىللەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تۆكۈپ ئەجىر قېنىمنى ،
ياشاش ئۈچۈن ئىنتىلگەن ئارمانى بار ئىنسان مەن .
ئۇدۇن ئوغلى
ئەسلى ۋەسلىم ئۇدۇنلۇق، بىرنى بىر دەپ ياشايمەن،
سۈيۈم ئەلۋەك يۇرۇڭقاش دەرياسى بار ئىنسان مەن.
تاڭنۇر
ئۆرۈپ ئادەت ساقلىغان ، ھۆرمەت بىلەن ياشىغان ،
مىھمان كەلسە ئۆيۈمگە سەيناسى بار ئىنسان مەن .
ئۇدۇن ئوغلى
خەلقى ئىشچان، ئاقكۆڭۈل، ئوچۇق- يورۇق، مەردانە،
دەرياسىدا سۈپسۈزۈك قاشتاشى بار ئىنسان مەن.
(6)
تاڭنۇر
ھاياتلىق بەئەينى دەرەخ مىسالى ،
بەزىسى كۆكلەيدۇ ، بەزىسى قاخشال ،
بەزىسى ھاياتتىن قاخشاپ ياشىسا ،
بەزىسى تاپىدۇ، ھاياتتىن كامال .
ئۇدۇن ئوغلى
بەزىسى تاپىدۇ، ھاياتتىن كامال .
باقىدۇ ئاۋامغا قوياشتەك كۈلۈپ.
بەزىسى سەزمەستىن تاپىدۇ زاۋال،
بولغاچقا ئاۋامنىڭ قەلبىدە ئۈلۈك.
تاڭنۇر
بولغاچقا ئاۋامنىڭ قەلبىدە ئۈلۈك.
ھەسەتخور نامەرتلەر يولىمۇ پۈتۈك ،
ھاياتتىن تاپمايدۇ قىلچىمۇ ۋىسال ،
نىشانى مەنىسىز، تۇزىغان كۈپۈك .
ئۇدۇن ئوغلى
نىشانى مەنىسىز، تۇزىغان كۈپۈك-
بولمىغىن ،ياشىغىن،مەردانە،تۈزۈك.
ھارامدىن يىراق بۇپ ياشىساڭ ئەگەر،
ئىچىڭمۇ، تېشىڭمۇ بولىدۇ سۈزۈك.
تاڭنۇر
ئىچىڭمۇ، تېشىڭمۇ بولىدۇ سۈزۈك.
ئۆزۈڭنى ھايانىڭ تونىدا ياپساڭ ،
ئەللەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇلۇغسەن ،
مىللەتكە زەرىچە ، كۈچۈڭنى قاتساڭ .
ئۇدۇن ئوغلى
مىللەتكە زەرىچە ، كۈچۈڭنى قاتساڭ،
ئەل - ئاۋام ئۇلۇغلاپ كۈتۈرەر باشتا.
كۆڭۈللەر كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسە ئەگەر،
كۆرىسەن باھارنى، زىمىستان قىشتا.
تاڭنۇر
كۆرىسەن باھارنى، زىمىستان قىشتا.
دىلىڭدىن مۇھەببەت ، مىھىرلەر تامسا ،
بەزىدە قۇيۇن بول ، دۈشمەن ئالدىدا ،
رەزىللىك پەسلكىنىڭ ، ئوقىنى ئاتسا .
ئۇدۇن ئوغلى
رەزىللىك پەسلكىنىڭ ، ئوقىنى ئاتسا،
غورۇر ھەم ۋىجداننى قىلىۋال قالقان.
شەمشەر قىپ ھايانى ئېتىلساڭ ياۋغا،
دۈشمىنىڭ بولىدۇ يەر بىلەن يەكسان.
تاڭنۇر
دۈشمىنىڭ بولىدۇ يەر بىلەن يەكسان.
قەلبىڭدە ئەقىل ھەم، پەمىڭ بولسا ،
ھەر قەدەم يولىڭغا ، قۇرۇلار توزاق ،
دۈشمەنگە يانتاياق ، دوستلىرىڭ بولسا .
ئۇدۇن ئوغلى
دۈشمەنگە يانتاياق،دوستلىرىڭ بولسا،
شۇ دوستۇڭ بېشىڭغا چىقىدۇ بىر كۈن.
رەھىم قىپ دۈشمەنگە بەرسەڭ ھاياتلىق،
شۇ دۈشمەن گېلىڭنى سىقىدۇ بىر كۈن.
تاڭنۇر
شۇ دۈشمەن گېلىڭنى سىقىدۇ بىر كۈن.
سىرىڭنى ئالدىراپ ، ئۇنىڭغا بەرسەڭ ،
ئالدىڭدا ھىجايغان ئەمەستۇر چىن دوس ،
ئۇنىڭدىن يىراق بول ، ھىلىسىنى سەزسەڭ .
2012- يىلى قەھرىتاننىڭ 23- كۈنى شەھرى ئۇدۇن