|
|
|
|
دىلنۇر ئەخمەت (سولدىكى) ۋە زەينۇر سىراجىدىن
شياڭگاڭ مەجمۇئە گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، 21 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى دىلنۇر ئەخمەت شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. بىرلا ۋاقىتتا دىلنۇر ئەخمەتتىن باشقا يەنە 9 نەپەر ئۇيغۇر قىز ئىستۇدېنتمۇ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان .
دىلنۇر ئەخمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەنزۇتىلى تەرجىمە فاكۇلتېتىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ ئەسكەر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. دىلنۇر ئەسلەپ مۇنداق دېدى : 10-ئاينىڭ ئاخىرى توردىن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، قىزىقىشىم بىلەنلا تىزىملاتتىم، كىم بىلسۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، پسىخىكىلىق سىناق قاتارلىق ئالاقىدار ئىمتىھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئاخىرىدا تاللىنىپ قالدىم. ئەسلىدە بۇ قېتىملىق ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا 800 دىن كۆپرەك قىز ئىستۇدېنت تىزىملاتقان ئىكەن. قاتلاممۇ قاتلام سىناق ۋە تاللاشتىن كېيىن ئونىمىز قوبۇل قىلىندۇق. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال .
شىنجاڭ مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى 21 ياشلىق زۇلپىيە تۇرسۇنمۇ بۇ قېتىم تاللانغان ئون قىزنىڭ بىرى. ئۇ ئاقسۇدىن بولۇپ، ھەربىي بولۇش ئۇنىڭ، شۇنداقلا دادىسىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. زۇلپىيەنىڭ دادىسى مۇنداق دېدى: ئۇ ئىزچىل ھەربىي بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى ، كىم ئويلىغان دەيسىز ئاخىرىدا ئۇ راستىنلا ئارزۇسىغا يەتتى، 6-دېكابىر، قىزىمنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىغا تاللانغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ، خۇشاللىقتا يىغلىۋەتتىم. مەن قىزىمنىڭ لاياقەتلىك بىر ئەسكەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
قىسىمغا مىڭىش ئالدىدا ،ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلەرنى ئۇزاتماقتا .
ئۇزۇتۇش زىياپىتىدە.
رەھبەرلەر ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قوبۇل قىلدى.
قىزلار جاپالىق ھەربى مەشىقتە.
خەيىر_خوش قىرىنداشلار بىز ماڭدۇق....
مەنبەhttp://uyghur.news.cn/2012-12/27/c_132067417.htm
|
|
|
|
|
|