ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن
بۈگۈن بىرقانچە تورلىرىدا تىل-يېزىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدا
دېگەن تىىمىغا كىرىپ پۇقرالارنىڭ تىل-يېزىق ئىشلىتىش
توغرىسىدىكى قانۇن-نىزاملار توغرىسىدىكى
ئومۇملىشىشىنى قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە شۇنىڭغا ئالاقىدار
جەمئىيىتىمىزنىڭ قانۇن-تۈزۈم
قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئۈچۈن ئالاھىدە بۇ قېتىملىق
تەكشۈرۈش ئىلىپ
بېرىۋاتقانلىقىدىن شۇنچە
سۆيۈنۈپ بۇ تەكشۈرۈش تور
ئادىرىغان كىرىپ ھەيرانە- ھەۋەستە قالدىم ،نىمى
ىشكە دېسىڭىز بىرىنچى بەتتە
پوتۈن خەنزۇچە( 2012–
يىللىق دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات تۈرى «ئاساسىي قاتلام مۇقىملىقنى قوغداش
توغرىسدىكى قانۇن-نىزاملار
توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە قانۇن تۈزۈم
توغرىسىدىكى قانۇن تۈزۈم قۇرۇلمىسى » )
دېمەك بۇ خەنزۇچە بولغاندىن كىيىن كۆپ كىشىلەر
كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدۇ. چۆشەنمىگەندىن كىيىن بۇ راي سىناشقا قاتنىشالمىدى
دېگەن گەپ، كوپ كىشىلەر قاتناشمىغان بۇنداق راي سىناشنى قانداقمۇ كەڭ ئۇيغۇر خەلق
ئاممىسىنىڭ رايى
دېگىلى بولسۇن؟
تىخىمۇ ھەيران قالغىنىم بۇ راي سىناشنى ئورۇنلاشتۇرغان تەرەپ
خىجىلمۇ بولماي مۇنداق
باياننامە يېزىپ قويغىنى بولدى يەنى ( نۆۋەتتە ئىشلەۋاتقىنىمىز بولسا تىل يېزىق مەسىلىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تىل-يېزىق مەسىلىسى
تەرىپدىن چىققان مەسىلىلەرگە بىز مەسئۇل بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەكشۈرۈش
ئادىرىسىغا كىرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشنى تولۇق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىر ئادەم ئاشۇ تەكشۈرۈش تور بېتىگە كىرىپ تولدۇرسا ، بىز ئاشۇ
تەكشۈرۈش تور بېتىگەئىجارە ھەققىگە 0.5 مو پۇل تاپشۇرىمىز. شۇنداقلا مائارىپ مىنىستىرلىكىگە ئەنگە
ئالغۇزىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلارنىڭ
كۆرگەندىن كېيىن ئاخىرلاشقۇچە راي
سىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز)
ئېھتىمال سىز بۇ ئزھاتنى
كۆرۈپ توغرا
چۈشەنگەن بولشىڭىز مۇمكىن.
لېكىن مەن بۇ ئزھاتنى كۆرۈپ يە يىغلاشنى يە
كۈلۈشنى بىلەلمەي، دەماللىققا قايسى كۈنى تورداش<< بوزقىر >>ئەپەندى
تەرىپىدىن يۇلۇنۇپ غۇلغۇلا
بۆلۈۋاتقان <<گ
وركىدىكى جانباقتىلىق>>
دېگەن تىما يادىمغا
كېلىپ مۇشۇ راي سىناشنى ئۇرۇنلاشتۇرغانلامۇ شۇنداق جان
بىقىپ كۈن ئۆتكۈزدىغانلامۇدۈ؟ دەپ ئويلاپ بولۇپ
دەرھاللا ئۆز-
ئۆزۈمگە ياق ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەپلەپ سەپلەپ كۈن
ئۆتكۈزىدىغان ئۆلمۈتۈكلەرگە
ئوخشىتىشقا بولمايدۇ. بۇلار ھىچ بولمىسا ھازىر ھەممە كوڭۇل
بۆلۈۋاتقان، تىل
يېزىق مەسىلىسىنى قانۇن يۇكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كەڭ
خەلق ئاممىسىنى قاتناشتۇرىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلىگەنلەر، شۇڭا بۇلارنى ئۇنداق جانباختى ئۆلمۈتۈكلەر بىلەن ئوخشاش كۆرۈشكە بولمايدۇ دەپ ،ئۆزەمنى ئاگاھلاندۇردۇم.
بۇلار
تېخى ئاخىردا ئالاھىدە مۇنداق ئەسكەرتىش بەرگەن( راي سىناش تور بېتى تېخنىكا بىلەن
تەمىنلىگەن شىركەت تور
سىستېمىسى ئۇيغۇرچە قوللىمىغانلىقتىن ، راي
سىنىغۇچى ئۇيغۇرچە خەت بەزەن كومپىيۇتېرلاردا ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن .)
مىنىڭ شۇنداق
سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ؟
مۇشۇنداق 10
مىليونغا يىقىن نوپۇسى بار،
پۈتۈن خەلقئارادا 10
مىليوندىن ئارتۇق
ئۇيغۇر مىللىتى ئىشلىتىۋاتقان ،بىر تىلنىڭ راي سىناش خىزمىتىنى ،ئۇيغۇرچە
سىستېمىنى قوللىغىدەك تور بەت
تېخنىكا شىركىتى
چىقمىغانمىدۇ؟
بۇ راي سىناش پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ
دېسەڭلار،
سىلىچە ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى
ئېچىدە، قانچە
پىرسەنت ئۇيغۇر خەنزۇچە
يېزىقنى چۈشىنەر، شۇنداق تۇرۇپ بۇ راي سىناشنى كەڭ ئۇيغۇر
ئاممىسىنىڭ راي
دېگىلى بولارمۇ؟
تور
سىستېمىسى ئۇيغۇرچىسى قوللىمىغانلىقتىن ،..................بۇ ئەسكەرتىشىڭلارنى بىز سىلەرنى
مەسئۇلىيەتتىن قىچىش دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ ؟ ياكى بۇ
قېتىمقى راي سىناشنى
سىلەرنىڭ شۇنداقلا بىر
قېتىمقى شەكىلۋازلىق دەپ چۇشۇنەمدۇق؟
ھەي مۇشۇ
سوئاللار كاللامدا تەكرارلانغاندا ئۆز -
ئۈزۈمگە مۇشۇنداق ئۆزەڭنىڭ تىل ي
ىزىقىنمۇ ئۆز
كىشىلىرىڭ ئۆز تىلىدا
رايونىنىمۇ ئپادىلىيەلمەيدىغان نىمدىىگەن كاج ئۇيغۇر سەن
دېگۈم كەلدى.
قوشۇمچە : راي سىناش تور بەت ئادرېسى :
http://www.diaochaquan.cn/s/1ULNR
خىزمىتىمىزگە قىممەتلىك پىكىر-تەلەپ ، ماتېرىيال بولسا ئېلخىتىمىزگە ئەۋەتىڭ . ئادرېسى :122342160@qq.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 11:08 AM