www.126.com غا كىرىپ چۈشۈرىۋېلىڭلار.
بۇ قۇرئان كەرىم يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئېنگىلىزچە تۆت خىل تىلدىكى قۇرئان كەرىم بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا نۇسخىسى (مۇھەممەت سالىھ دامۇللا ھاجىمنىڭ) لازىم بولغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. ھۆججەت چوڭلۇقى 201 مېگابايىت.
يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغاندا setup ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ قاچىلاش ئېلىپ بارىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ يېنىدىكى MLQ_Agamy دىگەن ھۆججەتنى قاچىلايمىز. بۇ بولسا قىرائەت ھۆججىتى بولۇپ، بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن،
قوزغاتساق تۆۋەندىكى دىئالوگ رامكىسى چىقىدۇ.
بۇنىڭدا ئۇيغۇرچە دىگەنى تاللاپ، ئاندى ئاۋۇ ئادەمنىڭ بەلگە رەسىمىنى چەكسەك ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىقىدۇ.
بىرىنچى:
خالىغان سۈرىنىڭ خالىغان ئايىتىنى مائوس بىلەن بىر چەكسەك، شۇ ئايەتنىڭلا قىرائىتىنى ئوقۇپ بېرىدۇ.
ئىككىنچى:
خالىغان بىر سۈرىنى تاللاپ، ئاندىن مۇشۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئۈستىدىكى "قىرائەت" دىگەن كونۇپكىنى باسساق، شۇ سۈرىنى تولۇق قىرائەت قىلىپ بېرىدۇ(يەنى پۈتۈن سۈرىنىڭ بېشىدىن ئاخرىغىچە).
چىقىرىش دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ، سۈرىنى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى توربەت ھالەتتە ساقلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇ توربەت ھۆججىتىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كۆچۈرۈپ، ۋوردقا چاپلاپ، ھەممە سۈرىنى ۋورد ھۆججىتى قىلىپ ياسىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىزدەش. خالىغان ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ، شۇ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى تاپقىلى بولىدۇ.
كېڭەيتىش كونۇپكىسىنى بېسىپ چوڭ ئېكران ھالەتتە كۆرەلەيسىز.
كۆپ سۆزلەپ ۋاقتىڭلارنى ئالماي، ۋاقت ئالتۇندىن قىممەت. قالغان ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلىۋالالايسىلەر.
چۈپەن بوشلۇقىغا يوللىيالمىدىم. شۇڭا ھازىرچە ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ قويدۇم. شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ تۇرۇڭلار، تور بوشلۇقىغا يوللاشنى بىلىدىغان تورداشلار تور بوشلۇقىغا يوللاپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئادرېسنى كۆچۈرۈپ، شۈنلېيغا چاپلاڭ، ئاندىن "چۈشۈرۈش " كونۇپكىسىنى باسسىڭىز، بىرتال توربەت ھۆججىتىنى چۈشۈرمەكچى بولىدۇ. "داۋاملاشتۇرۇش" كونۇپكىسنى بېسىپ داۋاملىق مەشغۇلات قىلساق، ھۆججەتنى چۈشۈرۈشنى باشلايدۇ.
http://fs-209.bj.fs.163.com/dl/?file=n8BgFbO-WdXvqAwtecM_SmPq2pJOcS67nrGLiLMz0zCuuE3pz6XmUSYRkwE-T4RxhKsfZXECmGGsXcKHAKYKjw&callback=126mail
مۇشۇ ئادرېسنى بىۋاستە بېسىڭ، بولمىسا،مۇشۇ ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ شۈنلېيغا چاپلاپ، چۈشۈرۈش ياكى داۋاملاشتۇرۇش دىگەن كونۇپكىسنى بېسىۋىرىڭ،ئون مىنۇتقا قالماي ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
ئاللاھقا ئامانەت ئەمىسە. خوش...!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wahxi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 12:19 AM